[ئىلتىماس]«ئىشەنچىلىك»بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىمەن

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

[ئىلتىماس]«ئىشەنچىلىك»بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىمەن

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » دۈيشەنبە ئىيۇل 23, 2007 6:39 am

ھازىر يۇلغۇن ۋە google دىن باشقا ئېلخەت ساندۇقلىرىدا ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللاش ئىقتىدارى يوق. شۇڭا بۇ بۇشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىدىدە «تور كاتىپ» دېتالىنى تۈزۈپ چىقتىم، بۇ دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ھەر قانداق ئېلخەت ئادرىسىدىن پايدىلىنىپ، خالىغان UTF-8 كودى شەكلىدىكى ئېلخەت مەزمۇنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان ئېلخەت ساندۇقلىرىغا( مەسىلەن:16، 126،3126،google قاتارلىقلارغا) ئۇيغۇرچە ئېلخەت يوللىغىلى بولىدۇ، بۇ دېتال ئېلخەت ئىچكى كودلاش شەكلىدىن پايدىلىنىپ ئېلخەت يوللايدۇ، شۇڭا خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ كومپيۇتېرىغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى قاچىلانغان بولسىلا، ئېلخەتنى نورمال كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ دېتالغا «خەۋەرلەر»، «فىلىملەر»، «ناخشىلار»، «تەرمىلەر»،«دېتاللار»،«تور بەتلەر» قاتارلىق سەھىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ماس سەھىپىلەرنى دېتال ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ. بۇ ئىقتىدارلىرى بىر كىچىك جاھاننامىگە ئوخشايدۇ.
كېيىنكى قەدەمدە مۇشۇ دېتال ئارقىلىق ئېلخەت قوبۇللاش ۋە ئۇنى كۆرسىتىش، قوشۇمچە ھۆججەت يوللاش، يوللانغان قوشۇمچە ھۆججەتلەرنى مۇشۇ دېتال ئارقىلىق توردا ئورتاقلىشىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى قوشۇلماقچى.
مەقسىدىم: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىدىكى دائىمىي ئەزالارنىڭ بۇ دېتالنى سىناپ، سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ دېتالغا جەمئىيەتنىڭ «ئىشەنچىلىك» بەلگىسىنى ئېسىپ ئىشلىتىشىمگە رۇخسەت بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ھازىرچە بۇ دېتالغا بۇ بەلگىنى ئىشلىتىپ تۇردۇم. ئەگەر رۇخسەت بېرىلمىسە دەرھال ئېلىۋېتىمەن. بۇ دېتالنى رۇخسەت بېرىلگەندىن كېيىن ئاشكارا تارقاتماقچى.
دېتال كۆرۈنمە يۈزى:
[img]http://www.741010.com/torkatip/torkatip.gif[/img]

دېتال چۈشۈرۈش مەنزىلى:

[url=http://aelsoft.googlepages.com/Torkatip_Setup.exe]http://aelsoft.googlepages.com/Torkatip_Setup.exe[/url]

[url=http://torkatip.googlepages.com/Torkatip_Setup.exe]http://torkatip.googlepages.com/Torkatip_Setup.exe[/url]



Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » دۈيشەنبە ئىيۇل 23, 2007 12:55 pm

بۇنى UKIJ نىڭ تەستىقى ئارقىلىق « ئىشەنچلىك » دىگەن نام بىلەن تارقاتماقچى بولغىنىڭىز ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ، لېكىن مېنىڭچە بولغاندا « UKIJ ئىشەنچلىك »دىگەن تۇغنى نازارەت بۆلۈمىدىكىلەر تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاندىن ئاسسىڭىز بوپتىكەن، ئاۋال ئېسىۋېلىپ ئاندىن ئېسىشقا رۇخسەت بېرىلىشنى ئىلتىماس قىلىش، سەل .........

Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » دۈيشەنبە ئىيۇل 23, 2007 1:26 pm

شۇڭا ھازىرچە تارقاتماي تۇردۇم، ئاۋۇ ئۇلىنىشنىمۇ 3 كۈن ئوچۇق قويىمەن، ئاندىن ئېتىۋېتىمەن، شۇڭا كۆپ تارقالمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەلگە بىۋاسىتە UKIJ نىڭ بېتىدىكى سۈرەتنى ئۇلىنىش قىلغان، ئەگەر بەلگىنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق كۆرۈلمىسە، UKIJ نىڭ بېتىدىكى سۈرەت ئورنى يۆتكىۋېتىلسىلا ئۇ بەلگە كۆرۈنمەيدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Aelsoft ، ۋاقتى: 2007-7-23 19:29 [/i]]

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » دۈيشەنبە ئىيۇل 23, 2007 4:19 pm

مېنىڭچە بۇ دېتال ناھايىتى ياخشى تۈزۈلۈپتۇ... تورخانىدا تورغا چىقىۋاتقاچقا چۈشۈرۈپ سىناش مۇمكىن بولمىدى . لېكىن چۈشەندۈرىلىشىگە قارىغاندا UKIJ ئىشەنچىلىك دېتالى تۇغىنى ئېسىشقا مۇۋاپىق كەلگۈدەك ؛ ئەل سوفىت ئەپەندى مۇۋاپىق كۆرسە [email]Mr.ablet@hotmail.com[/email] ئادېرىسىغا ئەۋەتىپ بەرسە سىناپ ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقساق ....

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇل 24, 2007 6:05 pm

ئالدى بىلەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈرلەر بىلدۈرەي. دېتالنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ھەققىدە ئىشلىتىپ كۆرۈپ ئاندىن بىرنەرېسە دېيىشەيلى.
يەنە بىر ئارتۇقچىلىق رەسىمدىن قارىسام ئېلان قىستۇرۇش بوپتۇ. مۇمكىن بولسا ئېلان مىقدارىنى ئازلاتسىڭىز.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇل 24, 2007 6:16 pm

مەن بىلىك-ئىنتىل ئۇيغۇرچە XP سىنى ئىشلىتىمەن. قاچىلاش جەريانىدىكى 1- مەسىلە
بولسا بۇندىن كېيىن دېتال ياسىغاندا مۇشۇ ئۇيغۇرچە XP لار شارائىتىدا سىنىۋەتكەن بولساڭلار.

مۇشۇ دېتالدا مەكتۈپ كۆرۈشنى ئىشقا ئاشۇرسىڭىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-7-25 00:21 [/i]]

Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » سەيشەنبە ئىيۇل 24, 2007 6:51 pm

بۇ مەسىلە مېنىڭكىدىمۇ كۆرۈلگەن، 忽略 نى بېسىپ ئۆتكۈزىۋېتىلسە بولىدۇ، ياكى بولمىسا بۇ ھۆججەت XP قاچىلانغانلىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىدە بار بولغاندىن كېيىن، بۇ ھۆججەتنى قاچىلىمايدىغان قىلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. ئاساسلىق قاچىلايدىغان ھۆججەتلىرى:
msvbvm60.dll
FM20.DLL
shdocvw.dll
FM20CHS.DLL
MSCOMCTL.OCX
stdole2.tlb
يۇقىرىقى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى سىستېما ھۆججەتلىرى، بۇلار XP بىلەن بىللە قاچىلىنىدۇ. تۆۋەندىكى ئىككىسى UKIJ نىڭ فونتلىرى:
UKIJTuT.ttf
UKIJTuzB.ttf
بۇلاردىن باشقا :
torkatip.exe ---- مەن يازغان پروگرامما( «توركاتىپ» دېتالى پروگراممىسى)
ns.dat---- ئېلخەت ئامبىرى(تېكىست ھۆججىتى شەكلىدە، بارلىق ئېلخەت ئادرىسلىرى مۇشۇ يەردە)
ئۇندىن باشقا ئېلخەت يوللاشتا ئىشلىتىلىدىغان بىر DLL ھۆججىتى.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
شۇڭا مەن قاچىلاش ھۆججىتىنىڭ سىغىمىنى كىچىكلىتىش ئۈچۈن، سىستېما ھۆججەتلىرىنى قاچىلىمايدىغان قىلايمىكىن دەيمەن.
ئېلان مەسىلىسىگە كەلسەك، ئارقا سۇپىدىن باشقۇرۇپ، ئۇ ئېلانلارنى كېيىنچە ئۆچۈرىۋېتىمەن. ئورنىغا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك، پايدىلىق ئېلانلارنى (مەسىلەن: ئۇيغۇرسوفت لوغىتى، ئىرپان لوغىتى، UKIJ نىڭ تەشۋىقاتى دېگەندەكلەرنى) چىقىرىمەن.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
بۇ دېتال تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ بۇ دېتالنى سىناپ، خاتالىقلىرىنى تېپىپ چىقىشى ئۈچۈن، ئىنتىل ئەپەندىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، «ئىشەنچىلىك» تۇغى چىقىرىۋېتىلىپ، بىلىك ۋە ئىنتىل كۇلۇبلىرىغا يوللاندى. بىرقىسىم سىستېما ھۆججەتلىرى چىقىرىۋېتىلدى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Aelsoft ، ۋاقتى: 2007-7-25 02:09 [/i]]

Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » چارشەنبە ئىيۇل 25, 2007 2:42 am

بۇ دېتال XP دىلا ئىشلەيدۇ. شۇنداقلا XP نىڭ SP2 يامىقى قاچىلانغان بولۇشى، USP10.dll ھۆججىتى يېڭىلانغان بولۇشى كېرەك.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

ناھايتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ .

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » جۈمە ئىيۇل 27, 2007 7:38 am

مانا مۇشۇنداق بىردىن ئېككىدىن بىرلىشىپ ئۇنىكود ئاساسىدىكى دىتاللارنى ياسىسىساق ، ئېشلەتسەك ...
جەمىيەتتتكىلەر تەتقىقاتچىنىڭ ئەجرىگە ھۆرمەت قىلىپ تىزراق قارار چىقارساق .

Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » پەيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2007 8:16 am

<<ﺗﻮﺭﻛﺎﺗﯩﭗ>>ﻧﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯖﻼﺭ. V1.1.0 ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ.
ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ:
1 - ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﻮﻣﻴﯘﺗﯧﺮﻻﺭﺩﯨﻤﯘ ﺧﻪﺕ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﺗﯜﺯﯨﺘﯩﻠﺪﻯ. (ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ "ﺗﻮﺭ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ HTML ﺗﻪﮬﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭺ" ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﻮﺩﻯ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﻰ ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ.)
2 - ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻗﻮﺑﯘﻟﻼﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻗﻮﺑﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺖ، ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ، ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯧﻠﺨﻪﺕ ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﺩﯦﺘﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻰ:
[url=http://www.741010.com/torkatip/torkatip_upgrade.rar]http://www.741010.com/torkatip/torkatip_upgrade.rar[/url]
ﭘﺮﯦﺴﺘﯩﻦ ﻳﯧﺸﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ torkat-upgrade.exe ﮬﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯔ. ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘ exe ﮬﯚﺟﺠﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﯔ.
[url=http://www.741010.com/torkatip/torkatip_upgrade.exe]http://www.741010.com/torkatip/torkatip_upgrade.exe[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Aelsoft ، ۋاقتى: 2007-8-2 14:19 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار