بېكىتىمىزدىكى «xxx بىلەن سۆھبەت» توغرىسىدا ئىلاۋە

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

بېكىتىمىزدىكى «xxx بىلەن سۆھبەت» توغرىسىدا ئىلاۋە

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » سەيشەنبە دېكابىر 25, 2007 1:59 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تور بېكىتىمىزدە يېقىندىن بۇيان «UKIJ دائىمىي ئەزاسى xxx بىلەن سۆھبەت» تېمىسىدىكى زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. بەزىلەر بۇ سۆھبەتكە ئىجابىي باھا بەرگەن بولسا بەزىلەر باشقىچىرەك پىكىرلەردە بولماقتا. ئۆز-ئارا چۈشىنىشكە پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، نېمە ئۈچۈن شۇنداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىغا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ ئۆتەي. سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتا تۆۋەندىكى ئامىللار كۆزدە تۇتۇلدى:

1. ئۇشبۇ سۆھبەت ئارقىلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ ئارخىبىنى تۇرغۇزۇش: ئەزالار ئارخىپى بولغان «بىز كىم؟» سەھىپىسى [url]http://www.ukij.org/eza[/url] غا كىرسەك ئەزالارنىڭ ئارخپىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. بۇندىن ئالتە ئاي بۇرۇن ھەممە دائىمىي ئەزالارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى ئۇقتۇرغان بولساقمۇ، نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ئىلگىرلەش بولمىدى. [color=RoyalBlue]ئارخىپ تۇرغۇزۇشتىكى مەقسەت UKIJ نىڭ تەشكىللىك ئاساستا قۇرۇلغان جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش، شۇنداقلا دائىمىي ئەزالارنىڭ «مەۋھۇم ئادەملەر» ئەمەس بەلكى رىيال تۇرمۇشتىكى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش[/color]. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنى ئەدەب بىلەن رەت قىلغان ياكى جاۋاب قايتۇرمىغان دائىىمي ئەزالارنىڭ [url]http://www.ukij.org/eza[/url] غا قويۇلماقچى بولغان بىر پارچە سۈرەت ۋە ئۆزى توغرىلىق قىسقىچە چۈشەندۈرۈشىنى ئارخىپ تۇرغۇزۇشقا مەسئۇل بولغانلارغا يوللاپ بېرىشىنى سورايمەن.

شۇنداق قىلىشتا ھەرگىزمۇ «نام-ئابروي قوغلىشىش» ياكى «باشقىلارنى كۆككە كۆتۈرۈش» ... كۆزدە تۇتۇلغان ئەمەس.

2. ئۆز-ئارا ئېتراپ قىلىش: سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كىشىلەر ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىغا مىننەتسىز تۆھبە قوشىۋاتقان ۋە/ياكى كەسپتە نەتىجە قازىنىۋاتقان كىشىلەر. نەتىجە قازانغانلارنىڭ نەتىجىسىنى ئېتراپ قىلساق ھەرگىز بىر نەرسىمىز كەم بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ئېتراپ قىلىش مېھنەت قىلغۇچىغا روھىي جەھەتتىن ئىلھام بېغىشلايدۇ. ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ يارىتىشىغا روھىي ئوزۇق بولىدۇ. ئۆز-ئارا ئېتراپ قىلىش ھەم شۇ ئارقىلىق ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

3. ھەۋەسكارلارغا ئۈلگە بولۇش: ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىشى ھامان چەكلىك. يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق كىشى ھامان يول ئاچقانلاردىن پىكىر ئالىدۇ، ھەم شۇلارنى ئۈلگە قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتتىن نۇرغۇن ھەۋەسكارلارغا ئوزۇق بولالايدۇ.

4. ئۆز-ئارا تونۇشۇش ھەم شۇ ئارقىلىق ھەمكارلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

-----------------
قوشۇمچە: بۇ سۆھبەت پەقەت UKIJ دائىمىي ئەزالىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق. ھازىر ئېلان قىلىنىۋاتقانلىرى، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ھەم جاۋاب يېزىشقا ۋاقىت چىقىرالىغان كىشىلەرنىڭ جاۋابلىرى. دوكتۇر دىلشات ھېۋزۇللا قاتارلىق بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ جاۋابلىرى تاپشۇرۇپ ئېلىنغان ھامان ئېلان قىلىنىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر (مېنىڭ نەزىرىمدە) زىيادە كەمتەرلىك قىلىپ، سۆھبەتنى ۋاقتىنچە قوبۇل قىلمىدى. ئۇندىن باشقا يەنە نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاش ئىمكانىيىتى بولمىدى. كۆپچىلىكنىڭ تەۋسىيە قىلىشىنى، ھەم «مۇخبىر» لىق قىلىشغا ياردەمدە بولىشىنى سورايمەن.

سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كىشى مەن. تەنقىدىي-تەكلىپ پىكىرى بارلار مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا بولىدۇ. Email: [email]Oyghan@gmail.com[/email]



majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » پەيشەنبە دېكابىر 27, 2007 10:17 am

بۇ سۆھبەت خاتىرىسى ھەقىقەتەن كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىكەن ۋە ئۇ ئەزىمەتلەرگە مەسىلىگىنى كەلتۈرىدىكەن.
گەرچە بىلىك كۇلۇبىدىكى مەلۇم كىشىلەر ( ئىسمىنى ئاتىمىساممۇ كۆپچىلىككە مەلۇم) بۇ ئىشقا نارازى بولسىمۇ ( سەۋەبىنى بىلمىدىم ) لېكىن بۇنداق بىر مۇڭدىشىشنىڭ بولغىنى ئۆز- ئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىشىقا ئىجابى تەسىر قوزغايدۇ.
دىلشات ھېزىۋۇللا، alim-ahat ، پەخىردىن قارلۇق، ... قاتارلىق ئەزىمەتلەر بوينىنى قاتتىق قىلماي، ۋە ياكى ۋاقىت قىس دەپ بانا كۆرسەتمەي، بۇ جەمىيەتنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىلەىرلىسەك تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش بولار ئىدى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار