مەن كۆرگەن تۇنجى ULY لىق ۋىۋىسكا

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

مەن كۆرگەن تۇنجى ULY لىق ۋىۋىسكا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 2:28 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

مېنىڭ يوللاردا كىتىۋاتقاندا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكانلارنىڭ ۋېۋىسكىلىرىغا , چوڭ -چوڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ، ئۇنىڭغا يېزىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى خەتلەرنى ئىچىمدە ئوقۇيدىغان ، بىلەلمىگەن خەتلەرنى ئىككىلەنمەيلا يېنىمدىكى تۇنۇش ياكى ناتۇنۇش كىشىلەردىن تارتىنمايلا سورايدىغان بىر يامان ئادىتىم بار ئىدى . ( مۇشۇ يامان ئادەت مېنىڭ خەنزۇچە ئۇگۇنۇش سەۋىيەمنى شۇنداق ئىلگىرى سۇرگەن.... )

بۇگۇنمۇ شۇ يامان ئادىتىم بىلەن ئۇرۇمچى شەھرىنىڭ جەنۇبىي ئازاتلىق يولىدا كىتىۋېتىپ تۆۋەندىكى ۋېۋىسكىغا كۆزۇم تەسادىپىيلا چۇشۇپ قالدى . .. ۋېۋىسكىغا بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن كەينىمگە يېنىپ ئۆيگە بېرىپ رەسىم ئاپىراتىمنى ئەكىلىپ رەسىمگە تارتىۋالدىم .


[img]http://www.izimiz.com/uyghur/upload/200742321423894642.jpg[/img]

[img]http://www.izimiz.com/uyghur/upload/200742321432356794.jpg[/img]


كۆزۇمگە شۇنداق ئىللىق بولغان ھەم شۇنداق تۇنۇش بولغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY ) دا يېزىلغان TOGHRAQ دىگەن بۇ خەت چېلىقىش بىلەن بىرگە ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ قالدىم . مانا بىز بىرلىككە كەلتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى( ULY) دەل مۇشۇ ئەمەسمۇ ؟...

شۇڭا كۆپچىلىككە مۇشۇ ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بىلەن شۇنى دىگۇم كەلدى : ھەممىمىز قولىمىزدىن كىلىشچە ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نى، ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) ئىشلىتىش زۇرۇر بولغان ئورۇنلاردا ئۆزىمىزدىن باشلاپ تەشۋىق قىلىپ ئىشلەتسەك ، بىلمىگەنلەرگە ئۇگەتسەك ، چۇشەندۇرسەك نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە !،،،،،

شۇڭا شەخسى نامىمدىن كۆپچىلىككە شۇنى مۇراجەت قىلغۇم كەلدى : كىلىڭ ، قول تۇتۇشايلى ، ئشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، ئەتىراپىمىزدىكى كومپىيوتېر ھەۋەسكارلرىغا ، دوستلىرىمىزغا تەشۋىق قىلايلى ، ئۇگۇتەيلى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۇگۇتۇپ بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش ھەم ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۇچۇن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى !

بۇنىڭغا ئەڭ ئالدىدا شەخس نامىم بىلەن ئىسىمىنى ئاتاشنى لايىق كۆرگەن باشلامچىلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمى جەمىيتى (UKIJ) دىكى دائىمى ئەزالار ، ئەزالار ، ھەم ئەزا بولغان تور بىكەت باشلىقلىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى ،ھەمدە باشقا بىكەتلەرنىڭ بىكەت باشلىقلىرى بولىدۇ دەپ قارايمەن.....

قېنى ئەمىسە نىمىگە قاراپ تۇرىمىز ! ئشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! مەرھەممەت !................

[color=Red]ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY ) نى ئىشلىتىش ھەم تەشۋىق قىلىش ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەس ! بەلكى كونا يېزىقنى قوللىنىشقا بولمايدىغان , ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ( ULY ) ئىشلىتىش زۇرۇر بولغان ئورۇنلاردا بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئىشلىتىش دىگەنلىك ! تورداشلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش نۇختىسىدىن جار سالماسلىقىنى ئالاھىدە ئۇمىت قىلىمەن ..[/color]

ھۆرمەت بىلەن ئىزىمىز تور بىكىتىدىن : polat1971



majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » چارشەنبە ماي 23, 2007 6:02 am

بىز يېڭى لاھىيەنى ( تىلكومدىكىلەر ئوتتۇرغا قويغان ) ئويلىشىپ كۆرسەك بولاتتى. قانداق قىلىمىز زادى؟
مۇنۇنى قوللامدۇق يوق؟
يەنى : ئە = ä ?
ئې = e ?
[img]http://www.94pop.com/userphoto/resource/userphoto/2007/5/20/p1179628466507.jpg[/img]

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » چارشەنبە ماي 23, 2007 1:15 pm

مۇشۇ « ئە ، ئۆ ، ئۈ ئى » لارنى چىكىت چىقارمايمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدىغان بىرەر ئۇنۇملۇك ئۇسۇلنى ئويلىشىپ باقساق بولامۇ ؟

heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » چارشەنبە ماي 23, 2007 3:28 pm

مەنچە ئۇ «يېڭى لايھىە» يېڭىچە تۇرىۋەرسۇن !!! ئەسلىدىكىسى كونىراپ قالمىدىغۇ تېخى !!!
بىزگە ئەڭ ئىلمىي لايىھە ئاشۇ دەسلەپتىكىسى شۇ ، بۇ «يېڭىسى» قالاقراق بولسا قالاقكى ، ھەرگىزمۇ دەسلەپكىسىدىن ئەۋزەل ئەمەس !!!
:victory:

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » پەيشەنبە ماي 24, 2007 5:02 am

ئەگەر ۋاختىدا بىرلىككە كەلمىسەك يەنە قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقارمىكىن دەيمەن.
شۇڭا جەمىيىتمىزدىكى ئەرباپلار بۇ ئىشنى جىددى مۇزاكىرە قىلىشى كىرەك.
تىل مەسىلىسى ئوينىشىدىغان ياكى ئىرەڭلىك بىلەن مۇئامىلا قىلىدىغان نەرسە ئەمەس.
جىددى بىر تەرەپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

sarsari
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان sarsari » دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:22 am

بىراق مەن بىر مەسىلىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، «ئە»،«ئۆ»،«ئۈ»ھەرپلىرىنى قانداق كىرگۈزىمىز؟
تورداشلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى سورايمەن!

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » سەيشەنبە ماي 29, 2007 5:32 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]sarsari[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-28 10:22 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=344&ptid=24][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىراق مەن بىر مەسىلىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، «ئە»،«ئۆ»،«ئۈ»ھەرپلىرىنى قانداق كىرگۈزىمىز؟
تورداشلارنىڭ ياردە ... [/quote]
[url]http://www.ukij.org/teshwiq/[/url]
مۇنۇ ئۇلانمىدا تەپسىلى چۈشەندۈرىشى بار.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:41 am

بەك ياخشى بوپتۇ!
خۇشاللىنارلىق ئىش!!!
شۇ ئارمگاھقا بېرىپ ئولتۇرۇپ كەلسەك بولىدىكەن جۇمۇ!!!!!!!!
:handshake :handshake :handshake

Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » شەنبە نويابىر 17, 2007 10:58 am

[size=5]ئەسلىدە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە بىز يەنىلا 2001-يىلىدىكى ئېلان قىلىنغان(مەسىلەن: ك k قq خx) نۇسخىسىنى ئىشلەتسەك بەك ئوبدان بولاتتى،بىراق ھەي نۇرغۇن كىشلەر يەنىلا <<ئۇماچ>>قىلىۋېتىۋاتىدۇ.نېمىشقا توغرىسىنى ئىشلەتمەيدىغاندۇ؟
ئاۋۇ ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم جۇمۇ.....
q k u o e a hمۇشۇ ھەرپلەرنى بەك ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ كۆپلىگەن تورداشلار.....[/size]

uyghur619
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە يانۋار 25, 2008 2:21 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghur619 » سەيشەنبە ئىيۇل 15, 2008 5:51 pm

ö. ü. é.ھەرپلىرىنى يازماقچى بولسىڭىز كومپۇتىرىڭىزغا تۈركچە خەت كىرگۈزگۈچ قىلسىڭىز بولىدۇ ،ئۇ 控制面板 ئىچىدىكى تىل تەڭشەش ئورنىدا،..تۈركچە كىزگۈزگۈچ ئىچىدە .ö بولسا,يەنى , üبولسا ], بولسا ctrl+ ~ é..مەن. مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىمەن ،بۇنىڭدىن ئاسان ئۇسۇل تاپالمىدىم ،بولسا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقسام،

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار