[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 583: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/phpbb/session.php on line 639: sizeof(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/includes/functions.php on line 4516: Cannot modify header information - headers already sent by (output started at [ROOT]/includes/functions.php:3262)
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى • مەن كۆرگەن تۇنجى ULY لىق ۋىۋىسكا
جەمئىي1 بەتنىڭ 1 - سى

مەن كۆرگەن تۇنجى ULY لىق ۋىۋىسكا

يېزىلغان: دۈيشەنبە ئاپرىل 23, 2007 2:28 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

مېنىڭ يوللاردا كىتىۋاتقاندا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دۇكانلارنىڭ ۋېۋىسكىلىرىغا , چوڭ -چوڭ ئېلان تاختىلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان ، ئۇنىڭغا يېزىلغان ھەر خىل يېزىقتىكى خەتلەرنى ئىچىمدە ئوقۇيدىغان ، بىلەلمىگەن خەتلەرنى ئىككىلەنمەيلا يېنىمدىكى تۇنۇش ياكى ناتۇنۇش كىشىلەردىن تارتىنمايلا سورايدىغان بىر يامان ئادىتىم بار ئىدى . ( مۇشۇ يامان ئادەت مېنىڭ خەنزۇچە ئۇگۇنۇش سەۋىيەمنى شۇنداق ئىلگىرى سۇرگەن.... )

بۇگۇنمۇ شۇ يامان ئادىتىم بىلەن ئۇرۇمچى شەھرىنىڭ جەنۇبىي ئازاتلىق يولىدا كىتىۋېتىپ تۆۋەندىكى ۋېۋىسكىغا كۆزۇم تەسادىپىيلا چۇشۇپ قالدى . .. ۋېۋىسكىغا بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كىيىن كەينىمگە يېنىپ ئۆيگە بېرىپ رەسىم ئاپىراتىمنى ئەكىلىپ رەسىمگە تارتىۋالدىم .


[img]http://www.izimiz.com/uyghur/upload/200742321423894642.jpg[/img]

[img]http://www.izimiz.com/uyghur/upload/200742321432356794.jpg[/img]


كۆزۇمگە شۇنداق ئىللىق بولغان ھەم شۇنداق تۇنۇش بولغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY ) دا يېزىلغان TOGHRAQ دىگەن بۇ خەت چېلىقىش بىلەن بىرگە ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ قالدىم . مانا بىز بىرلىككە كەلتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى( ULY) دەل مۇشۇ ئەمەسمۇ ؟...

شۇڭا كۆپچىلىككە مۇشۇ ھاياجانلىنىش تۇيغۇسى بىلەن شۇنى دىگۇم كەلدى : ھەممىمىز قولىمىزدىن كىلىشچە ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نى، ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) ئىشلىتىش زۇرۇر بولغان ئورۇنلاردا ئۆزىمىزدىن باشلاپ تەشۋىق قىلىپ ئىشلەتسەك ، بىلمىگەنلەرگە ئۇگەتسەك ، چۇشەندۇرسەك نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە !،،،،،

شۇڭا شەخسى نامىمدىن كۆپچىلىككە شۇنى مۇراجەت قىلغۇم كەلدى : كىلىڭ ، قول تۇتۇشايلى ، ئشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ، ئەتىراپىمىزدىكى كومپىيوتېر ھەۋەسكارلرىغا ، دوستلىرىمىزغا تەشۋىق قىلايلى ، ئۇگۇتەيلى ، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۇگۇتۇپ بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) نى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش ھەم ئۇمۇملاشتۇرۇش ئۇچۇن بىر كىشلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى !

بۇنىڭغا ئەڭ ئالدىدا شەخس نامىم بىلەن ئىسىمىنى ئاتاشنى لايىق كۆرگەن باشلامچىلار ئەلۋەتتە ئۇيغۇر كومپىيوتېر ئىلمى جەمىيتى (UKIJ) دىكى دائىمى ئەزالار ، ئەزالار ، ھەم ئەزا بولغان تور بىكەت باشلىقلىرى ، باشقۇرغۇچىلىرى ،ھەمدە باشقا بىكەتلەرنىڭ بىكەت باشلىقلىرى بولىدۇ دەپ قارايمەن.....

قېنى ئەمىسە نىمىگە قاراپ تۇرىمىز ! ئشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ! مەرھەممەت !................

[color=Red]ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY ) نى ئىشلىتىش ھەم تەشۋىق قىلىش ھەرگىزمۇ يېزىق ئۆزگەرتىش ئەمەس ! بەلكى كونا يېزىقنى قوللىنىشقا بولمايدىغان , ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ( ULY ) ئىشلىتىش زۇرۇر بولغان ئورۇنلاردا بىرلىككە كەلتۇرۇپ ئىشلىتىش دىگەنلىك ! تورداشلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش نۇختىسىدىن جار سالماسلىقىنى ئالاھىدە ئۇمىت قىلىمەن ..[/color]

ھۆرمەت بىلەن ئىزىمىز تور بىكىتىدىن : polat1971

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 23, 2007 6:02 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
بىز يېڭى لاھىيەنى ( تىلكومدىكىلەر ئوتتۇرغا قويغان ) ئويلىشىپ كۆرسەك بولاتتى. قانداق قىلىمىز زادى؟
مۇنۇنى قوللامدۇق يوق؟
يەنى : ئە = ä ?
ئې = e ?
[img]http://www.94pop.com/userphoto/resource/userphoto/2007/5/20/p1179628466507.jpg[/img]

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 23, 2007 1:15 pm
تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971
مۇشۇ « ئە ، ئۆ ، ئۈ ئى » لارنى چىكىت چىقارمايمۇ ئىپادىلىگىلى بولىدىغان بىرەر ئۇنۇملۇك ئۇسۇلنى ئويلىشىپ باقساق بولامۇ ؟

يېزىلغان: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:28 pm
تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur
مەنچە ئۇ «يېڭى لايھىە» يېڭىچە تۇرىۋەرسۇن !!! ئەسلىدىكىسى كونىراپ قالمىدىغۇ تېخى !!!
بىزگە ئەڭ ئىلمىي لايىھە ئاشۇ دەسلەپتىكىسى شۇ ، بۇ «يېڭىسى» قالاقراق بولسا قالاقكى ، ھەرگىزمۇ دەسلەپكىسىدىن ئەۋزەل ئەمەس !!!
:victory:

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 24, 2007 5:02 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
ئەگەر ۋاختىدا بىرلىككە كەلمىسەك يەنە قالايمىقانچىلىق كىلىپ چىقارمىكىن دەيمەن.
شۇڭا جەمىيىتمىزدىكى ئەرباپلار بۇ ئىشنى جىددى مۇزاكىرە قىلىشى كىرەك.
تىل مەسىلىسى ئوينىشىدىغان ياكى ئىرەڭلىك بىلەن مۇئامىلا قىلىدىغان نەرسە ئەمەس.
جىددى بىر تەرەپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

يېزىلغان: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:22 am
تەرىپىدىن يوللانغان sarsari
بىراق مەن بىر مەسىلىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، «ئە»،«ئۆ»،«ئۈ»ھەرپلىرىنى قانداق كىرگۈزىمىز؟
تورداشلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى سورايمەن!

يېزىلغان: سەيشەنبە ماي 29, 2007 5:32 am
تەرىپىدىن يوللانغان majeed
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]sarsari[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-28 10:22 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=344&ptid=24][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بىراق مەن بىر مەسىلىنى پەقەتلا بىلەلمىدىم، «ئە»،«ئۆ»،«ئۈ»ھەرپلىرىنى قانداق كىرگۈزىمىز؟
تورداشلارنىڭ ياردە ... [/quote]
[url]http://www.ukij.org/teshwiq/[/url]
مۇنۇ ئۇلانمىدا تەپسىلى چۈشەندۈرىشى بار.

يېزىلغان: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:41 am
تەرىپىدىن يوللانغان koktash
بەك ياخشى بوپتۇ!
خۇشاللىنارلىق ئىش!!!
شۇ ئارمگاھقا بېرىپ ئولتۇرۇپ كەلسەك بولىدىكەن جۇمۇ!!!!!!!!
:handshake :handshake :handshake

يېزىلغان: شەنبە نويابىر 17, 2007 10:58 am
تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil
[size=5]ئەسلىدە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە بىز يەنىلا 2001-يىلىدىكى ئېلان قىلىنغان(مەسىلەن: ك k قq خx) نۇسخىسىنى ئىشلەتسەك بەك ئوبدان بولاتتى،بىراق ھەي نۇرغۇن كىشلەر يەنىلا <<ئۇماچ>>قىلىۋېتىۋاتىدۇ.نېمىشقا توغرىسىنى ئىشلەتمەيدىغاندۇ؟
ئاۋۇ ۋىۋىسكىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم جۇمۇ.....
q k u o e a hمۇشۇ ھەرپلەرنى بەك ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىدۇ كۆپلىگەن تورداشلار.....[/size]

يېزىلغان: سەيشەنبە ئىيۇل 15, 2008 5:51 pm
تەرىپىدىن يوللانغان uyghur619
ö. ü. é.ھەرپلىرىنى يازماقچى بولسىڭىز كومپۇتىرىڭىزغا تۈركچە خەت كىرگۈزگۈچ قىلسىڭىز بولىدۇ ،ئۇ 控制面板 ئىچىدىكى تىل تەڭشەش ئورنىدا،..تۈركچە كىزگۈزگۈچ ئىچىدە .ö بولسا,يەنى , üبولسا ], بولسا ctrl+ ~ é..مەن. مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىشلىتىمەن ،بۇنىڭدىن ئاسان ئۇسۇل تاپالمىدىم ،بولسا باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقسام،