UKIJ ئەزالىرىغا جاكار

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

UKIJ ئەزالىرىغا جاكار

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » چارشەنبە ئىيۇن 13, 2007 3:28 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيتىنىڭ جاپاكەش ئەزالىرى ، ھەممىلىرىگە مەندىن سالام !

ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىشلىرىنىڭ ئۇزلۇكسىز تەرەققى قىلىشى ، جەمىيتىمىز ئەزالىرىنىڭ ئىزچىل كۆپىيىشى ، تەشۋىقات سالمىقىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشى ، جەمىيتىمىزنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىشلىرىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە مانا بۇگۇنكى يەنى ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيتىنىڭ بۇنگۇنكىدەك مۇشۇ ھالىتىنى كۆرۇپ تۇرماقتىمىز .

جەمىيتىمىزنىڭ بۇگۇنكى كۇنى ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمىدى . بۇنى كۆپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدۇ . بىزنىڭ بۇنىڭدىن كىينكى قەدەملىرىمىز تېخىمۇ مۇشكۇل بولسا مۇشكۇلكى ھەرگىزمۇ يەڭگىل ئەمەس .

خۆش ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك : يېقىندىن بۇيان مەن ئاز ساندىكى جەمىيتىمىز ئەزالىرىنىڭ ئاغزىدا Ukij نى چۇشۇرمەي تەشۋىق قىلىۋاتقىنى بىلەن ئەمىلىيتىدە ئۇنداق ئەمەسلىكىنى بايقاپ قالدىم .
مەسىلەن : بەزى ئەزالار توردىكى ئالاقىلىشىش جەريانىدا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY نى ئىشلەتمەسلىك ، تور بىكەتلىرىدە ULY ئىشلتىش زورۇر بولغان ئورۇنلاردا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY ئىشلەتمەسلىك ، مۇنبەر ، تور بىكەتلەردە ئىسىم تىزىملاتقاندا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY ئىشلەتمەسلىك ،تور بىكەت نامىلىرىنى سېتىۋالغاندا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY ئاساسىدا سېتىۋالماسلىق ،،،،،،، قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىدىم . بۇنىڭ ئاددى مىسالىنى UKIJ نىڭ QQ توپىدىن ھەر ۋاقىت تېپىش مۇمكىن ..... بەزىلەرگە بۇھەقتە پىكىر بەرسىڭىز " كۆنۇپ قاپتىمەن" دىگەن ئېسىل جاۋاپقا ئېرىشىسىز ...

[color=Red]ھەممىمزىنىڭ نىشانى بىر ، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كومپىيوتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇش ، شۇنداق بولغان ئىكەن ئۆلچەملىك ULY نى ئىشلىتش ئەجابا سىزنىڭ نەزىرىڭىزدە ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇش ئەمەسمۇ ؟ بىز باشلامچىلىق بىلەن بۇنى قوللانمىساق باشقىلار قوللىنارمۇ ؟ ئەجابا ULY نى ئۇگۇنۇش سىزگە شۇنچە تەسمۇ ؟..........؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟[/color]

[size=5]ئاخىردا كۆپچىلىكتىن سەمىمىي ئۇمىت قىلىدىغىنىم : جەمىيتىمىز ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ULY نى ئىشلىتىش زورۇر بولغان ئورۇنلاردا ئۆلچەملىك ULY نى ئىشلەتسەك ، باشقىلارغا ئۇلگە بولساق ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق ، تور بىكەت نامىلىرىنى سېتىۋالغان ۋاقىتتا ئۆلچەملىك ULY دا يېزىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغان ھالدا سېتىۋالساق ، باشقىلار ئالدىدا باشلامچىلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرساق دىگەن نىيەتتە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن . [/size]

[size=6][color=Red]قېنى دوستۇم ، سىز بۇ مەسىلىنى ئۆزىڭىزدىن باشلاپ تۇزۇتەلەمسىزكىن ؟[/color][/size]

ھۆرمەت بىلەن : ئىزىمىز كومپىيوتىر مۇلازىمىتى دىن polat1971

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Polat1971 ، ۋاقتى: 2007-6-13 21:31 [/i]]



bulak
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 1:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bulak » پەيشەنبە ئىيۇن 14, 2007 6:14 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Polat1971[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-13 21:28 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=447&ptid=87][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر كومپىيوتىر ئىلمى جەمىيتىنىڭ جاپاكەش ئەزالىرى ، ھەممىلىرىگە مەندىن سالام !

مەسىلەن : بەزى ئەزالار توردىكى ئالاقىلىشىش جەريانىدا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY نى ئىشلەتمەسلىك ، تور بىكەتلىرىدە ULY ئىشلتىش زورۇر بولغان ئورۇنلاردا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY ئىشلەتمەسلىك ، مۇنبەر ، تور بىكەتلەردە ئىسىم تىزىملاتقاندا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY ئىشلەتمەسلىك ،تور بىكەت نامىلىرىنى سېتىۋالغاندا يەنىلا ئۆلچەملىك ULY ئاساسىدا سېتىۋالماسلىق ،،،،،،، قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىدىم . بۇنىڭ ئاددى مىسالىنى UKIJ نىڭ QQ توپىدىن ھەر ۋاقىت تېپىش مۇمكىن ..... بەزىلەرگە بۇھەقتە پىكىر بەرسىڭىز " كۆنۇپ قاپتىمەن" دىگەن ئېسىل جاۋاپقا ئېرىشىسىز ...
[/quote]
«ئىزىمىز» تور باشقۇرغۇچىسى ناھايىتى ياخشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا سەلقارىماستىن كونا يېزىقىمىزدا قانداق ئىملا بويىچە يېزىلغان بولسا، ULY'دىمۇ ئاشۇنداق يازساق. ئالاقە ئۇچۇر ئىشلىرىدا بىرسى باشقا خىلدا يازسا يەنە بىرى باشقا ئۇسۇلدا يازسا قارشى تەرپتىكى ئۇچۇرغا ئىنكاس قايتۇرماقچى بولغان كىشىمۇ ئىككىلىنىپ بەزى سۆزلەرنى ئاڭقىرالماي تەمتىرىپ پىسخىكا جەھھەتتىن بەك سىقىلىش ھاسىل قىلىپ بىر ـ بىرىگە ئاچچىقلىنىش ياكى غەزەپلىنىش ئوتلىرى يالقۇنداپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىدا نۇرغۇنلىغان سۆزلەر بولۇپ ئىملاسىغا قاراپ پەرقلەندۈرمىسەك بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا تورداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىكى خەت ئۆلچەملىرىنى UKIJ بېكىتكەن بويىچە داۋاملاشتۇرساق ناھايىتى ياخشى بولاتتى. توربەت ناملىرىغا كەلسەك، بىركىم تېلېفۇندا ياكى يولدا ئۇچراشقاندا پالانى توربەتكە كىرسەڭ ئۇ بار، بۇ بار ۋە نامىنى ئېيتىپ بەرسە شۇ بەتنى ئاچالماسلىق 90% بولۇپ چۈنكى بىزنىڭ توربەت قۇرغۇچىلىرىمىز UKIJ نىڭ تۈزگەن ئېلىپبەسىگە دىققەت قىلمىغانلىقى ياكى ئىسىمنى ئاڭلاپ زىيارەت قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ UKIJ تۈزگەن ئېلىپبەگە دىققەت قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » پەيشەنبە ئىيۇن 14, 2007 8:40 am

مەنمۇ يۇقارقى پىكىرنى قوللايمەن ؛ ھەمدە ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم ياكى تور بېتىم ئارقىلىق ئۆلچەملىك ULY يېزىلىشى ئېلىپبەسىنى ھەمدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتىمەن ؛ ھەمدە كۆپچىلىكنىڭمۇ مۇشۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ؛

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » شەنبە ئىيۇن 16, 2007 7:26 am

پولات ئەپەندىم ھەممىمىز ئۆزىمىز چوقۇم قىلالىساقمۇ ئەمما ھورۇنلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، تېخىغىچە ھۇشىمىزنى تاپمايۋاتقان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ، مېنىڭچە بىز بۇ مەسىلىنى QQدا ئۇچراتساق، QQدا تەربىيە - تەنقىت بېرىپ توغرا يېزىشقا ھەيدەكچىلىك قىلايلى، «ئۆلچەم» رەسمىي ئېلان قىلىنغاندا ۋىۋىسكا، ماركا، مەھسۇلات نامىي ۋە توربەت ئادىرسلىرىدا ئۇچراتساق، تېل يېزىق كومېتىتىنىڭ قارارىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەڭ تەشۋىق قىلايلى ۋە مۇناسىبەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق تۈزۈتۈشكە ھەيدەكچى بولايلى.

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » شەنبە ئىيۇن 16, 2007 12:31 pm

بەك ياخشى تەكلىپ بوپتۇ . مەن قوللايمەن . بىز ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرىنىڭ باشلامچىلىرى دەپ پەخىرلىنىپ يۈرىدىغان مۇشۇ جەمئېيەتنىڭ بەزى ئەزالىرىدىمۇ ھەقىقەتەن ئۆلچەملىك ULY نى بىلمەيدىغانلار بار . شۇڭا ھەممەيلەن بىرلىككە كىلىپ تور ئالاقىسىدا بولسىمۇ ئۆلچەملىك ULY نى ئوموملاشتۇرۇشقا كۆنسەك .

Asiya
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئاپرىل 07, 2007 1:37 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Asiya » شەنبە ئىيۇن 16, 2007 4:20 pm

polat1971 ئەپەندىمنىڭ پىكىرىگە ئاسىيا تور تۈگۈنى نامىدىن رەخمەت ئېيتىمەن. ئۇيغۇرچە كونا يېزىقنى قوللىمايدىغان جايلارغا ئۆلچەملىك ULY نى ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ياخشى ئىش ئاسىيا تور تۈگۈنى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلچەملىك ULY تەشۋىق قىلىش بىلەن بىللە كونا يېزىقنى قوللىمايدىغان جايلاردا ئۆلچەملىك ULY نى ئىشلىتىدۇ.

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » دۈيشەنبە ئىيۇن 18, 2007 5:48 am

Menghu Ezeldin Diqqet Qilip Kiliwatiman ... Alghan isimmu Shundaq ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار