پېرافېسسور ھوشۇر ئىسلام

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

پېرافېسسور ھوشۇر ئىسلام

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » جۈمە ئىيۇن 22, 2007 8:24 am

[img]http://uygur.xjts.cn/bak/content/images/site1/20070611/00016ce4f38407d76eaa02.jpg[/img]
ھوشۇر ئىسلام شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى ، دوكتۇر – ئاسپرانت يېتەكچىسى . ئىككى قېتىم جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە كۆرسىتىلگەن نامزات . دۆلەتلىك ئالاھىدە تۆھپىكار مۇتەخەسسىس ، دۆلەتلىك ئىلغار خىزمەتچى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس (ئۈچ قاتار ) ، دۆلەتلىك 10 مۇنەۋۋەر مۇھاجىر خادىمنىڭ بىرى ، ئاپتونوم رايونلۇق مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق كومپيۇتېر – ئۇچۇر جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ھەم مۇئاۋىن مۇدىرى . 1982 – يىلى بېيجىڭ سانائەت ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1984 – يىلى كانادا ئالبېرتا ئۇنىۋېرستېتىدا ، 1997 – يىلى ئامېرىكا رايت ئۇنىۋېرستېتىدا بىلىم ئاشۇرغان .

پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام دۆلەتلىك 211 قۇرۇلۇشى ‹‹ شىنجاڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئالاقە ئىلمى ›› نۇقتىلىق پەن قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىسى ، كومپيۇتېر – ئۇچۇر ماگستىرلىق تەربىيىلەش مەركىزىنىڭ ھەم كۆپ خىل تىل – يېزىقلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى . بىرنەچچە يىلدىن بېرى 40 تىن ئارتۇق ئاسپىرانت ۋە ياش تايانچلارنى تەربىيىلىگەن . خەلقارالىق ، مەملىكەتلىك ژورناللاردا 60 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان .ئىككى قېتىم خەلقئارالىق ، مەملىكەتلىك يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 15 قېتىمدىن كۆپرەك خەلقئارالىق يىغىنلاردا ماقالا ئوقۇغان . 10 پارچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىكى تۈزگەن . 10 مىڭدىن ئارتۇق كومپيۇتېر ئېلېكترون سۆزلۈكلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بېكىتىپ چىققان . بۇلار ھەرقايسى ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا .

پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ھازىرغىچە 863 يۇقىرى تېخنىكا تەتقىقات پىلانىدىكى ئىقتىدارلىق ماشىنا تەتقىقات تۈرىدىن يەتتە تۈرگە ، دۆلەت تەبىئىي پەن فوندى تەتقىقاتىدىن ئۈچ تۈرگە ، يەنە مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق تەتقىقات تۈرلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 15 تۈرگە يېتەكچىلىك قىلغان . 20 دىن ئارتۇق كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يېڭى سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، يېڭى ئۇسۇل ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇنىڭ بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەملىكەتلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ۋە 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئۈچ تۈردە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا ئىلغارى 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . ئالتە تۈردە مەملىكەتلىك تۇنجى ئىجادىيەت ۋە خەلقئارالىق ئىلغار سەۋىيە دەپ بېكىتىلگەن . بەش تۈردە مەملىكەتلىك ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتكەن . سەككىز تۈردە مەملىكەتلىك پاتنېت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . نۆۋەتتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات تۈرىدىن سەككىز تۈرگە يېتەكچىلىك قىلماقتا . .ۇ سەبداشلىرى بىلەن 20 يىل ئىجادىي ئىشلەش ئارقىلىق ، ئاز سانلىق مىللەت ئۇچۇر – تېخنىكىسى ئىشلىرى يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىقتىدارلىشىش ، تورلىشى ، كۆپ مۇھىتلاشتۇرۇش يېڭى سەۋىيىسىگە كۆتۈردى . 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلار شىنجاڭ ۋە چەت ئەللەرگە تارقالدى . ئۇيغۇرچە ، قازاقچە ، قىرغىزچە ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ساھەسى بارلىققا كەلدى . بۇ تەتقىقات بازىسى رايونىمىزنىڭ كۆپ خىل يېزىق ئۇچۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بازىسىغا ئايلاندى . ئۇ قۇرغان ئۇنىۋېرستېت فاڭ يۈ ۋەن ، لەنخۇا ، سەردار شىركەتلىرى بازا بىلەن بىرلىشىپ تەتقىقات ، ئىشلەپچىقىرىش ، سودا – مۇلازىمەت ۋە ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن بازىغا ئايلاندى .

ھوشۇر ئىسلامدەك تەبىئىي پەن ئالىملىرىمىز ، ئوخشاشلا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەردەك ئىسلاھات ، رىقابەت دەۋرىنىڭ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئەقلىي قۇۋۋەت كارامىتىنى كۆرسىتىپ ، مەملىكەت ۋە خەلقئارالىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، يۇرتىمىزنىڭ شان – شۆھرىتىنى ئاشۇرۇپ ، كەڭ سەپ بويىچە ئىجاد ، روھ ، جاسارەت ئۇرغۇتىشتا زور رول ئوينىماقتا . بۇلار شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت ئىلىم – پەن خادىملىرىنىڭمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە ھەم ئۈلگە ، نەمۇنە تىكلەپ بەردى .



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئىيۇن 24, 2007 4:38 pm

ئوبدان. بىلىۋالدىم. تۈزۈكرەك رەسىمى يوقمىتى؟

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار