كەنجى كوررېكتور ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئورتاقلاشساق

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

كەنجى كوررېكتور ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئورتاق

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 3:27 am

سالام كۆپچىلىك، جۈمە كۈنىدىكى ئېلخەتنى يازغاندىن كېيىن بىر قىسىم ئەزالاردىن تەكلىپ پىكىرلەرنى ۋە سىناش دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئۇلارغا تەشەككۈر. كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن سىناش دوكلاتى ۋە تەكلىپ پىكىرلەرنى بىۋاسىتە مۇشۇ يەرگە يازساڭلار دېگەن ئۈمىدتىمەن.

يەنە بىر ئىش: كەنجى كوررېكتورنىڭ "Heqqide" دېگەن توپچىسىنى باسقاندا چىقىدىغان "ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى «ئىشەنچىلىك» دەپ نام بەرگەن دېتال" دېگەننى مەن ئۆزۈم قوشۇپ قويغان، كۆپچىلىكنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىسە چىقىرىۋېتىمەن. باشباشتاقلىقىمنى كەچۈرۈڭلار.


غەيرەت كەنجى

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

جاپا چەكتىڭىز ..............

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 4:21 am

ئەسسالام غەيرەت ئەپەندى ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن ...
سىزنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن ئېلخېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە قۇلۇپ كودىنى سىزگە ئەۋەتىۋەتتىم .......

تۆۋەندە بىر - ئىككى شىڭگىل پىكىر قىلاي :lol

1.ئۇيغۇر ئېدىتنى كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ قوزغاتتىم ، لىكىن تىزىملىكتىكى خەتلەر نورمال ئۇيغۇرچە كۆرۈنمىدى ، بىراق ئىملا تەكشۈرگەندە سۆز ئالماشتۇرۇش ۋە مۇقىملاش رامكىسىدىكى خەتلەر جايىدا .... (بۇ بەلكىم مىنىڭ كومپىيۇتېرىمدىكى خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرمىغاندىكى خاتالىقتۇ ، بىراق سۆز ئالماشتۇرۇش ۋە مۇقىملاش رامكىسىدىكى خەتلەر نورمال )
2. ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسى بولسۇن ياكى ھازىرقى نۇسخىسى بولسۇن ، تېكىستىنى دائىرىگە ئالغاندا كۆڭۈلدىكى قىممەتتە، ئۇچۇق كۆك رەڭلىك دائىرە ۋە ئاق رەڭلىك خەت ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقىدىكەن ... مۇشۇ تەرەپنى ئويلىشىپ باققان بولىڭىسز تولىمۇ ياخشى بولار ئىدى
3. ئېنگىلىزچە ، لاتىنچە ياكى خەنزۇچە ھالەتتە تۇرۇپ لاتىنچە خەت يېزىش شەكلىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن ، تلىنى ئۇيغۇرچىغا تاللاپ ئۇيغۇرچە خەت يېزىش شەكلىنى تاللاش ئىقتىدارى ئىشلىمىدى
4.ھەقلىق تارقىتىشنى ئويلىغىنىڭىز ياخشى بولۇپتۇ ، بۇ بىرىنچىدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكىنىڭ قەدىرلىنىشىگە پايدىلىق ، ئەڭ مۇھىم يىرى شۇكى بۇ دىتال ھەقسىز قىلىۋېتىلسە ئۇيغۇر سوفىت كوررىكتورىنىڭ بازىرىنى بۇزغان بولۇ قالىمىز ....................................


سىز ۋەتەندە بولمىغانلىقىڭىز تۈپەيلىدىن ، ۋەتەندە تارقىتىش ۋە تەشۋق قىلىشقا سەل قولايسىز بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، بۇ دىتال پۈتۈپ تارقىتىلغاندىن كىيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە ۋە باي ناھىيسىدە تارقىتىلىشقا مەسئۇل بولۇشنى خالايمەن .........

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 3:10 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غەيرەت ئەپەندى:
ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ مېۋە بەرگىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم، مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ سىناق نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز، پايدىلىق پىكىرلەرنى بېرىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس.:handshake

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 3:17 pm

بايا ئونتۇپ قاپتىمەن، ئېلخەت ئادرىسىم:tilqin@yahoo.com.cn بۇ ئدرىسىمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن، ياكى[email]tilchin@hotmail.com[/email]

Polat1971
يازمىلار: 24
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 1:58 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Polat1971 » يەكشەنبە ئاپرىل 15, 2007 3:28 pm

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم غەيرەت ئەپەندى :

ئالدى بىلەن سىزگە تەشەككۇر ،UyghurEdit ھەقىقەتەن ئېسىل يۇمشاق ماتىريال ، مەن بۇ يۇمشاق ماتىريالنىڭ ئىزچىل ئىشلەتكۇچىسى ،،،


مەن مۇنداق بىر مەسىلىنى ئىنكاس قىلماقچى :

مۇمكىن بولسا UyghurEdit تا بىر تېكىس ھۆججىتىنى يېزىپ ساقلىغاندىن كىيىن UyghurEdit نى ئىككىنچى قېتىم قوزغاتقاندا ئاپ - ئاق بەت ئېچىلىدىغان ، ئىككىنجى قېتىم قوزغاتقاندا بۇرۇنقى ساقلاپ قويغان تېكىس مەزمۇنى بىللە ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويسىڭىز ،،،

سالام بىلەن : polat1971

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » دۈيشەنبە ئاپرىل 16, 2007 6:15 am

مەن بايقىغان يەنە بىر مەسىلە ، مەسىلەن Uyghur edit بىلەن بىللە تەمىنلىگە ئوقۇڭ نامىدىكى ھۆججەتنى ئاچقاندا يەنى مۇشۇنىڭدەك ئۇزۇن خەتلىك ئەسەرلەرنى كۆرگەندە ، ئاستىدىكى سۈرگۈچنىڭ يۆلىنىشى ھەقىقىي يۆلىنىش بىلەن قارمۇ قارشى بولۇپ قاپتۇ . يەنى ئوڭغا سۈرسە بەت سولغايۈرىشىدىكەن .ئادەمنىڭ سەل بېشىنى قايدۇرۇپ قويىدىكەن . ئۇنىڭدىن باشقا ، بوغۇم قائىدىسى بويىچە ئاپتوماتىك قۇر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشقان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » دۈيشەنبە ئاپرىل 16, 2007 6:19 am

يەنە بىر مەسىلە ، بايىقى تېكىست ھۆججىتىنى ئاچقاندامەسىلەن
2006-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى دېگەن جايغا مائۇسنى ئېلىپ كەلگەندە بۇ ئاپتوماتىك 6002-يىلى 4 ئاينىڭ 01 - كۈنى گە ئالمىشىپ قالىدىكەن . مۇشىنىڭدەك سانلارنىڭ ھەممىسىدە ئاپتوماتىك سولدىن ئوڭغاتەتەر ئالمىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن .لېكىن باشقا بىر جايغا ئېلىپ بارغاندا ، ئالدىنقىسى ئەسلىگە كېلىپ كېيىنكىسىدە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن .

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » دۈيشەنبە ئاپرىل 16, 2007 4:29 pm

مەن كۆپ قىسىم سىناش دوكلادى ۋە تەكلىپلىرىمنى بىۋاستە غەيرەت ئەپەندىگە يوللىۋىدىم. بۇ يەردە كېيىنكى يۇلۇقتۇرغان مەسىلىلەرنى ۋە تەكلىۋىمنى ئوتتۇرىغا قۇياي.

1. ئاپتۇماتىك تەكشۈرۈش ياكى نورمال تەكشۈرۈش بولسۇن تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بولغانلىق توغرىسىدا ئۇچۇر كۆزنىكى چىقارسا، قىسقىچە دوكلاد چىقىرىپ بەرسە، ئىشلەتكۈچى خالىسا دوكلاد ماتىريالىنى ھۆججەت قىلىپ ساقلاپ قويالىسا.
2. گۇمانلىق سۆزلەرگە بەلگە قويغاندىن كېيىن بۇنى ئىشلەتكۈچىلەر يۇقۇتۇش بىر قەدەر قولايسىزكەن. توپلا سىزىقلارنى يۇقۇتىۋەتسە.(ئىشلەتكۈچى ئۇنداق سىزىق سىزىپ ئىشلەتمەيدىكەن ئادەتتە)
3. بىر ئاماللارنى قىلىپ ئاپتۇماتىك توغرىلاش ئامبىرىنىڭ سۆزلۈك سانىنى ئاشۇرساق. بۇ دېتالنىڭ باشقىلاردىن ئەڭ گەۋدىلىك ئارتۇقچىلىقى مۇشۇ يەردە ئىكەن.

4. رەسىم ئارلاش ھۆججەتلەرنى تەكشۈرگەندە خاتالىق كۆرۈلۈپ قالدى، قاراپ باقسىڭىز. مەن پۈتۈن بىر كىتابنىڭ كوررېكتورلۇقىنى ئاپتۇماتىك تەكشۈرتكەن ئىدىم ، 120 مىڭ سۆزلۈك كىتابتىن 2300 سۆزلۈكنى ئاپتۇماتىك تۈزەتكەنلىك ئۇچۇرى چىقتى، لېكىن قايسى سۆزنى قانداق تۈزەتتى ئۇقالمىدىم، نەتىجىدە كۆڭلۈمدە گۇمان شەكىللىنىپ قالدى. ئويلاپ باقسام بۇ بىر خىل پىسخىكىلىق مەسىلىكەن، شۇڭا دەيمەن دوكلاد چىقىرىپ بەرسە.

5.قۇلۇپ چىڭ سېلىنغانمىدۇ؟ غەيرەت ئەپەندى سالغان قۇلۇپنى كىچىك باللا يېشىۋەتسە سەت تۇرامىكى؟..........:lol :lol :lol شۇڭا يەنە بىر قاراپ باقسا.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئاپرىل 17, 2007 2:33 am

غەيرەت ئەپەندىگە رەھمەت، تىزىملىۋالدىم.

ئەليار ئەپەندى ئىيتقان سىزىقچە مەسىلىسىنى بىراقلا يوقاتقىلى بولسا بولاتتى.
سوزۇش بەلگىسى قويۇلغان سۆزلەرنىڭ ئاستىغىمۇ سىزىقچە چىقىۋالىدىكەن، «تەكشۈرۈش» كونۇپكىسىنى باسقاندا كۆرسىتىپ بىرىدىكەن. Word مۇھىتىدا سوزۇلغان سۆزلەرنى ئىزدىسەك سوزۇلغان ۋە سوزۇلمىغان بارلىق سۆزلەر ئوخشاشلا تىپىلاتتى، بۇنىمۇ ھەل قىلغىلى بولامدىكىن بىلمىدىم.
(بىر قىسىم سۈرەتلەرنى قوشۇپ ئىلخەتتە ئىۋەتتىم، كۆرۈپ باقارسىز.)

سالام بىلەن، پەرھات_k

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە ئاپرىل 17, 2007 4:39 am

سىزىقچە مەسىلىسى قەغەزگە باسقاندا چىقىۋالىدىكەن، ھەممە تېكىستنى تاللاپ، ئاسىتىغا سىزىق سىزىش بەلگىسىنى بىر بىسىۋىتىپ، ئاندىن يەنە بىر بىسىپ بارلىق سىزىقنى ئۆچۈرۋىتىپ، ئاندىن بىسىشقا توغرا كەلدى.
ئەگەر ئەسلى تېكىست ئارىسىدا ئاستىغا سىزىق سىزىلغان جۈمىلىلەر بولسا ئۇ سىزىقمۇ ئۆچۈپ كەتكۈدەك.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2007-4-17 10:42 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار