[سىناق نۇسخا] UKIJ مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلار تۈزۈمى

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

[سىناق نۇسخا] UKIJ مۇنبىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلار تۈزۈمى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » پەيشەنبە ئاپرىل 19, 2007 3:56 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دائىمىي ئەزالار:
[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=10]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=10[/url] تېمىدىكى Oyghan ئەپەندىنىڭ تەۋسىيە قىلىشى ۋە ئۆزۈمنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن «ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمىي ئەزالار تۈزۈمى»نى تۈزۈپ چىقىشنى ئۈستۈمگە ئالغان ئىدىم، شۇڭا ئۆزۈمنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇنبەر ئارىلاش ۋە باشقۇرۇش تەجرىبەمگە ئاساسەن ھەم بەزى خەنزۇچە چوڭ مۇنبەرلەرنىڭ باشقۇرغۇچى تۈزۈمىدىن پايدىلىنىپ بۇ تۈزۈمنى تۈزۈپ چىقتىم. مۇنبىرىمىزنىڭ تېزرەك ئېچىلىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ھەرقايسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈزۈمنى كۆرگەندىن كېيىن تەكلىپ - پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ھۆرمەت بىلەن: ياۋۇز

[size=5][color=Red][align=center]ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمىي ئەزالار تۈزۈمى[/align][/color][/size]

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 21:22 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=53&ptid=12][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
2. جەمئىيەت مەقسىدى

ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش.

3. جەمئىيەت خاراكتېرى

UKIJ پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان ئىنتېرنېت تورىدىكى مەۋھۇم جەمئىيەت.
UKIJ نىزامنامىسىدىن
[/quote]
[color=Blue][size=3]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسىلىققا ئىلتىماس قىلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
خۇددى يۇقىرىدا ئۆزىڭىز كۆرگەندەك ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى نىزامنامىسىدە ئېيتىلغاندەك، بۇ ھىچقانداق پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان، پەقەت خەلق ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇشنى، پەقەت ۋە پەقەت خەلق ئۈچۈن ئىشلەپ ساۋاپ تېپىشنى مەقسەت قىلغان بىر جەمىيەت، ئەلۋەتتە سىز بىز ئۈچۈن ئىشلەپ بەرسىڭىز، بىز سىزگە ھىچقانداق ھەق بېرەلمەيمىز، سىزگە بېرەلەيدىغىنىمىز پەقەتلا بىر ئېغىز سۆز، رەھمەت :handshake قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن ئېرىشىدىغان ساۋابىڭىزنى ئەلۋەتتە ئېگىڭىزدىن ئالىسىز، قانداق مەيلىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداقتا داۋاملىق كۆرۈڭ، بىز سىزگە ھىچقانداق ھەق بېرەلمىگەننىڭ ئۈستىگە بىزگە ئىشلەپ بېرىشىڭىز ئۈچۈن قويىدىغان بىرمۇنچە شەرتلىرىمىز بار. قىزىقىۋاتامسىز، ئەمىسە دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.[/size][/color]

[align=center][color=Red][size=4]باشقۇرغۇچىلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك تۈزۈملەر[/size][/color][/align]

[size=3][color=Blue]1. دۆلەتنىڭ ھەر خىل قانۇن – تۈزۈملىرىگە، مۇنبەر تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ، مۇنبەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى قوغداش.
2. مۇنبەرنىڭ نورمال تەرتىپىنى ساقلاپ، مۇنبەردىكى ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان سەھىپىدىكى ھەر خىل مۇنازىرە تېمىلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، تالاش – تارتىش ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، مۇنبەرنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش. ئىمكانىيىتى يار بەرگەن دائىرىدە ئۆز سەھىپىسىدە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش.
3. ئەزالارغا ئوبدان مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلماسلىق، ئەزالار سورىغان سوئاللارغا ئۆز باشقۇرۇش دائىرىسى بويىچە ئىمكان بار ئەتراپلىق جاۋاپ بېرىش ۋە يول كۆرسىتىش. تەنقىت پىكىرلەرگە ۋە ياكى ئۇقۇشماسلىققا ئۇچرىغاندا ئالاھىدە ئەسكەرتىش زۆرۈر بولغانلىرىدىن باشقىلىرىغا مۇنبەر يۈزىدە ئەمەس، بەلكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق چۈشەنچە بېرىش.
4. باشقۇرغۇچىلار ئۆز سەھىپىسىدىكى تېما ئىنكاسلارنى ۋاقتى – ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ، تەستىق كۈتۈپ تۇرىۋاتقان تېما ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، مۇنبەر قائىدىسىگە خىلاپ بولغان تېما ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈپ، مۇنبەردىكى مەزمۇنلارنىڭ ساغلام بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ تېمىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالىدىغان قىلمىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش.
5. مۇنبەر بەلگىلىمىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ ID ياكى IP ئادرېسىنى بىرتەرەپ قىلغاندا سەۋەبىنى چوقۇم مۇدىرىيەتكە مەلۇم قىلىش.
6. باشقۇرغۇچىلار مۇنبەر تۈزۈمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، باشقۇرغۇچىلار سەھىپىسىدىكى مەزمۇنلارنى ئادەتتىكى ئەزالارغا ئاشكارىلىماسلىق، باشقۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئەزالىق نامى ۋە كىرىش پارولىنى قاتتىق ساقلاپ، باشقۇرۇش ھوقۇقى بار نامنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرمەسلىك.
7. باشقۇرغۇچىلار مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قاتتىق ساقلاپ، مۇدىرىيەتنىڭ رۇخسىتىسىز، ئەزالارنىڭ IP ئادرېسى قاتارلىق مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلىرىنى مۇنبەردە ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئاشكارىلىماسلىق.
8. باشقۇرغۇچىلار ئۆزئارا ئىناق، ئىتتىپاق بولۇپ ئۆزئارا زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن ئىمكان بار ساقلىنىش، بولۇپمۇ شەخسىي زىددىيەتنى مۇنبەرگە سۆرەپ كىرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش. بۇنداق ئەھۋاللار كۆرۈلسە باشقۇرغۇچىلار مەخسۇس سەھىپىسى ياكى قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق بىرتەرەپ قىلىش.
9. كومپيۇتېر سەھىپىسى باشقۇرغۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان ئالاھىدە تەلەپ: بۇ سەھىپىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئابرۇيىغا چوقۇم يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قاراپ ئۆز سەھىپىلىرىگە يوللانغان ئەسەر، دېتال ۋە تەۋسىيەلەرنى چوقۇم شارائىتىنىڭ يار بېرىشىچە ئۆزى بىر قېتىم سىناپ، ئىشەنچلىكلىكىگە كۆزى يەتكەندە ئاندىن تەستىقلاپ چىقىرىش، سىناقتىن ئۆتمىگەن ھەرقانداق دېتال ۋە تېمىنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېر جەمئىيىتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنىپ، ئەزالار ۋە ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچراپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئابرويىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش.
10. ئەگەر باشقۇرغۇچىلار شەخسىي ئىشى تۈپەيلىدىن، مۇنبەرگە كېلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆتىيەلمەيدىغان ئىش بولۇپ قالسا، ۋاقتى بىر ھەپتىدىن ئاشىدىغان بولسىلا چوقۇم باشقۇرغۇچىلار سەھىپىسى ئارقىلىق رۇخسەت سوراش سەۋەبى ۋە ۋاقتى قاتارلىقلارنى يېزىش ئارقىلىق رۇخسەت سوراشقا ئىلتىماس قىلىش، ھەم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق خەۋەرلەندۈرۈش ئارقىلىق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش. ئەگەر باشقۇرغۇچىلار ھېچقانداق سەۋەبسىز ھالدا مۇنبەرگە 15 كۈن كىرمىسە، ئۈچتىن ئارتۇق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى قوشۇلغان ھالدا بۇ باشقۇرغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
11. مۇنبەردە ھەر ئايدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالى سىتاستىكى قىلىنىپ، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان، مەسئۇلىيەتسىز باشقۇرغۇچىلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ. بىر تۇتاش باشقۇرۇشقا بويسۇنمىغان، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ مۇنبەردە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر باشقۇرغۇچىلىقتىن ئېلىپ تاشلىنىشتىن سىرت يەنە ئەزالىق ئۇچۇرلىرى ئۆچۈرۈلۈپ، IP ئادرېسى چەكلىنىدۇ. ئەگەر ئۆزىنىڭ باشقۇرغۇچىلىق ھوقۇق شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى (باشقۇرغۇچىلىق نامى، پارولى، باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرىش پارولى) ئاشكارىلاپ قويۇپ،ياكى باشقىلارغا مۇنبەرنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويسا ياكى مۇنبەرنى زىيانغا ئۇچراتسا، كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكى ۋە كەلتۈرگەن تەسىرىگە ئاساسەن، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.
12. باشقۇرغۇچىلار ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قايدە تۈزۈملەرنىڭ قايسى بىرسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئىچكى قىسىمدا ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىدلىنىدۇ ۋە ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.[/color][/size]
  
[align=center][color=Red][size=4]باشقۇرغۇچىلىققا ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى[/size][/color][/align]

[size=3][color=Blue]1. يۇقىرىقى تۈزۈمگە تولۇق بويسۇنىدىغان بولۇش، مەسئۇلىيەتچان تەلەپچان بولغان بولۇش.
2. ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتى مۇنبىرى ئۈچۈن خالىسلىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغان روھ بولۇش.
3. يېتەرلىك تورغا چىقىش ۋاقتى بولۇش، يەنى ھەپتىدە ئەڭ كەم بولغاندا بەش سائەت تورغا چىقالايدىغان بولۇش.
4. ئۆزى باشقۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان سەھىپىگە نىسبەتەن كەسپى ماس كېلىدىغان بولۇش ياكى شۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار بولغان بولۇش. بەلگىلىك دەرىجىدە مۇنبەر باشقۇرۇش تەجرىبىسى بولغان بولۇش.
5. بەلگىلىك دەرىجىدە تەشكىللەش، يېتەكلەش، ماسلاشتۇرۇش قابىلىيىتى بولۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش روھى بولۇش.
6. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا رازى بولۇش.[/color][/size]

تولۇق كۆرۈپ بولدىڭىزمۇ؟ قانداق ئۆزىڭىزنى يۇقۇرىقى شەرتلەرگە ماس كېلىدىكەنمەن دەپ ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەگەر بۇنىڭغا تولۇق ماس كېلىدىكەنمەن دەپ قارىسىڭىز ۋە سىزدە خالىس تۆھپە قوشۇش روھى بولسا، ئۇ ھالدا سىزمۇ بىزنىڭ شەرتىمىزگە چۈشىدىكەنسىز، ئۇنداق بولسا [size=3][color=Red]بۇ يەرنى[/color][/size] بېسىپ ساۋاپلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلاڭ. ھە راس يەنە يۇقىرىدىكى مەجبۇرىيەتلەردىن باشقا قانداق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىڭىزنى بىلگىڭىز بارمۇ؟ ئۇنداق بولسا باشقۇرغۇچىلىق ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانغاندىن كېيىن ھوقۇقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ، چوقۇم رازى بولىسىز.

[size=5][color=Red][align=center]دائىمىي ئەزالار تۈزۈمى[/align][/color][/size]

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-11 21:22 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=53&ptid=12][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
2) دائىمىي ئەزالار: ئەزالار ئىچىدىكى تۆھبىسى كۆرۈنەرلىك بولغان؛ UKIJ ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ھەسسە قوشقان؛ تەشكىللەش، تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش ياكى تەتقىقات ئىشلىرىدا تەجىربىگە ئىگە كىشىلەردىن سايلاپ چىقىلىدۇ. دائىمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغانلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى UKIJ مۇدىرىيىتى بەلگىلەيدۇ. ئىستىپا بېرىشكە توغرا كەلسە مۇدىرىيەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا UKIJ مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.

دائىمىي ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى:

- UKIJ تورىغا ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كىرىش ھەم ئايدا بىر يازما يېزىش
- UKIJ نىڭ تەشۋىقات، تەشكىللەش قاتارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىش
- ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئويۇشتۇرۇش
- يېڭى تەتقىقات تۈرلىرىنى ئېچىش، قاتنىشىش ياكى پىكىر بېرىش
- UKIJ نىڭ مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش
- مۇدىرىيەت نامىدىن يېزىلغان يازمىلارغا ياكى خەتلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىش

ئەسكەرتىش: مۇدىرىيەت نامىدىن يېزىلغان يازمىلارغا ياكى خەتلەرگە 5 قېتىمدىن ئارتۇق جاۋاب بەرمىگەن، ياكى 3 ئايغىچە UKIJ تور بېكىتىدە يازما ئېلان قىلمىغان دائىمىي ئەزالار ئىستىپا بېرىش/چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنغانلار دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئىلتىماسى ئاپتوماتىك تەستىقلىنىدۇ.

دائىمىي ئەزالارنىڭ ھوقۇقى:

- UKIJ مۇلازىمېتىرىدىن يەتكۈچە بوشلۇق ئىشلىتىش
- UKIJ دىن ئىككىنچى دەرىجىلىك بېكەت نامى ئىشلىتىش (يەنى [url]http://www.ukij.org/xxx[/url] دېگەندەك)
- دائىمىي ئەزالارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان يۇمشاق دېتال ياكى پايدىلىق ماتېرىياللاردىن بەھرىمان بولۇش

2. مۇدىرىيەت

UKIJ مۇدىرىيىتى بارلىق دائىمىي ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (دائىمىي ئەزالار تىزىملىكىنى XXX دىن كۆرۈڭ). دائىمىي ئەزالار مۇھىم دەپ قارىغان چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە مۇدىرىيەت ئىچىدە پىكىر ئالسا بولىدۇ. قارار چىقىرىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلايدۇ، ئۇلار ھوقۇقتا باراۋەر. قارار چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان پىكىرلەرگە 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بەرمىگەن دائىمىي ئەزالار «بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەنلەر» دەپ قارىلىدۇ ھەمدە بېلەت تاشلىغانلار ئىچىدىكى %50 تىن يۇقىرى كىشى قوللىغان پىكىر قارار ھېسابلىنىدۇ.

مۇدىرىيەتنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن يازمىلارغىلا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى» دەپ ئىمزا قويىلىدۇ. شەخسىي پىكىرىنى بايان قىلغان دائىمىي ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي نامى بىلەن ئىمزا قويسا بولىدۇ.

UKIJ نىزامنامىسىدىن
[/quote]

يۇقۇرىدىكى نىزامنامە مەزمۇنىدا دائىمىي ئەزالار ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى ھەققىدە خېلى تەپسىلى توختىلىنىپتۇ، شۇڭا مەن بۇنىڭغا قارىتا باشقىچە ئۆزگەرتمەسلىك، نىزامنامىغا قوشماسلىق ئاساسىدا تۆۋەندىكىلەرنى قوشساق قانداق بولار دەپ ئويلاپ قالدىم.
[size=3][color=Blue]1. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان باشقۇرغۇچىلار تۈزۈمىگە تولۇق بويسۇنۇش.
2. ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ نام ئابرويى ۋە نوپۇزىنى قوغداش، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە تىزىملاتقان دائىمىي ئەزالىق نامى بىلەن باشقا تور بەت ۋە مۇنبەرلەردە قالايمىقان تېما ئىنكاس يېزىپ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرمەسلىك، تور دۇنياسىغا قەدەم قويغاندا ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق.
3. تور بېتى بار دائىمىي ئەزالار ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەر خىل تەشۋىق تەربىيە پائالىيىتىنى ئاكتىپ قوللاش، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ نوپۇزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللانغان ھەر خىل دېتاللىرى سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئېلان ھەققىنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى قىلىش ئۈچۈن، ئېلان ھەققىنى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ بىر تۇتاش يىغىشىغا ماقۇل بولۇش.[/color][/size] ( ھەرقايسى تور بەتلەر ئۆزلىرى تاپقان ئېلان ۋە Google نىڭ ئېلانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)
ۋاقىت سەل قىسلىق قىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇردۇم، ئېسىمگە كەلگەندە داۋاملىق تولۇقلاپ تۇرىمەن. قالغانلىرىنى باشقا دائىمىي ئەزالارنىڭ تولۇقلىشىنى ياكى ئاكتىپلىق بىلەن پىكىر قاتناشتۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. بولسا قايدە - تۈزۈملەرنى ۋاقتىدا تۈزۈپ بېكەتنىڭ چالا يەرلىرىنى تولۇقلاپ، مۇنبەرنى پاتراق كەڭ قېرىنداشلارغا ئېچىۋەتسەك.

ھۆرمەت بىلەن: ياۋۇز



Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 8:20 am

ھىچكىمنىڭ پىكىر بايان قىلمىغىنىغا قارىغاندا بەك مۇكەممەل تۈزىۋەتتىممۇ نىمە ;P ;P ئەمىسە مۇدىرىيەتتىكىلەر بىر قارار قىلىۋەتمەمسىلەر.

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:53 pm

مەن ئەتراپلىق تۈزۈلۈپتۇ دەپ قارىدىم، شۇڭا پىكىر بەرمىدىم.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە ئاپرىل 26, 2007 7:46 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

باشقۇرغۇچىلار ۋە دائىمىي ئەزالار تۈزۈمى مېنىڭچە تولۇق بوپتۇ. يېڭى تور بېكەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن دائىمىي ئەزالارنىڭ تولۇقلاش پىكىرى بولمىسا شۇ بويىچە ئىجرا قىلساق بولىدۇ دەپ قارايمەن.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » جۈمە ئاپرىل 27, 2007 5:05 am

مىنىڭچىمو بوپتۇ. قالغىنىنى بارا بارا تۇلۇقلاپ ياكى ئويلىشىپ كۆرسەك بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eltekin ، ۋاقتى: 2007-8-3 19:39 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار