مەن تەييارلىغان تورمۇ ئۇ ك ى ج ئۈچۈن

كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە پايدىلىق بولغان ئۇچۇر ماتېرىياللار يوللىنىدۇ ۋە تونۇشتۇرىلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

مەن تەييارلىغان تورمۇ ئۇ ك ى ج ئۈچۈن

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » جۈمە ماي 02, 2008 8:10 pm

[url]http://www.torsodisi.com/[/url] يەردە مەن تەييارلىغان دەرسلىك ماتىرياللار ئۇ ك ئى ج چۈن. بۇ يەردىكى بوشلۇققا قويسام پاتمايدۇ. ئۆزەم تەييارلىغان بوشلۇققا قويسام ئۆزەم تەييارلاپ ئۆزەم باشقۇرۇشقا قولايلىق. مانا بۇمۇ ئۇ ك ئى ج قىلغان ئىش ئەمەسمىكەن. مەن ئۇ ك ج ئى نىڭ ھىچ ئىش قىلمىدى دىگۈچىلەرگە ھەيرانمەن.

غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىنىڭ تورىغا قاراڭ، يەنە ۋارىس ئابدۇكېرەم جانبازنىڭ تورىغا قاراڭ، مۇھەممەت ئابدۇللا يۇلغۇن تورىغا قاراڭ. بىلىككە كىرىپ قاراڭ. ھەممە مەزمۇننى بۇ ئۇ ك ئى ج تورىغا يۆتكەپ كەلگىلى بولامدۇ؟! يەنە قېنى ئۆزەڭلەرنى مەلۇم قىلىپ بېقىڭلارچۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىچۈن ئەمەسمۇ. ئۇ ك ئى ج ھىچ ئىش قىلمىدى دىيسىز بۇ ھەممىمىز بىرلىكتە قويغان ئىسىم توت سۆز ئەلۋەتتە سىزگە ھىچ ئىش قىلىپ بەرمەيدۇ. مۇشۇ روھقا ئىگە چىققانلارغا قاراڭ ئەزالار دەپ تىزىملاتسۇن ياكى جوڭگودا تىزىملاتمىدى دەپ ئۆز بېكەتلىرىدە پائالىيەت قىلغانلارغا قاراڭ....ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرىچۈن دىگەن شەرەپنى بىلمەمسىز. ھەممە ئۆز نەتىجىلىرىنى ئېلىپ كەتسە(نەگە ئەپ كېتىىدۇ) ئۇ ك ى ج دىگەن بىر قۇرۇق نام قالىدۇ. يەنە كىم ئۇ ك ئى ج بىزگە نىمە قىلىپ بەردى دەپ سورايدۇ. بۇ مەنتىقە (لوگىكا قائىيدىسىگە خىلاپ) ئەڭ ئېغىر خىلاپ سۆز. مەن ئەزامەن دېۋېلىپ نىمە قىلىپ بەردىڭ دەپ مەلۇم شەخستىن سوراپ بېقىڭچۇ. يۇلغۇن كومدىكى تور بەتلىرىگە كىرگۈزىدىغان كود بولمىسا، تور بەتلىرىمىز بۇنچىلىك تەرەقىي قىلامتى. بۇنىمۇ ئۇ ك ئى ج قىلمىغان. ئۇيغان ئەپەندىنىڭ كود ئايلاندۇرۇش ۋە كىرگۈچكۈچىسى ۋە تۇزىۋاتقان لۇغىتى ئەلۋەتتە ئۆزىگە مەنسۇپ دەيلى. دىمەك ئۇ كى ج دە ھىچنىمە قالمايدۇ؟ دىمىسىمۇ ئۇ ك ئى ج دىگەن نىمە دىگۈچىلەرنىڭ مەنتىقىسىز سۇئالىغا ھەيرانمەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جوڭگوغا، ئامىرىكىغا نىمە قىلىپ بەردى؟ دىسەك قانداق بولار؟ نۇرغۇن دۆۋلەتلەر ئەزالىق بەدىلى تولەيدۇ...شۇڭا قارارلار چىقىدۇ. ئۇ ك ئى ج دىچۇ؟ ئىئانە دىسە بەدەر قاچىمىزمۇ؟! پۇل كۆپ بولسا كۆپ ئىشنى قىلىدىنىنى بىلىمىز نىمەچۈن كۆپ ئىئانىگە سەپەرۋەرلىك قىلماي تور بوشلىقى ھەققىغىلا سەپەرۋەرلىك قىلدۇق؟
قىلغانلىرىمىزنى ئاشكارلاپ ماڭدۇق. ئەمدىكى گەپ ھەممە ئەزا ئۆز بەتلىرىگىلا، شىركەتلەرمۇ ئۆز شىركىتىچۈن ئىشلىگىنى يوق. ئەمىلىيەتتە ھەممىسىنىڭ بىر يىپ بىلەن باغلانغان. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرى....

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2008-5-3 02:32 [/i]]



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » يەكشەنبە ماي 04, 2008 3:28 pm

شۇنداق، نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ گىپى قوللايمەن. توغرا ئېيىتتى. ھەممەيلەن نەرسىللىرىنى مەيلى ئۆز تور بىكىتىدە يوللىسۇن ياكى بۇ يەردە يوللىسۇن، ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشىلىرى ئۈچۈن قىلغان ئەمگەك بولغانىكەن مۇشۇ جەمىيەت ئۇيغۇر ئۈچۈن قۇرۇلغان بولغاچقا « ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلمىي جەمىيىتى چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇپ » دىگەن گەپنى قۇشۇپ قويسا يامان كىتەرمۇ؟
ھەيرانمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار