ئۇيغۇرچە WindowsXPSP2
ئۇيغۇرچە WindowsXPSP2
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
بىلىك كۇلۇبى بىلەن ئىنتىل سەيناسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى» ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان ئۇيغۇرچە WindowsXPSP2 جاپالىق تىرىشچانلىقلاردىن كېيىن ئاساسەن پۈتۈپ UKIJ دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ئالدىن سىنىشىغا تاپشۇرۇلدى.
سىناپ پىكىر بېرىش مۇددىتى 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە بولىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە تەكلىپلەرگە ئاساسەن تۈزۈتۈلۈپ، كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھالىشىغا ۋە تەكلىپ بېرىشىگە سۇنىلىدۇ.
سىستېمىىنىڭ ئەسلى پاكىزلىقى ساقلاپ قېلىندى، ھىچقانداق ئېلان تۇسىنى ئالىدىغان ئېلمىنىتلار قۇشۇلمىدى. سىستېما خەت نۇسخىسى UKIJ tuz tom قىلىپ بېكىتىلدى.
چۈشۈرۈپ سىناش مەنزىلى : [url]http://down.bilik.cn/index.php?act=view&id=186[/url]
ھازىرچە Ghost ھۆججىتى تەمىنلەندى. ئورتاق تىرىشچانلىقلار بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەلەشتۈرەلىسەك، UKIJ نامىدىن MUI ھۆججىتىنى Microsoft قا ئەۋەتىپ، تارقىتىشنى قولغا كەلتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولغۇسى. بىز بۇنى UKIJ نىڭ بىر تەتقىقات تۈرى سۈپىتىدە تارقىتىمىز، شۇڭا دائىمىي ئەزالارنىڭ مۇستەھكەم مەيداندا تۇرۇپ، تەشۋىقات ۋە باشقا جەھەتلەردە ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
10 نەپەردىن ئارتۇق تەتقىقاتچى، ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ 4 ئايلىق جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ سىستېما ئوخشاش مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقىلىپ، كود بىرلىكى ، يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، يېشىل يۇمشاق دېتاللارنى تۈزەش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغۇسى..................
شۇ مۇنەسىۋەت بىلەن بۇ خىزمەتكە قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

GHO ھۆججەتنى چۈشۈرۈشنى بوشلۇق قوللىماپتۇ. شۇڭا [url]http://vip.bilik.cn/uyghurwinxpsp2.rar[/url] قىلىپ ئۆزگەرتىپ قويدۇم.
ئەمەلىيەتتە چۈشىدىغىنى GHO ھۆججىتى. چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن uyghurwinxpsp2.rar نىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى GHO غا ئۆزگەرتىپلا يەنى
uyghurwinxpsp2.GHO قىلىپلا Ghost8.3 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى نەشرىدە يايسىڭىز بولىدۇ.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
جاپالىق ئەمگىكىڭلارغا بارىكاللا، ھارمىغايسىلەر ئەزىمەتلەر. مەن سىناي دېسەم كومپيۇتېرىمنى فورماتلىمىسام بولمىغۇدەك، باشقا مەۋھۇم ماشىنا مۇھىتى ياساپ سىناشقا مۇمكىنمىكىن(يەنى GOST ھۆججىتىنى مەۋھۇم كومپيۇتېرغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولامدۇ).
بىر تەكلىپىم بار:
سىلەر بۇنى MUI ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇپسىلەر، بۇ ناھايىتى كاتتا ئىش بولۇپتۇ. ئۇيغۇرچە MUI قىسمىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ WindowsXP مۇھىتىغا ئورنىتىش ئىمكانىيىتى يوقمۇ؟ شۇنداق ئورنىتىش پروگراممىسىنى ياساش مۇمكىنمۇ؟ بولسا مۇشۇنداق ئورنىتىش پروگراممىسىدىن بىرنى ياساپ ئازراق باھا قوشۇپ ساتقان بولساڭلار، بەك ياخشى بولاتتى. ماڭا ئوخشاشلار قايتا قاچىلاشقا باش قاتۇرمايلا، بار مۇھىتىغا ئورنىتىپلا ئىشلىتەلەيتتى.
غەيرەت توختى كەنجى

غەيرەت كەنجى
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار