ئىملا ئامبىرى، كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرئېدىت يېڭىلاندى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

ئىملا ئامبىرى، كەنجى كوررېكتور ۋە ئۇيغۇرئېدىت يېڭى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » شەنبە ئاۋغۇست 30, 2008 11:03 pm

ئىملا ئامبىرىنىڭ 1.6 نۇسخىسى قوشۇلدى. ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 758382 يەتتى.ئىملا ئامبىرى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن تۈپ سۆزلەر ئۈچۈن«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997-يىل)» دىكى سۆزلەر ئاساس قىلىندى. ھەم بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان كىشى ئىسىملىرى قوشۇلدى.
ئاپتوماتىك توغرىلاش ئامبىرىدىكى سۆزلۈك سانى 429305 يەتتى. بۇ قېتىم بۇنداق كۆپىيىشتىكى سەۋەب، ئىملادا خاتالىشىش ئېھتىماللىقى بولغان 1200 دەك سۆزلەر(جاۋاب، كىتاب، تىلىۋىزور، ھەركەت...)نى رەتلەپ چىقىپ كومپيۇتېردا توغرىسى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھاسىل قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغانلىقتىندۇر.
كەنجى كوررېكتورنىڭ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى ياخشىلاندى.
ئۇيغۇرئېدىتتىكى بىر قىسىم خاتالىقلار تۈزىتىلدى، يەنە ئۆلچەمسىز كودلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېكىستلەرنى چاپلىغاندا ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى ئايرىم تىزىملىك قىلىپ قوشۇلدى. نەشرى 3.0 گە كۆتۈرۈلدى.
كېيىنكى پىلانلار: ئاپتوماتىك قۇر قاتلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، سىلاۋىيان يېزىقى، ئورتاق تۈرك تىلى ئېلىپبەسى قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشۇش.

كەنجى كوررېكتورنى سېتىۋالغۇچىلار مەن بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ. باھا بۇرۇنقىدەك.

كەنجى كوررېكتوردىكى سۆزلۈكلەر ھازىر كەنجى كوررېكتوردىلا ئىشلىتىلىپ كەلدى. ھەم شىفىرلىنىپ كۆرگىلى بولمايدىغان قىلىنغان ئىدى. باشقا سىستېمىلاردىمۇ مەزكۇر سۆزلۈكنى ئىشلىتىشنى ئويلاۋاتقان بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ. ھەقلىق تەمىنلەپ بېرىمەن.

چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://kenjisoft.homelinux.com/[/url]


غەيرەت كەنجى

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » يەكشەنبە ئاۋغۇست 31, 2008 7:40 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غەيرەت ئەپەندى،

مۇشۇ ئۇيغۇر ئىدىتنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ساپ ئۇيغۇرچە(ئەرەب ھەرىپىچە) يىزىقتا قىلىشقا بىر ئامال قىلىنسا ياخشى بولاتتى.
مۇشۇ توغۇرلۇق بىر ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىزكەن.

Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » يەكشەنبە ئاۋغۇست 31, 2008 3:33 pm

ئۇيغۇر ئېدىتنىڭ 3.0 نەشرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!:handshake

غەيرەت ئەپەندىنىڭ ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ ئىملا ئامبىرىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئىقتىدارلارنى داۋاملىق قوشۇپ، ئۇيغۇر ئېدىتنى يېڭىلاپ تۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار