باش بەت ئىشلەش ۋە دائىمىي ئەزالار ئارخىۋى توغرىسىدا

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » سەيشەنبە ئاپرىل 24, 2007 5:27 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Obraz[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-24 10:56 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=161&ptid=8][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇنى ھەر بىر تۈرگە ماس كىلىدىغان ئايرىم رەسىم ئىشلىسە بولىدۇ . بۇبەلىكىم ۋاقىتلىق بۇلىشى مۇمكىن . [/quote]

شۇنداق، بۇ ۋاقىتلىق. ئەگەر ھەر بىر سەھىپىگە ماس كېلىدىغان رەسىم ئالساق، ئاپتۇماتىك ھالدا سەھىپىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان رەسىمگە ئۆزگىرىدۇ.



Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » چارشەنبە ئاپرىل 25, 2007 9:33 am

مەن ئالدىنقى كۈنىدىن باشلاپ [url]http://218.84.209.3/cms/[/url] نى بوشلۇققا قۇيۇپ سىناپ بېقىۋاتىمەن . قارىسام بۇ بەتنىڭ ئىقتىدار ۋە باشقا تەرەپلەردە ھەقىقەتەن بوپقالىدىكەن ، يەنە بىرسى مۇشۇ مۇنبەر بىلەن سانىدانىنى بىرلەشتۈرگىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ . بۇمۇ php پۈتۈن بەت سېستىمىسىكەن .
مەن خىېلى كۆپ سىناق قىلىپ باقتىم ، ukij تور بىكىتىگە مۇشۇ بىكەت سېستىمىسى ھەقىقەتەن ماس كىلىدىغاندەك ، ھەقىقەتەن ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم :) كۆپچىلىك ئويلىنىپ باقسا ناۋادا يارىسا مۇشۇ بوشلۇقتىلا نەچچەيلەن بىرلىشىپ مۇھىم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى ئارقا باشقۇرۇشتىنلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تاماملىۋەتسەكمۇ بولغىدەك .
------------------------
جەمىيەت نىزامنامىسى ، قائىدە- تۈزۈم ۋە ئالاھىدە تەۋىسىيە يازما ۋە دېتاللارنى مۇشۇنداق بەت ئارقىلىق مۇنتىزىم بىكەت سېستىمىسى قوللىنىلسا قانداق بولار ..؟
------------------------
يەنە بىرسى [url]http://www.ukij.org/diy[/url] بۇ بەتنى بولماپتۇ دىگىنىم ئەمەس ، ماڭا بۇ بەت ياراپ قالدى
بۇ [url]http://www.phpcms.cn/[/url] نىڭ ھەقسىز utf-8 نۇسخىسى ، مەن ئالاھىدە تەڭشەش ئېلىپ بارمايلا بوشلۇققا قۇيۇپ كۈرۈپ بېقىۋاتقان . :$

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » چارشەنبە ئاپرىل 25, 2007 5:36 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Obraz[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-25 15:33 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=181&ptid=8][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
جەمىيەت نىزامنامىسى ، قائىدە- تۈزۈم ۋە ئالاھىدە تەۋىسىيە يازما ۋە دېتاللارنى مۇشۇنداق بەت ئارقىلىق مۇنتىزىم بىكەت سېستىمىسى قوللىنىلسا قانداق بولار ..؟
------------------------
يەنە بىرسى [url]http://www.ukij.org/diy[/url] بۇ بەتنى بولماپتۇ دىگىنىم ئەمەس ، ماڭا بۇ بەت ياراپ قالدى
... [/quote]
PHPCMS بولسا بىز (بىلىك تور بېكىتى) ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ، ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقان بېكەت سېستىمىسى ئىدى. UKIJ نىڭ باش بېتىگە مۇكەممەلرەك، مەزمۇن ئۆزگەرتىش قولاي بىر بېكەت سېستىمىسى قويۇشنىڭ شۇنداقلا مۇنبەر بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىگىنى كۆپچىلىككە ھىس قىلدۇرۇش يۈزىسىدىن DIY نى ئىشلەپ قويغان ئىدۇق. مەن Obraz ئەپەندىنىڭ PHPCMS نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باش بەت ئۈچۈن ئىشلىتىش پىكرىگە قوشۇلىمەن.
چۈنكى پروگرامما جەھەتتە UKIJ كۈچلۈك تېخنىكىلىق ئاساسقا ئىگە بولغاچقا ئەڭ مۇكەممەل پروگراممىلار ئىشلىتىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » پەيشەنبە ئاپرىل 26, 2007 3:36 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Obraz[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-25 15:33 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=181&ptid=8][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
كۆپچىلىك ئويلىنىپ باقسا ناۋادا يارىسا مۇشۇ بوشلۇقتىلا نەچچەيلەن بىرلىشىپ مۇھىم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى ئارقا باشقۇرۇشتىنلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تاماملىۋەتسەكمۇ بولغىدەك .
------------------------
جەمىيەت نىزامنامىسى ، قائىدە- تۈزۈم ۋە ئالاھىدە تەۋىسىيە يازما ۋە دېتاللارنى مۇشۇنداق بەت ئارقىلىق مۇنتىزىم بىكەت سېستىمىسى قوللىنىلسا قانداق بولار ..؟
------------------------
يەنە بىرسى [url]http://www.ukij.org/diy[/url] بۇ بەتنى بولماپتۇ دىگىنىم ئەمەس ، ماڭا بۇ بەت ياراپ قالدى
بۇ [url]http://www.phpcms.cn/[/url] نىڭ ھەقسىز utf-8 نۇسخىسى ، مەن ئالاھىدە تەڭشەش ئېلىپ بارمايلا بوشلۇققا قۇيۇپ كۈرۈپ بېقىۋاتقان . [/quote]

مەن ئىلگىرى php سېستىمىلىرىنى بەك كۆپ تەرجىمە قىلىپ باقمىغان . ئەگەردە ئوبراز ئەپەندى تەييارلاپ تەرجىمە قىلىدىغان يېرىگىلا ئەكەلگەن بولسا ، تەرجىمە قىلىشىپ بېرىشكە مەن ياردەملىشەي ؛ QQ دا ياكى بولمىسا MSNدا بۇ سېستىمىنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرىڭ ؛؛

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » شەنبە ئاپرىل 28, 2007 2:25 am

بۇ بەتنىڭ بارلىق ھۆججىتى يۇقىرقى مەنزىلدىكى ئورۇنغا قۇيۇلغان ، MySQL سانىدان ئىشلەتكەچكە مۇشۇ ئورۇنغا تەڭشەپ قويغان ، ئۆزۈمنىڭ كومپىيوتىرىدا نورىمال ئىجرا بولماي قويغان بۇ كاساپەت . بارلىق مەزمۇنلارنى ئارقا باشقۇرۇشتىنلا تەرجىمە قىلىشقا بولىدىكەن . ناۋادا تورداشلارمۇ ھەمكارلاشسا باشقۇرغۇچى نامىنى قالدۇرۇپ قويسام سىناپ كۈرۈپ باقسىمۇ بولىدۇ . يەنە بىرسى ھەممە قانال html ھاسىل قىلالايدىكەن ، نەچچە كۈن بولدى سەل ئالدىراش توختاپ قالدىم .
ھازىرچە ئالغا ئەپەندىمگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى قالدۇرۇپ قويدۇم . سىناپ باقىدىغانلار كۈرۈپ باقساق دىسە مۇشۇ يەرگە قالدۇرۇپ قۇياي .

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە ماي 03, 2007 6:25 am

مەنچىمۇ ئوبراز ئەپەندىم يوللىغان پىروگىرامما بۇلىدىكەن. ئەمما ، بەزى يەنە باشقا تۈر ياكى مەزمۇنلارمۇ باش بەتتە كۈرۈنۈپ تۇرۇشى زۈرۈر. مەسىلەن: تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىنكى ئابۇنىت ئۇچۇرى، چۈشۈرۈش تىكى بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللار( ئاپتۇماتىك ھالدا) دىگەندەك. شۇنداقتىمۇ بەزى جايلىرىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزگىلى سالىدىغاندەك قىلىدۇ. ھازىر قاتتىق دىتاللارنىڭ سەپلىمىسى يۇقىرلىشىقا يۈزلەندى. 800*600 كۈرۈنۈش چوڭلىقىنى كۆپ ئادەم ئىشلەتمەيدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئادەملەر 1024***768 ئىكران چوڭلىقنى ئىشىلتىدۇ. شۇڭا مۈمكىن بولسا سىستىمىنى شۇ چوڭلۇق تەڭشىسەك.
تاللىغاندىمۇ تەپسىلىيراق ، ئۇلىشىپ تاللىساق. يەنە بىر نەچچە يىلغا قالماي سىستىمىنى ئۆزگەرتىمىز دىسەك سەت تۇرىدۇ. ئىقتىدارى ياخشى بولغان سىستىمىنى ئىشلەتمىسەك خەق « كومپىيۇتىرچىلار توپلانغان تور بىكەتمۇ مۇشۇنداق ئاددى ، ئادەتتىكى بۇلامدۇ؟ » دەپ زاڭلىق قىلغىلى تۇرمىسۇن.
[url]http://www.ukij.org/diy[/url] بۇلىدىكەن. شۇنداقتىمۇ گۈزەللەشتۈرۈش ۋە ئىقتىدارىنى كۈپەيتىش جەھەتتە ئويلىشىشقا مۈمكىن بولسا مۇشۇنى ئىشىلتىلى.
5-ئايغا بەش بۇلاي دىدى.. ئۇخلاپ قالمىغايسىلەر. ھايىت دەۋەتسەڭلار تەشۋىقاتنى باشلايمىز! :)

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » سەيشەنبە ماي 08, 2007 12:45 am

يېڭى باش بەت ۋە يېڭى مۇنبەر 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېچىۋېتىلىدۇ. قولىدا ئىش بارلار ئۇنىڭغىچە پۈتتۈرىۋەتسەڭلار...........

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » سەيشەنبە ماي 22, 2007 3:03 am

[url]http://www.ukij.org/diy[/url] نى ئىشلىتىۋىرەيلى .
مەن يۇقىردىكى php بەتنى قىزىقىپ تەڭشەپ تەييار قىلسام ، بۇنى قويغام مۇلازىمىتىر ماشىنىنى ھەمىشە ئىتىپ قۇيۇپ ئىچىمنى سىقىۋەتتى ، ئۆز كومپىيوتىرىمدا بولمىغاندىكىن .... ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ قۇيىدىكەن .
----------
راسىت بۈگۈن 5 - ئايغا 22 بوپ قالدى . قارىسام كۈندىن كۈنگە جىمىپلا كىتىۋاتىدۇ . باش بەت ۋە مۇنبەرنى ئېچىۋەتسەك بولارمۇ ؟ بىزمۇ تەشۋىقاتنى باشلىۋەتسەك .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار