[ تىلكوم ] ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرىپلەرنى لاتىن ...

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ، ئىجتىمائىيەت، يىل يېزىق ۋە خەيرى ساخاۋەتكە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل چاقىرىق ۋە مۇراجەتلىرى تاللاپ قويۇلىدۇ.
Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

[ تىلكوم ] ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرىپلەرنى لاتىن ...

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » شەنبە مارت 07, 2009 2:28 pm

[size=3][url=http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088]تىل-يېزىق كومىتىتى تور بىتى ئۇچۇرى:[/url]

[size=6][color=blue][align=center]ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرىپلەرنى لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى[/align][/color][/size]
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/0.jpg[/img]
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/1.jpg[/img]

[color=navy]بۇ لايىھىنىڭ مەزمۇنى
1. كىرىش

2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى

3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار

4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى

5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى

6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى ([url=http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/Downloads/UyghurAndLatinConverter.zip]چۈشۈرۈش[/url] ، بۇ پروگراممىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزدا [url=http://download.microsoft.com/download/6/0/f/60fc5854-3cb8-4892-b6db-bd4f42510f28/dotnetfx35.exe]Microsoft .NET Framework 3.5[/url]بولىشى كېرەك)[/color]


1. كىرىش

ئۇيغۇرلار قاراخانىيلار دەۋرىدىن باشلاپ (ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن سىرت) ئەرەب يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن تارتىپ، تاكى 1965-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، بۇ يېزىقنى پەيدىنپەي ئىسلاھ قىلىپ، ئىزچىل قوللىنىپ كەلگەن. 1965-يىلى 1-ئايغا كەلگەندە، بۇ يېزىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى 1982-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە 17 يىل رەسمىي قوللانغان. 1984-يىلىدىن باشلاپ ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ، ئۇنى بۈگۈنگە قەدەر قوللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.



2. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى

يېزىق مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى. شۇنداقلا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار تارىختا يېزىق قوللىنىشتا نۇرغۇن ئەگرى-توقاي تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى بېشىدىن كەچۈردى. تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار يېزىق قوللانغان ئۇزۇن ۋاقىت جەريانىدا خىلمۇخىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىملاپ يېزىق ئۆزگەرتكەن. بۇ ئۆزگەرتىشلەر كۆپ ھاللاردا شۇ يېزىقلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش، ئەلالاشتۇرۇش ئۈستىدىكى ئادەتتىكى ئىسلاھات بولماستىن، بەلكى ئەسلىدىكى يېزىقنى تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بىر يېزىقنى دەسسىتىش بىلەن تاماملانغان ئىسلاھات بولغان.

بىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتكە قەدەم قويغان ۋاقىتتىن باشلاپلا ئۆز تىل-يېزىقىنى ئۆز دەۋرىگە لايىقلاشتۇرۇپ كۈندىلىك تۇرمۇش، ئشلەپچىقىرىش، پەن-مائارىپ ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا مۇناسىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلىنىش تارىخى ئۇزۇن، يېزىق قوللىنىش جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرى زور بولسىمۇ، تارىختىكى كۆپ قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئۈزۈكچىلىك، كېيىنكىسىنىڭ ئالدىنقىسىنى ئىنكار قىلىشى قاتارلىق ئامىللار شۇنچە پارلاق يېزىق مەدەنىيىتىگە ئىگە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەن-مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە زور دەرىجىدە توسالغۇ بولغان. يېقىنقى 70-80 يىل مابەينىدە، بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي ئاڭ ۋە زامانىۋىي پەن-تېخنىكىغا بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، يېزىقنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇشقا باشلىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالى ۋە ئىنتېرنېت تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى، ئىشخانا خىزمەتلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇملىشىشى دۇنيا مىقياسىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن دەۋر تەرەققىياتىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەر يېزىقىغا بولغان تەلىپىمۇ كۈنسايىن كۈچىيىپ باردى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە شارائىتى پىشىپ يېتىلگەن مىللەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېر تېخنىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزىقنىڭ ئۇچۇر دەۋرىدىكى ئۆزگىچە ئۈنۈمىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە ئۇنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزۈپ خىزمەت قىلىش ئىشى گەرچە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىلا باشلىنىپ، كۆپلىگەن نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ساھەدىكى نەتىجىلەر ئاساسەن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يۇمشاق ماتېرىياللاردا ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىلمىغاچقا، يەنى ئۆلچەملىك ھەرپ نۇسخىلىرى، خەت شەكىللىرى ۋە كودى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىدا بىرتۇتاش قوللىنىلمىغاچقا، بۇ يۇمشاق ماتېرىياللار بىر-بىرىنى قوللىماي كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ھەر ساھە خىزمەتلىرىمىزدىكى رولىنى بەلگىلىك چەكلەپ كەلگەنىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇچۇرلارنى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرى ۋە بازار ئىگىلىكىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تارقىتىش ئۈچۈن ھازىر بەزى شەخسلەر، شىركەتلەر ۋە ئايرىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلات ناملىرى، ماركا ناملىرى، تور بېكەت ئىسىملىرى، تور ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇر يېزىقىغا قوشۇمچە قىلىپ، قېلىپلاشمىغان لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەپ يەتكۈزىۋاتىدۇ (مەسىلەن: Qinnuri, HANATLAS, [url=http://www.xabnam.com]www.xabnam.com[/url], ALDOS, IHLAS... دېگەندەك). نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشنىڭ بىرنەچچە خىل لايىھىسى قىسمەن ساھەلەردە قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لايىھىنىڭ تىل-يېزىق خىزمىتى ئورگانلىرى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن يەرلىك ياكى دۆلەتلىك ئۆلچىمى، خەت شەكلى، ھەرپ نۇسخىلىرى، ئىملا قائىدىسى بولمىغاچقا، يېزىلىشى ھەر خىل، ھەرپ شەكىللىرىمۇ قالايمىقان بولماقتا.

شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2000- 2001- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرقانچە قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئارقىلىق بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇم ئورتاق خۇلاسىمۇ چىقارغانىدى. ئەمما تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى. شۇنداق بولسىمۇ، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلار بىرقانچە يۈرۈش ئاتالمىش ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» نى (بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس) تەشۋىق قىلماقتا ۋە زۆرۈر بولغان ئايرىم ساھەلەردە قوللانماقتا. مانا بۇ ئەھۋاللار بىزدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەيدىغان يۇقىرىقىدەك ئۇسۇللارنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى جىددىي تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل زۆرۈرىيەت تۈرتكىسىدە، كومىتېتىمىز جەمئىيەت تەكشۈرۈش ۋە ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە ئورگانلارغا بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇشتۇردى. دۆلەتلىك تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. نەتىجىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىش خىزمىتى دۆلەتلىك تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە كومىتېتىمىزنىڭ خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى (بۇ تېمىنىڭ تەستىق نومۇرى: MZ115—68). نۆۋەتتە كومىتېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملار ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە دەلىللەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنى تۈزۈپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئونى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.



3. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، شەكلى ۋە سانى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەشتىكى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق ئاساسلار

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىپ بىرقەدەر ئادەتلەنگەن، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ تۆۋەندىكى لايىھىمىزنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ نامى، سانى ۋە ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن ئوخشاش. بۇ لايىھىدە ھەرپلەرنىڭ پەقەتلا باسما نۇسخىسىنىڭ چوڭ، كىچىك شەكىللىرى قوبۇل قىلىندى. بۇ لايىھە ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلمىيلىك پرىنسىپىگە ئاساسەن كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئىنگلىزچە 25 (جەمئىي 26 ھەرپ بار) ھەرپ ۋە كېڭەيتىلگەن رايوندىكى قىسمەن لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدا، ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بولۇش تەلىپى بويىچە بېكىتىلدى.




[align=center]بۇ لايىھىنىڭ ئېلىپبە جەدۋېلى
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/LatinAlphabet.JPG[/img]
[/align]
ئىلمىيلىك جەھەتتە:

بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

تېخنىكىلىق جەھەتتە:

1) بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 32 ھەرپنىڭ 29 ى كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇبكا تاختىسىدىكى 25 لاتىن ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ، قالغان ئۈچ ھەرپ (ئۆ، ئۈ، ئې، يەنى Ëë, Üü, Öö) لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن تاللاندى.

2) بۇ لايىھىدىكى «ئا، ئە، ب، پ، ت، ج، چ، خ، د، ر، ز، س، ش، غ، ف، ق، ك، گ، ڭ، ل، م، ن، ھ، ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ، ۋ، ئې، ئى، ي» قاتارلىق 31 تاۋۇشنى

«Aa, Ee,Bb, Pp, Tt, Jj, CH ch, Xx,Dd, Rr, Zz, Ss, SHsh, GHgh‏, Ff, Qq, Kk, Gg, NGng, Ll, Mm, Nn, Hh, Oo, Uu, Öö,Üü, Ww, Ëë, Ii, Yy»

قاتارلىق لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىش خەلقئارادىكى كۆپ تىللاردا بىرقەدەر قېلىپلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولغاچقا، بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلار ئىپادە قىلىندى. بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدىغان باشقا تىللارنى ئۆگىنىشىمىزگە، باشقىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشىگە مەلۇم جەھەتتىن ياردىمى بولىدۇ.

3) «چ» بىلەن «غ» تاۋۇشى ئۇيغۇر تىلىدا نىسبەتەن كۆپ قوللىنىدىغان تاۋۇش بولسىمۇ، «چ» تاۋۇشى ئۈچۈن «CH,ch» قوشما ھەرپى، «غ» تاۋۇشى ئۈچۈن «GH,gh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەر ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىگەندە، «چ» ۋە ‏«غ‏» تاۋۇشلرىنى «CH,ch» ۋە ‏«GH,gh‏» قوشما ھەرپى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارادىمۇ يۇقىرىقى بەلگە بىلەن‏ بۇ ئىككى تاۋۇشنى ئىپادە قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بىز ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلغان ۋە خەلقئارا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا مۇشۇ قوشما ھەرپلەرنى تاللىدۇق.

4) بۇ لايىھىدە ‏«ژ‏» ئۈزۈك تاۋۇش ھەرپى ئۈچۈن ‏«ZH,zh‏» قوشما ھەرپى ياسالدى. چۈنكى ‏«ژ‏» ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىنتايىن ئاز ئىشلىتىلىدىغان ھەرپ بولغاچقا، ئۇنىڭغا قوشما ھەرپ ياسالسا، ئىملا ۋە تەلەپپۇزدا باشقا ھەرپلەر بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.

5) ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ‏«ئۆ، ئۈ، ئې‏» ھەرپلىرى ئۈچۈن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىن ‏«Ëë, Üü, Öö» ھەرپلىرىنى تاللىدۇق. چۈنكى خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيىدە ۋە باشقا بەزى يېزىقلاردا بۇ ھەرپلەر بىلەن يۇقىرىقى تاۋۇشلارنى ئىپادىلەش ئادەت بولغان.

بۇ لايىھىدىن ئۆرنەك

Yëqinda, bir zhurnaldin ëlimizning melum bir ölkiside yüz bergen ajayip tesirlik bir hëkayini oqup, ümidning adem üchün hemmidin muhim orunda turidighanliqini hës qilghandek boldum .

Aldinqi esirning 70-yillirida ëlimizning melum ölkisidiki chet, taghliq bir bazarda bir dëhqan ghelite bir xil këselge giriptar bolup qaptu. Dëhqanning kësilige nahiye we bazardiki doxturlar hëch amal qilalmaptu. CHünki, ular ezeldin bundaq këselni uchritip baqmighaniken, shuning bilen dëhqan ölkilik dohturxanigha bëriptu. Doxturlar uning kësilini tekshürüp körgendin këyin intayin heyran qaptu. CHünki, uning kësili az uchraydighan kësellik iken. Uni chet’eldin import qilin’ghan bir xil dora bilenla dawalighili bolidiken, lëkin tüp yiltizidin yoqatqili bolmaydiken, uning üstige bu xil këselge giriptar bolghan kishi köp bolghanda aran bir yërim yilla yashiyalaydiken. Tëximu epsuslinarliq yëri, bu dëhqan ölkilik dohturhanigha ketkende, uning yurtida yene alte adem bu xil këselge giriptar bolghan iken. Ularning hemmisi ghurbetchilikte kün ötküzidiken, hetta ölke merkizige bërishqa këtidighan yol kirasighimu chiqinalmaydiken.



4. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىنىڭ ئىملاسىنى ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بويىچە قوللىنىشقا ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. مۇشۇ زۆرۈرىيەتتىن بۇ لايىھىنىڭمۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈپ چىقىلدى.

بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ئوخشاش. ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى، يېزىلىش يۆنىلىشى بىلەن لاتىن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرى ۋە يېزىلىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى بۇ لايىھە بىلەن ئىپادە قىلىشقا توغرا كەلگەندە (ياكى ئەكسىچە بولغاندا)، بەزىبىر ئىملا مەسىلىلىرىگە يولۇقۇشىمىز تەبىئىي. يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ قىسقىچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈلۈپ، پەرقلىق نۇقتىلار كۆرسىتىلدى.

بۇ لايىھىنىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلىنىدىغان نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:



1) سۆز تەركىبىدە ئالدىنقى بوغۇم ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاياغلىشىپ، كېيىنكى بوغۇم سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان بولسا، بۇنداق بوغۇملارنى ئالدىنقى بوغۇمدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى«’» قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

tash'eynek, tel'et, qel'e, sen'et, ün'alghu, kir'alghu, yen'en, chang'en...

2) سۆز تەركىبىدە ئىككى بوغۇمغا تەۋە «n» بىلەن «g» ۋە «n» بىلەن «gh» ھەرپلىرى قاتار كېلىپ قالغاندا، بۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن ئالدىنقى بوغۇمدىكى «n» تاۋۇشىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىغا بوغۇم ئايرىش بەلگىسى «’» قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

ten'ge, kün'ge, ögen'gen, qilin'ghan, qamchilan'ghan

3) جۈملىنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

(1)Misir tarixida ular‏» sikoslar‏ «dep atilidu ....................................

Ariyanlarning bundaq zor türkümde köchüshini zadi nëme keltürüp chiqardi?

(2) Jem'iyette xilmuxil kesp mewjut, muhimi kespni toghra tallash.

4) كىشى ئىسىملىرى، يەر-جاي ناملىرى، ھەر خىل ماركا، مەھسۇلات ناملىرى، لوزۇنكا، ماۋزۇ، ئىدارە-ئورگان، تەشكىلات ناملىرى قاتارلىقلارنى بۇ لايىھە بىلەن يېزىشقا توغرا كەلسە، بۇ سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ ياكى ھەممە ھەرپلىرىنى چوڭ ھەرپ بىلەن يازسىمۇ بولىدۇ.

باش ھەرپى چوڭ يېزىلغانلىرى:

Yüsüp Xas Hajip, SHinjang Uyghur Aptonom Rayoni, Birleshken Döletler Teshkilati, Mehmud Kashigheri Tughulghanliqining Ming Yilliqini Tebriklesh Yighini, SHinjang Xelq Neshriyati

ھەممە ھەرپلىرى چوڭ يېزىلغانلىرى:

YÜSÜP XAS HAJIP, SHINJANG UYGHUR APTONOM RAYONI, BIRLESHKEN DÖLETLER TESHKILATI, MEHMUD KASHIGHERI TUGHULGHANLIQINING MING YILLIQINI TEBRIKLESH YIGHINI, SHINJANG XELQ NESHRIYATI...

5) ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر چوڭ ھەرپ بىلەن ئۇلاپ يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

SM---santimëtir, BDT----- Birleshken Döletler Teshkilati

JXI---Jamaet Hewpsizlik Idarisi, SHUAR--- SHinjang Uyghur Aptonom Rayoni

6) بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

Obkom--- Oblastliq Komitët, Partkom---- Partiye Komitëti

7) پاراگراف بەلگىسى ساندىن كېيىن يېزىلىدۇ. پاراگراف بەلگىسىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ.

مەسىلەن:

1§. 2§. 3§. 4§. 5§. 6§. 7§.

8) تىنىش بەلگىلىرىدىن سوئال بەلگىسى «?»، پەش «,»، چېكىتلىك پەش «;» لەر بۇ لايىھىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە قوللىنىلىدۇ.



5. بۇ لايىھىدىكى ھەرپلەرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا جايلىشىشى

بۇ لايىھىدىكى ئىنگلىزچە كۇنۇپكا تاختىسىدا بولمىغان «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ü, Ö Ë,) قاتارلىق ئۈچ ھەرپنىڭ كۇنۇپكىدىكى ئورنى ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

ئىنگلىزچىنىڭ خەلقئارلىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلى (English international key board layout, 美国英语__国际) نى قاچىلاپ، تاللىغاندىن كېيىن «ئۆ، ئۈ، ئې» (Ë,Ü,Ö) ھەرپلىرىنى تۆۋەندىكى بىرىكمە كۇنۇپكىلارنى بېسىش ئارقىلىق چىقىرالايسىز.

Shift+"+U

Shift+"+E

Shift+"+O



6. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تېكىستلەر بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن تېكىستلەرنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇش يۇمشاق ماتېرىيالى

بۇ يۇمشاق ماتېرىيال ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان تېكىستلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادە قىلىشتا ياكى لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى بۇ لايىھە بىلەن يېزىلغان تېكىستلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق ماتېرىيال تېكىستلەرنىڭ مەيلى قايسى خىل ھەرپلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر ئىملانىڭ توغرا، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ جايىدا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان تېكىستنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.


«ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» نى تەكشۈرۈپ بېكىتىش يىغىنىدىن كۆرۈنۈش
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/Latin1.JPG[/img]
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/Latin2.JPG[/img]
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/Latin3.JPG[/img]
[img]http://www.xjyw.gov.cn/FileManagement/Files/pictures/Tetqiqat/Latin4.JPG[/img]

[/size]

مەنبە: [url=http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088]شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تور بېكىتى[/url].



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » شەنبە مارت 07, 2009 2:55 pm

بۇنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەستىقلاپ، بىر ئىزغا چۈشۈرگەنلىكى تولىمۇ ياخشى بوپتۇ. تاس قالدۇق تور بەتلەردە ھەرخىل پىنيىن لايىھىلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتكىلى.:L :L

ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا تىگىشلىك شۇكى، بۇ لايىھىنىڭ 2-تۈرىنىڭ ئاخىرىدىكى:
[quote][u] ...
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى[/u]نى تۈزۈپ چىقىپ كۆپچىلىككە سۇندى. شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بۇ لايىھە پەقەتلا بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئونى زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ.[/quote]
بۇ جۈملىلەر UKIJنىڭ (ۋە كۆپ قىسىملىرىمىز ) بۇرۇن ئاتاپ كىلىۋاتقان ULY ئاتالغۇسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ بىزگە توغرا ئاتاش، قاراش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىپتۇ، ئاپىرىن. :handshake بۇنى UKIJمۇ ئەزەلدىن خۇددى تىل يېزىق كومىتىتىدەك [color=Blue]زۆرۈر تېپىلغان ئايرىم ساھەلەردە بىر خىل ياردەمچى ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىشقىلا بولىدۇ، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ[/color]، دەپ قارايدۇ، ھەم شۇنداق دەپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەن. [url=http://www.ukij.org/teshwiq/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm]تەشۋىق بىتىگە قاراڭ[/url].

بۇ لايىھە ھازىر ئوموملىشىپ قالغان لاتىنچە ئىپادىلەش لايىھىسىگە ئاساسەن ئوخشايدىكەن، پەقەت ئې نىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلىدىكى ئۈستىنكى بەلگىنى باشقا ئۈ، ئۆ ھەرپلىرىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ قائىدىسى بويىچە ئوخشاش قىلىپ ئۈستىگە قوش چىكىت قويۇلغان ئىكەن. مىنىڭچە بۇنى بىز قوبۇل قىلايلى، بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىمىزغا كۆپ ئاۋارچىلىق كەلتۈرمەيدۇ.
مەن UKIJ مۇدىرىيتىنىڭ بۇ تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ قارارى بويىچە بۇ ئاقىل تاللاشقا ھۆرمەت قىلىپ، ئەسلىدىكى بىز تەشۋىق قىلىۋاتقان بەتنى قايتىدىن بىر قاراپ چىقىپ، تىل- يېزىق كومىتىتىنىڭ يۇقارقى تولۇق نۇسخىدىكى يازمىسىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇش تەكلىۋىنى بىرىمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە مارت 08, 2009 5:19 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

بۇ لايىھىنىڭ بۇ تۈرنى مەخسۇس تەتقىقات تېمىسى قىلىپ تەستىقلاپ مەبلەغ ئاجراتقان ئورۇنلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن ياكى ئەمەسلىكى مەلۇم ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، يۇقىرىدىكى (ئەسلى مەنبە: [url]http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088[/url]) مەزمۇنلارنى كۆرگەندىن كېيىن مەندە تۆۋەندىكى قاراشلار پەيدا بولدى:

1. نېمە ئۈچۈن بۇ لايىھە 2008-يىلى 11-يانۋاردا تۈزۈلگەن تۇرۇپ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تورداشلارغا خەۋەر قىلىندى؟

2007-يىل بېشىدىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر يىغىن ئېچىلىپ «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى» (يەنى «ئە» نى «ä» بىلەن، «ئې» نى «e» بىلەن ئىپادىلەش؛ باشقىسى [url]http://www.ukij.org/html/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm[/url] بىلەن ئوخشاش) ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا تورداشلار ۋاقتىدا خەۋەر تېپىپ [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=69[/url] دىكى تەكلىپ پىكىرنى بېرىپ تور دۇنياسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن تىلكومدىكى تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش بولغان.

ئەسلىدە بۇ توغرىلىق قىسقىچە ئۇچۇرلار خەنزۇچە تور بېكەتلەردە ئۆتكەن يىلىلا ئېلان قىلىنغان ئىكەن. [url]http://中华人民共和国教育部.cn/edoas/website18/97/info1216176561077297.htm[/url] گە قاراڭ.
[align=left]
新疆维吾尔自治区

1.完成教育部、国家语委民族语文规范标准建设及信息化课题“现代维吾尔语正字正音研究”“现代哈萨克语正字正音研究”[color=Red]“维吾尔文拉丁化方案”[/color]“汉英维哈柯术语数据库建设”“汉、锡伯语术语数据库建设”及国家自然科学基金项目“锡伯文满文出版技术研究”等6项课题的成果鉴定和结题工作。完成信息技术信息交换用维吾尔文、哈萨克文、柯尔克孜文点阵字型共20项国家标准,信息技术信息交换用锡伯文、满文点阵字型共14项国家标准的制定工作。2008年第一季度出版发行《现代维吾尔语正字正音法和正字正音词典》《现代哈萨克语正字词典》。公布并推行《维吾尔文拉丁化方案》。继续开展《鄂尔浑-叶尼塞文碑铭》研究,积极主动做好“维吾尔、哈萨克语言文字信息资源建设与共享工程”的立项工作。[/align]

نېمە ئۈچۈن بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە شۇنچە ئۇزۇن باستۇرۇلۇپ قويۇلغاندىن كېيىن كېچىكىپ ئېلان قىلىنغىنىنى چۈشىنەلمىدىم...

2. نېمە ئۈچۈن بۇ لايىھىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنىڭ مەنە جەھەتتىن پەرقى بار؟

ئۇيغۇرچىسى: «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى»
خەنزۇچىسى: «维吾尔文拉丁化方案» («ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچىلاشتۇرۇش لايىھىسى» دېگەن مەنىدە)

بۇنى مەن مۇنداق چۈشەندىم: [url]http://www.ukij.org/html/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm[/url] دىكى مەزمۇنلاردا كۆرسىتىلگەن لايىھە يېقىندىن 2-3 يىلدىن بۇيان «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دەپ ئاتىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇ نامدىكى «يېزىق» ئىبارىسى نۇرغۇن كىشىلەردە ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ، ئۇشبۇ لايىھىنى «يېزىق ئىسلاھ قىلىش» دېگەندەك خاتا چۈشىنىۋالىدىغان ياكى خاتا تەشۋىق قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولغاچقا (بۇ ھەقتىكى تالاش-تارتىشلاردىن تىلكومدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ خەۋەردار ئىكەنلىكى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ)، ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىشىلەرگە خاتا سىگنال بېرىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بۇ قېتىم، گەرچە ئۇزۇن بولسىمۇ، «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» دېگەن نام بېرىلگەن. ماھىيەت جەھەتتىن ھەر ئىككى خىل لايىھە ئوخشاش بولغاچقا، لايىھە نامىنى قانداق دەپ ئاتاش ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەس. شۇڭا «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» نام بىلەن ئاتاشنى قوبۇل قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

3. يۇقىرىدىكى يازمىدا تۆۋەندىكى پىكىر باركەن:

[color=Red]«... شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن 2000- 2001- يىللىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىرقانچە قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل-يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، مۇزاكىرە، مۇھاكىمە ئارقىلىق بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەلۇم ئورتاق خۇلاسىمۇ چىقارغانىدى. ئەمما تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى....»[/color]

بۇ بۆلەكتىكى «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق جەھەت» لەردە كۆزدە تۇتۇلغان «ئىلمىي» لىك ۋە «تېخنىكىلىق» قايسىلار؟ «ھازىرغا قەدەر بىرلىككە كەلتۈرۈلمىگەنىدى...» دەپ بۇرۇنقى خىزمەتلەرنى ئىنكار قىلغاندەك پىكىر قىلىش ئارتۇقچىمۇ قانداق؟

4. يۇقىرىدىكى پىكىردىكى تۆۋەندىكى ئورۇنلارغا قاراڭ:
[color=Red]
«... جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر ساھە كىشىلىرى، بولۇپمۇ بىر قىسىم ياشلار بىرقانچە يۈرۈش ئاتالمىش ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» نى (بۇنداق ئاتاش توغرا ئەمەس) تەشۋىق قىلماقتا ۋە زۆرۈر بولغان ئايرىم ساھەلەردە قوللانماقتا ...»[/color]

ئۆزەمنى بۇ بۆلەكتە تىلغا ئېلىنغان «بىر قىسىم ياشلار» نىڭ بىرىگە تەۋە دەپ قاراپ پىكىر قىلىشنى لايىق تاپتىم. بولۇپمۇ، بۇ بۆلەكتىكى «ئاتالمىش» ئىبارىسى مەن ھازىرغىچە ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» (مەيلى قايسى نام بىلەن ئاتايلى ئۇ مۇھىم ئەمەس، مەن ھازىرچە مۇشۇ نامنى ئىشلىتىۋېرەي) نى تەشۋىق قىلىش ۋە تەتقىقاتلارغا قاتنىشىش جەريانىدا ئاڭلىغان ئىككىنچى سېسىق گەپتەك تۇيۇلدى.

بىرىنچى سېسىق گەپنى مەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدىبلىرىدىن بىرى دەپ قارايدىغان (شەخسەن مەنمۇ داۋاملىق شۇنداق قارايمەن) ھەم ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا» ناملىق كىتابىدىن كۆرگەن. ئۇ كىشى كىتابىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يېزىق ئىسلاھات قىلىش دېمەكتۇر...» دېگەندەك خاتا تەشۋىقاتىغا تەكشۈرۈپ باقمايلا ئىشىنىپ كېتىپ قىلغان «...ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ ، ﺷﯘ چاغدىلا بۇنچە ئاۋارە بولمايسىلەر...» دەپ ئەدىبلەرگە ماس كەلمەيدىغان ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنىكەن( بۇنى ئويلىسام، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ [url]http://imzalar.googlepages.com[/url] دىكى تەكلىپكە ئىمزا قويۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەكلىپ مەزمۇنىنى كۆرسىتىپ بىر ھەپتە ئىچىدە 3 قېتىم تېلېفوندا سۆزلەشسەممۇ ھەر قېتىم ئويلىنىپ باقاي دەپ ئىمزا قويۇشتىن باش تارتقىنى ئېسىمگە كېلىپ قالدى).

بۈگۈنكى كۈندە «ئاتالمىش» دەپ ئاتىلىپ قالغان ‏«ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» ۋە «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» دېگەن ئىبارىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن ئەشۇ «ئاتالمىش» لايىھىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەي:

مەن 2000-يىلى ئاخىرىدا (ئۇ ۋاقىتتا مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر كەسپىدە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان) شۇ ۋاقىتقىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچە ئىپادىلەشنىڭ 10 نەچچە خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان لاھىيىسى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ، قالايمىقانچىلىقلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ئەشۇ لايىھىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۆلچەم بېكىتىش توغرىسىدا خىزمەتداشلىرىم بىلەن پىكىرلەشكەنىدىم. بەزى خىزمەتداشلىرىم «ئەشۇ 10 نەچچە خىل لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارنى يىغىش ۋە ئۇلار ئارىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىپ ئۆلچەم بېكىتىش مۇمكىن ئەمەس...» دېگەندەك ئۈمىدسىز پىكىرلەرنى قىلغىنىدا مەن ئۆز پىكىرىمدە چىڭ تۇرۇپ بىرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ھېچبولمىغاندا ئۇرۇنۇپ كۆرۈشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلىگەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئوقۇتقۇچۇم پروفېسسور ھوشۇر ئىسلام ئەپەندىگە ئەشۇ 10 نەچچە خىل لايىھىلەرنى ئانالىز قىلىپ تىلشۇناسلار ۋە كومپيۇتېرشۇناسلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ سۆھبەت يىغىنى چاقىرىش تەكلىپىنى بەرگەن. ھوشۇر مۇئەللىم بۇ پىكىرىمنى قىزغىنلىق بىلەن قوللىغان ۋە مېنى تەكشۈرۈش دوكلاتى شەكلىدە دەسلەپكى لايىھە تۈزۈپ چىقىشقا بۇيرىغان ئىدى. مەن شۇ بويىچە دوكلات تەييارلىغاندىن كېيىن ھوشۇر مۇئەللىم بەزى تەكلىپلەرنى بېرىپ تۈزىتىش كىرگۈزگەن. ئارقىدىن، يىغىنغا تەشكىللەش ئىشلىرىنى ئويۇشتۇرغاندا، ئۇ دوكلات بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان كىشىلەرگە ([url]http://www.ukij.org/html/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm[/url] گە قاراڭ) بىر نەچچە كۈن بۇرۇن پايدىلىق ماتېرىيال سۈپىتىدە ئالدىن تارقىتىپ بېرىلگەن. ئۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنىنى 9 يىل بۇرۇنقى پېتىچە [url]http://www.ukij.org/eza/oyghan/FINAL_LATIN_SCRIPT_UYGHUR.pdf[/url] ۋە [url]http://www.ukij.org/eza/oyghan/FINAL_LATIN_SCRIPT_UYGHUR.doc[/url] غا چىقىرىپ قويدۇم (دىققەت: ئۇ دوكلاتتا ئۆز ۋاقتىدا 863 تەتقىقات ئىشخانىسى ئىشلەتكەن ئۆلچەمسىز فونت [url=http://www.ukij.org/eza/oyghan/Uyghnst.ttf]Uyghur Naskh Tom[/url] ئىشلىتىلگەن). ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنغا ئۇ دوكلاتقا قوشۇمچە قىلىپ يەنە [url=http://www.ukij.org/html/UKG2000-4-16.JPG]http://www.ukij.org/html/UKG2000-4-16.JPG[/url] دىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ھەربىر ھەرپنىڭ تاللىنىشىدىكى سەۋەبلەر چۈشەندۈرۈلگەن باشقا لايىھىلەرمۇ پايدىلىنىش ئۈچۈن قوشۇمچە تارقىتىلغان، ئەمما ئۇ ماتېرىياللارنى تاپالمىدىم. يىغىنغا قاتناشقانلار ساقلاپ قويغان بولسا تورغا چىقىرىپ قويسا بولىدۇ. 2000-يىلى 1-دېكابىردىكى يىغىندا تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىھى ئەپەندىم «بىرلىك ھاسىل قىلىش تەكلىپىنىڭ ئىتايىن ئورۇنلۇق بولغانلىقى، ئەمما پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە تارقىتىلغان دوكلاتتىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇنى تەييارلىغان كىشىنىڭ پۇتىنى چېقىۋەتكۈسى كەلگەنلىكى ...» نى يىغىندا ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتىپ چاقچاق ئارىلاش مېنى تەنقىدلەپ يىغىن ئەھلىنى كۈلدۈرۈۋەتكەن ئىدى (دەرۋەقە، يۇقىرىدىكى دوكلاتنى ئوقۇپ چىقسىڭىز ئىملا خاتالىقىنى ھەقىقەتەنمۇ كۆپ سادىر قىلغىنىمنى كۆرۈۋالالايسىز. شۇ ۋەجىدىن كۆپچىلىكتىن قايتا ئەپۇ سورايمەن). يۇقىرىدىكىلەرگە گۇمان بىلەن قارىغۇچىلار ھوشۇر مۇئەللىم، پروفېسسور تۈگۈن ئىبراھىم ۋە شۇ ۋاقىتتىكى يىغىنغا قاتناشقانلاردىن سوراپ باقسا بولىدۇ.

لايىھە توغرىسىدا 2000-2001 يىلى ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشلار بولغان (ئەردەم، ئابدۇرېھىم، نىياز، «بوران»، ئالىمجان، ئالىجان، «پالۋان»، «قىززىقچى»، تۇرسۇن، دىلمۇرات، ئابدۈشكۈر، «تىلشۇناس»، «ئادىل»، مۇختار... قاتارلىق تورداشلار بۇ ھەقتە ئىنتايىن قىممەتلىك پىكىر قىلغان). ئارخىپ ئۈچۈن [url]http://www.voy.com/37018[/url] غا قاراڭ. بۇ ھەقتە باشقا تور بېكەتلەردە بولۇنغان «ئىلمىي پىكىرلەر» مۇ ئاز ئەمەس. بەزىلەر ھەتتا ھوشۇر مۇئەللىم بىلەن مېنى «پىلتىگە ئوت ياققانلار» دەپ قاراپ «يېزىقىمىزنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنغان ئۇنسۇرلار...» ۋە باشقا ئېغىزغا ئالغۇسىز سۆزلەر بىلەن ھاقارەت قىلغانلار ئاز ئەمەس. بەزىلەر ھەتتا مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشكە ئەرزىيدىغانلىقىمنى تورغا يېزىپتىكەن. خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ شۇنداقلار بىلەن يۈز تۇرانە ئۇچرىشىپ قالماپتىمەن... شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» نىڭ بىرلىككە كېلىشى ھەرگىز يالغۇز بىر ئادەم ياكى ئورۇننىڭ ئىجادىيىتى ياكى تۆھپىسى ئەمەس.

ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، 2000-يىلى 1-دېكابىردىكى ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنغىچە بولغان ئارىلىقتا مۇزاكىرە قىلىنغان لايىھە «ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى»، « لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى» ... (باشقا ئاتىلىشلىرى ئېسىمدە قالماپتۇ) دېگەندەك ھەر خىل ئۇزۇن ناملاردا ئاتالغان. شۇ يىغىندا ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ لايىھىگە «خەنزۇچە پىنيىن ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» دەپ ئىسىم قويۇش تەكلىپىنى بەرگەندە، باشقىلار ئۇ لايىھىنىڭ خەنزۇچە پىنيىننى ئاساس قىلمىغانلىقى ئۇنداق ئاتىساق نامنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشنىڭ قىيىن بولۇپ قېلىشىنى ئويلىشىپ قىسقارتىپ «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى» دەپ ئاتاش قارار قىلىنغان.

دېمەك، «بىر قىسىم ياشلار» نىڭ [url]http://www.ukij.org/html/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm[/url] دىكى لايىھىنى «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى‏» دەپ ئېلىپ،UKY دەپ قىسقارتىپ تەشۋىق قىلىشىنى بۇرۇنقى يىغىنلاردىكى قارارغا ئۇيغۇن.

ئەمدى، «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دېگەن ئاتالغۇغا كەلسەك، 2005-يىلىنىڭ باشلىرىدا كۆپلىگەن تورداشلار بۇ لايىھىنىڭ كومپيۇتېر يېزىقى تىلى/يېزىقى بولغان 0 ۋە 1 لەرنىڭ ئىبارەت رەقەملەر بىلەن ئارىلىشىپ كېتىپ كىشىلەردە ئاتالغۇ ياكى ئۇقۇم قالايمىقانچىلىقى پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» نى ئىشلىتىشنى ۋە ULY دەپ قىسقارتىپ ئېلىشنى تاللىغان.

5. يۇقىرىدىكى يازمىدا يەنە تۆۋەندىكىدەك يېڭى لايىھىنىڭ ئىلمىيلىكى بايان قىلىنغان:

[color=Red]« ... ئىلمىيلىك جەھەتتە:

بۇ لايىھىدە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ھەرپ بەلگىلەشتىكى ئاساسىي پرىنسىپى بولغان بىر ھەرپ بىر تاۋۇشنى ئىپادىلەش نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى...»[/color]

بۇ پىكىر يېتەرلىك بولمىغان. يېڭى لايىھىنىڭ [url]http://www.ukij.org/html/UKY_Heqqide(KonaYeziq).htm[/url] دىكى لايىھىگە سېلىشتۇرغاندا ئاساسلىق پەرقى بولغان «ئې» نى بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن «é» نى ئىشلەتمەي «ë» بىلەن ئىپادىلەش قارار قىلغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بېرىلمىگەن. تىلكومنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەجىبا، «é» نى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكلىرى بۇرۇنقى يىغىنلاردا مۇزاكىرە قىلىنغان ئەمەسمىدى؟ ئۇنىڭ قايسى يېتەرسىزلىكى بايقالدى؟ ئەگەر بۇ جەھەتتە قايىل قىلارلىق ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىسە، تورداشلارنىڭ يېڭى لايىھىنى قوبۇل قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.

نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا توردا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش بولىۋاتقان شارائىتتا، ئۇستازلارنىڭ توردا بولىۋاتقان پىكىرلەرگە سەل قارىماستىن ئەكسىچە توردىكىلەرگىمۇ پۇرسەت ۋە ئەھمىيە بېرىشىنى سورايمەن.

بۇ لايىھىنىڭ شۇنچىۋالا كېچىكىپ توردا ئېلان قىلىنغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم. بىز قاچانغىچە بىر ئالدىغا، بىر كەينىگە دەسسەپ يۈرىمىز؟ بۇ پوزىتسىيە توردىكى تەتقىقاتچىلارنى ۋە بۇرۇن ئىشلەنگەن خىزمەتلەرنى كۆزگە ئىلماسلىقتىن بولغانمۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟ ئەسلىدە تىل-يېزىق ۋە باشقا تەتقىقات ئورۇنلىرى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىشلىرىنى توردىكىلەردىن 6-7 يىل بۇرۇن ئۆزلىرى باش بولۇپ قىلىشى كېرەك ئىدى. تىلكومنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىنكاسى ئىنتايىن ئاستا بولدى. ئەسلى ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشلار كۆپ ئىدى... باشقا مىساللارنى ئالىمىز دېسەك يەنە كۆپ. تىلكوم تىلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتچان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ULY غا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا 2000-يىلىدىن بۇيان سەرپ قىلغان ۋاقىتىنى ئويلىسام يۈرىكىم يىغلايدۇ.

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » سەيشەنبە مارت 10, 2009 8:22 am

قانداقلا بولمىسۇن تىلكومنىڭ بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويغىنى ياخشى بوپتۇ.
ئويغان ئەپەندى ئېيتقاندەك، بۇ لايىھەدە ئادەمنى ئويغا سالىدىغان بەزى بايانلار بار ئىكەن، ھەتتا كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ نەچچە يىللىق ئەمگىكىنى ئىنكار قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن.
ئەمما، ئەمەلىيەتتە بۇ لايىھىنىڭ بورۇنقى UKY ئاساسىدا كېلىپ چىققانلىقى، UKY نىڭ بۇ لايىھىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولغانلىقى ئىنىق. شۇڭا، مېنىڭچە بولغاندا قايتىدىن تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ ئورنىغا بۇ لايىھىنى قارشى ئالغان ئاساستا باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلساق.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » چارشەنبە مارت 11, 2009 1:12 pm

[quote]2. نېمە ئۈچۈن بۇ لايىھىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى بىلەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنىڭ مەنە جەھەتتىن پەرقى بار؟

ئۇيغۇرچىسى: «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى»
خەنزۇچىسى: «维吾尔文拉丁化方案» («ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىنچىلاشتۇرۇش لايىھىسى» دېگەن مەنىدە)[/quote]

شۇنداق . مېنىڭمۇ ئەڭ دېققىتىمنى تارتقىنى مۇشۇ نوقتا ئىدى . تېلكومدىكىلەرنىڭ مەقسىتى باشقىدەك ھىس قىلدىم .

ئۇيغۇرچە نامىنى كىلەڭسىز ئۇزۇن يېزىشىدا باشقىلارنىڭ يەنە يېزىق دەۋاسى قىلىپ جىدەل چىقىرىشىدىن ئەنسىرەپ مۇشۇنداق يول تۇتتىمىكىن . بۇنىڭ قايمۇقتۇرۇش ھىلىسى بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

بولسا مۇشۇ نوقتىنى سۈرۈشتۈۈرۈپ باقساق بولاتتىكەن . بۇنى تورغا ئەمدى يوللاپ قۇيۇپ ، بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىنلا بۇ لاھىيە توردا ئېلان قىلىپ ئاشكا را پىكىر يىغىلغان ، ھېچكىم نارازىلىق بىلدۈرمىگەن دېگەندەك گەپلەر چىقىپ قالمىسۇن .

ھۆرمەتلىك ئۇستازلار ، يۇقارقى ئىسىمغا سەل قارىمىساق

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » پەيشەنبە مارت 12, 2009 2:46 am

ئۆتكەندە ä , é لاھىيەسى چىققان ئىدى، ئىسىمدە قېلىشىچە بۇمۇ شۇ تېلىكومدىكىلەرنىڭ تۈزگەن لاھىيەسى ئىدى،
مانا ھازىر ë لاھىيەسى چىقىتپتۇ. كىلەر يىلى قايسى لاھىيە چىقار؟ ياكى تامغا بېسىلىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ ئىش مۇشۇ يەردە توختاپ قالامدۇ؟
مىنىڭچە تىلكومدىكى ياسىن ئىمىن ئەپەندىم( ياسىن ئەپەندىم ئىككىلا قېتىملىق لاھىيەنىڭ گۇرۇپپا ئەزاسى ئىكەن، بۇ مۇنبەرگىمۇ كىرىشى مۈمكىن) بۇنىڭغا بىر چۈشەندۈرۈش بەرسە.

ھازىر توربەتلەردە تىلكومدىكى بەزى كىشىلەرنى "مىللەتنى سېتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ 863 پىلانىغا ئاجرىتىلغان پۇلنى تۈر تىكلەپ خاجلەۋاتىدۇ"دىگەن گەپلەرنى كۆرۈپ قالدىم.
بۇنىڭ ئۈچۈن، بىلىك كۇلۇبى، ئىزدىنشى مۇنبىرى ، شەبنەم تورى، قاتارلىقلار دەلىل بولالايدۇ.

[url]http://www.bilik.cn/bbs/redirect.php?tid=21633&goto=lastpost#lastpost[/url]
[url]http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=35674[/url]
[url]http://www.izdinix.com/ShowPost.asp?ThreadID=35687[/url]
[url]http://bbs.xabnam.com/read.php?tid-100386.html[/url]

شۇڭا بۇ توغرىلىق تىلكومدىكىلەر بۇنى چۈشەندۈرىشى كىرەك.
维吾尔文拉丁化方案 دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرىشى كىرەك.
ئويغان ئەپەندىم سورىغان é ë مەسىلىسىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىشى كېرەك.

m.erdem
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 3:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem » شەنبە مارت 14, 2009 6:43 am

سالام قېرىنداشلار!

بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى تىل-يېزىق كومىتېتى تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئېلان قىلىنغىنى ياخشى ئىش بولۇپتۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك چۈشەندۈرۈشتىكى سۆز ئىبارىلەردە بەزىبىر سەۋەنلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىشنىڭ ھۆججەتلەشتۈرۈلۈپ ئاممىغا ئېلان قىلىنىشى ئاقىلانىلىك بىر ئىش بولۇپتۇ. بۇ ھازىرقى جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن مۇشۇ ساھەدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە رەسمىي مەتبۇئاتلاردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تۈزەشكە پايدىلىق.

رەسمىي مەتبۇئاتلاردىن مىسال:

[img]http://misran.erdem.googlepages.com/uly1.jpg[/img]

[img]http://misran.erdem.googlepages.com/uly3.jpg[/img]

[img]http://misran.erdem.googlepages.com/uly2.jpg[/img]


ئىلگىرىكى لايىھىگە ئوخشىمايدىغان Ëë ھەرپنى بەلگىلەشتە مۇتەخەسسىسلەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئىلمىي ئاساسلىرى باردۇر بەلكىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە UKIJ بەرگەن تەكلىپنىمۇ قوبۇل قىلىپتۇ، شۇڭا بىرلىك ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ لايىھىنى قوبۇل قىلساق ھەم UKIJ بېتىدە تەشۋىق قىلساق.

خەنزۇچە ئاتىلىشىغا كەلسەك، ئەگەر بۇ ئىش دۆلەتلىك تۈر قىلىپ بېكىتىلگەن بولسا، بۇنداق ئىسىم قويۇشتىكى مەقسەت، باشقا ئورۇنلارنىڭ يەنە مۇشۇنداق لايىھىلەرنى ئىشلەپ يۇقىرىغا تەتقىقات مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ يەنە بىر يېڭى لايىھىنى (ئىلگىرى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى باشقىچە بىر لايىھىنى ئېلىپ چىققاندەك) ئېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۆلىشىمۇ مۇمكىن. بۇنداق ئىسىم بىلەن ئېلىنغاندا بۇ ئىسىمدا قايتا تۈر تەسىس قىلىنمايدۇ دېگەن گەپ. (مەن مۇشۇنداق چۈشەندىم)

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن تىلكوم كېچىككەن بولسىمۇ ئاخىرى خۇلاسە چىقىرىپتۇ. ئۇستازلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: m.erdem ، ۋاقتى: 2009-3-14 13:08 [/i]]

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » يەكشەنبە مارت 15, 2009 6:15 am

مەسىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئويلىنىش كىرەكمۇ قانداق ، بۇ يەردە قانداقتۇر تېخنىكىلىق مەسىلە ئەمەس ، تېكومدىكىلەرنىڭ ئۇستىلىق بىلەن بۇ دوكىلاتقا مىنا كۆمگىنى ئادەمنى ئويلاندۇرسا كېرەك .

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » شەنبە مارت 28, 2009 11:17 pm

تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا پىكىر قاتناشتۇرغانلىقىغا رەھمەت. Ëë ھەرپنى بەلگىلەشتە مۇتىخەسىسلەرنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى ئېنىق كۆرمەي تۇرۇپ ئالدىراپلا ئۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. شۇڭا، تىلكومنىڭ ئېنىق جاۋابىنى كۈتەيلى. ئەگەر جاۋاب كەلمىسە بۇرۇنقىدەك Éé لارنى ئىشلىتىۋېرىپ، تىلكومنىڭ باشقا جەھەتلەردىكى قارارىنى قوللىساق بولىدۇ.

بۇ لايىھە نامىغا كەلسەك، «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» دېگەن ئۇزۇن سۆزنى 2-3 قېتىم تەكرارلاپ باقساق ئۇنىڭ راستىنلا ھەزىم قىلىش قىيىن ئۇزۇن ئاتالغا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دىكى «يېزىقى» ئىبارىسى بەزى تورداشلاردا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويغانلىقى ئېنىق. شۇڭا، مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇزۇن نامنىڭ ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلانغان ئاساستا «يېزىق» ئىبارىسىنى قوشماي قىسقىراق نام قويايلى. مەن تۆۋەندىكى ئىككى نامنى تەۋسىيە قىلاي:

1. ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى (قىسقارتىپ: ئۇ ل ئى، ULI)؛
2. ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى (قىسقارتىلما يېزىلىشى: ئۇ ل ل، ULL)؛

[color=Blue]مېنىڭ تەۋسىيە قىلىدىغىنىم: «ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى» (قىسقارتىلمىسى: ئۇ ل ل، ULL)[/color]. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى: 1) «يېزىق» ئىبارىسى ئىشلىتىلمىگەن، شۇڭا بەزى كىشىلەرگە «خاتا چۈشەنچە» بېرىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىشى مۇمكىن؛ 2) «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسى» دېگەندەك ئۇزۇن نامغا قارىغاندا تۇتۇۋېلىش ئاسانراق. كۆپچىلىك قانداق قارايدىكىن؟

ئەگەر بۇ لايىھىنىڭ نامى توغرىسىدا تورداشلار پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالىسا، تىلكومدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ تەكلىپىمىزنى يوللاپ باقايلى. ئەگەر تىلكومدىكىلەر Ëë ھەرپنى بەلگىلەشتىكى ئىلمىي ئاساسلىرىنى كۆرسىتىپ قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرسە بۇ توغرىلىق مۇنازىرىلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇنى رەسمىي قوللايلى (ھېلىمۇ، بۇ مەسىلە 9-يىلدىن بۇيان سۆرىلىپ كېلىۋاتىدۇ). ئاندىن، ھەر قايسى لازىملىق ھەم پايدىلىق ساھەلەردە (مەسىلەن: ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنى پاسپورتقا يازغاندا مەجبۇرىي SAIMAITI دېگەندەك پىنيىن بويىچە يازماستىن، ئىسىم-فامىلىمىزنى توغرا يېزىش ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلىپ SEMET دېگەندەك يېزىش...) ئىشلىتىشنى يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەرسەك بولىدۇ (بۇ خىلدىكى تەكلىپنى ج خ ئورۇنلىرى ۋە تىلكومغا تەڭ يوللاش كېرەكقۇ دەيمەن).

قوشۇمچە: بەزى تورداشلار، باشقا تور بېكەتلەردە تىلكوم ئوتتۇرىغا قويغان بۇ لايىھىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشىدىكى خاتالىقنى تۇتۇۋېلىپ ھەم بۇ لايىھىنى بۇرۇنقى كۆنۈپ قالغان ئادىتى بويىچە، مۇنبەر قىزىتىشنى مەقسەت قىلدىمىكىن، «يېزىق ئىسلاھا قىلىش» دېگەندەك مەنىلەردە چۈشىنىۋېلىپ ياكى خاتا تەشۋىق قىلىپ بۇ لايىھىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئۇنتۇلغۇسىز نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ خەلقىمىزگە ئەمگەك مېۋىسىنى بەرگەن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرىمىزغا، ئۇستازلىرىمىزغا ئاھانەت قىلىپتۇ. خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم يوق، بۇ لايىھىنى بېكىتىشكە قاتناشقانلارمۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. تىلكومنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۈمىدۋارلىق بىلەن قارايلى. كەڭ قوساقلىق بىلەن، ئىلمىي نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، مەكىزىي مەسىلىنى چۆرىدىگەن ئاساستا پىكىر قىلايلى.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » يەكشەنبە مارت 29, 2009 12:17 pm

بۇ پىكىرنى قوللايمەن . ئويغان ئۇستازنىڭ گىپى ئورۇنلۇق .
«ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى» (قىسقارتىلمىسى: ئۇ ل ل، ULL)
قۇبۇل قىلشقا ، ئەستە تۇتۇشقا ھەم ئاتاشقا ئاسان بولىدىكەن .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار