BBSXP2007 ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلىدۇ

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

BBSXP2007 ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلىدۇ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » شەنبە ماي 12, 2007 6:02 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار :
ئەلفا گۇرۇپپىمىزنىڭ تىرىشىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىملىق 5- ئاينىڭ 7 - كۈنى تارقىتىلغان BBSXP2007 ھەقىقىي نەشىرىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىلدى . گۇرۇپپىمىز bbsxp7 beta1 bbsxp2007rc3 قاتارلىق نەشىرلەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقىشتىكى تەجرىبىمىزگە ئاساسەن ، بۇ قېتىملىق نەشىرنىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقتۇق . ھەمدە بۇ قېتىملىق نەشىرنىڭ ئاساسى بولغان bbsxp2007rc3 نەشىرى ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيتىدىكى دائىمى ئەزالارنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم بېكەت باشلىقلىرى دوستلارنىڭ بىرلىكتە تۈزىتىپ تەكشۈرىشىدىن ئۆتۈپ ، ئۇيغۇركومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى ئىشەنچىلىك دېتالى دېگەن نام ئاستىدا تارقىتىشنى قارار قىلدۇق ؛
بۇ نەشىرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكلىرى : 1. بەتلەر ئاددىلاشتۇرۇلغان، ئىقتىدار مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن .
2. ئىجرابولۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تېزلىتىلگەن .
3.شىنجاڭ پىروگراممىلار كۇلۇبىدىن مايور ئەپەندىنىڭ ياردىمىدە ، تەھرىلىگۈچكە كود ھەمدە خەنزۇچە قاتارلىق سولدىن باشلاپ يېزىلىدىغان ئەسەر ۋە پىروگراممىلار قوشۇش ئىقتىدارى قوشۇلغان .
4. ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش قىسىمىغا مايور ئەپەندى تەمىنلىگەن UyghurInput_A.js ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگەئاشۇرۇلغان بولۇپ ، بۇ خىل كىرگۈزۈش ئۇسسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى :
1) Internet Explorer دا بولسا :
Control + K ئېنىلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە ئالماشتۇرىدۇ .
Control + T بولسا يېزىق رامكىسىنىڭ يۆنىلىشىنى .
Control + U ئارقىلىق ULY دىن كۆچۈرگەن مەزمۇننى ئۇيغۇرچە كونا يېزىق ھالىتىدە چاپلايسىز.
Shift+T ئارقىلىق ھەرپلەرنى سوزىسىز .
2) Maxthon دا :
Control+ B ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئېنىگلىزچە ئالماشتۇرىسىز .
Control + J ئارقىلىق يېزىق رامكىسى يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىسىز .
Control + U ئارقىلىق ULY دىن چاپلايسىز .
Shift+T ئارقىلىق ھەرپ سوزىسىز .
3) FireFox دا بولسا :
Control+K ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئېنىگلىزچە ئالماشتۇرىسىز .
Control+T ئارقىلىق رامكا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىسىز .
Shift + T ئارقىلىق يېزىق سوزىسىز .
5. بەتنىڭ ھەرقايسى ئورۇنلىرىدا ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىغا بويسۇنىدۇ ، يەنى خەتلەر بوغۇم قائىدىسىگە بوي سۇنغان ئاساستا ئايرىلىدۇ .
6. ئەزا تىزىملىتىش جەريانى ئاددىلاشتۇرۇلغان ، بۇرۇنقىدەك مۇرەككەپ ئەمەس، ئەزاتىزىملىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ،ئاندىن ماتىرىيالىنى تەھرىلەپ تولدۇرۇشى كېرەك (ئىختىيارى)
7.بۇ نەشىردە تېمىنى توپ تەستىقلاش ئالدى سۇپىدا ھەمدە توپ يۆتكەش ئىقتىدارى قوشۇلغان .
8. ئارقاسەھنە ئىتقىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن .
9.ساقلىغۇچنىڭ ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن . ھەمدە ھۆججەت يوللاش بوشلۇقىنى ھەربىرئەزاغائايرىم بۆلۈپ بېرىش ، ساقلىغۇچتىكى تېمىلارنى ، سەھىپىلەرنى قاتارلىقلارنى ساقلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكلىمىسىنى بەلگىلەپ ئەخلەت ئۇچۇرلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان .
10. ئەزا تىزىملىتىشتا ، ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىش، تەكلىپ قىلىش كودى ئارقىلىق تىزىملىتىش ، ئادەتتىكىدەك تىزىملىتىش ، باشقۇرغۇچى تەستىقلاش تۈزۈمى قاتارلىق تۆت خىل ئۇسسۇل قوللىنىلغان .
11. تېما تەستىقلاشتا، ھەربىر سەھىپىنىڭ تېمىلىرىغىچە ئايرىم تەستىقلاش ياكى تەستىقلىمايلا بىۋاستە ئېلان قىلىش ئۇسسۇلى قوللىنىلغان ،
12. ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىگە ئاساسەن ھەرخىل سەھىپىلەرگە كىرىش ،زىيارەت ، ئوقۇش ، ئىنكاس ،راي سىناش قاتارلىق مەشغۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇش ئىقتىدارى مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن . ھەمدە ئەزالارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى يەنى ئىشەنچىلىك ئەزا ،ئىشەنچىسىز ئەزا دەپ مۇئامىلە قىلىش شەكلى قوللىنىلغان .
نۆۋەتتە ئۇيغۇر تور بەتچىلىگىدە BBSXP,Discuz,DVBBS,PHPwind قاتارلىق مۇنبەرلەر بىر قەدەر ئومۇملاشقان ، بولۇپمۇ ئىشلىتىلىشى قولاي ، پىروگرامما ئىجرا بولىشى بىر قەدەر تېز بولغان BBSXP نىڭ ئىگەللىگەن سالمىقى بىر قەدەر يۇقىرى ، شۇنداق ASP پىروگراممىلىرىنىلا قوللايدىغان بوشلۇق بېكەتلەرنىڭ ھەمدە يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە بىر قەدەر ماس كېلىدۇ ؛ نۆۋەتتە : دىيارىم ، ئىزدىنىش ، ئۇيغۇر لىنىيەسى ، شىنجاڭ پىروگراممىرلار كۇلۇبى قاتارلىق بىر قىسىم چوڭ بېكەتلەردىمۇ مۇشۇ سېستىما ئىشلىتىلىۋاتىدۇ .
بېكىتىمىز تۆۋەندىكى مۇلازىمەتلەر ئاستىدا بۇ سېستىمىنى بازارغا سالماقچى :
1. ئەسلىدىكى مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ ماتىرىيالىنى يېڭىلاپ بېرىش ھەمدە يېڭى سېستىمىنى خېرىدارنىڭ تەلىۋىگە بىنائەن ئۆزگەرتىپ بېرىش .
2. 1 يىللىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ، ھەمدە 1 يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى ياماقلارنى تەمىنلەش ھەمدە بېكىتىمىز قوشۇپ تارقاتقان ھەرخىل قوراللىرى ياكى يېڭىلىقلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەش
3. BBSXP نى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئامال بار تېز ھەل قىلىش ھەمدە تۈزىتىپ مېڭىش .

بۇ سېستىمىدىن كىرگەن كىرىمنىڭ 15% ئۇيغۇر كومپىيۇتېرئىلمىي جەمىيتىگە تەقدىم قىلىنىدۇ . قالغان قىسمى بۇ سېستىمىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . تور بەت ، مۇنازىرىلەرنىڭ پاخاللىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقارقىدەك قارارنى چىقاردۇق . ھەمدە ئۇيغۇركومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى مۇدىرىيىتىدىكى ئەليار ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزدۈك . دوستلارنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشىنى سورايمىز .
سېستىما باھاسى : 150 يۈەن
Discuz , DVBBS قاتارلىق سېستىمىلاردىن يۆتكەپ بېرىش ھەمدە سېستىما قوشۇلۇپ باھاسى : 200 يۈەن
مۇلازىمەت تېلىفونى : 13476238330 (ئابلەت) QQ:64013810 MSN:Mr.Ablet@hotmail.com
[img]http://www.zeper.cn/bbsxp/UpFile/UpAttachment/2007-5/2007512134918.jpg[/img]



ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار