Firefox تا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ: 1 سوم

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

Firefox تا ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرگۈچ: 1 سوم

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » يەكشەنبە ماي 03, 2009 5:50 pm

[img]http://www.ukij.org/oyghan/oscfff/oscfff-logo.png[/img]

ئاساسلىق ئىقتىدارى

1. ھەر قانداق تېكىست رامكىسىغا ئۇيغۇرچە(ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى، ئۇيغۇر لاتىن لايىھىسى، ئۇيغۇر سىلاۋيان يېزىقى) خەت كىرگۈزۈۋاتقاندا ئىملا تەكشۈرۈپ خاتا سۆزلەرنىڭ ئاستىغا سىزىق سىزىپ بېرىش
2. خاتا سۆزلەرگە سۆز تەۋسىيە قىلىش
[img]http://www.ukij.org/oyghan/oscfff/UKIJ%20Imla.JPG[/img]

تەپسىلاتىنى [url]http://www.ukij.org/oyghan/oscfff[/url] دىكى ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرۈڭ.

[color=Red][size=5]دىققەت: بۇ قورالنى قاچىلاش ھۆججەتلىرىگە بىۋاسىتە ئۇلىنىش قىلماي [url]http://www.ukij.org/oyghan/oscfff[/url] قا ئۇلىنىش قىلىڭ.[/size][/color]

تەكلىپ پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىزلەر...



kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » دۈيشەنبە ماي 04, 2009 10:01 am

بىر سومنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھېچكىم ئىنس يازالماپتۇ، چاقچاق. :lol
كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم.
بىراق سەل چاتاق باردەك قىلامدۇ نېمە؟
يۇقارقى بىرىنجى جۈملىگە قاراڭ، يازالماپتۇ دېگەن توغرا، سومنىڭ دېگەنمۇ توغرا، ئىنس دېگەن ئەسلى ئىنكاس ئىدى، بىراق تاپالمىدى.
سۆز ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەككەن.
سۈرەت شەكىلدە يوللىدىم.

[IMG]http://i555.photobucket.com/albums/jj465/ekrem-tomur/Untitled.jpg[/IMG]

bahtinur
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 7:18 am
ئالاقىلىشىش:

پۇل تۈلەش ئۇسۇلى كۈرۈنمەيدا؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bahtinur » سەيشەنبە ماي 05, 2009 3:09 pm

پۇل تۈلەش ئۇسۇلى كۈرۈنمەيدا؟ ئۈستىدىكى ئىنكاسقا جاۋاب : ھازىر ھەقسىز تور بىكەت سىستىمىللىرى تارقىتىلغاندىن كىيىن ھەممە ئادەم ئۆزىگە بىكەت قۇرۇپ گۆشلۈك يەرلىرىنى شىلىپ -شىلىپ كۆچۈرىۋېلىپ ئەسلى مەنبە نى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ ..

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » سەيشەنبە ماي 05, 2009 5:37 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

تەكلىپىڭىزگە كۆپ رەھمەت. بۇ قورال ئىشلەتكەن ئىملا ئامبىرىدىكى سۆزلەر سانى [url=http://www.yulghun.com/editor]يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭكى[/url] بىلەن ئوخشاش، يەنى جەمئىي 247874 سۆز بار. سۆزلۈك سانى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ بىلەن قەدەمداش يېڭىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدەك يېپىشقاق تىل(سۆزلەرگە قوشۇمچىلار كۆپ ئۇلىنىدىغان تىللارنى كۆرسىتىدۇ) ئۈچۈن ئىملا تۈزەتكۈچ ياساشتا تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىش قىلمىسا ھازىرقى ئىملا تۈزەتكۈچلەر ئىشلىتىۋاتقاندەك ئۇسۇلنى قوللانسا سۆزلۈك سانىنى نەچچە ئون مىليون قىلىۋەتكەن تەقدىردىمۇ ئىملا ئامبىرىنى تولۇقلاش مۇمكىن ئەمەس. [url]http://www.editlib.org/p/25505[/url] دىكى تەتقىقاتىمدا تۈپ پېئىللارنى تۈرلەش ئارقىلىق ھەر بىر سۆزدىن، نەزەرىيە جەھەتتىن، كامىدا 25936 تۈرلەنگەن سۆز ھاسىل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغانىدىم (بۇ خىل ئۇسۇلدا «كەلتۈرەلمىگەنلىرىڭلاردىنمىكىنتاڭ» دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ ئامباردا پەقەت «كەل» دېگەن پېئىل بولسىلا توغرا دەپ تەكشۈرگىلى بولىدۇ). بۇ خىل ئۇسۇلنى پېئىلدىن باشقا سۆز تۈركۈملىرىگە قوللىنىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئىملا تەكشۈرگۈچ ياساشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ قورالنى تارقىتىپ سىناق قىلىش ئارقىلىق ئەگەر بۇ تىپتىكى يۇمشاق دېتاللارغا داۋاملىق ئېھتىياجنىڭ بار-يوقلىقىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالىسام بەلكىم مەن بۇ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىشىم مۇمكىن.

بۇ قورال UKIJ دائىمىي ئەزالىرىغا ھەقسىز. Windows, Linux, Mac قاتارلىقلاردا ئىشلەيدۇ. سىناپ بېقىپ پىكىر بەرسەڭلار ...

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » سەيشەنبە ماي 05, 2009 6:11 pm

يەنە بىر ئۇيغۇرچە دېتال مەيدانغا كەپتۇدە. بۇنى پەقەت Firefox تىلا ئىشلەتكىلى بولامدا؟ IEدا ئىشلىتىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟

kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » سەيشەنبە ماي 05, 2009 6:58 pm

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىملا تەكشۈرۈش دېگەن يېڭى گەپكەن. مېنىڭچە ئەگەر ئۇ ئەمەلگە ئاشسا firefox نىڭ ئىملا تەكشۈرگۈچىنىلا ئەمەس، ئادەتتىكى ئىملا تەكشۈرگۈچلەرنىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىغىلى بولۇشى مۇمكىن، كام دېگەندە ھازىرقىدەك مۇكەممەل سۆزلۈك ئامبىرىنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن يۇمتاللارنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىش ھادىسىسىنى ياخشىلىغىلى بولىدىكەن، يېڭى بىر تېما باشلىندىغاندەك قىلامدۇ نېمە؟ ئۆتكەندە ئابدۇخېلىل ئەپەندى تۈزگەن مورفولوگىيلىك ئانالىز سېستىمىسى بىر ياخشى باشلىنىش بولۇشى مۇمكىن.

abuduxelil
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 8:33 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان abuduxelil » چارشەنبە ماي 06, 2009 3:21 am

ئويغان ئەپەندىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇبارەكلەيمەن. شۇنداقلا يېڭى نەتىجىلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن. "تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىملا تەكشۈرۈش" بۇ ناھايىتى ياخشى پىكىر بوپتۇ. غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىمنىڭ ئىملا ئامبىرىمۇ دەل تىلشۇناسلىق قائىدىلىرىنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن. بىراق تىلىمىزدا قايدەسىز تۈرلىنىشلەر بىلەن بەزى ئېنىقسىز نۇقتىلار كۆپ بولغاچقا، بۇنى ئاپتوماتىك يەنى تىلشۇناسلىق قائىدىلىرى بىلەن بىۋاسىتە بىر تەرەپ قىلىش ئىشى تېخى ۋۇجۇدقا چىقمىدى. بۇ توغرۇلۇق مەنمۇ بىر نەچچە يىل بۇرۇن ئازراق ئىزدىنىپ باققان. يەنى مورفولوگىيىلىك ئانالىز سىستېمىسى مېكەب - ئۇيغۇر (mecab - uyghur) دا سۆز بىلەن سۆزنىڭ ئۆز ئارا باغلىنىش قىممىتىنى بىلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇلدىن
پايدىلىنىپ ئۇيغۇر تىلدىكى گرامماتىكىلىق قائىدىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ماتېرىيال ئامبىرى تۈزۈپ سىناپ باققان ئىدىم.
كىچىك كۆلەمدىكى تېكىست ئارقىلىق سىناپ باقسام خاتالىقىنى 90٪ تېپىپ بېرەلىگەن. كېيىن ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئامبارنى تولۇقلاشقا ۋاقىت بولماي قالدى. مىسال ئۈچۈن ئازراق كۆرسىتىپ ئۆتەي.
باغلىنش قىممىتى سۆز تۈركۈم

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » چارشەنبە ماي 06, 2009 3:30 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
راستىنلا ئىملا ئامبىرىدا مەسىلە باركەن، بەزى توغرا سۆزلەرنىڭمۇ ئاستىغا سىزىق چىقىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ كۆرسەتمە سۆزلۈكلىرىگە قارىسام ئاخىرىدىكى بىر دانە ھەرپنىڭ ئالدىدا بوشلۇق بار بولغىننى توغرا دەپ چىقىرىپ تۇرىدۇ.
لېكىن بۇ ياخشى دېتال بوپتۇ. (لىكىن، دىتال، دىگەن سۆزلەرنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيۋاتىدۇ...)

kumushoq
يازمىلار: 25
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 13, 2009 9:44 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kumushoq » چارشەنبە ماي 06, 2009 10:01 am

ئۆزەمنىڭ ئاددىي چۈشەنچەمگە ئاساسەن بۇ «تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئىملا تەكشۈرگۈچ»نىڭ ئالگورىزىمىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم.
1. ئىملاسى تەكشۈرۈلمەكچى بولغان تېكىستنى مورفولوگىيلىك ئانالىز سېستىمىسى ئارقىلىق، سۆز تومۇرى ۋە قوشۇمچىلارغا ئاجىرتىۋالىمىز.
2. ئەگەر سۆز تومۇرى بىزنىڭ ئىملا ئامبىرىمىزدا مەۋجۈت بولمىسا، بۇ سۆزنى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلىمىز، ھەم ئىملاسى يېققىن كېلىدىغان سۆزلەرنى چىقىرىپ بېرىمىز. ئەگەر تېپىلسا، نۆۋەت بويىچە ھەر بىر قوشۇمچىلارنى تەكشۈرىمىز.
3. قوشۇمچە ئاتالغانلارنىڭ تۈپ سۆزلەر ئىچىدە بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ باقىمىز، چۈنكى بىرىكمە سۆزلەر بولۇشى مۇمكىن.
4. ئۇيغۇر تىلدىكى گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرگە ئاساسەن بۇ قوشۇمچىنىڭ قايسى قوشۇمچىلار تۈرىگە تەۋە؟ ۋە ئالدى كەينىدىكى سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇش، جاراڭلىق ۋە جاراڭسىز تاۋۇشلار ۋە قوشۇمچىنىڭ ئۇلىنىش قائىدىلىرىگە ئاساسەن، بۇ قوشۇمچىنىڭ توغرا ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىمىز، توغرا ئۇلانغان بولسا داۋاملىق كېيىنكى قوشۇمچىغا ھۆكۈم قىلىمىز. ھەممە قوشۇمچىلار توغرا ئۇلانغان بولسا بۇ سۆزنى توغرا دەپ ھۆكۈم قىلىمىز. توغرا بولمىسا توغرىسىنى چىقىرىپ بېرىمىز.

بەلكىم بۇ گىرامماتىكىلىق قائىدەلىرنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئابدۇخېلىل ئەپەندى ئېيتقان ئېنىقسىز نۇقتىلار بولۇشى مۇمكىن.

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » پەيشەنبە ماي 07, 2009 10:55 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]kulke0997[/i] ، ۋاقتى: 2009-5-6 00:11 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2464&ptid=516][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يەنە بىر ئۇيغۇرچە دېتال مەيدانغا كەپتۇدە. بۇنى پەقەت Firefox تىلا ئىشلەتكىلى بولامدا؟ IEدا ئىشلىتىدىغان قىلغىلى ... [/quote]
راست ie ياكى chrome,maxthonلاردىمۇ ئىشلەتكىلى بولغان بولسا ئېلىپ ئىشلىتەركەنمەن،firefoxنى بەك ئىشلەتمەيمەن،ئۇنىڭغا كۆنۈپ بولالمىدىم.
شۇنداقتىمۇ بۇنداق دېتالنىڭ ئىشلەنگىنى بەك ياخشى بولۇپتۇ.،

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار