[size=5]تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئۆزگىرەمدۇ؟[/size]
[size=4]مەن ئىشخانىدا ئىشلىتىۋاتقان كومپىيۇتېرنىڭ تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئىلگىرى 100.0Mbps ئىدى. يېقىندىن بۇيان تورنىڭ تېزلىكى بەك ئاستىلاپ كەتتى. مەشغۇلات جەريانىدا ئىختىيارسىز ھالدا تور كارتىسىنىڭ تېزلىك ھالىتىگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، قارىسام، تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى 10.0Mbps تۇرىدۇ. ئارىلىقتا مەن مەشغۇلات سېستىمىسىنى قايتا بىر قېتىم قاچىلىغان ئىدىم.
ئەمدى مېنىڭ گۇمانىم: مەن مەشغۇلات سېستىمىسىنى قاچىلىغاندا، بىرەر يۇمشاق دېتالنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ياكى بىرەر تەڭشەكنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى يوقارقىدەك ئۆزگىرىپ كەتكەنمىدۇ؟ ئەگەر راستىنلا مۇشۇنداق بولغان بولسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؟
يەنە بىر گۇمانىم: باشقىلار كومپىيۇتېرىمنىڭ تور كارتىسىنى ئالماشتۇرىۋالغانمىدۇ؟
بۇ ھەقتە ياردەم بېرىدىغانلار بارمۇ؟[/size]
تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئۆزگىرەمدۇ
كومپيۇتېرنىڭ توركارتىسىنىڭ تېزلىكى 10MBPS(سېكۇنتىغا 10 مېگابىت ئۇچۇر قوبۇل قىلىدۇ ياكى ئۇزىتىدۇ، تۆۋەندە قىسقارتىپ MB دەپلا ئالىمەن )، 100MB ۋە 1GB دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. ھازىر 100MB لىق توركاتىسى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. 1GB لىقىمۇ يېقىندىن بېرى خېلى ئومۇملىشىۋاتىدۇ.
شۇنىڭغا ماس ھالدا كومپيۇتېرلارنى ئۆزئارا ئۇلايدىغان Router ۋە HUB دېگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېزلىكىمۇ 10MB/100MB/1GB ئۈچ خىل بولىدۇ.
كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىنىڭ سۈرئىتى 1GB بولۇپ، بۇ كومپيۇتېر ئۇلانغان Router ياكى HUB نىڭ تېزلىكى 10MB بولسا كومپيۇتېرنىڭ تور كارتىسىنىڭ تېزلىكى ئاپتوماتىك ھالدا 10 MB غا ئۆزگىرىدۇ. يەنى Router ياكى HUB نىڭ تېزلىكىگە ئاساسەن تور كارتىسىنىڭ تېزلىكىمۇ ئۆزگىرىدۇ.
ئەسكەرتىش: تور ئۈسكىنىلىرى(توركارتىسى، Router, HUB )قاتارلىقلارنىڭ چۈشەندۈرىشىگە يېزىلغان، 1000BASE-T/100BASE-TX/10BASE-T دېگەن بەلگىلەر شۇ ئۈسكىنىڭ تزلىكىنى بەلگىلەيدۇ، ئەگەر 10BASE-T دەپلا يېزىىلغان بولسا ئۇنىڭ تېزلىكى 10MBPS دېگەن گەپ.

غەيرەت كەنجى
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار