ULY مۇ ياكى ULL مۇ؟ (چوقۇم كۆرۈڭ)

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 2:39 am

ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى( ULY ) ئەمدى ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە لاھىيەسىگە ( ULL ) ئورۇن بوشىتىشى كېرەك دەپ قارايمەن .
بۇ توغرىلىق ئۆتكەندە بىر قانچىلىغان تالاشلار بولغان، يەنى تىلكوم 2008- يىلى ئوتتۇرغا قويۇپ [size=6][color=Red]مۆھۈر[/color][/size] باسقان «ئۇيغۇر ھەرىپلىرىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىش لاھىيىسى»،
بۇ ULY بىلەن تىلكومنىڭ لاھىيىسى ئوخشاش بولغان بولىسىغۇ كاشكى، بىراق ئاشۇ ئې( é ë ) ھەرىپىدىكى ئوخشىماسلىق كىشىنى چىۋىن يەۋالغاندەك قىلىپ قويدى .
بىرى تارىخى ئاساسى كۈچلۈك بولغان ئۇ ل ي ، يەنە بىرى ھۆكۈمەتنىڭ [color=Red]تامغى[/color]سى بېسىلغان ( دىققەت قىلىش كىرەككى بۇ [color=Red]تامغى[/color]نىڭ ۋەزىنى ناھايىتى چوڭ) 2008- يىللىق لاھىيە .
[url]http://www.xjyw.gov.cn/Web/article.aspx?ArticleID=1088[/url]
بۇ MZ115-68 نومۇرلۇق ھۆججەت بۇندىن كېيىن بىزنىڭ بارلىق لاتىنچە يازمىلىرىمىزنىڭ يېزىش قېلىپىمىز بولىدۇ ، مەسىلەن تەڭرىتاغ تورى( [url]http://www.xjtsnews.com/normal/content/lading/[/url])
ۋە شىنجاڭ پەلسەپە -ئىجتىمايى پەنلەر تورى ([url]http://uyghur.xjass.com/lading/index.html[/url] ) قاتارلىقلار مۇشۇ قېلىپ بويىچە بۇرۇنقى é , j ھەرىپلىرىنى ماس ھالدا ë , zh گە ئۆزگەرتتى .
بۇ جايدا تەبئى ھالدا بىر سۇئال تۇغۇلىدۇ:
[font=UKIJ Nasq][size=4]UKIJ قانداق قىلىشى كىرەك؟ [/size][/font]
بۇرۇنقى ULY نى ئىشلىتىۋېرىمىزمۇ ياكى بىرلىك، ئۆلچەم ، پەرمانغا بويسۇنۇش كېرەكمۇ؟
ئەلبەتتە بوي سۇنۇش كېرەك .
ئۇنداق بولسا UKIJ دىكىلەر ئالدى بىلەن باشلامچى بولۇپ بۇ لاھىيەنى ئۈگىنىشى، تەشۋىق قىلىش كىرەك .
باشلامچى بولۇپ، uyghuredit, yulghun قاتارلىق قۇراللاردىكى ئې ۋە ژ ھەرىپىنى ئوڭشاشقا يۇمشاق دېتال مۇئەللىپلىرىنى كۆندۈرىشى كېرەك .
بىلىشىمچە مۇھەممەد ئەپەندىم ۋە كەنجى ئەپەندىم بۇ UKIJ نىڭ سابىق رەئىسلىرى، شۇلار بۇ ئىشنى ۋاختىدا تاماملىشى كېرەك .
بىرلىك، ئۆلچەم مۇھىممۇ ئەمەسمۇ ، ئۇلار بىزدىن ياخشى بىلىدۇ .
شۇڭا تەكلىۋىم : uyghuredit, yulghun قاتارلىقلارنىڭ نەشرىنى كۆتۈرۈپ ( يەنى é ,j= ë ,zh ئۆزگەرتىپ) تارقىتىشى، ئۇندىن كېيىن UKIJ تورىمۇ ماس ھالدا ULY تەشۋىقاتىنى تىلكومنىڭ لاھىيىسىگە يۆتكىشى كېرەك.
خۇلاسە قىلغاندا : ULY ئەمدى بۇ لاھىيىگە يول بېرىشى كېرەك .( ئۆتكەندە Oyghan ئەپەندىم بۇ لاھىيىنى قىسقارتىپ ئاتاش توغرىسىدا تەكلىپلەرنى بەرگەن، ) ULY دەۋرى ئەمدى ئاخىرلاشتى .
ئەمدى ULI ( يەنى ئۇيغۇرچىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى) ياكى UHLI ( يەنى ئۇيغۇر ھەرىپىنىڭ لاتىنچە ئىپادىلىنىشى) توغرىسدا بىر نەرسە دىيىشەيلى .



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە ئىيۇل 24, 2010 8:17 am

بۇ مۇنازىرە ئەينى چاغدا بىلىكتە قارىماققا ئاخىرى چىقمىغاندەك قىلغان بىلەن، مۇشۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان يىراقنى كۆرەر تورداشلارنىڭ ئىپادىسىنى ئاشكارىلاپ تاماملانغان ئىدى.
بۇنى يەنە تارتىپ چىقىشنىڭ قانداق زۆرۈرىيەتلەر سەۋەبىدىن ئىكەنلىكى ماڭا نامەلۇم.
يۇقۇرىدا دېيىلگەندەك بىرنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولالمايۋاتساق يەنە يېڭى لايىھەنىڭ چىققىنى بىزنى گاڭگىراشقا سېلىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ.
بۇ «ل ل» نى ھازىر قانچىلىك ئادەم ئىشلەتتى؟ مۇشۇنى ئويلاپ كۆرسەك جاۋاپ ئېنىق.

بەك يېڭىلىق چىقارغۇسى بارلار بولسا « ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يىتىپ شۇنىلا تەشۋىق قىلسا ئىش تامام ئىدى.

بىدارنىڭ گېپى ئورۇنلۇق: بۇنى يەنە تالىشىپ نېمىگە ئېرىشىمىز؟
بىر- بىرىمىز بىلەن ئازارلىشىقا ئىرىشىمىز.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇل 25, 2010 7:29 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]albert[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-24 08:38 [url=http://ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2912&ptid=571][img]http://ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
خوش، ئۇشبۇ قوياشلىق كۈنلىرىمىزدىن بىر يىرىم يىل مۇقەددەم مەن بىلىك تە «ئەقلى ئېقتىدارلىق يان تىلفون دىمەي ئەقلىفون دەيلى» دىگەن شۇئارنى بىرىنچى بولۇپ توۋلاپ سىلىپ خىلى بىر قىسىم ITئۇستاملىرىنىڭ كۆزىگە سىڭمەي قالغان.
مەن ھازىر نىيىترال پىكىر قىلىشقا سەل كۆندۈم.بىخەتەركەن .شۇڭا بۇ ئىسىمنى كۆپچىلىك نىمە دەپ بىكىتسە شۇنداق ئاتايكى خۇدا ئۇرسۇن ئەخمەقنى.
[/quote]
[size=3]كىشىلەر ئادەتتە ئورۇنسىز ۋە سەۋەپسىز ئىش كۆرىدىغان، ۋە ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى ئەپۇ قىلىۋەر.

ئەگەر سەن ئاق-كۆڭۈل بولساڭ، كىشىلەر ساڭا “شەخسىيەتچى”، “غەيرى مەقسەتلىك” دېگەن بوھتاننى چاپلايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا ئاق-كۆڭۈللۈك قىلىۋەر.

ئەگەر سەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولساڭ، سەن ئۆزەڭ ئۈچۈن بەزى ساختا دوستلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىسەن، ھەمدە بەزى ھەقىقىي دۈشمەنلەرنى تىكلەيسەن. شۇنداقتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىۋەر.

ئەگەر سەن راستچىل ۋە سەمىمىي بولساڭ، كىشىلەر سېنى ئالدىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ راستچىل ۋە سەمىمىي بولىۋەر.

ئەگەر سەن نۇرغۇن يىللارنى سەرپ قىلىپ بىر نەرسە ياسىساڭ، باشقىلار ئۇنى بىر كېچىدىلا ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ ئۇنى ياساۋەر.

ئەگەر سەن خاتىرجەملىك ۋە بەخىتلىككە ئېرىشسەڭ، بەزىلەر ھەسەتخورلۇق قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بەخىتلىك بولىۋەر.

سەن بۈگۈن قىلغان ياخشىلىق كۆپۈنچە ۋاقىتتا كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ ياخشىلىق قىلىۋەر.

ئۆزەڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلساڭمۇ، باشقىلار سەندىن مەڭگۈ رازى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۆزەڭنىڭ بارلىقىنى باشقىلارغا ئاتا قىلىۋەر.

ئاخىرقى ھەساپتا، بۇ ئىش سەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش ئەمەس. سەن بىلەن خۇدانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىش.[/size]
[url]http://uyghuracademy.com/?p=9414[/url] دىن ئارىيە.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 3:51 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]albert[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-24 08:38 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2912&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

خوش، ئۇشبۇ قوياشلىق كۈنلىرىمىزدىن بىر يىرىم يىل مۇقەددەم مەن بىلىك تە «ئەقلى ئېقتىدارلىق يان تىلفون دىمەي ئەقلىفون دەيلى» دىگەن شۇئارنى بىرىنچى بولۇپ توۋلاپ سىلىپ خىلى بىر قىسىم ITئۇستاملىرىنىڭ كۆزىگە سىڭمەي قالغان.[/quote]

ئۇ ئىشلاردىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن. لېكىن بۇ ئاتالغۇ ئاخىرى «زېرەكفون» غا مۇقىملاشتىغۇ دەيمەن. بۇنداق مۇقىملىشىشتا جەزم قىلىمەنكى سىز دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان «ئەقلىفون» نىڭمۇ ئىجابى رولى ئاز ئەمەس بولۇشى مۇمكىن.

ھازىر بانكىلارنىڭ كوچىلارغا قويىۋالغان پۇل ئېلىش ماشىنىسىغا بىدار-قۇتلان ئاكىمىز «... پۇلدان» دەپ ئىسىم قويايلى دەپ پىكىر قىلدى. بۇ ئاتاشتىن مەنمۇ ناھايىتى خوشال بولدۇم. كەلگۈسىدە بۇ ماشىنىغا قانداق ئىسىم بېكىتىلمىسۇن، مۇشۇ «... پۇلدان» نىڭ ئىجابىي رولىمۇ ئاز بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سۆيىدىغان زىيالىلىرى پىكىر سورۇنلىرىدا پىكىر بېرىشتىن قورقماسلىقى كېرەك. ھەتتا بۇ ئۇلارنىڭ ... ئالدىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى.

ئاممىۋى سورۇنلاردا پىكىر قىلىشتا «باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغىش-سىغماسلىق» نى ئەمەس، «پايدىسى بولۇش-بولماسلىقى» نى مەقسەت قىلىڭ. پىكرىڭىز مۇۋاپىقلا بولسا، بىر قانچەيلەننىڭ كۆزىگە سىغماسلىقنىڭ كارايىتى چاغلىق. چۈنكى باشقا نۇرغۇنلارنىڭ كۆزىگە سىغىپ كېتىسىز.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 6:01 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-7-27 09:51 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2959&ptid=571][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى سۆيىدىغان زىيالىلىرى پىكىر سورۇنلىرىدا پىكىر بېرىشتىن قورقماسلىقى كېرەك. ھەتتا بۇ ئۇلارنىڭ ... ئالدىدا باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى، مەسئۇلىيىتى.[/quote]
ئالىي مەلۇمات كۆرگەن، قانۇننى ئاز - تولا بىلىدىغان كۆپ قىسىم خىزمەتداشلىرىمنىڭ خىلى چوڭ مەنپەتلىرىمىزگە زىيانلىق بولىۋاتقان يولسىز، ھۆججەتسىز ئىجرائاتلارغا سۈكۈت قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى بىچارە ھالەتكە چۈشۈرۈپ، تىلى راۋان يولداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى، يۇقۇرىغا ئىنكاس قىلىشىنى ئوچۇق ئاشكارا تاما قىلىپ تۇرغىنىغا قاراپ، دىھقانلىرىمىزغا، ئادەتتىكى ئاۋامغا ئەجەپلەنمەيدىغان بولدۇم.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 6:37 am

بۇنداق ئىشتا، ئالدىدىكىلەر بىلەن كەينىدىكىلەرنىڭ ئوخشاشلا مەسئۇلىيىتى بار، ھەرگىزمۇ بىر تەرەپكە ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

مەسىلەن، يۇقۇرىدا بىر قېرىندىشىمىز «ئەقلىفون» دەپ ياخشى نامدىن بىرنى تېپىپ چىقىپ، باشقىلاردىن ئازار يىگەندە، بىز كەينىدە تۇرىۋاتقانلارمۇ، ئاشۇ توغرا ئىدىيە-پىكىرنى ۋە شۇ پىكىر ئىگىسىنى باشقىلار ئالدىدا قوغدىيالىساق، بۇ قېرىنداش، كېيىنكى قېتىمدىمۇ، توغرا پىكرىنى قورقماي، دادىل ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بولىدۇ. ئەمما كەينىدىكىلەر قوغدىمىسا، بۇ پىكىرداش زەربىلەرگە كۆمۈلۈپ كېتىپ، بېشىنى كۆتۈرەلمەي، كەينىدىكىلەرنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىگە سۈكۈت قىلغىنىنى كۆرگەندىن كېيىن، كېيىنكى قېتىم پىكىر قىلىدىغان ۋاقىتتا بۇ قېرىندىشىمىزمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرىۋالىدۇ.

EnQa
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 01, 2008 2:48 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان EnQa » سەيشەنبە ئىيۇل 27, 2010 8:47 am

لاھىيە ئەمەس لايىھە .
مەيلى يوقاردا تىلغا ئېلىنغان قايسىسىلا بولسۇن بىرلىك ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار