Ubuntu نى ئۇيغۇرچە قىلىش

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

Ubuntu نى ئۇيغۇرچە قىلىش

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 1:43 pm

قوزغالغان ئىنگىلىزچە ئۇبۇنتۇ كۆزنىكى:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb03.png[/img]
.
.
.
تىزىملىكتىن System-->Administration-->Language Support نى تاللايمىز. (بۇ دىگەنلىك، سىستېما --> باشقۇرۇش --> تىل قوللىشى دىگەنلىك بولىدۇ.) مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb04.png[/img]
.
.
.
بۇ ۋاقىتتا مۇنۇ ئېكران
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb05.png[/img]
كۆرۈنىدۇ.
.
.
.
بۇنىڭدىن بوياپ قويغان كۇنۇپكا (تىللارنى قاچىلا\ئۆچۈر) نى باسساق، مۇنۇ ئېكران
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb06.png[/img]
كۆرۈنىدۇ.
.
.
.
بۇ ئېكراندىكى تىك تاياقچىنى تۆۋەنگە سۈرۈپ، ئاددى خەنزۇ تىلى كۆرۈنگەندە ئۇنى تاللايمىز. مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb07.png[/img]
.
.
.
ۋە يەنە ئۇيغۇر تىلىنى تاللايمىز.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb08.png[/img]
ئاندىن، بوياپ قويغان كۇنۇپكا (ئۆزگەرت) نى باسىمىز.
.
.
.
بۇ ۋاقىتتا ئۇبۇنتۇ توردىن خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججەتلىرى، كىرگۈزگۈچ ۋە خەنزۇچە فونتلار (ئۇيغۇرچە فونتلارنى ئايرىم چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. بۇ كېيىن تونۇشتۇرىلىدۇ) نى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاشقا باشلايدۇ. مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb09.png[/img]
.
.
.
چۈشۈرۈپ قاچىلاش تاماملانغاندا، مۇنۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb10.png[/img]
چىقىدۇ. ئۈستىدىكى كۇنۇپكىنى چەكسەك،
.
.
مۇنۇ كۆزنەك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uusb11.png[/img]
كە قايتىدۇ. بۇ يەردىن ئاستىدىكى تىزىملىكتىن ibus نى تاللايمىز. بۇ خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىدىغان يېرى. بۇنىڭلىق بىلەن سىستېمىغا، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى، كىرگۈزگۈچلەر ۋە خەنزۇچە فونتلار قاچىلىنىپ بولغان بولىدۇ.
.
.
.
ئەمدى كۆرۈنمە يۈزىنى خەنزۇچە قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ كۇنۇپكا
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef01.png[/img]
.
.
.
نى چېكىپ، ئالدىنقى ئېكراننى چوڭايتىمىپ،
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef02.png[/img]
تىك تاياقچىنى تۆۋەنگە تارتىمىز.
.
.
.
بۇ ۋاقىتتا تىل تىزىملىكى ئاستىدا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە دىگەن تىللار كۆرۈنىدۇ.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef03.png[/img]
.
.
.
بۇ تىللاردىن ئاۋال خەنزۇچىنى سۆرەپ، تىزىملىكنىڭ ئەڭ چوققىسىغا تىزىيمىز، مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef04.png[/img]
ئاندىن ئاستىدىكى كۇنۇپكىنى چېكىمىز.
.
.
.
بۇ ۋاقىتتا سىستېما سىزدىن ئىم سورايدۇ.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef05.png[/img]
ئىمنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز.
.
.
.
ئاندىن ئۇبۇنتۇنى تاقاش كۇنۇپكىسى
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef06.png[/img]
نى چېكىپ،

(بۇ يەردىكى بوياپ قويغان 3 بۇيرۇق بولسا، ئايرىم-ئايرىم:

چىقىپ كېتىش
قايتا قوزغىتىش
تاقاش

دىگەنلىك)

ئۇنىڭدىن «چىقىپ كېتىش» نى تاللاپ، ئاندىن بۇ
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef07.png[/img]
بۇ جەزمىلەشتۈرۈش كۆزنىكىدە جەزمىلەشتۈرسەك، سىز سىستېمىدىن چىقىپ كېتىسىز. ۋە قايتا كىرىش كۆزنىكى چىقىدۇ. شۇ يەردىن سىستېمىغا قايتا كىرىسىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 20:07 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 21:17 [/i]]



Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 2:25 pm

سىستېمىغا قايتا كىرسىڭىز، بۇ ۋاقىتتا، سىستېما كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە بولىدۇ.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef08.png[/img]

سىستېما خەنزۇچە بولغاچقا، ئۆزىڭىز ئەمدى ئەركىنراق مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا توردىن ياكى باشقا يەردىن ئۇيغۇرچە فونتلارنى كومپيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈڭ ياكى كۆچۈرۈڭ.

سىستېمىنىڭ چوققىسىدىكى 位置 نى بېسىپ، ئۇنىڭدىن 计算机 تۈرىنى تاللاپ، ئۇيغۇرچە فونت بار ھۆججەت قىسقۇچقا بېرىپ، چۈشكەن ئۇيغۇرچە فونتلارنى كۆرۈڭ، مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef09.png[/img]
.
.
.
بۇ يەردە فونت ھۆججىتىنى چاشقان بىلەن ئوڭ چېكىپ، چىققان تىزىملىك
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef10.png[/img]
تىن بوياپ قويغان 1-تۈرىنى تاللاپ چەكسىزڭىز
.
.
.
مۇنۇ ئېكران چىقىدۇ
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef11.png[/img]
.
.
.
بۇ ئېكراندىكى بوياپ قويغان كۇنۇپكىنى چەكسىڭىز فونت قاچىلىنىدۇ.

باشقا فونتلارنى يەنە مۇشۇ قەدەملەرنى تەكرار بېسىپ، قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 2:46 pm

ئەمدى 系统------系统管理---------语言支持 بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، تىل كۆزنىكىگە بېرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى سۆرەپ، تىزىملىكنىڭ ئەڭ چوققىسىغا قويۇپ قويىمىز، مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef12.png[/img]
.
.
.
ئاندىن، بوياپ قويغان كۇنۇپكىنى چەكسەك، سىستېما ئىم سورايدۇ. ئىمنى كىرگۈزۈپ جەزملەشتۈرىمىز. ئاندىن تىل كۆزنىكىنى تاقاپ، ئېكران كۆرۈنمە يۈزى فونتىنى ئۇيغۇرچىغا تەڭشەيمىز. يەنى،
系统------首选项-------外观------字体 نى تاللىساق، بۇ كۆزنەك ئېچىلىدۇ:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef13.png[/img]
.
.
.
بۇنىڭدىكى فونتلارنى بىز خالىغانچە تاللاشقا بولىدۇ. بۇنىڭ 1-تۈرىگە خالىغان بىر ئۇيغۇرچە فونتنى تاللاپ،
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef14.png[/img]
كۆزنەكنى تاقاپ، سىستمىدىن چېكىنىپ، قايتا كىرسەك بولىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا سىستېمىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە بولىدۇ. مانا مۇنداق:
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef15.png[/img]
.
.
.
ئۇيغۇرچە تەرجىمە تېخى مۇكەممەل، تولۇق بولمىغاچقا، سىستېمىنىڭ تەرجىمە قىلىنمىغان چالا يەرلىرى ئىنگىلىزچە ۋە خەنزۇچە چىقىدۇ. تەرجىمە قىلىنغان يەرلىرى ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىشلار تامام.

چۈشەنمىگەن جايلىرىڭىز بولسا، يەنە سورىسىڭىز بولىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 20:51 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eagle ، ۋاقتى: 2010-8-10 21:22 [/i]]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 3:02 pm

ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تەڭشەش يېرى قاپتۇ. ئۇنى بىرەرسىڭلار يېزىۋېتىڭلار ياكى 2-1 كۈن ساقلاڭلار.

كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش بەك ئاسان.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef16.png[/img]
.
.
.
[img]http://i465.photobucket.com/albums/rr17/burkut/uef17.png[/img]

تېكىستىنى يېزىشقا ۋاقىت چىقمىدى. ئاشۇ رەسىم بويىچە قىلساڭلار بولىدۇ. تەس ئەمەس.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 3:45 pm

يۇقارقى ئىنكاستىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىۇش قسىمىنى مەن تولۇقلىۋىتەي
تەرتىپ بويىچە «System--مايىللىق----iBus تەڭشىكى» نى ئاچىمىز
iBus كىرگۈزگۈچ تەڭشەش كۆزنىكى چىقىدۇ
بۇ كۆزنەكتىىن ئۈستىدىكى تاللاش كارتىسىدىن «كىرگۈزگۈچ» دىگەننى تاللايمىز (رەسىمدىكى كۆكتە بويالغان قىسىم)
[img]http://i3.6.cn/cvbnm/30/ef/49/97b347c33c2bc7a1dee1065baa01bcbb.png[/img]

ئاندىن تۆۋەندىكىدەك چىقىدۇ .
بۇنىڭدىن ئۈستىدىكى «كىرگۈزگۈچ تاللاڭ» دىگەننى باسساق ئاستىدا كىرگۈزگۈچ تۈرلىرى چىقىدۇ بۇنىڭ ئىچىدىن «维吾尔语» دىگەننىي تاللاپ ئاندىن ياندىكى «قوش» دىگەن كونۇپكىنى باسساقلا
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلىدۇ.
[img]http://i3.6.cn/cvbnm/f6/bd/7e/0c5076152ece8dd357eeaf47dc254d19.png[/img]

---------------------------
رەسىم تەھرېرلەشكە قايسى دېتالنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر ...
مەن GIMP نى ئىشلىتىۋاتىمەن تىزئىشلىتىش كونۇپكىلىرىغا تازا دىگۈدەك كۆنەلمىدىم بۇنىڭدىن ياخشىراقى بارمىدۇ ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Omar14 ، ۋاقتى: 2010-8-10 21:48 [/i]]

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 4:09 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 21:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3247&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

يۇقارقى ئىنكاستىكى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشىۇش قسىمىنى مەن تولۇقلىۋىتەي[/quote]

رەھمەت. كېيىن ۋاقىت چىققاندا يەنە تەپسىلى قەدەملىرى بىلەن يازارمىز. (ياكى سىز يازارسىز ياكى مەن يازارمەن.)

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-10 21:45 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3247&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

رەسىم تەھرېرلەشكە قايسى دېتالنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر ...
مەن GIMP نى ئىشلىتىۋاتىمەن تىزئىشلىتىش كونۇپكىلىرىغا تازا دىگۈدەك كۆنەلمىدىم بۇنىڭدىن ياخشىراقى بارمىدۇ ؟[/quote]

PicPick
[url]http://picpick.wiziple.net[/url]

بۇ بەك پەيزى نەرسە، ھەم ھەقسىز. مۇنبەرگە رەسىم يوللاش ئېھتىياجىدىن تامامەن چىقىدۇ. لېكىن بۇ Windows مۇھىتىدا ئىشلەيدىغان دېتال. لىنۇكس (ئۇبۇنتۇ) مۇھىتىدا بىۋاستە ئىشلىمەيدۇ. لىنۇكس (ئۇبۇنتۇ) دا ئىشلىتىش ئۈچۈن، لىنۇكس (ئۇبۇنتۇ) مۇھىتىغا ئاۋال Wine دېتالىنى قاچىلاپ، شۇ مۇھىت ئۈستىگە PicPick نى قاچىلاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ.

Gimp دىگەن دەرىجىسى Photoshop بىلەن تەڭ تۇرىدىغان دېتال. بەك چوڭ، مۇرەككەپ، يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە تەس.

رەسىم يوللاش بوشلۇقىغا [url]www.photobucket.com[/url]

مۇشۇ يەردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، Windows مۇھىتىدىكى Photoshop دېتالى نەچچە مىڭ دوللار. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش نەرسە، لىنۇكس، ئۇبۇنتۇ مۇھىتىدىكى پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئىقتىدارى پۈتۈنلەي ئوخشاش.

ھەقلىق دېتالنى ھەقسىز ئىشلىتىۋېلىش، بۇ اللە نىڭ نەزىرىدە ئوغرىلىق قىلغانلىق؛ دۆلەت، قانۇننىڭ ئالدىدىمۇ نەشىر ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى.

بىز ھارامنى يېيىشتە، ئوغرىلىق قىلىشتا، اللە دىن قورقىمىز؛ ئوغرىلىق قىلىشتا قانۇن، ساقچىدىن قورقىمىز، لېكىن ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنى ھەقسىز ئىشلىتىۋېلىپ، يۇمشاق دېتال ئوغرىلىق قىلىشتىن ھىچ يانمايمىز. ھەم بۇنى نورمال ئىش دەپ قارايمىز.

اللە نىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشتىن؛ دۆلەت، قانۇن ئالدىدا جىنايەتچى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، Windows نى تاشلاپ، Linux قا، Ubuntu غا كۆچەيلى. (ناۋادا Windows نى سېتىۋالغان بولسىڭىز، ياكى ماركىلىق كومپيۇتېرلار بىلەن بىرگە سېتىۋالغان بولسىڭىز، داۋاملىق ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.) توڭگۇز گۆشى يېيىشتىن توختاپ، قوي-كالا گۆشى يېيىشنى باشلايلى.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 4:21 pm

مەن Wine غا پەقەت Windows دېتاللىرىنى يۈكلەپ باقمىدىم .... Wine دا يۇمشاق دېتاللار Windows دىكىدەك نورمال ھەم تېز ئىجرا بولامدۇ؟

قېنى مەن picpick نى Wineغا يۈكلەپ باقاي

مەن رەسىم يۈكلەشكە [url]http://tu.6.cn/[/url] نى ئىشلىتىمەن سۈرئىتىمۇ بولىدۇ،ھەمدە خەتلىتىش بىھاجەت....

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » جۈمە ئاۋغۇست 13, 2010 9:59 am

مەن ubuntu10.04نى قاچىلاپ 3Dئۇنۇملىرىنى باشقا ھەممە ئىقتىدارلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدىم بىراق مۇشۇ ئۇيغۇرچە تور بەتكە چىقسام خەتلەر ئۇلاشماي بىر قىسىم خەتلەرنى ئوقۇش مۇمكىن بولمىدى ،ئوقۇغىلى بولسىمۇ لىكىن بەك سەت مۇشۇ خەتلەرنىمۇ ubuntuدا يازدىم . مەن ubuntuنى usr/share/fonts مۇندەرىجىسىگە چاپلاپ ئاندىن تىرمىنالدىن قاچىلىغان ئىدىم ،زادى نىمە خاتالىق سەۋەبىدىن خەتلەر ئۇلاشمىغاندۇ تەلىم بەرسەڭلار.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-8-13 23:28 [/i]]

Epshani
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:42 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Epshani » جۈمە ئاۋغۇست 13, 2010 3:44 pm

توۋا ھازىر windowsقا كىرىپ قارىسام مەن يازغان ئۇلاشماي چىققان خەتلەرمۇ نورمال تۇرىدۇ ،ئاۋۇ <ئۇيۈغۇرچە> دىگەن خەتمۇ ئۇلاشمىغاچقا ئىنىق كۆرەلمەي شۇنداق يىزىلىپ كىتىپتۇ ،خاپا بولماي بىرەر تورداش ئۆزگەرتىپ قويسا بوپتىكەن ،بولمىسا ئەتىلا مەن ئىملا تۈپەيلى تىل مەسىلىسى ئۇستىدە ئەيىب -تىللاشلارغا كۆمۈلۈپ كىتىمەن .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » جۈمە ئاۋغۇست 13, 2010 5:30 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]apxani[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-13 21:44 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3455&ptid=603][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
توۋا ھازىر windowsقا كىرىپ قارىسام مەن يازغان ئۇلاشماي چىققان خەتلەرمۇ نورمال تۇرىدۇ ،ئاۋۇ دىگەن خەتمۇ ئۇلاشمى ... [/quote]
ئاپخانى ئەپەندى تەلىۋىڭىز بويىچە يۇقۇرىدىكى قەۋەتنى تەھرىرلەپ قويدۇم، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويمىغاندىمەن-ھە؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-8-13 23:52 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار