[ULY] تىلكومغا يەنە بىر تەكلىپ

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ۋە ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە، مۇھاكىمە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر قويۇلىدۇ.
Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

[ULY] تىلكومغا يەنە بىر تەكلىپ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » دۈيشەنبە ماي 28, 2007 12:50 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،

[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=10364[/url] دىكى «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى» توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن نەچچە يىلدىن بۇيان بېسىققا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلىشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى دەھشەت مۇناھىزىلەر قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى.

ئاۋۋال، 4-5 يىلدىن بۇيان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەت قىلىپ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئورۇنسىز سۆز-چۆچەكلىرىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى، بىلىك كۇلۇبى، تورداشلار ۋە تىلكوم ئارىسىدا باشتىن ئاخىرى كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كۆپچىلىكنىڭ پىكىرلىرىنى رەھبەرلىككە يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان تەتقىقاتچى ياسىن ئىمىن ئەپەندىگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن...

ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتېتى ئېلان قىلغان «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى» نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى توغرىسىدىكى تورداشلارنىڭ پىكىرىنى خۇلاسىلاپ بىر تەكلىپ يېزىپ چىقتىم. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئورۇندىن كۆرۈڭ:

PDF فورمات: [url]http://www.ukij.org/oyghan/uky/Tilkomgha_Yene_Bir_Teklip%20_ULY.pdf[/url]
Word فورمات: [url]http://www.ukij.org/oyghan/uky/Tilkomgha_Yene_Bir_Teklip_ULY.doc[/url]
================= تەكلىپنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى باشلاندى=======================
[size=5][align=center]شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا تەكلىپ[/align][/size]

مۆھتەرەم رەھبەرلەر، ئۇستازلار،

ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئالاھىدە مەبلەغ چىقىرىپ، تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەشكىلىگەنلىكىنى ئالقىشلايمىز.

يېقىندا تىلكومدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى[1] » توغرىسىدا تەتقىقات تېمىسى ئىشلەۋاتقانلىقىدىن، ھەمدە دەسلەپكى لايىھىسىنىڭ تۆۋەندىكىدەك بېكىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتۇق.
[img]http://sarwan.net.googlepages.com/latin.jpg[/img]
1-رەسىم: «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى»

يۇقىرىدىكى لايىھىنى 2000-2001- يىللىرىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تىل- يېزىق خادىملىرى، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسلىرى قاتناشقان بەش قېتىملىق[2] ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق بىرلىككە كەلگەن، دەسلەپ «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى- UKY» دەپ ئاتىلىپ، 2005-يىلىدىن بۇيان تورداشلارنىڭ تەكلىپى ۋە قوللىشى بىلەن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى -ULY» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان تۆۋەندىكى لايىھە بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆردۇق.
[img]http://ukij.org/teshwiq/images/UKYJedwili.jpg[/img]
2-رەسىم: «ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى- UKY» ياكى «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى -ULY» لايىھىسى

يۇقىرىدىكى ئىككى لايىھىنىڭ نامىنىڭ قانداق ئاتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ماھىيەت جەھەتتىن ھەر ئىككىسى ئورتاقلىققا ئىگە بولغاچقا، بۇ ماقالىدە سېلىشتۇرۇپ پىكىر بايان قىلىشىمىزغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن 1-رەسىمدىكىسىنى «لايىھە A»، 2-رەسىمدىكىسىنى «لايىھە B» دەپ ئېلىپ ھەر ئىككى لايىھىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە پەرقلىرى توغرىسىدىكى پىكىرلىرىمىزنى تۆۋەندىكىلەرگە يىغىنچاقلىدۇق:
[align=center][size=5][color=Magenta]
ئىككى لايىھىنىڭ نامى توغرىسىدا[/color][/size][/align]

«لايىھە A» نىڭ بىزگە ھازىرچە مەلۇم بولغان ئاتىلىشى «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى» بولۇپ، نامى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن.

«لايىھە B» ھازىر «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» (قىسقارتىلىپ ئۇ ل ي ياكى ULY) دەپ ئاتىلىپ لازىم بولغان ساھەلەردە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ نام قىسقىراق بولغاچقا كۆپ ساندىكى تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئۆلچەمنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتەلمىگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ULY غا ياكى ئۇنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنى چۈشەنمەسلىكى سەۋەبىدىن « ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش يېزىق ئىسلاھاتى قىلغانلىق...» دېگەندەك خاتا تەشۋىقات تارقىتىشى بىلەن ئاز ساندىكى تورداشلار «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى» دېگەن نامنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلماقتا. ULY نى باشتىن-ئاخىر توغرا تەشۋىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتىگە ئەزا تور بېكەتلەر ۋە بىلىك كۇلۇبى قاتارلىقلار تەشۋىقاتقا يېتىشەلمىگەن بولسىمۇ ئەزەلدىن «يېزىقى ئىسلاھاتى قىلىمىز» دېمىگەن ھەم دېمەيدۇ.

قايسى خىل نامنى قوللايدىغانلارنىڭ ئاز-كۆپلىكى توغرىسىدا تەشكىللىك ھەم ئىشەنچلىك راي سىناش ئېلىپ بېرىلمىغان بولغاچقا، بۇ جەھەتتە ئېنىق ستاتىستىكىلىق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز. شۇڭا، تىلكومدىكى ئۇستازلارنىڭ ھازىرغىچە تەۋسىيە قىلىنغان ناملار توغرىسىدا تور، مەكتەپ ياكى جەمئىيەت ئاممىسىدىن ئاز بولغاندىمۇ 10 مىڭ كىشىلىك راي سىناش ئېلىپ بېرىشىنى، ھەم بۇ توغرىلىق تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

[align=center][color=Magenta][size=5]بۇرۇن ئاساس قىلىنغان پرىنسىپ ۋە لايىھەلەرگە بىر نەزەر[/size][/color][/align]

2000-2001- يىللىرىدا ئېچىلغان بەش قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلەش لايىھىسىدە تۆۋەندىكى تۆت ئاساسىي پرىنسىپ ۋە بىر قوشۇمچە پرىنسىپنى ئاساس قىلىنغان:

1)



Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » دۈيشەنبە ماي 28, 2007 9:10 am

تەكلىپ ئەتراپلىق ۋە پاكىتلىق تەييارلىنىپتۇ. بىلىك تور بېكىتى ئىمزا قۇيۇشقا قوشىلىدۇ.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » سەيشەنبە ماي 29, 2007 5:38 am

پارتىيىنىڭ زۇۋانى دەپ ئاتالغان« تىيانشان تورى»مۇ لاتىن يېزىقىدىكى تور بېتىدە بۇرۇنقى لاھىيىنى قوللانغان.
[url]http://uygur.xjts.cn/lading/index.htm[/url]
[url]http://uygur.xjts.cn/lading/lingdao/node_145.htm[/url]
دىمەك شۇنىڭدىن بۇرۇنقى« ئا لاھىيىنىڭ »ئاممىۋى ئاساساىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » سەيشەنبە ماي 29, 2007 12:25 pm

ۋارىس ئەپەندىمنىڭ تەكلىۋىگە تامامەن قوشۇلىمەن. چىرايلىق، ئاساسلىق بوپتۇ، مېنى ياز دەيدىغان بولسا مۇتەخەسىسلەرگە يامان چىرايلىق سۆزلەرنى يېزىۋېتەتتىم،شۇڭا يازمايمەن-دە.:D

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » سەيشەنبە ماي 29, 2007 5:20 pm

مەن يەنىلا ئە نىڭ e ئارقىلىق ئىپادىلەشنى قوللايمەن ؛ ئە ھەرىپىنىڭ ئىشلىتىلىشى كۆپ بولغان ئىكەن ؛ بۇ ھەرىپنى ئەلۋەتتە كۇنۇپكا تاختىسىكى قولغا ئاسان كېلىدىغان e ھەرىپنىڭ ئورنىغا قويغان ياخشى ä ھەرىپ ئارقىلىق كىرگۈزۈشكە توغرا كەلسە ، ھەقىقى ULY نۇسخىسىدا خەت يازغاندا يېزىش سەل قولايسىز بولۇپ قالىدىكەن ؛ ھەمدە مەسىلەن :مېنىڭ تور بېكىتىم (زەپەرتورى )Zeper.cn نى ئىپادىلەش ھەمدە بۇ نامدىكى ئادېرىسنى سېتىۋېلىش مۇمكىن بولمايدىكەن ...
شۇڭلاشقا يۇقارقى تەكلىپكە ئاۋاز بېرىشكە قوشىلىمەن ؛

Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » چارشەنبە ماي 30, 2007 3:13 pm

ئويغان ئەپەندى ئېيتقاندەك، يېڭى لاھىيە----«ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى» توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن يەنە بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغالدى. ئەلۋەتتە كۆپچىلىك كىشىلەر ئوخشىمىغان لايىھىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىپ يېڭى تالاش-تارتىشنىڭ بولۇشىنى خالىمايدۇ. شەخسەن مەنمۇ بۇ توغرىسىدا يەنە تالاش-تارتىش بولۇشنى خالىمايتتىم.
لېكىن يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، تىلكومنىڭ بۇ لايىھىنى ئوتتۇرغا قويۇشى ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، لاتىن ھەرىپى لايىھىسىنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى تەرىپىدىن مەمۇرىي يول بىلەن بېكىتىلىشى ۋە ئومۇلاشتۇرۇشىقا يول ئىچىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بولۇپمۇ كۆپ قىسىم ھەرپلەرنىڭ بورۇنقى لايىھە بىلەن ئوخشاش بولۇشى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.
ئەمدى مەسىلە، يېڭى لايىھە بىلەن بورۇنقى لايىھە ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى قانداق ھەل قىلىش.
كۆرگىنىمىزدەك، ئىككى لايىھەنىڭ پەرقى ئۈچ ھەپتە كۆرۈلىدۇ: «ژ، ئە، ئې»ھەرپلىرى.
«ژ»ھەرپىگە كەلسەك، بۇ ھەرپ گەرچە ئىنتايىن ئاز ئىشلىتلسىمۇ، بەزىدە «ج» بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولسىمۇ، تىلىمىزدا ئايرىم بىر تاۋۇش دەپ ئىتراپ قىلىنغان، شۇ تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن سۆزلەر مەۋجۇت بولغانىكەن، چوقۇم كونا يېزىقتىكىگە ماس ھالدا «ج» دىن پەرقلەندۈرۈلۈپ ئايرىم ھەرپ بىلەن ئىپادە قىلىنىشى بورۇنقىغا قارىغاندا ياخشى ھەل قىلىنغان. بۇ جەھەتتە ئويغان ئەپەندىنىڭ مونۇ قاراشلىرىنى قوللايمەن:
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-28 06:50 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=342&ptid=69][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇ قېتىمقى «لايىھە A» دا «ژ» ھەرپىنىڭ «zh» بىلەن ئېنىق ئىپادىلەنگىنى ئىنتايىن مۇۋاپىق بولغان دەپ قارايمىز. بۇنداق قىلىش «لايىھە B» دا مۈجمەللىك پەيدا قىلغان « <ژ> ھەرپىنىڭ ئوقۇلىشىنى چوقۇم ئېنىق ئىپادىلەشكە توغرا كەلگەندە نى ئىشلىتىلىدۇ؛ باشقا ئەھۋاللاردا <ژ> نى ئىشلىتىدىغان ساپ ئۇيغۇرچىغا خاس سۆزلەر ئاز بولغاچقا ھەم نى ئىشلەتسەكمۇ تەلەپپۇز قىلغاندا <ژ> بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا <ژ> ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ...» دېگەندەك قاراشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

[/quote]
«ئە، ئې» نىڭ ئىپادىلىنىشى ئىككى لايىھەدە ئىككى خىل بولغان.

[quote]
ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Oyghan[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-28 06:50 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=342&ptid=69][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

«لايىھە A» نىڭ ئاساسى:
2000-يىلى 14- دېكابىردىكى يىغىندا قارار قىلىنغان ھازىرقى «لايىھە A» غا ئوپمۇ-ئوخشاش لايىھىدىمۇ «ئە» نى «ä» بىلەن، «ئې» نى «e» بىلەن ئىپادىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەمدە شۇنداق قىلىشنىڭ ئاساسى مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى:

«ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ھەرپلىرىنى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىگەندە تىل ئارقا سوزۇق تاۋۇشلىرى (يەنى: ئا، ئو، ئۇ a, o, u) نىڭ ئۈستىگە ئىككى چېكىت قويۇش ئارقىلىق تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشلىرى (يەنى: ئە، ئۆ، ئۈ) غا يېقىنلاشتۇرۇپ ماس ھالدا ä, ö, ü قىلىپ يېزىلىدۇ».

ئەگەر قايتىدىن يۇقىرىدىكى پرىنسىپ بويىچە ئىش كۆرسەك، «ئە» نى «ä» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ خىل ئەھۋالدا «e» ئىشلىتىلمىگەن بولغاچقا، «ئې» نى «e» ئىپادىلەشكە توغرا كېلىدۇ (ئەسكەرتىش: «ئې، ئى» لار ئارا سوزۇق تاۋۇش).

[/quote]
«ئە» نى «ä» بىلەن ئىپادىلەش يېڭى لايىھىنىڭ ئەڭ دىققىتىمىزنى تارتىدىغان تەرىپى بولۇپ، بۇنداق ئىپادىلەش بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئەمما ئادەتتىكى قوللىنىشلاردا بۇنداق ئىپادىلەش مەيلى قولايلىقلىق ياكى ئاممىۋىيلىق جەھەتتىن بولسۇن بورۇنقى لايىھەدىكىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچە ھاللاردا ä نىڭ ئورنىغا a نىڭ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ-دە، نورغۇن خاتالىقلار كېلىپ چىقىدۇ. ئەلۋەتتە «ئە» نىڭ مەسىلىسى ھەل بولسا «ئې»نىڭ مەسىلىسى ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ.
ھەرپلەرنىڭ ئىپادىلىنشى توغرىسىدىكى تالاشلار تۈگىسە، ئىككىنچى قەدەمدە بەزى ئىنچىكە مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بورۇن «ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY)نىڭ ئىملاسى توغرىسىدا ئىككى كەلىمە» [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=26&extra=page%3D1[/url]
ناملىق تېمىدا بەزى كىچىك مەسىلىلەر ئوتتۇرغا قويۇلغان (ھازىرقى شارائىتتا بۇ مەسىلىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى ئانچە مۇۋاپىق بولماسلىقى مۇمكىن، قىزىقىدىغانلار كۆرۈپ باقساڭلار ۋە پىكى بەرسەڭلار بولىدۇ)


ئومۇمەن، ئويغان ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى پاكىتلىق، ئىلمىي بولغان، مەن بۇلارنى قوللاش بىلەن بىرگە كۆپچىلىكنىڭ يېڭى لايىھىگە دۈشمەنلىك بىلەن قارىماي، ئۇنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىق لايىھىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى بىر يېڭى پەللە دەپ قارىشنى، ئىلمىي مۇلاھىزە قىلىپ، ئويغان ئەپەندىنىڭ تەكىلىپكە قىزغىن ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

مېنىڭ پىكىرىم!

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:42 am

مەن ئۆزەمنىڭ كۆ قارىشىمنى تۆۋەندىكىدەك 4 تۈرگە بۆلۈپ سۆزلىمەكچىمەن.

1. 'ئا' بىلەن 'ئە' گە ئوخشىشىپ كېتىدىغان لاتىن ھەرىپىنى ئىشلەتكەندە سۆز مەنا خاتالىقى كۆپ كۆرىلىدۇ.
ھازىر كومپىيۇتېر ۋە تور ئىشلىرى بارغانچە كېڭىيىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھەم شۇنداق. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ، بولۇپمۇ دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ لاتىن لايىھەسىدە ئۇچۇر- ئالاقە ئىشلىرى ئېلىپ بېرىش ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشسا ئاشىدىكى، ھەرگىز كېمەيمەيدۇ. بۇنىڭغا نىسبەتەن سانلىق مەلۇماتلارنى بەرمىسەممۇ، بۇنىسى كۆپچىلىككە ئايان.
شۇنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى تورخانىدا ۋە ئىشخانىدا تورغا چىقىدۇ، ئۆزىنىڭ مەخسۇس كومپىسى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ قىسم ئۇيغۇرلار ä نى چىقىرىشنى بىلمەيدۇ (مەن ئۆزەممۇ بىلمەيمەن، ä نى مەن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم). شۇنداق بولغان ئىكەن، كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ä نىڭ ئورنىغا a نى يېزىشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن بۇ توغرۇلۇق كىچىككىنە سىتاتىستىكا ئېلىپ باردىم:
«شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى 2002- يىللىق 9- ساندىكى ئۈمىد غەنى يازغان «'كۆڭۈلدىكى سۆز' ۋە مەن» ناملىق ماقالىدىكى خەتلەرنى سىتاتىستىكا قىلدىم. (چۈنكى مەندە بارى شۇ قاتارلىق ژورنال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم تونۇيدىغانراق بىرەرسىنىڭ ماقالىسىنى قىلاي دىگەنتىم).
مەزكۇر ماقالە جەمئىي 1241 خەت (ماۋزۇ ۋە ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، 'ئا' بىلەن 'ئە' ئالمىشىپ كەتسە ياكى لاتىنچىسىدا ھەر ئىككى ھەرىپكە a نى ئىشكەتكەندە سۆز ئۇقۇم خاتالىقى كېلىپ چىققان سۆزلەر (خەتلەر) 34 دانە، ئومومىي خەتنىڭ %2.739 نى ئىگىلەيدىكەن. قوشۇمچىسىنى ھېساپقا ئالمىغاندىكى ئۇقۇم خاتالىقى بار سۆزلەر 49 دانە بولۇپ، ئومومىي خەتنىڭ %3.948 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ بىر تىلغا نىسبەتەن ئىنتايىن يۇقىرى بولغان چاستوتا. لېكىن جۈملە ئىچىدىكى مەنا خاتالىقىنى بايقىمىدىم. بۇ ھەرگىز 'جۈملىدە مەنا خاتالىقى كۆرۈلمەيدىكەن' دىگەندىن دېرەك بەرمەيدۇ. بەلكى بىرەر شېئىرىدا (شېئىرىدا سۆز ئېنىق بولىمىسا، ئىنتايىن ئاسان مەنا خاتالىقى يۈز بېرىدۇ)، پوۋسىتتا، ياكى روماندا جۈملە مەنا خاتالىقى يۈز بەرمەيدۇ، دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟
مېنىڭ قىلغىنىم پەقەت بىر كىچىككىنە سىتاتىستىكا، چۈنكى چوڭىغا قۇربىم يەتمىدى. ناۋادا 100 مىڭ ھەتتا مىليون خەتلىك سىتاتىستىكىلار بولسا، جۈملە خاتالىقى ئېنىق چىقىدۇ. 'ئا' نىڭ ä بىلەن ئىپادىلىنىشى مۇشۇ نۇقتىدا تېخىمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
كود ياكى فوند ئالماشتۇرۇش دېتاللىرى ئايلاندۇرغان خەتلەردىمۇ نۇرغۇن سۆز مەنا خاتالىقى كېلىپ چىقىدۇ. كونا يېزىقتىكىسى لاتىنچىسىدا، لاتىنچىسى سىلاۋىيانچىسىدا خاتا مەنا بېرىدۇ. ئىسىمىزدە بولسۇن، ئۇيغۇرلار پەقەت شىنجاڭدىلا ئەمەس، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىش بىزنىڭ ئۈچۈر ئىشلىرىمىزنى ھەقىقىي تېزلىتەلەيدۇ. ئڭنداق بولمىغاندا، بىز خەنزۇچىنىڭ ئۈلۈشكۈنكى ياكى ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۇچۇرىدىنلا خەۋەردار بولۇپ قالىمىز،

2. äنى كۆپ قىسىم ئىشلەتكۈچىلەر چىقىرالمايدۇ، ھەم چىقىرىش مەشغۇلاتى مۇرەككەپ.
ä نى خەتكىرىكتە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار چىقىرالمايدۇ، قىسقىسى مەنمۇ چىقىرالمايمەن، چىقىرالايدىغان بىرسىنىمۇ تونۇمايمەن. بۇنى چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم شىفتنى ياكى 2 كىلىتنى تەڭ بېسىشقا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 'ئە'نىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىشلىتىشلىش چاستوتىسى ئىنتايىن يۇقىرى ھەرىپ. بۇنداق ھەرىپنى مۇرەككەپ ئۇسۇلدا چىقىرىش خەت ئۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق ئەمەسمۇ؟
ناۋادا 'بۇ لايىھە يېنىدا كوپىيۇتىرى بار، ھەم كوپىيۇتېرغا ئۇستا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن' دىيىلسە، مېنىڭ باشقا پىكىرىم يوق.
ئىسىمىزدە بولسۇنكى، ئاممىۋىيلىقنى ئويلاشمىغان ھەرقانداق بىر لايىھەنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.

3. تۈركلەرمۇ 'ئە' گە e نى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
بىزمۇ تۈركي قەۋىمدىنمىز، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىزمۇ تۈرك، تۈرك بولغاندىمۇ تۈركىيەدىكى تۈركلەردىن بەكىرەك تۈرك (تەپسىلاتىنى تارىخي كىتاب ۋە تارىخچىلاردىن سۈرۈشتە قىلىڭ). بىز بارلىق تۈركىي قەۋىم بىلەن بىر تىلدا، لېكىن ئوخشىمىغان شىۋىدا دىسەكمۇ خاتالاشمايمىز. شۇنداق بولغان ئىكەن، بىز نىمىشقا تۈركلەرنىڭ يرىمىنى دىگۈدەك ئىگىلىگەن تۈركىيە تۈركلىرى ئىشلىتىۋاتقان 'ئە' گە لاتىنچە e نى ئىشلەتمەيمىز.
تۈركلەرنىڭ 'ئە' گە e نى ئىشلىتىپ قېلىشى بىر خاتالىق دەيدۇ. مېنڭچە ئۇنداق ئەمەس. ئۇنداق بولغاندا، خەنزۇلارنىڭ پىنيىنىنى نىمە دەيسىز؟ كىم x نى 'ش' دەپ ئوقۇيدۇ. يۇرتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئىسمى تېخى Xinjiang، ئەگەر توغرىلىق ئىزدەيدىغان ۋە ئازراق ھۆرمەت قىلىدىغان ئىش بولسا، بۇنى Shinjang دەپ ئۆزگەرتسە بولمامدۇ؟ ئوروسچىمۇ لاتىن ھەرىپلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇنى ئېلىپبە ئىسمى 'لاتىنچە' ۋە 'سىلاۋىيانچە' دەپلا پەرقلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار p نى 'ر' دە، H نى 'ن' دەپ ئوقۇۋىرىدۇ.
ä نىڭ خەلقئارادىكى ئوقۇلۇشى ھەققەتەن 'ئە'، لېكىن خەلقئارانى دەپ تىلىمىزدا يۇقارقىدەك قالايمىقانچىلىق ۋە ئاۋارىچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويساق بولمايدۇ- دە. بۇ لايىھەنى ئەڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەر خەلقئارادىكىلەر ئەمەس، بەلكى بىز ئۇيغۇرلارمۇ! (خەنزۇلارمۇ ئۆزىنىڭ پىنيىنىنى خەلقئارالىق دەپ تۇرۋالىدۇ، ئاخىرقى ھېساپتا ئىشلىتىدىغىنى يەنىلا ئۆزى). ئۇنىڭ ئۈستىگە e مۇ ئوقۇلۇشى 'ئە' گە سەل يېقىنراق سوزۇق تاۋۇشقۇ؟
ناۋادا، 'بۇ لايىھە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەس، خەلقئارادىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرچىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىشى ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن' دىيىلسە، مېنىڭ يەنە باشقا پىكىرىم يوق.

4. مۇشۇ لايىھەگە ئوخشاپ كېتىدىغان لايىھە ULY تەرەققىي قىلىپ، مەلۇم يەرگە بېرىپ قالدى.
بۇنىسى كۆپ قىسىم تورداشلارغا ئايان. دۇنيادىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مۇشۇ ULY لايىھەسى ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۋاتىدۇ. بۇ توغرۇلۇق بىلىۋال دەك غوللۇق توربەتلەر قۇرۇلدى، شۇنداقلا خەلقئارا يىغىنلاردا نۇتۇق قىلىپ سۆزلەندى (مەن بۇ نۇتۇقنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، بولمىسا بۈگۈن ئۈرۈمچىدە بىر ئىت بىكار، بىر مەن بىكار، لېكىن ئۆزەمنىڭ كوپىيۇتېرى بولمىغاچقا، ئىش ۋاقتىدا تەرجىمە قىلىشقا مەجبۇرمەن).
ناۋادا 'ئە' نىڭ يېزىلىشى بىراقلا ä گە، 'ئې' نىڭ يېزىلىشى e گە ئۆزگەرسە، بۇرۇن قىلغان ئىلمىي ئەمگەكلەر، ياسالغان توربەت، كود ئالماشتۇرۇش يۇمتالى قاتارلىقلار بىراقلا يوققا چىقىدۇ. مەن تىلكومدىكىلەرنىڭ بۇ ئەمگەكلەرنى ھۆرمەتلىشىنى تەلەپ قىلمايمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلار ھېچقاچان بىر- بىرىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىپ باقمىغان. پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا كۆپىرەك سوغۇققان بولۇشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېنىڭ نەزىرىمدە ULY بىر قەدەر ياخشى بولغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تىلكومنىڭكى لايىھىسىدىن ياخشىراق بولغان لايىھە دەپ قارايمەن (راست گەپ قىلىش ئۈچۈن يۈز خاتىرە قىلمىدىمغۇ) لېكىن 'ژ' ھەرىپىگىمۇ بىر ئورۇن بېرىشنى (چۈنكى 'ژ' ھەرىپى تۈركىي تىللار دىۋانىدىمۇ بار تاۋۇش)، شۇنداقلا بۇنى jh بىلەن ئىپادىلەشنى تەكلىپ بېرىمەن.
يۇقارقى ئۇددۇل دىگەنلىرىم ئۇيغۇرنىڭ پسخىكىسىغا ياقمايدۇ، شۇڭا تىلكومدىكىلەرنىڭ بۇ تەكلىپىمنى قوبۇل قىلىپ كېتىشىگە تازا ئىشەنمەيمەن. لېكىن پەقەت پىكىر بېرىش ھوقۇقۇم بولغانلىقتىن، پىكىرلا بېرىپ، مەجبۇرىيىتىمنى ئادا قىلدىم. ھەقىقىي ئىجرا ۋە مىللىتىمنزنىڭ كەلگۈسى تىلكومنىڭ قولىدا قالدى ئەمىسە!

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ماي 31, 2007 6:20 am

سالام ئەپەندىلەر،

ياخشى تەكلىپ بوپتۇ.

"ئە" ھەرىپىنى ä بىلەن ئىپادىلەپ، "ئې" ھەرىپىنى e بىلەن ئىپادىلىگەنلىكى بۇنى ئوقۇش، چۈشىنىشتە يىڭى ئۈگەنگۈچىلەرگە قولايلىق بوپتۇ، لىكىن ئويغان ئەپەندىنىڭ يۇقاردىكى ئىستاتسىتكىلىرى ئادەم ئويلاندۇرىدۇ بۇ ئاساسلىق بىر تەرەپ، يەنە بىر تەرىپى ئويغان ئەپەندى يۇقاردىكى تەكلىپتە ئوتتۇرغا قويۇلغاندەك ھازىرقى ULYنىڭ ئاممىۋى ئاساسى خىلى پىشىپ يىتىلدى( ۋە بىر قىسىم يۇمشاق دىتاللار ئىشلەندى، ئىشلىنىۋاتىدۇ؛ بىر قىسىم ئىدارە جەمىئەتنىڭ سانلىق ئۇچۇرلىرىدا نۇرغۇن ئۇچۇرلار سانداندا، يەنى SQLساندانىدا مۇشۇ ULYقائىدىسى بويىچە نۇرغۇن مەسىللەر ھەل قىلىندى ۋە داۋاملىق خىزمەت قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا 4يىل بولدى، 4يىللىق سانلىق ئامبار شۇ بويىچە ماڭدى ۋە مىڭىۋاتىدۇ).
ھازىرقىدەك بىر مۇكەممەللىك ھاسىل قىلىنغان ۋاقىتتا ھەرپلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.

تەكلىپكە ئاۋاز قوشىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
-------------------------------------
تىل-يېزىق كومىتىتىنىڭ [color=DarkOliveGreen]"ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنى لاتىن ھەرپلىرىگە ئايلاندۇرۇش لايىھىسى"[/color] دىگەن بۇ نام ماڭا بەك ياقتى، ۋە بۇ ئىشنى ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئاكتىپلىق بىلەن قوللىنىش نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىرلىكلىكنى ھەقىقىي يوسۇندا ھۆكۈمەت نامىدىن ۋۇجۇدقا چىقىشى ئۈچۈن ئويلىنىۋاتقانلىقى ياخشى ئىش.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە ماي 31, 2007 8:54 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

مەن بۇ تەكلىپ ۋە تىلكومنىڭ يېڭى لايىھىسى توغرىسىدا پروفېسسور ئارسلان ئابدۇللا بىلەن ئۇزاق سۆزلەشتىم (ئۇ كىشى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، تىلشۇناس، يازغۇچى. بۇ قېتىم پارىژدىكى بىر مەكتەپكە لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن كەلگەن). ئارسلان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە تىلكوم يېڭى لايىھە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن چاقىرغان يىغىنغا بىر قېتىم قاتنىشىپتۇ. ئۇ كىشى بىر قېتىملا يىغىنغا قاتناشقا بولغاچقا ئۇ تۈر توغرىسىدا باشقا يىغىن ئېچىلدىمۇ يوق بىلمەيدىكەن... ئۇ كىشى ماڭا تۆۋەندىكىلەرنى دىدى:

1. ئۇ كىشى قاتناشقان يىغىندا ھازىرقى ULY نىڭ 6 يىلدىن بۇيان ئىشلىتىلىپ بىرلىككە كېلىپ بولغانلىقى توغرىسىدا پىكىر بېرىلمەپتۇ.

2. ھازىرقى ULY بىلەن ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى ۋە سىلاۋيان يېزىقى ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئايلاندۇرالايدىغان قوراللارنىڭ بارلىقى، تور بېكەت ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللارنىڭ ياسىلىپ ئاممىۋىي ئاساسى يارىتىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماپتۇ.

3. ھەرپلەرنىڭ چاستوتىسى توغرىسىدا پىكىلەر بولماپتۇ. دېمەك: «ئە» ھەرپىنىڭ چاستوتىسىنىڭ «ئې» دىن 3.5 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىدەك پاكىتلار ئۇ كىشى قاتناشقان يىغىندا تىلغا ئېلىنماپتۇ.

4. چېكىتلىك ھەرپلەرنى كومپيۇتېردا كىرگۈزۈش ئۇسۇلى توغرىسىدا پىكىرلەر بولماپتۇ. دېمەك بۇ جەھەتتىمۇ ä گە قارىغاندا e نى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى ئېنىق چۈشەندۈرۈلمەپتۇ.

5. يىغىنغا قاتناشقان كۆپ ساندىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ پىشقەدەملەر، توردا قانداق پىكىرلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقى ۋە قانداق خىزمەتلەرنىڭ ئىشلەنگەنلىكىدىن بىخەۋەر ئىكەن...

مەن بىرىنچى يازمامدىكى تەكلىپنى تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم ئۇ كىشى «ئە» ئۈچۈن «e» نى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكىگە قايىل بولدى. ئەسلىدە ئۇ كىشىمۇ «ئە» ئۈچۈن «ä» نى ئىشلىتىش تەكلىپى بەرگەن ئىكەن.

ھازىر بىزگە نامەلۇم بولىۋاتقان مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

1. بۇ مەسىلە توغرىسىدا تىلكوم زادى قانچە قېتىم يىغىن ئاچتى؟ يىغىن قاچان ئېچىلدى؟ قانچە ئادەم قاتناشتى؟

2. بۇ تۈرگە ھازىر قانچە ئادەم قاتنىشىۋاتىدۇ؟

3. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ULY توغرىسىدىكى 6-يىلدىن بۇيان ئىشلەنگەن خىزمەتلەردىن يىغىنغا قاتناشقان ھەممە كىشى خەۋەردارمۇ-يوق؟

بۇ مەسىلىلەر توغرىلىق ئۇچۇرغا ئىگە تورداشلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ھۆرمەت بىلەن،

ۋارىس

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » پەيشەنبە ماي 31, 2007 4:56 pm

ئويغان ئەپەندىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، بۇ قېتىملىق ئىسلاھات جەمىيەتتىن سەل ئايرىلىپ قالغان ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك قىلىدۇ . ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ULY نەچچە يىللىق ئىشلىتىش داۋامىدا بىر قەدەر ئومۇملىشىپ ، ھەمدە تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىپ چىقتى ؛ مېنىڭچە ئەمدى بۇنى يەنە ئۆزگەرتىش ئۆزى بىر ئاۋرىچىلىق ، تىل يېزىق كومىتىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مېنىڭچە نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان ULY نى پىششىق بىلىدىغان ھەمدە يۇقاردىكى ئەھۋاللارنى ئەينەن يەتكۈزەلەيدىغانلاردىن بىر نەچچەيلەننى بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتقا ھەمدە مۇناسىۋەتلىك يېغىنلارغا قاتناشتۇرغان بولسا ، ئەھۋال تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى ؛
ئەمدى ساقلاپ تۇرىۋەرسەك ، ئۇلار ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تامغىدىن بىرنى ئۇرىۋەتسە ، ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىدىغان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ماۋۇ ، بىز ئىشلىتىۋاتقان ULY ماۋۇ دېگەندەك بۇمۇ ئىچىدىن يەنە بۆلىنىپ كەتمىسۇن ؛ مېنىڭچە قولىدىن كېلىدىغانلار ئامال بار ئالاقىلىشپ باقسا ، جامائەت پىكىرى توپلاشقا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئىمزا قويۇش پائالىيەتلىرى ، بېلەت تاشلاش پائالىيەتلىرى بولسا ، كومپىيۇتېر جەمىيتىدىكىلەر باش بولۇپ قىلساق ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار