Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرى

بۇ سەھىپىگە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر يوللىنىدۇ
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 02, 2010 12:32 pm

Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرى ئېلان قىلىندى. كۆپچىلىك چۈشۈرۈپ كەمتۈكلەرنى مەلۇم قىلساڭلار.
بۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزى يالغۇز تاماملىغان ساھران ئەپەندىگە كوپ تەشەككۈر.

Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى:
[url]http://ooo.services.openoffice.org/pub/OpenOffice.org/cws/upload/localization/ooo330l10n/[/url]
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ug دېگەن تېكىست بارلىرى ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك تىل بولاقچىلىرىدۇر.
[url]http://ooo.services.openoffice.org/pub/OpenOffice.org/cws/upload/localization/ooo330l10n/OOo_OOO330m1_Win_x86_install_ug.exe[/url]
بولسا Windows دىكى ئورنىتىش پروگراممىسى.


غەيرەت كەنجى

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 03, 2010 4:00 am

مەن دەسلەپ ئېچىپلا كۆرگەن خاتالىقلارنى يېزىپ قوياي،قالغان يەرلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ بىر نېمە دەرمەن.
Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرىنى قوزغىتىپ« تېكىست پۈتۈك »نى قوزغاتقاندا:
1.فورمات تىزىملىكىدىكى « چۆگىلەت » دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى خاتا ، توغرىسى: چۆرگىلەت
2. فورمات تىزىملىكىدىكى ، ئوبيېكت ئاستىدىكى « ھۆسىنخەت » دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى خاتا ، توغرىسى: ھۆسنخەت

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » چارشەنبە ئاۋغۇست 04, 2010 9:35 am

رەھمەت، يەنە مەسىلىلەرنى بايقىسىڭىز مەلۇم قىلىڭ. بىز تەرجىمە بىلەنلا بولۇپ، سىناشقا جىق ۋاقىت چىقىرالمايۋاتىمىز.
غەيرەت كەنجى

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 31, 2010 7:40 am

يەنە بىر قۇسۇر تاپاي، ئۆزەم تەرجىمە قىلمىغاندىكىن......

ئىملا ھەققىدە :
Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرىنى قوزغىتىپ« تېكىست پۈتۈك »نى قوزغاتقاندا:
«ياردەم» تىزىملىكىدىكى « يىڭىلاشنى تەكشۈر » دېگەن سۆزنىڭ يېزىلىشى خاتا ، توغرىسى: يېڭىلاشنى تەكشۈر
«قىستۇر» تىزىملىكىدىكى « لىپاپا » دېگەن سۆز ، «لىپاپا» ۋە «لىپاپ» دەپ ئىككى خىل يېزىلغان .

يۇمشاق دېتال مۇقىملىقى :
Open Office نىڭ 3.3 سىناق(بېتا) نەشرىنى قوزغىتىپ« تېكىست پۈتۈك » ، «جەدۋەل» ، «كۆرسەتمە» ...... «......» لەرنىڭ خالىغان بىرىنى بېسىپ ، «قورال» تىزىملىكىدىكى «تاللانما » نى ئاچقاندىكى تاللاشلار ئىچىدە «كۆرۈنۈش» دېگەننى چەككەن ھامان ، خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ Open Office ئۆچۈپ كېتىۋاتىدۇ.

تەكلىپ : «ئېلىكترونلۇق جەدۋەل» مۇمكىن بولسا ، «جەدۋەل» دەپ ئېلىنسا.


ئەسلى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز قوشۇمچە :ئۇيغۇرئېدىتنى قوزغىتىپ ، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمىدى. ئەمما ، لاتىنچە يېزىقلارنى كىرگۈزگىلى بولىدىكەن .كۆرۈنمە يۈزىنى باشقا تىللارغا ئۆرۈسەم بۇنداق ئەھۋال يوق ، غەيرەت ئەپەندىم ، مۇشۇنى بىر كۆرۈپ باقسىڭىز.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: ilyas331 ، ۋاقتى: 2010-8-31 13:59 [/i]]

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 31, 2010 8:05 am

يەنە بىر ھېس قىلغىنىم ، تەرجىمىدە ئاساسلىقى سۆزنىڭ ئەسلى تومۇرى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، قوشۇمچىلار ئۇلانغاندا ، ئاجىزلاشتۇرۇلماي ئېلىنغان. مەسىلەن : بەت قاشى ، ئاچىشقا ئىم تەڭشە دېگەندەك. بۇنداق ئېلىشنىڭ بىرەر سەۋەبىنى بىلىپ باققىم كەلدى ، تېما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ ، كۆڭلۈمدىكىنى سوراپ قويدۇم.تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ، مۇھىم نۇقتىنى بۇنىڭغا ئەمەس ، بەلكى ، دېتالنى سىناشقا قارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » سەيشەنبە ئاۋغۇست 31, 2010 12:07 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]ilyas331[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-31 13:40 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3686&ptid=588][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسلى تېمىغا مۇناسىۋەتسىز قوشۇمچە :ئۇيغۇرئېدىتنى قوزغىتىپ ، كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگىلى بولمىدى. ئەمما ، لاتىنچە يېزىقلارنى كىرگۈزگىلى بولىدىكەن .كۆرۈنمە يۈزىنى باشقا تىللارغا ئۆرۈسەم بۇنداق ئەھۋال يوق ، غەيرەت ئەپەندىم ، مۇشۇنى بىر كۆرۈپ باقسىڭىز. [/quote]
كەمتۈك(Bug) لەرنى مەلۇم قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ئۇيغۇرئېدىتتىكى سىز دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، مەن ھازىرلا سىناپ باقتىم، ئۇنداق مەسىلىنى بايقىمىدىم. سىز قايتا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. مۇشۇنى تىلنى «ئۇيغۇرچە» گە تەڭشەپ تۇرۇپ يازدىم.
غەيرەت كەنجى

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئاۋغۇست 31, 2010 4:57 pm

Open Office خېتىنى مۇشۇنىڭدەك نورمال كۆرسىتىشكە بولامدۇ؟ تورداشلارمۇ قىلالماپتۇ، مەنمۇ تەڭشىيەلمىدىم.

ilyas331
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 28, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان ilyas331 » شەنبە سېنتەبىر 04, 2010 2:32 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]غەيرەت[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-31 18:07 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3692&ptid=588][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

كەمتۈك(Bug) لەرنى مەلۇم قىلغىنىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ تەشەككۈر.
ئۇيغۇرئېدىتتىكى سىز دېگەن مەسىلىگە كەلسەك، مەن ھازىرلا سىناپ باقتىم، ئۇنداق مەسىلىنى بايقىمىدىم. سىز قايتا چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. مۇشۇنى تىلنى «ئىۇيغۇرچە» گە تەڭشەپ تۇرۇپ يازدىم. [/quote]

مەن بۇنى يەنە بىر قېتىم سىناپ باقتىم،ئەسلى مۇنداقكەن،
«ئۇيغۇرئېدىت» نىڭ «تىل» تىزىملىكىدىن «ئۇيغۇرچە» دىن باشقا تىلغا ئۆزگەرتكەندە ،ماۋزۇ ئىستونىدىكى «ئۇ» ياكى «U»نى بېسىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچە يازغىلى بولىدىكەن،«تىل» تىزىملىكىدىن «ئۇيغۇرچە» دىن باشقا تىلغا ئۆزگەرتكەندە ،ماۋزۇ ئىستونىدىكى «ئۇ» نى بېسىپ ، ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىغان قىلىپ قويغاندىن كېيىن ،«تىل» تىزىملىكىدىن «ئۇيغۇرچە» نى تاللىغاندا ، ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدىكەنۇ ، لېكىن ، بۇۋاقىتتا لاتىنچە يازغىلى بولمايدىكەن. يەنى ، «U»نى باسقىلى بولمايدىكەن.يەنە بىرخىل ئەھۋالدا ،«ئۇ»نى باسقىلى بولمايدىكەن.
يىغىنچاقلىغاندا ، مەسىلە_ «ئۇيغۇرئېدىت» نىڭ «تىل» تىزىملىكىدىن «ئۇيغۇرچە» نى تاللىغاندا ،ماۋزۇ ئىستونىدىكى «ئۇ» ياكى «U»نى (ئۇيغۇرچە ياكى لاتىنچە يېزىشنى)ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن.

مەن ئىشلەتكەن سىستېما :windows 7 خەنزۇچە نەشرى ۋە windows XPئېنگلىزچە نەشرى
«ئۇيغۇرئېدىت» بۈگۈنkenjisoft.homelinux.com بېتىدىن چۈشۈرۈلگەن نۇسخىسى Uyghuredit Version 3.9 نەشرى

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » شەنبە سېنتەبىر 04, 2010 10:55 pm

مەن بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن.
سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ باقاي. ئادەتتە Ctl+K تېزلەتمە كۇنۇپكىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىپ كۆرۈڭ.
Ctl+K : UEY ۋە ULY نى ئوز-ئارا ئالماشتۇرىدۇ.
Ctl+E : ئۇيغۇرئېدىتنىڭ كۇنۇپكىسىنى تاقايدۇ(سىستېما كىرگۈزگۈچى ئىناۋەتلىك بولىدۇ)
غەيرەت كەنجى

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار