ئىنتىل سەيناسى ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال پروگراممىچىلىقىنى قوللاش، كەڭ Visual Basic ھەۋەسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق " Visual Basic بىلىملىرى مۇسابىقىسى " ئۆتكۈزىدۇ. كەڭ پروگراما ھەۋەسكارلىرىنىڭ قاتنىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
1- ئەسەر قوبۇل قىلىش دائىرىسى : Visual Basic بىلىملىرى ھەققىدىكى يازمىلار ( Visual Basic تە مەلۇم قوللىنىشچان يۇمشاق دىتالنى ياساش ۋە ئۇنىڭ دەرسى )
2- ئەسەر قاتناشتۇرۇلىدىغان سەھىپە : مۇشۇ سەينادىكى "ئىنتىل سەيناسى › سەينا › پروگرامما › Visual Basic " بولۇپ تېمىغا " مۇسابىقە" دېگەنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بولىدۇ. ئەسەرلىرىڭىزنىڭ چوڭراق قوشۇمچە ھۆججىتى بار بولسا ۋاقتىنچە ھەقسىز تور دىسكىسىغا يوللاپ قويسىڭىز ياكى بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بىز مۇقىم بوشلۇققا قويۇپ تېمىڭىزغا ئۇلانمىسىنى قوشۇپ قويىمىز.
3- مۇسابىقە ۋاقتى: 2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2010- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنىگىچە بولىدۇ.
4- باھالاش : مۇسابىقە ۋاقتى توشقاندا بىخلان، ئۈممىدىيە ۋە باشقا Visual Basic ئۇستىلىرى ۋە ئەزالارنىڭ باھالىشى ئارقىلىق نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
5- مۇكاپاتلاش : مۇسابىقە نەتىجىسى بويىچە ئالدىنقى ئۈچ تېما مۇكاپاتلىنىدۇ
بىرىنچى دەرىجىنىڭ مۇكاپاتى: 100.00 يۈەن ۋە ئۈممۈدىيە ئەپەندىم تۈزگەن " Visual Basic 2008 دەرسلىكى "
ئىككىنجى دەرىجىنىڭ مۇكاپاتى:50.00 يۈەن ئۈممۈدىيە ئەپەندىم تۈزگەن " Visual Basic 2008 دەرسلىكى "
ئۈچىنجى دەرىجىنىڭ مۇكاپاتى: 50.00 يۈەن ئۈممۈدىيە ئەپەندىم تۈزگەن " Visual Basic 2008 دەرسلىكى "
( مۇكاپات سوممىسى ۋە سانى تەڭشىلىشى مۇمكىن، ئەمما 200 يۈەندىن كەم بولمايدۇ)
قوشۇمچە: بۇ مۇسابىقىنى تەشۋىق قىلىشقا ھەر قايسى توربەت باشلىقلىرىنىڭ ھەمدەمدە بولىشىنى شۇنداقلا بىلىم سۆيەر خالىس دوستلارنىڭ ھەمكارلىشىشنى قارشى ئالىمىز.
ئادرىس [url]http://intil.biz/home[/url]
[align=center]كامالى ئېھتىرام بىلەن: ئىنتىل سەيناسى
2010- يىلى 7- ئاينىڭ 25- كۈنى [/align]
[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-7-25 10:14 [/i]]
ئىنتىل سەيناسى: VB بىلىملىرى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ
بۇ ئىنتىل سەيناسىنىڭ DiscuzX گە كۆچكەندىن كېيىنكى تۇنجى پائالىتى، تۇنجى بىلىم مۇسابىقىسى.
يىتەكچىلىك ئۈچۈن ئۈممىدىيە ئەپەندىمنىڭ « Visual Basic 2008» دەرسى ئىنتىل سەيناسى › سەينا › پروگرامما › [url=http://intil.biz/home/forum.php?mod=forumdisplay&fid=48]Visual Basic[/url] سەھىپىسىگە يوللىنىۋاتىدۇ .
بۇ پائالىيەتكە قارىتا تەكلىپ- پىكىرلەر بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
QQ: 358252912 Email: [email]yolyar@qq.com[/email]
يىتەكچىلىك ئۈچۈن ئۈممىدىيە ئەپەندىمنىڭ « Visual Basic 2008» دەرسى ئىنتىل سەيناسى › سەينا › پروگرامما › [url=http://intil.biz/home/forum.php?mod=forumdisplay&fid=48]Visual Basic[/url] سەھىپىسىگە يوللىنىۋاتىدۇ .
بۇ پائالىيەتكە قارىتا تەكلىپ- پىكىرلەر بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا يوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
QQ: 358252912 Email: [email]yolyar@qq.com[/email]
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار