باش بەت ئىشلەش ۋە دائىمىي ئەزالار ئارخىۋى توغرىسىدا

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

باش بەت ئىشلەش ۋە دائىمىي ئەزالار ئارخىۋى توغرىسىد

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:26 pm

[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=3&page=1#pid20[/url]

دىكى تەلەپلەر بويىچە1) تور بەت ياساشتا تالانتى بار دائىمىي ئەزالارنىڭ [url]http://www.ukij.org[/url] باش بېتىنى html شەكىلدە ئاددى، چۈشۈنۈشلۈك، كۆركەم،يەڭگىل ياساشقا تەكلىپ قىلىمىز. ياسىغان لاھىيەرىڭىزنى تور بېكىتىڭىزدە قۇيۇپ ئۇلانمىسىنى قويۇپ قويسىڭىز، ھەممىمىز ئىشتىراك قىلىپ ياخشى چىققىنىنى ئىشلىتىمىز.

2) دائىمىي ئەزالارنىڭ ئارخۋىنى html شەكىلدە كۆرگەزمە قىلىدىغان ئەندىزە ياساپ چىقىشقا تەكلىپ قىلىمىز. ياسىغان لاھىيەرىڭىزنى تور بېكىتىڭىزدە قۇيۇپ ئۇلانمىسىنى قويۇپ قويسىڭىز، ھەممىمىز ئىشتىراك قىلىپ ياخشى چىققىنىنى ئىشلىتىمىز.

ۋاقىت چېكى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە.



Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:11 pm

ئەليار ئەپەندىنىڭ تەلىۋى بويىچە UKIJنىڭ باش بېتىڭنىڭ دەسلەپكى لاھىيەسىنى تۈزۈپ چىقتىم . سىناق ئادېرىسى :[url]http://zeper.cn/alpha/ukij[/url]
بەتكە Google نىڭ ئېلان قويۇش ئورنى ھەمدە Google ئىزدەش كودىنى قويۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش كۆزنىگى شۇنداقلا ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار ،خەۋەرلەر ، دېتاللار، تەشۋىقاتلار، ھەمدە مۇنبەر تېمىلىرىنىڭ يۆتكىلىش ئورنى بېرىلگەن . بەتنى ئالدىنقى تېمىلاردىكى تەلەپ بويىچە ئاددى لاھىيەلەشكە تىرىشتىم . بەلكىم دېگەندەك كۆركەم چىقمىغان بولىشى مۇمكىن . ئۇستازلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى سورايمەن .
(ئەسكەرتىش: بەتنى پەقەت كۆرگەزمە ئۈچۈن ئاددىلا كېسىپ html شەكلىدە يوللاپ قويدۇم !)

ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر قولۇمدا ئۆزۈم بېكىتىمنىڭ يېڭى نۇسخىسىغا ئىشلىتىشنى ئويلاپ تەييارلاۋاتقان ، ئاساسى جەھەتتىن پۈتكەن بىر ASP خەۋەر ماقالە سېستىمىسى بار ، ئالاھىدىلىكلىرى ئالدىنقى تېمىدا چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەندەك ، ھەرقانداق ئورۇندا ، ئەسەر ، ماقالە ، ئۇلىنىش ، ئىزدەش تۈرلىرىنى JSۋە iframe ئارقىلىق يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، خەۋەر ماقالە سېستىمىسىدا ئۇدا 3 - دەرىجىلىك تارماق تۈرگىچە بۆلۈشكە ھەمدە ھەرقايسى تارماق تۈرلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ ، بىرقەدەر قولايلىق . ئەگەر UKIJ نىڭ بوشلۇقى ASP قوللىمىسا ، ھازىر مېنىڭ بېكىتىم ئىشلىتىۋاتقان بوشلۇقتىن UKIJنىڭ خەۋەر باش بەت سېستىمىسى قويۇشقا بەلگىلىك بوشلۇق ئاجرىتىپ بەرسەممۇ بولىدۇ . (پەقەت چوڭلار بۇ ئىشقا قىزىقسىلا :$ ) بېكىتىمنىڭ مۇلازىمىتىرى دۆلەت ئىچىدە (ئەنخۈي ئۆلكىسىدە) تەخمىنەن 12G بوشلۇق . asp,php,.net قوللايدىغان پۈتۈن ئىقتىدارلىق بېكەت سېستىمىسى ، مۇلازىمىتىرى 10 كىشى ئىجارىگە ئېلىپ ئىشلىتىدىغان شەكىلدە ، ھازىرغىچە مۇلازىمىتىرنىڭ IIS چەكلىمىسىنى بايقىمىدىم ....

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpha ، ۋاقتى: 2007-4-20 10:04 [/i]]

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » شەنبە ئاپرىل 07, 2007 2:27 pm

Alpha ئەپەندىنىڭ ئاكتىپچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقىغا تەشەككۈر!

لاھىيىلىگەن باش بەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ياخشى بوپتۇ. مېنىڭچە باش بەت بۇنىڭدىنمۇ ئاددى ، ئېچىلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىش ئۈچۈن رەسىملەر تېخىمۇ ئاز ئىشلىتىلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. مەسىلەن: [url]http://www.unicode.org[/url] دەك.
سىز كۆرسەتكەن مەنزىلدىكى خەۋەر پروگراممىسى بەك مۇكەممەل ئىكەن.

UKIJ نىڭ خەۋەر سېستىمىسى ئۈچۈن ئاددى، يەڭگىل بولغان Html شەكىلدەكۆرسىتىدىغان ۋە ساقلايدىغان پروگرامما بولسا ئىشلەتسەك. بولمىغاندا مۇنبەردىكى خەۋەر سەھىپىسىنى ئىنكاس يازالمايدىغان ، html شەكىلدە كۆرىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ، باش بەتتە مۇۋاپىق ئورۇن بەرسەك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ مەسىلىنى يەنە داۋاملىق مۇزاكىرە قىلساق بولىدۇ.

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » يەكشەنبە ئاپرىل 08, 2007 8:44 am

[url]http://zeper.cn/alpha/ukij/[/url] بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بوپتىكەن .

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » يەكشەنبە ئاپرىل 08, 2007 11:43 am

كۆپچىلىككە يارىغان بولسا [url]http://zeper.cn/alpha/ukij/[/url] نى ئىشلىتەيلى.

alpha ئەپەندىگە ukij بوشلۇقىنىڭ ftp ئۇچۇرلىرى ئەۋەتىلدى. تەكلىۋىم: ئاۋال بىر تارماق مۇندەرىجە قۇرۇپ ئىشلەپ،تۇلۇق پۈتكەندىن كېيىن بىراقلا ئېلان قىلايلى.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » يەكشەنبە ئاپرىل 08, 2007 1:41 pm

بوشلۇق ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، ئامال بار تېز سۈرەتتە بەتنى كېسىپ لاھىيەلەپ چىقىشقا تىرىشىمەن . ئۇنىڭدىن باشقا UKIJ ئۈچۈن Google نىڭ ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدىمۇ يوق ؟! بولسا ماڭا قالدۇرۇپ قويساڭلار بەتكە ئېلان قويۇش كودلىرىنى ئېلىشتا قولايلىق بولسا ، ياكى بولمىسا [email]alpha@ukij.org[/email] نامىدىكى ئىلخەتتىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بەرسەڭلار ، مەن UKIJ دىكى بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىشتا ياكى مۇشۇ Google ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىىشتە پايدىلانسام ...

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » يەكشەنبە ئاپرىل 08, 2007 3:35 pm

بەت كېسىپ تەييارلاندى . ئەمدى بىرلىشىپ مۇناسىۋەتلىك كودلارنى قويساقلا بولىدۇ .
بەت كۆرۈش ئادېرىسى :
[url]http://ukij.org/alpha[/url]
ئەسلىدە ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر ، دېتاللار ، تەشۋىقاتلار دېگەن يەردىكى ئورۇننى Div+css ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئارا ئالمىشىدىغان قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى . لېكىن سەۋىيەم يار بەرمىدى . ھەمدە بەتنىڭ سۈرئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇلىنىش قىلىپ ئۇلايدىغان مەخسەتتە كېسىپ قويدۇم ...
ئۇنىڭدىن باشقا ئاستى تەرەپتىكى ئۇلىنىش قىسمىنى بىۋاستە مۇنبەرنىڭكىنى ئىشلىتىدىغان قىلساقمىكىن دەپ ئۇ يەرگە ئورۇن قويۇپ قويدۇم ....

Alyar
يازمىلار: 65
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 5:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alyar » سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:54 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Alpha[/i] ، ۋاقتى: 2007-4-8 19:41 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=39&ptid=8][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئۇنىڭدىن باشقا UKIJ ئۈچۈن Google نىڭ ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولدىمۇ يوق ؟! بولسا ماڭا قالدۇرۇپ قويساڭلار بەتكە ئېلان قويۇش كودلىرىنى ئېلىشتا قولايلىق بولسا ، ياكى بولمىسا [email]alpha@ukij.org[/email] نامىدىكى ئىلخەتتىن بىرنى ئىلتىماس قىلىپ بەرسەڭلار ، مەن UKIJ دىكى بۇرادەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىشتا ياكى مۇشۇ Google ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىىشتە پايدىلانسام ...... [/quote]

بۇ ئىككى ئىش بىلىك ئەپەندىگە تاپشۇرۇلغان. Google ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىپ بوپتۇ، جاۋابىنى كۈتىۋېتىپتۇ.

ئېلخەت ئادرېسىغا نىسپەتەن UKIJ نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ياكى Gmail نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش ۋە ياكى Live نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا سىناق قىلنىۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تېما:[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=7610[/url]

پەرقى: UKIJ نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلەتسەك دائىمىي ئەزالارغىلا يېتىدۇ(25). باشقا ئىككىسىنى ئىشلەتسەك باشقا ئەزالارغىمۇ ئېلخەت ئادرېسى بەرگىلى بولىدۇ(100). تىزلىكى ۋە مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن مەن Gmail نىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 3:40 pm

ئالفا ئەپەندىم ياسىغان [url]http://ukij.org/alpha[/url] دىكى بەت قۇرۇلمىسى بەك ياخشى بوپتۇ.

پىكىرىم:

1. [img]http://ukij.org/alpha/images/Ukij_headlogo.gif[/img] تۇتۇق ھەم كىچىك بولۇپ قاپتۇ. ئۇنى قايتىدىن ياساپ باقسىڭىز، ياكى ئەسلىدىكى قويۇپ سىناپ باقسىڭىز...

2. باش بەتكە Google ئىزدەش كۆزنىكىنى ئىشلەتسەك بەك چوڭ بوشلۇق ئىگەللەپ مۇھىم مەزمۇنلارنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرمەمدۇ قانداق؟ پىكىر بېرەرسىزلەر...

3. بۆلەكلەرنىڭ تېمىلىرى (رەسىم ھالەتتىكىلىرى) ماڭا ئانچە ئېنىق كۆرۈنمىدى.

باش بەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى مەن ياخشى كۆردۈم. شۇنى ئىشلەتسەك بولغۇدەك.

ۋارىس ئا. جانباز

Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » چارشەنبە ئاپرىل 11, 2007 5:16 pm

كۆرۈنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەت نۇسخىلىرى ھەقىقەتەنمۇ سەل كىچىك بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ، سەل چوڭايتىش ئىمكانىيىتى بولسا چوڭايتىپ قويساق.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 2 ۋە 0 مېھمانلار