GNOME 3.0 نىڭ تەرجىمىسى % 49 تاماملاندى
GNOME 3.0 نىڭ تەرجىمىسى % 49 تاماملاندى
سالام قېرىنداشلار، Ubuntu نىڭ تەرجىمىسى GNOME نى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلاپ، تەرجىمىنى GNOME غا قاراتقان ئىدۇق. 11-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە GNOME نىڭ تەرجىمىسىنىڭ %49 تاماملاندى. ھازىر GNOME 3.0 نەشرى تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. بۇ سىناق باسقۇچىدىكى نەشرى بولۇپ كېلەر يىلى 4-ئايدا ئېلان قىلىدىغان Ubuntu غا قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
بىزمۇ شۇنىڭغىچە تەرجىمىنى %100 تاماملاشنى نىشان قىلىۋاتىمىز. ھازىر تەرجىمە قىلىۋاتقانلار 3 لا كىشى، بىرەيلەن تەرجىمىلەرنى GNOME غا يوللاش ئىشىغا مەسئۇل بولۇپ قىلىۋاتىدۇ.
تەرجىمە ستاتىستىكىسىنى [url]http://l10n.gnome.org/teams/ug[/url] دىن كۆرۈڭلار.
بۇ تەرجىمىلەر يوللىنىشتىن بۇرۇن ئىملاسى تولۇق تەكشۈرۈپ يوللاندى. ئاتالغۇلارنى ئوخشاش قىلىشقا(بۇرۇنقى تەرجىمىلەردە باشقىچە ئېلىنغانلىرى بار) ئەھمىيەت بەردۇق.
ھازىرقى تەرجىمە پۈتۈنلەي OmegaT تەرجىمە ياردەمچىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ تەرجىمىگە قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بولسا مەن بىلەن ئالاقە قىلسا بولىدۇ، ھازىرقى تەرجىمە قۇرۇلۇشىنى(OmegaT) نىڭ ھەممىسى ئەۋەتىپ بېرىمەن. كۈچى يەتكەن يەرلەرنىلا تەرجىمە قىلسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. قاملاشتۇرالمىغانلىرىنى شۇ پېتى قويۇپ قويسا بولۇۋېرىدۇ.
بۇ قېتىمقى تەرجىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدا OmegaT دېتالى بەكمۇ چوڭ رول ئوينىدى. يۇمشاق دېتال تەرجىمە قىلىۋاتقانلارغا بۇ دېتالنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىرىدا تەرجىمىگە كۈچ چىقارغان قېرىنداشلارغا كوپ تەشەككۈر ئېيتىمەن.
بالدۇر بولسىمۇ ھەممەيلەننىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن.

غەيرەت كەنجى
تەشەككۈر، تەشەككۈر!
بىز شۇ ياندا تۇرۇپ ھە-ھۇ دەپ بىرەلەيدىكەنمىز. مەن قاتنىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ، يەنىلا تازا ئىنىق بىلىپ كېتەلمەي، چەتتە قاراپ تۇرىۋاتىمەن. بولسا ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولغان دەرسلىك بولسا، ئاندىن داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىپ تۇرغان بولسا ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولاتتى دەپ ئويلايمەن. بىزمۇ قاتنىشالايتتۇق. بۇ ئىشلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن. جاپا چەكتىڭلار. بىز ئۆزىمىز قىلالمىساقمۇ، ياندا تۇرۇپ مەدەت بىرەيلى. تولۇق نۇسخىنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا تەشنامىز.
[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: nurqut ، ۋاقتى: 2010-11-16 14:36 [/i]]

رەھمەت، ئەگەر ھەمدە بولماقچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە قارشى ئالىمىز. تەسمۇ ئەمەس. بىلمىگەن يەرلەرنى ئېلخەتتە دېيىشىپ ھەل قىلىمىز، ئۆگىنىمىز. سىزدەك نەچچە سىستېمىنى تەرجىمە قىلغان ئادەمگە بۇ ھېچ قانداق تەس ئىش ئەمەس. تەرجىمە قىلىدىغان تىلنى(مەنبە تىلنى) دەپلا بەرسىڭىز مەن ھازىرقى Omegat نىڭ قۇرۇلۇش ھۆججىتىنى سىزگە يوللاپ بېرىمەن. ئۆزىڭىز خالىغان بىرەر تەرجىمىسى پۈتمىگەن بولاقنى(جەمئىي 102 بولاق بار.) تەرجىمە قىلىپ(چالا بولسىمۇ مەيلى)، ماڭا ئەۋەتىپ بەرسىڭىز مەن تەكشۈرۈپ GNOME غا يوللايمەن، ئىش تامام.
بۇنىڭ مۆھلىتى يوق. پەقەتلا پىلانىمىز كېلەر يىلى 4-ئايغىچە 3.0 نەشرىنى 100% تاماملاش. GNOME تاماملانسا Ubuntu نىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولىدۇ.
بۇ تاماملانسا KDE باشلىماقچى بولۇۋاتىمىز.
Omegat نىڭ ياخشى يېرى، بولاقلارنىڭ يېڭى نەشرى چىققاندا، كونا نەشرىدىكى ئۇچۇرلارنى ھېچ قىينالمايلا يېڭىسىغا قوشقىلى بولىدۇ(سىز يېڭىسىنىڭ قۇرۇق تىل ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپلا قويسىڭىز بولىدۇ).
10 يىگىت بولسا، ھازىرقى تەرجىمىگە قاراپ تۇرۇپ(Omegat بۇنى سىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يەنى بىرەر ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، بۇرۇنقى شۇنىڭغا يېقىن تەرجىمە بولۇپ قالسا سىزگە مىسال سۈپىتىدە كۆرسىتىپ بېرىدۇ)لا تەرجىمە قىلىشىپ بەرسە كېلەر يىلى 4-ئايغىچە بىمالال تۈگىتەلەيتتۇق.

-
- يازمىلار: 8
- تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئۆكتەبىر 26, 2007 4:40 am
- ئالاقىلىشىش:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سىلەر دېۋاتقان گەپنى مەن چۈشەنمىدىم. مەن ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە دىگەنلەرنى ئانچە - مۇنچە بىلىمەن. ئەگەر كومپيوتېر، يۇمشاق دېتالدىن خەۋرى يوق ئادەملەرمۇ قىلالىغۇدەك تەرجىمە ئىشلىرى بولسا مەنمۇ قىلىشىپ بېرەي. (پەقەت يۇقارقىي تىللاردىكى تەرجىمە ئىشلىرىنىلا قىلالايمەن.)
ئېلخەت ئادرېسىم : baliq#live.com

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Teklimakan[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-16 17:00 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3833&ptid=836][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سىلەر دېۋاتقان گەپنى مەن چۈشەنمىدىم. مەن ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە دىگەنلەرن ... [/quote]
مەرھابا. كومپيۇتېرنى جىق بىلمىسىڭىزمۇ، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. ئېكراندا چىققان ئىنگلىزچە، ۋە باشقا تىللارنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچە قىلالىسىڭىزلا كۇپايە. مەن بۈگۈن ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يۇقىرىدا دېگەن OmegaT(تەرجىمە ياردەمچىسى)، ۋە بىز ھازىر تەرجىمە قىلىۋاتقان ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىپ بېرەي. ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى مەن ئېلخەتتە دەپ بېرىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
سىلەر دېۋاتقان گەپنى مەن چۈشەنمىدىم. مەن ئېنگلىزچە، خەنزۇچە، ئەرەبچە، تۈركچە دىگەنلەرن ... [/quote]
مەرھابا. كومپيۇتېرنى جىق بىلمىسىڭىزمۇ، كومپيۇتېرنى ئىشلىتىشنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. ئېكراندا چىققان ئىنگلىزچە، ۋە باشقا تىللارنىڭ مەنىسىنى ئۇيغۇرچە قىلالىسىڭىزلا كۇپايە. مەن بۈگۈن ئېلخەت ئادرېسىڭىزغا يۇقىرىدا دېگەن OmegaT(تەرجىمە ياردەمچىسى)، ۋە بىز ھازىر تەرجىمە قىلىۋاتقان ھۆججەتلەرنى ئەۋەتىپ بېرەي. ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى مەن ئېلخەتتە دەپ بېرىمەن.
غەيرەت كەنجى
-
- يازمىلار: 8
- تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئۆكتەبىر 26, 2007 4:40 am
- ئالاقىلىشىش:
Intil ئەپەندى سىزگە كوپ تەشەككۈر .
مۇشۇنداق تەشۋىقاتلار بەكمۇ مۇھىم ئىدى، بىراق قىلىپ بولالمىدۇق.
بىز ھازىر OmegaT دېتالنى ئىشلىتىۋاتىمىز. بۇ دېتال ھەققىدە مەن kenjisoft، UKIJ ۋە بىلىك كۇلۇبىدا بىر قىسىم يازمىلارنى يازغان.
بۇ پەقەت كومپيۇتېردىكى ئۇچۇرلارنىلا(*.po ھۆججەتلىرىنىلا) تەرجىمە قىلىدىغان دېتال بولۇپ قالماستىن، Word ۋە باشقا ھەر خىل فورماتلاردىكى پۈتۈكلەرنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا ماس كېلىدىغان سىستېمىدۇر. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئەسلى مەنبەنىڭ بەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگەن ئاساستا تەرجىمە قىلىنغان پۈتۈكنى ھاسىل قىلىپ بېرىدۇ.
يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بىرەر جۈملە(بۇ سىستېما پۈتۈكنى ئاۋۋال جۈملىگە پارچىلاپ، جۈملىنى بىرلىك قىلىپ تەرجىمە قىلىدۇ)بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ئۇنى باشقا پۈتۈكلەرنىڭ تەرجىمىسىدە شۇ پېتى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇنى قايتا كىرگۈزۈشى ياكى كۆچۈرۈپ چاپلىشى ھاجەتسىز.
مەن OmegaT نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى kenjisoft بېتىگە چىقىرىپ قوياي(ھازىرقىسى سەل كونا). ھەم Gnome نىڭ ھازىرقى بىر تەرجىمە قىلىۋاتقان OmegaT قۇرۇلۇش ھۆججىتىنىمۇ چىقىرىپ قوياي. كۆپچىلىك ئاۋۋال ئىشلىتىپ كۆرۈپ باقسۇن.
(مەن ئېلخەت ئادرېسىڭىز بىردەمدىن كېيىن يوللاپ بېرەي. كۆرۈپ بېقىڭ)

توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار