Microsoft Uighur غا تەكلىپ-پىكىرلەر

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Jewlaniy
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئۆكتەبىر 07, 2007 4:34 am
ئالاقىلىشىش:

Microsoft Uighur غا تەكلىپ-پىكىرلەر

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Jewlaniy » جۈمە نويابىر 26, 2010 3:07 pm

تۆۋەندىكى يازما بىلىك كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.

26-نويابىر، جۈمە، چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 كىچە چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەر:

(1) ھەرپلەر بەك كىچىك
(2) ئېكران كۆرۈنمە يۈزى فونتى قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ
(3) كىچىك نومۇردا چاپاق چىقىپ قالىدۇ
(4) كىچىك نومۇردا، بەزى ئىنچىكە يەرلىرى يوقاپ كېتىدۇ
(5) فونت ئىسمى ئۆلچەملىك Uyghur دەپ يېزىلمىغان
(6) ئۇيغۇرلار ئېھتىياجلىق بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى قوللامدۇ؟
(جۇملىدىن تىنىش-بەلگىلەر ۋە باشقا مۇھىم بەلگىلەر، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ لاتىن ھەرپلىرى بىلەن ئىپادىلىنىش لايىھەسى (ئۇ ك ئى ج نۇسقىسى ۋە تىلكوم نۇسقىسى) دىكى ھەرپلىرى، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى ھەرپلىرى...؟)
(7) ئىچىدىكى لاتىنچە ھەرپلەرنى Serif شەكلىدىن Sans-Serif شەكلىگە ئۆزگەرتىش
(8) ئەڭ يېڭى Unicode 6.0 ئۆلچىمىگە لايىقمۇ؟
(9) ... (داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)
....................................



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كۆپچىلىك،

كۇلۇبتىكى تەكلىماكان ئەپەندىم Microsoft تەرەپ ئۆزى Windows Vista دىن باشلاپ سىستېما بىلەن بىرگە تارقاتقان فونت Microsoft Uighur نىڭ ئەسلى ياسىغۇچىسى Mamoun Sakkal (بىز مۆمىن ساقال دەپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئاتاپ كەلدۇق) ئەپەندىم بىلەن ئالاقە قىلىپ، بۇ فونت ھەققىدە ئۆزىنىڭ تەكلىپ-پىكىرىنى بەرگەندىن كېيىن، بۇ فونتنىڭ ئاپتورى بۇ تەكلىپ پىكىرلەرگە ئاساسەن بۇ فونتنى تۈزىتىپ، ئۆزگەرتىپ Microsoft شىركىتىگە قايتا يوللاپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

كۇلۇبىمىزدىكى جېك ئەپەندىم يەنە 3-2 ھەپتىلەردىن كېيىن، دەم ئېلىش-ساياھەت مۇناسىۋىتى بىلەن ساقال ئەپەندىم تۇرۇشلۇق سىياتىل شەھرىگە بارغاندا، ساقال ئەپەندىم بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ فونتقا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بىۋاستە، يۈز تۇرانە ساقال ئەپەندىمگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ فونت Windows سىستېمىسىغا تېگىدىن Microsoft تەرەپتىن قوشۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرچە فونت بولغاچقا، بۇ بىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم فونت بولۇپ، مۇشۇ فونتقا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ تەلىپىگە لايىق تۈزەتكۈزىۋالالىساق، بۇ ھەممىمىز ئۈچۈن بەكمۇ پايدىلىق بىر ئىش بولغان بولىدۇ.

شۇڭا ھەممىمىزنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشلاپ قويدۇم ۋە چۈشكەن تەكلىپ-پىكىرلەرگە ئاساسەن بۇ تېمىنىڭ چوققىسىدىكى مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ، تەھرىرلەپ، قوشۇپ ماڭىمەن.

شۇڭا بۇ فونتقا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئىنكاس شەكلىدە، تەكلىماكان ئەپەندىمنىڭ تېمىسىغا ياكى بۇ تېما ئاستىغا بەرسەڭلار بولىدۇ. مەن ھەممە تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇشۇ يەرگە توپلاپ ماڭىمەن.

قېنى مەرھەمەت.



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » شەنبە نويابىر 27, 2010 8:05 am

ياخشى ئىشلار بولىۋېتىپتۇ. مەنمۇ تەشۋىق قىلىشىپ بىرەي دەپ (رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا ) بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم
[url]http://www.yolyar.com/amma/show.asp?id=16[/url]
Microsoft Uighur غا تەكلىپ-پىكىر بىرىڭ
[url]http://www.intil.biz/home/forum-viewthread-tid-1798-fromuid-10.html[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-11-27 14:25 [/i]]

bughra
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇن 17, 2010 5:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bughra » شەنبە نويابىر 27, 2010 2:14 pm

بۇ گېپىم تېمىغا مۇناسىۋەتسىزمۇ بىلمەيمەن، لېكىن بۇ كاللامدا پەقەت ئايدىڭلاشتۇرالمايۋاتقان بىر ئىش ئىدى، بۈگۈن مۇشۇ يەردە سورىۋالاي، ئۇستازلار بىلسەڭلار چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار.
مايكروسوفت بىزنىمۇ ئويلىشىپ مۇشۇ فونتنى ئاتايىن ياسىغان ئىكەن. لېكىن سىستېما ئىشلىتىدىغان فونتلاردا بىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىز نېمە ئۈچۈن يەنىلا نورمال كۆرۈنمەيدۇ(دېمەكچى بولغۇنۇم win7دە). يۇنىكودلۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان شۇنچە دېتاللىرىمىزنىڭ سىستېما فونتلىرىنى ئىشلىتىدىغان يەرلىرى ناھايىتى كۆرۈمسىز ھالەتتە تۇرماقتا. بۇلار نېمە ئۈچۈن؟ ئەگەر بۇ شۇ سىستېما فونتلىرىغا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ قوشۇلمىغانلىق سەۋەبى بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر قوشۇلمىغان؟

yolwas
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 10:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان yolwas » يەكشەنبە نويابىر 28, 2010 11:58 am

مەيلى word ياكى Excel غا بولسۇن خەنزۇچە خەتنى كىرگۈزسەكلا ئاپتوماتىك 宋体 غا توغۇرلاپ بېرىدۇ، ئەرەپچىنىڭمۇ شۇ سېستىما كۆڭۈلدىكىدەك فونىتى بار، مەن دەيمەن، بىزنىڭ ئۇيغۇرچىنىمۇ مەيلى كومپيوتىرنىڭ قايەرىدە كۆرۈنسۇن، شۇ ئاپتوماتىك ئۇيغۇرچى فونىتقا توغىرلاپ بېرىدىغان قىلغىلى بولماسمۇ؟ مېنىڭچە مۇشۇ پۇرسەتتە Microsoft uighur نىڭ ئەلالاشتۇرۇلغان نۇسخىسىنى شۇ ئۇيغۇرچىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك فونىتى قىلىپ بېرىشقا كۈچەپ قويساقمۇ بولامدىكىن.

bughra
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئىيۇن 17, 2010 5:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bughra » دۈيشەنبە نويابىر 29, 2010 4:39 am

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ دەل يولۋاس ئەپەندىمنىڭ پىكىرىگە ئوخشاش. شۇڭا ھەممەيلەن پىكىر بېرىپ تېخنىكىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ باقساق.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە دېكابىر 05, 2010 4:22 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]yolwas[/i] ، ۋاقتى: 2010-11-28 17:58 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3916&ptid=845][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەيلى word ياكى Excel غا بولسۇن خەنزۇچە خەتنى كىرگۈزسەكلا ئاپتوماتىك 宋体 غا توغۇرلاپ بېرىدۇ، ئەرەپچىنىڭمۇ شۇ سېس ... [/quote]
ھۈنەر: Word ۋە Excel نىڭ ئەسلى خەت نۇسخىسىنى بەلگىلەش
[url]http://www.intil.biz/home/forum-viewthread-tid-1976-fromuid-10.html[/url]

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » جۈمە يانۋار 07, 2011 9:09 am

بۇ تېما يەنە توختاپ قاپتۇ. بولسا تېزراق بىلىك كۇلۇبىدىكى ئىنكاسلار بىلەن يۇغلاپ بىر ماتىريال قىلساق بولاتتى. :handshake

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار