ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » جۈمە مارت 25, 2011 3:12 am

[size=4]ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكلىرى
● ئەسىر [esir] - كالىندار ھېسابىدىكى 100 يىلنى بىر بىرلىك قىلغان ۋاقىت بىرلىكى، بىر ئەسىر 100 يىلغا تەڭ. قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر ئەسىر 30 يىلنى كۆرسىتەتتى. چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەر 32 يىلنى بىر ئەسىر ھېسابلايتتى.

● قەرنە [qerne] - مىلادىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر پەسىلنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلى، ھىجىرىيە ھېسابىدا مەلۇم بىر ئايغا توغرا كېلىپ، ئارىدىن بىرنەچچە 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ھىجىرىيىنىڭ شۇ ئېيى مىلادى يىلىنىڭ شۇ پەسلىنىڭ شۇ مەزگىلىگە ئاساسەن توغرا كەلسە بۇ چاغدا بىر «قەرنە» ۋاقىت ئۆتكەن بولىدۇ. يەنى مىلادىيىنىڭ 33- يىلى ھىجىرىيىنىڭ 34- يىلى بىر قەرنە ھېسابلىنىدۇ.
مۆچەل يىل ھېسابىدا 12 مۆچەلنىڭ ئۈچ قېتىم تەكرارلىنىشى، يەنى 36 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.
دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا دەۋرىيلىك مۆچەلنىڭ بەش قېتىم تەكرارلىنىشىدىن ھاسىل بولغان 60 يىل بىر قەرنە بولىدۇ.

● قەرن [qern] - قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، 1 قەرن قەدىمكى 1 ئەسىر ۋاقىتنى بىلدۈرگەن. قەدىمكى ئىراننىڭ 1 ئەسىرى 30 يىل، چاغاتاي دەۋرىدىكى تۈركى خەلقلەرنىڭ 1 ئەسىرى 32 يىل ھېسابلىناتتى.

● قىران [qiran] - ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز. ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ، يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى «قىرانىغا يەتتى» دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش-نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران - تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولىدۇ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.

● يىل [yil] - كالىندار ھېسابىدا يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشىغا كېتىدىغان ۋاقىت. بىر يىل 365 كۈن 5 سائەت 48 مىنۇت 46 سېكۇنت. 1 يىل تۆت پەسىل، 12 ئاي بولىدۇ.
===============================================
● ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)[arqun] : ئارقۇن - كېلىدىغان يىل نامى.
1. چاشقان يىلى [çaşqan yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «كۈسگۈ، گۈسكۈ» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
2. ئۇي يىلى [uy yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئۇد» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
3. يولۋاس يىلى [yolvas yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يولبارس، بارس» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
4. توشقان يىلى [toşqan yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تاپۇشقان، تابۇشقان، تاۋۇشقان» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
5. بېلىق يىلى [béliq yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بالىق» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
6. يىلان يىلى [yilan yili]
7. ئات يىلى [at yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «يۇنت، يۇند» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
8. قوي يىلى [qoy yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قۇين ياكى قۇن» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
9. مايمۇن يىلى [maymun yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «بىچىن، مىجىن» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
10. توخۇ يىلى [toxu yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «تاقاغۇ، تاقىغۇ» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
11. ئىت يىلى [it yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئىشىت» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
12. توڭگۇز يىلى [toñguz yili] (قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «دۇڭگۇز، لاغچىن» دەپ تەلەپپۇز قىلىناتتى، ھەم شۇنداق ئاتىلاتتى)
ئىزاھات: يۇقىرىدىكى يىل ناملىرى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە خاتالاشماي ئىشلىتىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، بىر قىسىم ماتېرىياللاردا ھازىرقى تىل ئىستېمالىمىزدا ئىشلىتىلىنىشى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشلۇشتەك بىر قىسىم مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇد، يۇقىرىدىكىلىرى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردىن ئىنچىكىلەپ رەتلەپ ئېلىنغىنى، ھازىرقى تىل ئىستىمالىمىزدىكى شەكلى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تەلەپپۇزى ئېنىق ئايرىپ كۆرسىتىلدى. پايدىلىنىلغان ماتېرىياللار كۆرسىتىلمىدى. مۆچەل ئاتالغۇچى تۈركىي تىللار دىۋانىدا ئارقۇن سۆز بويىچە ئىزاھلانغان، ھەمدە بۇ سۆزنىڭ ئىككى خىل مەنىدە كېلىدىغانلىقى، بىرى مۆچەلنى بىلدۈرۈپ يەنە بىر كېلىدىغان يىلنىڭ ئاتىلىشى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يەنى كېلەركى يىل ئارقۇن يىلى دەپمۇ ئاتالغان.
=================================================
● ئون ئىككى بۇرج:
1. ئارسلان [arslan] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: ئەسەد بۇرجى)
2. چايان [çayan] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: ئەقرەب بۇرجى)
3. ئوغلاق [oğlaq] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: جەدى بۇرجى)
4. قوشكېزەك [qoşkézek] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: جەۋزا بۇرجى)
5. سوغا [soğa] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: دەلۋە بۇرجى)
6. قىسقۇچپاقا [qisquçpaqa] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: سەرەتان بۇرجى)
7. ئۇي [uy] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: سەۋر بۇرجى)
8. كىز [kiz] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: سۇنبۇلە بۇرجى)
9. ياچاق [yaçaq] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: قەۋس بۇرجى)
10. تارازا [taraza] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: مىزان بۇرجى)
11. قوزا [qoza] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: ھەمەل بۇرجى)
12. بېلىق [béliq] (ئەرەبچە ئاتىلىشى: ھوت بۇرجى)
ئىزاھات: ئون ئىككى بۇرچ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان، بۇ ئون ئىككى بۇرچ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى قەبىلىرىدە يەنە ئاي ناملىرىغىمۇ ئىشلىتىلگەن، شۇڭا ھازىرقىدەك بۇرچ نامى بىلەن ئاي ناملىرىمىز ئوتتۇرىسىدا ئارىلىشىپ كېتىش ياكى ئالمىشىپ كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، كۆك يۈزىدىكى ئون ئىككى يۇلتۇز بىلەن ئىپادىلەنگەن ئون ئىككى بۇرچ ئۆز نامى بىلەن ئىستېمال قىلىنىشى كېرەك. سەككىزىنچى بۇرچ «كىز» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «قىز» (قىز - نارەسىدە قىز، بويىغا يەتكەن قىز) ۋە «قىس» (قىس، ئەتىۋارلىق، كەم ئۇچرايدىغان، قىممەتلىك) تىن ئىبارەت ئىككى مەنىنى بىلدۈرگەن.

● تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۇم — قەدىمكى ئەجدادلار بىر يىل ئىچىدىكى كىلىماتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر يىلنى ئەرتەياز (ئەتىياز، باھار)، ياز، كۈز، قىشتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلگەن. بىر پەسىل ئۈچ ئاي بولۇپ، ئادەتتە 11-، 12- 1- ئايلار قىش پەسلىگە؛ 2-، 3-، 4- ئايلار ئەتىياز پەسلىگە؛ 5-، 6-، 7- ئايلار ياز پەسلىگە؛ 8-، 9-، 10- ئايلار كۈز پەسلىگە تەۋە بولىدۇ.
دېھقانلار كالىندارى بويىچە بىر يىل 24 مەۋسۈم بولىدۇ.
ئەتىياز پەسلى:
باش باھار (2- ئاينىڭ 4- ياكى 5- كۈنى)
ئەگىز سۈيى (2- ئاينىڭ 19- ياكى 20- كۈنى)
جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
ئەتىيازلىق كۈن-تۈن تەڭلىكى (3- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
چوكانتال (4- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
قىزىلكوس (4- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)
ياز پەسلى:
باش ياز (5- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
دان تۇتۇش (5- ئاينىڭ 21- ياكى 22- كۈنى)
ئورما ۋاقتى (6- ئاينىڭ 6- ياكى 7- كۈنى)
يازلىق كۈن-تۈن توختىشى (6- ئاينىڭ 22- ياكى 21- كۈنى)
باش تومۇز (7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
تومۇز (7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
كۈز پەسلى:
باش كۈز (8- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
كۈزگى تېرىم (8- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
ئاق شەبنەم (9- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىكى (9- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
سوغۇق شەبنەم (10- ئاينىڭ 8- ياكى 9- كۈنى)
قىروۋ چۈشۈكى (10- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى)
قىش پەسلى:
باش قىش (11- ئاينىڭ 8- ياكى 7- كۈنى)
سېرىق قار (11- ئاينىڭ 23- ياكى ياكى 22- كۈنى)
ئاق قار (12- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنى)
قىشلىق كۈن-تۈن توختىشى (12- ئاينىڭ 22- ياكى 23- كۈنى)
قارا سوغۇق (1- ئاينىڭ 5- ياكى 6- كۈنى)
قاپاقياردى (1- ئاينىڭ 20- ياكى 21- كۈنى)
ئەسكەرتىش، تۆت پەسىل ۋە يىگىرمە تۆت مەۋسۇمنىڭ يەنە ئەرەب، پارس تىللىرىدىكى ئاتىلىشىمۇ تەڭ ئىشلىتىلگەن ھەم ئاي ناملىرى بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشتەك مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇ نۇقتىغىمۇ ئالاھىدە دېققەت قىلىش كېرەك.

● ئاي [ay] - شەمسىيە كالىندارىدا يىلنىڭ ئون ئىككىدىن بىرى. بىر ئاي ئادەتتە پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ 29، 30، 31 كۈن بولىدۇ. قەدىمكى ئەجدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئاينىڭ بەزىدە يۇمىلاق، بەزىدە كەمتۈك كۆرۈنۈشتەك ئۆزگىرىش ئادىتىگە قاراپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇزاق مۇددەتلىك كۆزىتىش ئارقىلىق بۇنداق ئەھۋالنىڭ بىر قېتىم دەۋرىيلىشىشى ئۈچۈن 29 ياكى 30 كۈن ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن «ئاي» ھېسابى مۇقىملىشىپ، ئۇنى ۋاقىت بىرلىكى قىلىپ قوللانغان.
ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى (مىلادىيە، ھىجىرىيە، شەمشىيە بويىچە ئاي ناملىرى)
1- ئاي - ئوچاق [oçaq] (مىلادىيە: يانۋار؛ ھىجىرىيە: مۇھەررەم؛ شەمشىيە: ھەمەل)؛ بۇ ئاي يەنە «ئارام ئاي» دەپمۇ ئاتالغان. ئوچاق سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، ئەجدادلىرىمىز ئولتۇراق تۇرمۇشقا كۆچكەندىن كېيىن، يىللىق تېرىمدىن كېيىنكى قىشلىق ئارام ۋاقتىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كىشىلەر چوڭ ئوچاقلار سېلىپ، ئوت قالاپ، ئوچاقلارنىڭ ئىسسىقىدا ھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزگەن، بۇ خىل چوڭ تىپتىكى ئوچاقلار شەھەرلەردىكى ئوردا سارايلاردا توققۇز ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ساندا چۈيۈندىن ياسىلاتتى، قاغانلار ۋە بەگلەر شۇ ئوچاقلار ئارقىلىق چوڭ چېدىر ياكى ئوردوگاھلارنى ئىسىتىپ مۇراسىم ئۆتكۈزەتتى. شەھەردىن يېزا-قىشلاقلارغىچە، ئۆي-ئودالارغىچە ئوچاق سېلىناتتى، شۇڭا بۇ ئاي ئوچاق دەپ ئاتىلىپ قالغان؛ بۇ ئاينىڭ 6- كۈنىدىن باشلاپ «قارا سوغۇق» مەۋسۈمى كىرىدۇ. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە ئۇيغۇر قاغانلىقى قاغانىنىڭ ئوردوسىغا كىرىدىغان ئېغىزغا ناھايىتى يوغان ئوچاقلار سېلىنغان بولۇپ، بۇ ئوچاقلار ھەر ۋاقىت ياغ قويۇلۇپ ئوت يالقۇنجاقلاپ ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن، بۇ ئوچاقلارنىڭ ئادەتتە ئىگىز تۆۋرۈك ئۈستىگە قويۇلىدىغان ئۈستى ئوچۇق ئوچاقلار بولۇپ، مەخسۇس يورۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ھەر بىر شەھەر-قىشلاقلار ئارىلىقىدىكى تۇرالار (قونالغۇلار) نىڭ ئۈستىگىمۇ چوڭ ئوچاقلار قىشتا ئىسىنىش ئۈچۈن ۋە بەلگە بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ياز ۋاقىتلىرىدا بۇ خىلدىكى ئوچاقلار پەقەت يورۇتۇش ۋە بەلگە بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلگەن.
2- ئاي - ئۇي [uy] (مىلادىيە: فېۋرال؛ ھىجىرىيە: سەپەر؛ شەمشىيە: سەۋر)؛ ئۇي - بۇ سۆزنىڭ قەدىمكىرەك شەكلى ئۇد بولۇپ، كېيىن «د» تاۋۇشى «ي» غا ئاجىزلاشقان، كالا دېگەن مەنىدە، بۇ سۆزنى يەنە «ھۇت» تەلەپپۇز قىلىش ئەھۋاللىرىمۇ مەۋجۇد، شۇڭا بۇ شەمشىيە كالىندارى بويىچە مىلادىيە 12- ئاينى كۆرسىتىدىغان ھوت ئېيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشتەك ئەھۋالمۇ كۆرۈلگەن؛ بۇ ئايدا دېھقانلار يىل بېشىدىكى تېرىم ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشىدۇ، ھەم يەرلەرنى ئۇيلار ئارقىلىق ئاغدۇرۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا شەھەر، يېزا-قىشلاقلاردا توپ-توپ دېھقانلارنىڭ ئۇيلار بىلەن يەر ھەيدەپ تېرىقچىلىققا تەييارلىق قىلىشتەك چوڭ مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، بارلىق كىشىلەر يېڭى يىلنىڭ تىرىكچىلىك ئىشلىرىغا تۇتۇنىدۇ. 2- ئاينىڭ 4-، 5- كۈنلىرىدىن باشلاپ «باش باھار» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
دىققەت، 2- ئاينىڭ ئۇي دېيىلىشى ئون ئىككى مۆچەلنىڭ 2- يىلىدىنىڭ نامى ئۇي بىلەن ئوخشاش، بۇ كالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا-ئىگىلىكىدە نەقەدەر مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىش تۇرمۇشىنىڭ ئىنتايىن قەدىمكى زامانلاردىن باشلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆسىتىپ بېرىدۇ، گەرچە بۇ مەسىلە ئارخىلوگىيىلىك قېزىشلاردا ئاللىقاچان ئىسپانلانغان بولسىمۇ. يەنە بىر مەسىلە بۇنداقتا ئۇي ھەم مۆچەل نامىدا ھەم ئاي نامىدا ئوخشاش ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئاي نامىدا قەدىمكىرەك شەكلى بولغان «ئۇد» ياكى «ئۇي» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىپ، يىل نامىنى ئاتىغاندا كالا يىلى دەپ ئاتاش بىر قەدەر ئىلمىي بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.
3- ئاي - ئوغلاق [oğlaq] (مىلادىيە: مارت، ھىجىرىيە: رەبىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: جەۋزا)؛ ئوغلاق (قوزا) يۇلتۇزى - ھەمەل يۇلتۇزى، يەنى 3- ئايدىن باشلاپ كۆرۈنىدىغان يۇلتۇز؛ بۇ ئايدا قوزا يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ، كىشىلەر ئوغلاقلارنى سويۇپ نەۋرۇز ئېشى تەييارلاپ باھار پەسلىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شەھەر-قىشلاقلاردا توپ-توپ بايرام قىلىشىدۇ. 3- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنلىرىدىن باشلاپ جانىۋارلارنىڭ ئويغىنىشى بىلەن باھار مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
4- ئاي - ئۇمۇت [umut] (مىلادىيە: ئاپرېل، ھىجىرىيە: رەبىيەلئاخىر، شەمشىيە: سەرەتان)؛ ئۇمۇت - قەدىمكى بىر خىل جەڭ قۇرالىنىڭ نامى؛ بۇ ئايدا قاغانلار-بەگلەر ئۆز قوشۇنىنى تولۇقلايدۇ، دېھقانچىلىقتىن يېڭى بوشانغان ياش يېگىتلەر توپ-توپى بىلەن ئەسكەرلىككە قاتنىشىدۇ، تۆمۈرچىلەر جەڭ قۇراللىرىنى ياسىشىدۇ، يېڭى بىر يىللىق يۇرتنى قوغداش ۋە يىراقلارغا يۈرۈش قىلىش باشلىنىدۇ. 4- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنىدىن باشلاپ «چوكانتان» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
5- ئاي - بارس [bars] (مىلادىيە: ماي، ھىجىرىيە: جامادىيەلئەۋۋەل، شەمشىيە: ئەسەد)؛ 5- ئاينىڭ 5-، 6- كۈنىدىن باشلاپ «باش ياز» مەۋسۇمى باشلىنىدۇ.
ئىزاھات: بۇرچلارنىڭ بىرىنچىنىڭ نامىمۇ ئارسلان بولۇپ، بۇمۇ بارس، يولۋاس دەپ تەلەپپۇز قىلىنغان؛ ئاي ناملىرىدا يولۋاس دەپ ئاتالغان، بۇ سۆزنىڭ توغرىسى بارس، شۇڭا بۇ ئاينى بارس ئېيى دەپ ئاتاش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
6- ئاي - باشاق [başaq] (مىلادىيە: ئىيۇن، ھىجىرىيە: جامادىيەلئاخىر، شەمشىيە: سۇنبۇلە)؛ بۇ ئاي يەنە بۇغدايبېشى ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايدا ئاشلىق-دانلار، مىۋە-چېۋىلەر، زىرائەتلەر پىشىدۇ، بۇ ئاي ئورما ۋاقتىغا توغرا كېلىدۇ.
7- ئاي - ئەرەن [eren] (مىلادىيە: ئىيۇل، ھىجىرىيە: رەجەپ، شەمشىيە: مىزان)؛ بۇ ئاينىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقى تۈركىي تىللار دىۋانىدا قەيت قىلىنىدۇ. دىۋاندا، «تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ نامى؛ ئاي مەنزىللىرىدىن بىرىنىڭ نامى» دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئايدا ئەرەنلەر توپ-توپى بىلەن ئېتىزلاردا، باغلاردا ئەمگەك قىلىدۇ، شۇ مۇناسىۋەتتىنمۇ بۇ ئايغا «ئەر» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى «ئەرەن» نامى بېرىلگەن. 7- ئاينىڭ 7- ياكى 8- كۈنىدىن باش تومۇز باشلىنىپ 7- ئاينىڭ 23- ياكى 24- كۈنى تومۇز باشلىنىدۇ، ھەمدە 8- ئاينىڭ بېشى ئاخىرلىشىدۇ، شۇڭا 7- ئاي مەزگىلى «تومۇز» ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئىزاھات: سەككىزىنچى بۇرچنىڭ كىز ئاتالغىنىدەك، ئونىنچى بۇرچ تارازا (مىزان) يۇلتۇزىنىڭ «ئەرەن» دەپ ئاتالغانلىقىمۇ بىزگە تۈركىي تىللار دىۋانىدىن مەلۇم بولدى، ئەرەنتۇر (ئەرەنتېر) سۆزىنىڭ بۇ سۆز بىلەن مۇناسىۋىتى بولۇشى مۇمكىن.
8- ئاي - چايان [çayan] (مىلادىيە: ئاۋغۇست، ھىجىرىيە: شەبان، شەمشىيە: ئەقرەب)؛ بۇ ئايدا چايان يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 8- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «باش كۈز» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
9- ئاي - ياچاق (مىلادىيە: سېنتەبىر، ھىجىرىيە: رامىزان، شەمشىيە: قەۋس)؛ بۇ ئايدا ياچاق (ياي) يۇلتۇزى كۆك بۇرۇچىدا كۆرۈنىدۇ. 9- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «ئاق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
10- ئاي - ئوغۇز [oğuz] (مىلادىيە: ئۆكتەبىر، ھىجىرىيە: شەۋۋال، شەمشىيە: جەدىي)؛ بۇ ئاينىڭ ئىككى خىل مەنىسى بار دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى مەنىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قاغان بوۋىسى ئوغۇز قاغاننىڭ نامىنى يادلاش ئۈچۈن قويۇلغان. ئىككىنچى مەنىسى، بۇ ئايدىن باشلاپ پۈتۈن ئەل بويىچە قىشلىق تەييارلىق باشلىنىدۇ. يىگىتلەر قوشۇندىن ئائىلىسىگە قايتىپ ئەل جامائەت جەم بولۇشىدۇ. ئەرلەر ئۆي سېلىشىدۇ، قىشلىق يەم-بوغۇز تەييارلايدۇ، ماللارنى سويۇپ تەييارلايدۇ. خوتۇن-قىزلار سېيىرلاردىن سۈت (تۇنجى تامغان سۈت ئوغۇز سۈتى دېيىلىدۇ) ئېلىشىدۇ، بۇنىڭدىن قۇرۇت ۋە ئېرىمچىكلەرنى تەييارلايدۇ، بارلىق كىشىلەر بۇ ئايدىن باشلاپ قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە كېلىشىدۇ. 10- ئاينىڭ 8-، 9- كۈنىدىن باشلاپ «سوغۇق شەبنەم» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ. ئومۇمەن ئوغۇز ئېيى مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان، باياشاتلىق بولىدىغان ئايدۇر.
11- ئاي - كۆنەك [könek] (مىلادىيە: نويابىر، ھىجىرىيە: زۇلقەدە، شەمشىيە: دەلۋە)؛ كۆنەك - ① ياغاچ چېلەك (سوغا) ② سۇ قاچىسى؛ 11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ «باش قىش» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
ئىزاھات: بەزى ماتېرىياللاردا بۇ ئاينىڭ نامى سوغا دەپ ئېلىنغان، بۇ ئاينىڭ كۆنەك ۋە سوغا دەپ ئىككى خىل ئاتىلىپ قېلىشىدا «چېلەك» نىڭمۇ شۇ دەۋرلەردە بىر قانچە خىل شەكىلدە بولغانلىقىنى، ھەر بىر شەكلىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ناملىرى بارلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
12- ئاي - ئارائاي [ara'ay] (مىلادىيە: دېكابىر، ھىجىرىيە: زۇلھەججە، شەمشىيە: ھوت)؛ ئارائاي _ بۇ سۆزنىڭ مەنىسى كونا يىل بىلەن يېڭى يىلنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاي دېگەن مەنىدە كېلىدۇ؛ بۇ ئاي يەنە «بېلىق» دەپمۇ ئاتالغان؛ 12- ئاينىڭ 7-، 8- كۈنىدىن باشلاپ «ئاق قار» مەۋسۈمى باشلىنىدۇ.
ئىزاھات: تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ۋەسىقىلەردە 12- ئاي «ئارائاي» دەپ ئاتالغان، ھازىرقى تۈركلەرمۇ شۇنداق ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇ ئاي ئۇيغۇرلاردا «ئارائاي» ۋە «بېلىق» ئېيى دەپ ئىككى خىل شەكىلدە كۆرۈلىدۇ، بۇ ئاتالغۇنى بېكىتىشكە تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت ۋەسىقىلەردىكى نامنى ئاساس قىلىش بىر قەدەر توغرا بولسا كېرەك.
خۇلاسە: يۇقىرىدىكى بايانلارنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، بۇ توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپرەك ئىزدىنىشكە، مۇلاھىزىلىرىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
=================== ئاي ناملىرى توغرىسىدىكى بايانلار تۈگىدى ===================
● چىللە [çille] (چىللە ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، چىللە ئاتالغۇسى خەنزۇچىدىكى جۇ بىلەن باراۋەر) - «يازغى چىللە» ۋە «قىشلىق چىللە» دەپ ئايرىلىدۇ. خەنزۇلاردىكى «جۇ» قىشلىق چىللىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ب ئىككى خىل ئاتىلىشى تەڭ قوللىنىلىدۇ. بىر چىللە 9 كۈن بولۇپ، دېھقانلار كالىندارى ھېسابىدا قىشلىق كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈن (22- دېكابىر) دىن باشلاپ ئەتىيازلىق كۈن تۈن تەڭلەشكەن كۈن (3- ئاينىڭ 21- كۈنى) گىچە بولغان 81 كۈن 9 چىللىگە بۆلىنىدۇ.
================================================================
تۆۋەندە ئەجداتلىرىمىز ئىشلەتكەن كۈن (ھەپتە) ناملىرى توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.

● كەنجئاي [kencay] (ھەپتە) - كالىندار ھېسابىدا دۈشەنبە، سەيشەنبە، چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە، شەنبە، يەكشەنبىدىن ئىبارەت يەتتە كۈننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تەكرارلىنىدىغان ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، بىر ھەپتە يەتتە كۈن بولىدۇ.
ئىزاھات: تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان ۋەسىقىلەردە «كەنچئاي» ياكى «گەنجئاي» ئاتالغۇسى ئۇچرايدۇ، بۇ ئاينىڭ تۆتتىن بىرىنى بىلدۈردىغان ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئومۇمىي نامى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.

ئەجدادلىرىمىز يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىپ، ھەر بىر كۈنگە بىردىن يۇلتۇزنىڭ نامىنى قويۇپ ۋاقىت خاتىرىلىگەن. مەسىلەن:
بىرىنچى خىل شەكلى:
1. ساقان [saqan] - دۈشەنبە (زۇھەل، ساتۇرىن يۇلتۇزى)؛ سەكەنتۇر، سەكەنتىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
2. ئوڭاي [oñay] - سەيشەنبە (ئوڭاي يۇلتۇزى يەنە ئۇيغۇرچىدا ئەرەنتىر، قاراقۇش دېگەن ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان؛ مۇشتەرى، يۇپىتىر يۇلتۇزى).
3. قۇرت [qurt]- چارشەنبە (مېرىخ، مارس يۇلتۇزى)؛ قۇرت - بۆرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمى، قەدىمكىلەر بۆرىنى ئۇلۇغلىغاچقا ۋە ئۇنىڭدىن قورققاچقا، ئۇنىڭ نامىنى بىۋاستە ئاتىماستىن، ئۇنى قۇرت دەيتتى، بۆرە ئۆلتۈرسە، قۇرۇت ئۆلتۈردۈم دەيتتى؛ قۇرۇت، كۇرۇت، كۇرۇد دېگەندەك تەلەپپۇزلىرى بار.
4. قۇياش [quyaş] - پەيشەنبە (قۇياش؛ كۈن).
5. سەۋىت [sevit] - جۈمە (زۆھرە، چولپان، ۋېنېرا يۇلتۇزى).
6. ئاتارۇت [atarut] - شەنبە (ئارزۇ، مېركورى يۇلتۇزى).
7. يالچىق [yalçiq] - يەكشەنبە (ئاي، ئاي شارى).

ئىككىنچى خىل شەكلى:
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ، ئۇلارنى باش كۈن (دۈشەنبە)؛ بوش كۈن (سەيشەنبە)؛ سوڭ كۈن (چارشەنبە)؛ كىچاتنا كۈن (پەيشەنبە)؛ ئاتنا كۈن (ئازنا-جۈمە) ئاتناراس (شەنبە)؛ پازار كۈن (يەكشەنبە) دەپ ئاتىغان.

ئۈچىنچى خىل شەكلى:
تاڭ دەۋىرىدىكى توققۇز غۇزلار ۋە تۈرك مەدەنىيىتى دېگەن كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، قەدىمكى ۋاقىتلاردا توققۇز غۇزلار بىر ھەپتىنى يەتتە كۈنگە بۆلۈپ ھەر بىرىنى مۇنداق ئاتاپتىكەن:
دۈشەنبە - ئوت
سەيشەنبە - سۇ
چارشەنبە - ياغاچ
پەيشەنبە - تۆمۈر (مېتال)
جۈمە - تۇپراق
شەنبە - ئاي
يەكشەنبە - كۈن
بۇ ماتېرىيالدىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە شەيئىلەرگە ئېتىقاد قىلىشتەك ئىپتىدائىي ئېتىقاد ئاڭلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن. بۇرۇن كۈن ۋە ئايغا چوقۇنۇش، دەرەخكە (ياغاچ) چوقۇنۇش، تۇپراق، تاغ، يەرلەرگە چوقۇنۇش ئادەتلىرى بولۇپ، كۆپ خۇدالىق ئېتىقادلار ئىدى، بەزى ئېتىقادلار شامان (قامان) ئېتىقادىنىڭ قالدۇقلىرى ھېسابلانماقتا. تۆت تادۇ (سۇ، ئوت، تۇپراق، ھاۋا) غا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئۇنى ئەزىزلەش بولغان ئەجدادلاردا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئېتىقادلارنىڭ بىرى ئىدى. سۇ، ئوت، تۇپراق (يەر)، ھاۋا (كۆك، ئاسمان) تەڭرىلىرىگە ئايرىلاتتى.
يۇقىرىدىكى ئۈچىنچى خىل شەكىلنىڭ بىرىنچى خىل شەكىلنىڭ قالدۇقى ياكى داۋامى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، ئەمما تىلىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئوت، سۇ، ياغاچ، تۆمۈر، تۇپراق، ئاي، كۈن سۆزلىرى ھەپتە كۈنلەرنى ئىپادىلەشتە بەلگىلىك توسالغۇلارغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئاتالغۇلار قىسمەن دائىرىدىلا ئىشلىتىلىپ كەڭ ئومۇملىشالمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ توغرىسىدىكى يازما ماتېرىياللارمۇ كۆپ ئەمەس.
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كەنچئاي (ھەپتە) كۈنلىرىنىڭ ئۈچ خىل شەكلى ئىچىدە بىرىنچى خىل شەكلى بىر قەدەر تولۇق ساقلىنىپ قالغان، غەيرىي تىل ئېلىمىنتلىرى ئارىلاشمىغان ئاتىلىش شەكىللىرى ھېسابلىنىدۇ.
=================== كۈن ناملىرى توغرىسىدىكى بايانلار تۈگىدى ===================

● كۈن [kün] - كالىندار ھېسابىدا تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىن باشلاپ، قۇياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بىر كۈن بولىدۇ. بىر كېچە كۈندۈزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋاقىت بىرلىكى بولۇپ، بىر كۈن 24 سائەت بولىدۇ، كېچە سائەت 1 دىن 12 گىچە چۈشتىن بۇرۇن (چ ب) ھېسابلىنىدۇ. چۈش ۋاقىت سائەت 12 دىن كەچ سائەت 0 گىچە چۈشتىن كېيىن (چ ك) دەپ ھېسابلىنىدۇ.

● كۈندۈز [kündüz] - كالىندار ھېسابىدا قۇياش كۆتۈرۈلۈپ تاڭ ئېتىپ قوياش ئولتۇرغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كۈندۈز 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كۈندۈز تاڭ (سەھەر ۋاقتى سائەت 5 تىن 8 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن بۇرۇن (سائەت 8 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈش (سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، چۈشتىن كېيىن (سائەت 1 دىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت).

● كېچە [kéçe] - كالىندار ھېسابىدا قۇياش ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر بولغان ۋاقىت. بىر كېچە 12 سائەت بولىدۇ. ئەنئەنىۋى ۋاقىت ھېسابلاش ئۇسۇلىدا بىر كېچە زاۋال (چۈشتىن كېيىن سائەت 5 تىن 9 غىچە بولغان ۋاقىت)، ئەلياتقۇ (كېچە سائەت 9 دىن 11 گىچە بولغان ۋاقىت)، تۈن نىسبى (كېچە سائەت 11 دىن 1 گىچە بولغان ۋاقىت)، باش توخۇ (سائەت 1 دىن 3 كىچە بولغان ۋاقىت)، سۈبھى (كېچىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى بولۇپ، سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ۋاقىت) دەپ بەش بۆلەككە بۆلۈنىدۇ.

● كۈزەد [küzet] - بۇرۇنقى زامانلاردا بىر كېچىنى بەشكە بۆلۈپ بەش قېتىم جاڭ ئۇرۇدىكەن. ھەر بىر جاڭ ئۇرۇشنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن ئىككى سائەت بولىدىكەن.

● سوتكا [sotka] - بىر كېچە-كۈندۈز ۋاقىتنى بىلدۈرىدىغان ۋاقىت ئۆلچەم بىرلىكى، 1 سوتكا 24 سائەت بولىدۇ.

● پاس [pas] - قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادا قوللىنىلغان ۋاقىت بىرلىكى. بىر پاس ئادەتتە بىر كېچە-كۈندۈرنىڭ 1/8 ىگە توغرا كېلىدۇ.

● چارەك [çarek] - كالىندار ھېسابىدا بىر پۈتۈن ۋاقىت بىرلىكىنىڭ تۆتتىن بىرى. چارەك ئەسىر — 25 يىلنى؛ چارەك سوتكا — 6 سائەتنى؛ چارەك سائەت — 15 مىنۇتنى بىلدۈرىدۇ.

● سائەت [saet] - سوتكىنىڭ 12/1 ىگە تەڭ بولغان ۋاقىت بىرلىكى، 1 سائەت 60 مىنۇت، 3600 سېكۇنتقا تەڭ. قەدىمكى بابىللىقلار بىر كېچە-كۈندۈزنى 24 ۋاقىتقا بۆلۈپ ۋاقىت ھېسابلىغان. ئۇنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ۋە قوللىنىلىشچانلىقى ياخشى بولغاچقا، باشقا ئەللەرگىمۇ تارقىلىپ كەڭ قوللىنىلغان.

● بىر ئاش پىشىم [bir aş pişim] - بىر ۋاق ئاش (تاماق) نىڭ پىشىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىت؛ بىر ئاش پىشقۇچىلىك ۋاقىت.

● مىنۇت [minut] - ۋاقىت ھېسابىدا بىر سائەتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكى، 1 مىنۇت 60 سېكۇنتقا تەڭ.

● سېكۇنت [sékunt] - ھازىرقى ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكىنىڭ نامى، 60 سېكۇنت 1 مىنۇتقا تەڭ، 1 سېكۇنت 60 دەقىقىگە تەڭ.

● دەقىقە [deqiqe] - ۋاقىت ھېسابىدا سېكۇنتنىڭ 60 تىن 1 بۆلىكىگە تەڭ بولغان ئەڭ كىچىك ۋاقىت بىرلىكى.
قەدىمكى زاماندا ئوتتۇرا ئاسىيادا سائەتتىن كىچىك ۋاقىت بىرلىكى دەقىقە بولغان. بىر كېچە-كۈندۈز 1440 دەقىقىگە بۆلۈنگەن. دەقىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى توغرىسىدا «بابۇرنامە» دە «سۈرە فاتىھەنى بىسمىللا بىلەن قوشۇپ ئالتە قېتىم ئوقۇغانچە بولىدۇ» دېيىلگەن.

ئون ئىككى ئارقۇن (مۆچەل)، ئون ئىككى بۇرج، ئون ئىككى ئاي، تۆت پەسىل، يىگىرمە تۆت مەۋسۈم، يەتتە كۈن (كەنجئاي) ۋە كۈنلەرنىڭ ناملىرىنى تۈركىي تىللار دىۋانى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى، ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى ئىشەنچلىك ماتېرىياللاردىن توپلاپ رەتلەپ يوللاپ قويدۇم، يۇقىرىدىكى ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ھازىر ئون ئىككى مۆچەل، ئون ئىككى بۇرج ۋە ئون ئىككى ئاينىڭ ناملىرىنى، ئۇيغۇرچە ناملىرى بىلەن ئەرەبچە ناملىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار كۆپرەك.
(باشقا تور بېكەتلەرگىمۇ يوللىماقچى بولسىڭىز، مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!)
ئالپ
[/size]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Alpsoft ، ۋاقتى: 2011-5-14 14:04 [/i]]



majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » جۈمە مارت 25, 2011 10:08 am

يۈكسەل ۋە قۇتلان ئەپەندىملەر پايدىلانسا بولغۇدەك .

بۇنىڭدىكى ئاي ناملىرىنى ئۇبۇنتۇدا ئۇيغۇرچە ئاي ناملىرى قىلىشقا ئويلىشىپ بېقىش كىرەك ئىكەن .

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئاپرىل 03, 2011 3:46 pm

نۇرغۇنلىرىنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەن .

tughyar
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ماي 10, 2008 1:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tughyar » چارشەنبە ماي 04, 2011 4:00 am

uyghurche chiqmaydiya , nimishqa shundaq bolidu. uyghuche chiqiralmay aware bolup kettim, yardem qilinglar

salahiddin
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاۋغۇست 10, 2010 12:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان salahiddin » جۈمە ماي 06, 2011 3:05 am

ئالپ ئەپەندىم، كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بۇلۇڭ - بۇشقاقلىرىنى بىر تەكشۈرۈپ بېقىڭە يەنە مۇشۇنداق ساز بىلىملەر چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » شەنبە ماي 14, 2011 8:07 am

مەن تېما مەزمۇنىنى يېڭىلاپ ھەم تولۇقلاپ قويدۇم، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى يەنە داۋاملىق ئىزدەۋاتىمەن، يەنە يېڭى ئىزدەنگەن ئۇچۇرلار بولسا تېمىنى يېڭىلاپ ئىزاھات بېرىپ قويىمەن. كۆپچىلىككە بۇ خىلدىكى ماتېرىياللارنىڭ ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
يۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى ناھايىتى ياخشى بولىۋېتىپتۇ، بۇنى ئىشلەتكەندىن كېيىن مەنمۇ ناھايىتى خوش بولدۇم، نەتىجىلەر ئاز ئەمەسكەن. ئاي ناملىرى ۋە بىر قىسىم ئاتالغۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى توغرىسىدا ئىزدىنىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ماتېرىيال كۆرۈش ۋە پىكىرلىشىشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار