ئۇيغۇر تىلى ئېلىببەسىدىكى ھەمزىلەر توغرىسىدا

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
uyghun
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 08, 2009 7:33 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر تىلى ئېلىببەسىدىكى ھەمزىلەر توغرىسىدا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان uyghun » جۈمە ئىيۇن 03, 2011 9:25 am

ئۇيغۇر تىلى ئېلىببەسىدىكى سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ باش شەكلى بىلەن ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان شەكىللىرى ھەمزىلىك بولۇپ، ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان شەكىللىرىدىكى ھەمزىلەرنىڭ ناھايتى ئاز بىرقىسىم سۆزلەردە بوغۇم ئايرىش رولىلا بار. ئەگەر سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ باش شەكلىدىكى ھەمزىلەرنى قىسقارتقاندا سۆزنىڭ مەنىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ،مەسىلەن: انا، ەر ،خەلقىارا، ەتە، ۈژمە ، ۈستى ،ېتىز-ېرىق ،ىنسان. سەككىز سوزۇقنىڭ باش شەكلى بىلەن ياغۇز شەكلى ئوخشاش بولىدۇ،يەنى ا ە و ۆ ۇ ۈ ى ې . ھەمزىلىك ئۇلىنىپ كىلىدىان شەكلى <ى> غا ھەمزىسىز ئۇلىنىپ كېلىدىغان شەلكلىنى قوشۇپ يازساق بولىدۇ،مەسىلەن:تەلىەت، ەنىەنە،ىىوردانىيە،خەلقىارا،سۈر'ەت دېگەندەك.ياكى ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان شەكىللىرىدىكى ھەمزىنى قىسقارتماي يېزىلسا.مەسىلەن:تەلئەت،خەلقئارا،ئەنئەنە.ئەگەر سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ باش شەكلىدىكى ھەمزىلەرنى قىسقارتىپ يېزىش ئىھتىماللىقى باربولسا زور ئىقتىسادى ۋە ئىجىمائىي ئۈنۈمگە ئىرىشكىلى بولدۇ .بۇنى كۆرۈپ باقايلى، ئەگەر بىر بەت تېكستىڭ ھەرىپ سانى 1000 بولسا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى ئەنۋەر مەمەت، تۇرگۈن ئىبراھىم ئەپەندىلەرنىڭ 2مىليون خەت ئارقىلق ستاتستىكىلاپ چىققان ئۇيغۇر تىلدىكى ھەرىپلەرنىڭ تەكرارلىقى توغىرسىدىكى ماقالىسى <维吾尔文字母频率统计及其应用> دا ([url=http://wenku.baidu.com/view/903c752f453610661ed9f425.html]http://wenku.baidu.com/view/903c752f453610661ed9f425.html[/url])،ھەمزىنىڭ تەكرارلىق نىسبىتىنى 3.64% بويىچە ھىسابلىساق ھەمزە36 قېتىم ئاز بىسىلدۇ. بۇ ئارقىلق خەت ئۇرۇش ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۇپلا قالماستىن ،قەغەزمۇ تىجىلىپ،ئەسلىدە 500 بەت كېلىدىغان كىتاب 480 بەت ئەتىراپىدا چىقىشى مۈمكىن، لېكىن كىتابنىڭ مەزمۇنى ۋە مەنىسىدەھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇنداق بولغاندا كىتابنىڭ تەننەرقى تۆۋەنلەپلا قالماستىن كىتاب ئقۇغۇچىلارنىڭمۇ ۋاقتى تىجىلىدۇ،مۇھىمى ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشقا پايدىلىق .ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبەسىنى ئۆگىنىش ۋە يېزىشمۇ ئاسانلىشىدۇ،نەتىجىدە زور ئىجتىمائى ئۈنۈم بارلىققا كىلدۇ.
ئەلۋەتتە بىز ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشلارنى قوللىنىپ ئادەتلىنىپ كەتتۇق،ئەگەر ھەمزىسىز يازساق باشقىچە تۇيىلىشى مۇمكىن،لېكىن كەلگۇسى ئىجتىمائى تارەققىياتنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ بىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش.بۇ بىر تەسەۋۋۇر. مەن خېلى يىللار بۇرۇن تىل- يېزىق كومۇتىتىنىڭ ژورنىلى<تىل ۋە تەرجىمە> دە بىر تىلشۇناسىمىزنىڭ <رىيازەت چەككەن ھەمزىلەر> تېمىسىدا ماقالا يېزىپ ،ھەمزىلەرنى قىسقارتىش تەسەۋۋۇرىنى ئۇتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئوقۇغان. تەرەققىيات ئۈچۈن ئىزدىنىش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: uyghun ، ۋاقتى: 2011-7-16 22:51 [/i]]



cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » شەنبە ئىيۇن 04, 2011 12:46 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز بىر يېڭى يېزىق ئىجاد قىلاي دەمسىز؟

Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » جۈمە ئىيۇن 10, 2011 8:54 am

ئۇيغۇن ئەپەندى، سىزنىڭچە بولغاندا، «تەلەت» بىلەن «تەلئەت» نىڭ مەنىسى ئوخشاشمىدۇ؟ بۇنىڭدىكى ھەمزە قىسقارتىلسا ئوخشاش مەنە بېرەرمۇ؟

koktash
يازمىلار: 54
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 5:37 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان koktash » سەيشەنبە ئىيۇن 14, 2011 9:27 am

ئۇيغۇن ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. مۇمكىن بولسا، ئۇيغۇر يېزىقىدا ئا، ئە لەر ئاجىزلاشتۇرۇلماي يېزىلىپ، ئەسلىدىكى خاقانىيە، چاغاتاي يېزىقىغا، شۇنداقلا تۈرك تىلى يىلتىزىغا يېقىنلاشتۇرۇلسا ياخشى بولاتتى.

گەپكە كەلسەك، ھەمزەلەرنىڭ پەقەت بوغۇم ئايرىش ئىقتىدارىنى ئېلىپ قېلىپ، بېشىدا كېلىدىغان يەرلىرىنى چىقىرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. «ئانا» سۆزىنى يېزىشقا قارىغاندا، «انا»نى يېزىش تېز، ھەم بۇرۇنقى چاغاتاي يېزىقىمىزغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.
مەسىلەن: يۇقارقى مىسالدىكى «تەلئەت» بىلەن «تەلەت» نى پەرقلەندۈرۈشتەك. (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە مەنبەسى بىر، پەقەت پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ خالاس)

مۇنداق بولغاندا، يېزىقىمىز قازاقچە ۋە قىرغىزچە يېزىقلارغىمۇ يېقىنلىشىپ، ئۇلار بىلەن بولغان تىل ۋە يېزىق پەرقىمىز ئازراق بولسىمۇ كىچىكلىگەن بولاتتى.

tursunxayar
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 08, 2009 10:12 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tursunxayar » جۈمە ئىيۇن 17, 2011 5:57 pm

مۇشۇنداق ئۇششاق گەپلەرنى كۆتۈرۈپ چىققانلارنىڭ ئاغزىغا شېغىل تاش!!!
قېرىنداشلار، بىز قىلغۇدەك باشقا ئەھمىيەتلىك ئىش زادى قالمىغانمىدۇ؟!

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇن 21, 2011 6:32 am

ئاجىزلاشتۇرماي يېزىشنى مەنمۇ قوللايمەن لېكىن ئەمزەنى تاشلىۋىتىشنى قوللىمايمەن.
چۈنكى
ەنىەنە--- بۇنى ئەنىئەنە دەپ ئوقۇپ قالىمىزغۇ؟
ىىوردانىيە-- بۇنى ئىئىئوردانىيە دەپ ئوقۇپ قالىمىزغۇ؟
خەلقىارا- خەلىقىئارا دەپ ئوقۇپ قالىمىزغۇ؟
بۇنى قانداق قىلىمىز؟ يەنە مۇكەممەلسىزلىك يۈز بەرمەمدۇ؟

Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » چارشەنبە ئىيۇن 29, 2011 5:44 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]koktash[/i] ، ۋاقتى: 2011-6-14 15:27 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=4106&ptid=888][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
يۇقارقى مىسالدىكى «تەلئەت» بىلەن «تەلەت» نى پەرقلەندۈرۈشتەك. (ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى سۆزنىڭ يىلتىزى ۋە مەنبەسى بىر، پەقەت پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ خالاس) [/quote]
ما گەپنى كۆرۈڭ. «تەلئەت» بىلەن «تەلەت» دېگەن ئىككى خىل مەنە بىلدۈرىدىغان سۆز، ئەمدىلىكتە يىلتىزى ۋە مەنبەسى بىر، پەقەت پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سۆز بولدىمۇ؟
تەلئەت ـ كىشى ئىسمى، تەلەت ـ چىراي، تۇرق. ئىككىسىنى قانداقسىگە بىر سۆزنىڭ پەرقلىق تەلەپپۇزى دېيىشكە تىلىمىز بارىدۇ؟
بۇنداق دېيىلىدىغان بولسا تىلىمىزدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنىمۇ پەرقلىق تەلەپپۇز قىلىندىغان، مەنبەسى بىر سۆز دەۋالغۇدەكمىز-دە؟
سۈرئەت(تېزلىك) بىلەن سۈرەت(رەسىم). ئەگەر بۇنداق قىسقارتىدىغان ئىش بولسا، «ئىئانە» نى «ىانە» دەپ يازساق، باشقىلار بۇنى «خانە» دەپ يازماقچىكەنتۇق، Shift كونۇپكىسى بېسىلماي، «خ» چىقماي، «ى» چىقىپ قاپتۇ دەپ چۈشىنىدۇ.
بىزگە سۆزلىرىمىزنى بۇزۇپ قىسقارتىش يەتمىگەندەك، ئەمدى بۇزۇپ قىسقارتىپ يېزىش چىقتىمۇ؟ بىزگە قازاق ۋە قىرغىزلارغا يېقىنلىشىش، ئۇلارنى دوراش شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالدىمۇ؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Aelsoft ، ۋاقتى: 2011-6-29 23:46 [/i]]

deyar
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە يانۋار 31, 2009 12:00 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان deyar » يەكشەنبە ئىيۇل 03, 2011 4:40 am

قىسقارتىشقا مەن قوشۇلمايمەن چۈنكى ھازىرقى يېزىقىمىزنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە قانچىلىك ۋاقىت ۋە قان تەر بەدەل كەتتى بۇنى ئويلاپ كۆردىڭلارمۇ ، ۋاقىت ۋە قەغەزنى تىجەپ قىلىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ تىل يېزىقىنىڭ ئەنئەنىۋى شەكلىنى ئۆزگەرتىۋىتىش ئەرزىمدۇ ، ئۆزگەرتىۋەتكەندە شەكلى باشقىچە تۇيغۇ بىرىدىكەن ، يېزىقىمىزدىكى ھەمزىلەر بولسا يېزىقىمىزنىڭ يارشىقى ، ئىلىۋىتىپ يېزىپ باقايلى سەت كۆرۈنىدىكەن شۇڭا قىسقارتىشنى ئويلىماي ، خەت نۇسخىللىرىنى كۆپەيتىشنى ، باشقا تىلدىكى يىزىقلار بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىساق قانداق قارايسىلەر

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » دۈيشەنبە ئىيۇل 04, 2011 10:34 am

بۇرۇن ئەمزە قۇيۇلماي يىزىلغانمۇ بىزنىڭ يىزىقىمىز . سۇزۇق تاۋۇش ئاجىزلاشتۇرۇلماي يىزىلغىنىمۇ بىزنىڭ يىزىقىمىز ئىدى . ھېلىمۇ يىراقلاپ بىريەرگە باردۇق . ۋارىسلىق قىلماي چەتنەۋاتىمىز . خەنلەر چېغىدا بىر بىرىنى گىپىنى ئۇقماي بىلمەي تۇرۇپ خەن مىللىتى بۇلۇپ تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرەلمىسىمۇ يىزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ (جەنۇبى جوڭگۇ بۇنىڭ سىرتىدا) ياشاۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئون ئېغىز گەپ قىلسا يەنە بىرى شۇنىڭ بىرىنىمۇ بىلمەيدىغانلار چىقىدۇ . شۇنداق تۇرۇپ خەن مىللىتى بۇلۇپ بىرلىكتە ياشاۋاتىدۇ.
بىز تۈرۈك مىللەتلىرى بۇلۇپ شەكىللىنىپ ياشاپ تىل يىزىقتا بىر بىرىدىگە يېقىنلىشىشقا قارىغاندا يىراقلىشىش تىز بۇلىۋاتىدۇ .
تىل يىزىق ئۆزگەرتىش جوڭگۇ ئازات بولغاندىن باشلاپ ناھايتى تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى . تەرەققى قىلىش ئۆز نەسلىدىن ئەجدادىن يىراق يوللارغا باشلاشتىن باشقىچە ئۈنۈم بەرمىدى . بىر ئەسىر بۇرۇنقى كىتاب ماتىرياللارنى ئوقۇشتا قىينىلىدىغان چۈشەنمەيدىغان يەرگە باردۇق .
ۋاقتىڭلار بولسا [url=http://uyghuracademy.com/?p=17779]نوپۇز:تۈرك(ئۇيغۇر) تىلى- دۇنيا تىلى![/url] دىگەن تېمىنى ئوقۇپ بېقىڭلار .

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

# tayir غا يوللانغان جاۋاب

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇل 12, 2011 5:04 pm

ياخشى تېما تەۋسىيە قىلغىنىڭىزغا رەھمەت.
تەكلىپ: سوزۇق، بولۇپ ، يېزىق دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى تۈزىتىۋالسىڭىز.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار