«يۇمتال»نى ئىشلەتمەي تۇرىلى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

«يۇمتال»نى ئىشلەتمەي تۇرىلى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە ئىيۇن 12, 2007 2:31 pm

«يۇمتال چۈشۈرۈش » دېگەن خەتنى مۇنبەر ئۈستىدە بۈگۈن كۆرۈپتىمەن. مېنىڭ بىلىشىمچە «يۇمتال» تېخى بىرلىككە كەلمىدى . راس بىرلىككە كەلمىگەن بولسا «چۈشۈرۈش»، «دېتال چۈشۈرۈش» دەپ ئىشلىتىپ تۇرساقمىكىن.



Ghalip
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئىيۇن 04, 2007 4:19 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Ghalip » سەيشەنبە ئىيۇن 12, 2007 4:26 pm

يۇمتال؟؟؟؟؟
پەقەتلا قاملاشماپتىغۇ بۇ!!
مەن شەخسەن قارشى.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » چارشەنبە ئىيۇن 13, 2007 4:17 pm

مەنچىمۇ شۇ
بىلىكتىكى ھىلىقى بىلەتلىك تىمىمۇ تىخىچە بىرلىككە كەلمىدى ئەمەسمۇ !!!!!!!!!!!!!!
نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى ئىشلىتىشكە قارشى تۇرىدىكەن ئەمەسمۇ !!!


[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=10080&highlight=%D9%8A%DB%87%D9%85%D8%AA%D8%A7%D9%84[/url]

Nezeri
يازمىلار: 53
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئىيۇن 06, 2007 4:51 pm
ئالاقىلىشىش:

بەزى تور ناملىرى (تور ئېسىملرى ) سەل قىسقىراق بولس

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Nezeri » شەنبە ئىيۇن 16, 2007 12:21 pm

بەزى تور ناملىرى (تور ئېسىملرى ) سەل قىسقىراق بولسا قولاي ئەمەسمۇ ؟
مەنچە بولسا تور بەتنىڭ كۆركەملىكىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى قىسقا ئوبرازلىق سۆزلەرنى قوللانساق ياخشى .
شۇڭا بەزى سۆزلەرنى ئېمكان بار قىسقارتىپ ( ئادەتتىكى كىشىلەرمۇ چۈشەنگىدەك دەرىجىدە ) ئېشلەتسەك ياخشى . بۇ نى ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزغانلىق دەپ چۈشۈنۈپ قالمىغايسىلەر . يان تىلفۇن ، يان دىسكا دىگەندەك ئۇقۇملارمۇ ئوموملىشىپ كەتتىغۇ . ھەربىر تىل مۇئەييەن بىر شارائېتتا دەۋىرگە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى بۆلەكلىرىدە يوقىلىش ، قوشىلىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ . بۇ بىر نورمال ئەھۋال .
شۇڭا بۇ سۆزنى قوللىنىش قوللانماسلىقنى شەخسى مۇددىئادىن ئەمەس بەلكى ئوموميۈزلۈك قوللىنلىىش جەھەتتىن ، قولايلىق ، ئېلمىيلىق جەھەتتىن ئويلانغان تۈزۈك .

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: albert ، ۋاقتى: 2007-6-16 18:23 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » شەنبە ئىيۇن 16, 2007 2:06 pm

بىلىكتە يۇمتال ھەققىدە يوللانغان [url=http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=4073&highlight=%D9%83%D8%A7%D8%AA%D8%A7%DA%AD%D9%84%D8%A7%D8%B1]تۇنجى تېما[/url]دىن كېيىن بىرقىسىم پروگراممىرلار توربەتلىرىدە ۋە يۇمتاللىرىدا ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىرقىسىم دوستلىرىمىز مۇشۇ "يۇمتال" ئۈچۈنلا بىرقانچە تېما ئېچىپ مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بولدى، بىراق مۇنازىرە نەتىجىسىدە ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ قايىل قىلارلىق ئاساسلىرى بولمىدى، پەقەت يۇقۇرىدىكىدەك، «"يۇمتال" تېخى بىرلىككە كەلمىدىيەي، پەقەتلا قاملاشماپتىغۇ بۇ!!، نمە ئۇ يۇمتال دېگەنەي، مەن تېخى ئۇنى ..... مىكى دەپتىمەنەي» دېگەندەك پىكىرلەردىن نېرىسىگە ئۆتمىدى، تېلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ياكى ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل قانۇنىيەتلىرى نۇقتىسىدىن چىقىپ ئىنكار قىلىدىغان بىرەر پاكىت تېخى كۆرسىتىلمىدى.
مەن ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ كېلىۋاتىمەن، ئۆز - ئۆزەمدىن سوراپ كىلىۋاتىمەن، لىكىن جاۋابىنى تاپالمىدىم. ماڭا يارىدەم قىلىپ جاۋاپ تېپىشىپ بەرسەڭلەر تولىمۇ خۇرسەن بولۇر ئىدىم.
1) ئۇيغۇر تىلىدا قاچاندىن بېرى «قوزا»، «ئاژۇن»، «تادۇ»، «بىلىگ»كە ئوخشاش تۈپ سۆز ياساش توختىغان؟ تۈپ سۆز ياساشنى توختۇتۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىرەر پەرمان جاكارلانغانمۇ؟ ھازىر بىزدە بۇرۇنقىدەك تۈپ سۆز ياساش قابىلىيىتى يوقمۇ؟
2) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆزلەر پەقەت بۇرۇنقى ياكى تىلەمچىلىك قىلىپ تاپقان ھازىرقى بىرقانچە سۆزلەرنى بېرىكتۈرۈش ياكى سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلاش ئارقىلىقلا ياسىلامدۇ؟ بۇنداق سۆز ياساش ھازىرقى كۈنلەردە بىزدىكى بىردىن – بىر سۆز ياساش قايىدىسى بولۇپ قالغانمىدۇ؟ چەت تىللاردىن تۈركۈملەپ سۆز قوبۇل قىلىش ئەبزەلرەكمۇ ياكى سۆز ياساش ئۇسۇلى، سۆز ياساش قوشۇمچىسى(پارسلاردىكى «بى[مەسىلەن: بىئەجەل، بىئەدەپ]»، «فۇن[مەسىلەن: يانفۇن]»غا ئوخشاش)نى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەبزەلرەكمىدۇ؟
3) ھەدېسىلا تېل- يېزىق كومېتىتى بىكىتمىگەن ياكى ئاللا قاچان بىكىتىپ بولغان دەپ باشقىچە پىكىر – تەشەببۇسلارنى كالتەكلەشكىلا تەييارمىز، تېل – يېزىق كومېتىتىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنى ياسايدىغان بىرەر زاۋۇت بارمۇ ياكى ئۇ يەردىمۇ بىزگە ئوخشاش بىلىش دائىرىسى چەكلىك بولغان ئادەملەر ئىشلەمدۇ؟ سۆزلەر ئىشلىتىش جەريانىدا قېلىپلىشامدۇ ياكى قېلىپلىشىپ بولۇپ ئاندىن ئىشلىتىلەمدۇ؟ تېل – يېزىق كومېتىتى مەۋجۇت بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنى قايسى ئورۇن قېلىپلاشتۇراتتى؟ سىز، بىزگە ئوخشاش كەڭ خەلق تىلىمىزنىڭ نېمىسى؟ خەلقنىڭ تىل تارىخىمىزدىكى رولى نېمە؟ زىيالىلار قانداق رول ئوينىغان؟ ھازىر قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟
4) ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى باشقا تۈركىي تىللاردىن يېراقلىشىش، كونا تىلىمىزدىن ياتلىشىش ئۈچۈن خىزمەت قىلامدۇ؟ تىلىمىزدىكى ھازىرقى ھالەت قايسى يۆنۈلۈشكە قاراپ سىلجىۋاتىدۇ؟ تىلىمىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرى تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەندۇ؟
5) «يۇمتال» نېمە ئۈچۈن قاملاشماپتۇ؟ «يانفۇن» نېمە ئۈچۈن قاملىشىپتۇ؟ ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىسىز؟ نېمىشقا «يان تېلېفۇن» دېگەن ئۇزۇن ئىسىم بىلەن ئىشلەتمەيسىز؟ نېمىشقا «فۇن» دېگەن تاۋۇشتىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇنى بىر ئالاقىلىشىش ئۈسكىسىنىڭ بەلگىسى(سۆز ياساش قوشۇمچىسى) سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى ئويلاپ كۆرمەيسىز؟ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۇنى كېڭەيتىپ «جىمفۇن(ئۆي تېلېفۇنى)»، «سىنفۇن(فاكس)» «شەھەرفۇن ياكى شەفۇن(كىچىك زىرەك)»، ..... لارنى ئويلاپ كۆرمەيسىز، يەنە «يۇمتال»، «يانفۇن»لارنىڭ ئىلھامىي بىلەن «سىمۋىزور(سىملىق تېلۋىزور)»لارنى ئويلاپ كۆرمەيسىز؟ بۇلارنى قىسقارتىپ ياسالغان سۆز دەپ قارىسىڭىزمۇ ياكى تېل تاۋۇشلىرىمىزنىڭ قېتىلمىسىدىن ھاسىل بولغان سۆز بىرلىكى «بوغۇم»لاردىن پايدىلىنىپ، «ياغاچ("ياغ" ۋە "ئاچ" ئىككى بوغۇمدىن تۈزۈلگەن تۈپ سۆز)، قايچا("قاي" ۋە "چا" ئىككى بوغۇمدىن تۈزۈلگەن تۈپ سۆز)» دېگەندەك بىر مۇستەقىل سۆز دەپ قارىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟
5) سىز ئانا تىلىڭىزنى سۆيەمسىز؟ قانچىلىك سۆيىسىز؟ كۈنلۈك تۇرمىشىڭىزدا ئەڭ ئاددىسى سىزدىن تېلېفۇن نۇمىېرىڭىزنى سورىغانلارغا قانداق جاۋاپ بېرىسىز؟ سۆزلىرىڭىزنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلامسىز ياكى كۆنۈپ قالغان ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتكىڭىز كەلمەيۋاتامدۇ؟ «يۇمتال»نى ئىنكار قىلىشتىن بۇرۇن مەن يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويغان سۇئاللارنى ئەستايىدىل ئويلانغان سىزمۇ؟

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » يەكشەنبە ئىيۇن 17, 2007 5:37 am

مەن بىدار -قۇتلان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم:
يۇمشاق دېتال دىگەن ئۇقۇم ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە توغرا سۆز بولۇپ ئۇنىڭ نوقسانى بار دىيىلسە پەقەتلا شۇ سەل ئۇزۇن.
ئەگەر ئۇزۇننى قىسقارتىش توغرا كەلسە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقارتىلما سۆز ياساش قانۇنىيىتىگە باغلاپ قىسقارتىلى.
يۇمشاق دېتال = ي ت
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلات = ب د ت
بۇ يۇمتال دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقارتىلما سۆز ياساش قئىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىغىنى باشقىلارمۇ دەپ بوپتۇ.
يۇمشاق دىگەن سۈپەتنى پارچىلاپ يۇم دەپ ئالساق پېئىلغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. يۇمۇش( كۆزۈڭنى يۇم. )
سىز يانفۇن دىگەن ئاتالغۇدىن ئىلھاملانساق بولىتى دەپسىز.
يان = ئۇيغۇرچە سۆز .
فۇن = phone دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىغا ئۇدۇل ئېيتىلىشى بويىچە ئۆزلەشكەن سۆز بولۇپ، ئاۋاز دىگەن مەنىدە.
تېل = tel يىراق دىگەن مەنىدە ،
يەنى telephone =تېلېفۇن دىگەنلىك يىراقتىكى ئاۋاز دىگەنلىك بولىدۇ.
بىز تېلفۇننى فۇن دەپ ئالساق خاتالاشمايمىز.
بىراق يۇمشاقنى يۇم دەپ ئاتىساق خاتالىشىمىز.
بىز ئانا تىلىمىزنى سۆيگەچكە مۇشۇنداق قىسقارتىلما سۆزلەرنى ياساشتىكى بىنورمال ھادىسلىرگە قارشى چىقىمىز.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » دۈيشەنبە ئىيۇن 18, 2007 5:10 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]majeed[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-17 11:37
مەن بىدار -قۇتلان ئەپەندىنىڭ ئىنكاسىغا ئىنكاس يازماي تۇرالمىدىم:
يۇمشاق دېتال دىگەن ئۇقۇم ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە توغرا سۆز بولۇپ ئۇنىڭ نوقسانى بار دىيىلسە پەقەتلا شۇ سەل ئۇزۇن.[/quote]
سالام ماجەد ئەپەندىم، سىز چەت تىللارنى ئوبدان بىلىدىكەنسىز، ئەمما «يۇمشاق دېتال دىگەن ئۇقۇم ناھايىتى چۈشىنىشلىك ۋە توغرا سۆز» دېگەن سۆزىڭىزدىن ئەپسۇسلىنىپ قالدىم. «دېتال» دېگەن سۆزنىڭ ئەسلىي مەنىسى نېمە؟ ئىستىمال مەنىسى چۇ؟ «يۇمشاق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟ بىز قانداق نەرسىلەرنى «يۇمشاق» بىلەن سۈپەتلەيمىز؟ ئادەمنىڭ ئىددىيىسى، ۋىژدانى، بىلىمىي بىلەن ئادەمنىڭ تاشقى ئەزالىرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى كاتوگىرىيەگە مەنسۇپ، بۇلارنى يۇمشاق ئەزاسى(يۇمشاق دېتالى)، قاتتىق ئەزاسى(قاتتىق دېتالى) دەپ ئاتىساق توغرا بولارمۇ؟
[quote]بۇ يۇمتال دىگەن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قىسقارتىلما سۆز ياساش قئىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىغىنى باشقىلارمۇ دەپ بوپتۇ.
يۇمشاق دىگەن سۈپەتنى پارچىلاپ يۇم دەپ ئالساق پېئىلغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. يۇمۇش( كۆزۈڭنى يۇم. )[/quote]
مەن بۇ يەردىكى «يۇمتال» دېگەن سۆزنى ياساشتا، «يۇمشاق دېتال» دەپ ئۈگەنگەن ئادىتىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىدىدە «يۇمشاق دېتال» دېگەن سۆزدىن ۋاستىلىق پايدىلانغان بولساممۇ، ئۇنى بىر تۈپ سۆز دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا يۇقۇرىقىدەك ئىدىيە، ۋىژدان، ئەقىل دېگەنلەرنى «يۇمتال» دەپ ئالسىڭىز كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا بولمايدۇ، بەلكى ھىچقانداق چۈشەنچە بولمىغان ھالەت ساقلىنىپ، يېڭى بىر ئۇقۇمنى بىلىش يولىغا باشلاپ ماڭىدۇ. سىزنىڭ تەھلىلىڭىز بويىچە بولغاندا «ياغاچ» دېگەن سۆزمۇ «ياغ» دېگەن سۆز بىلەن «ئاچ» دېگەن سۆزدىن تۈزۈلگەن، مۇشۇ تۈزۈلۈش بويىچە بولغاندا «ياغاچ»نى قانداق مەنىدە چۈشۈنىشىمىز كېرەك؟
«يۇمتال»نى پارچىلاپ تەھلىل قىلىشقا توغرا كەلسە، مۇنداق تەھلىل قىلىمەن: سىز ئېيتقاندەك «يۇم» دېگەن پېئىل مەلۇم نەرسىنى يوشۇر دېگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ، «تال» بولسا، تىلىمىزدا مەلۇم نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرۈپ، «تال – تال» دېگەن سۆز نەرسىنىڭ ئېنىق، دانە – دانە ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا «يۇمتال» نەرسىلەرنىڭ دانە – دانە لىقى ياكى ئېنىقلىقى يوشۇرۇنغان دېگەن ئۇقۇمغا باشلايدۇ، بۇ دەل بىز دەۋاتقان «يۇمشاق دېتال»لارنىڭ خاراكتىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئادەمنىڭ ئىددىيىسى، ئىمانى دېگەندەكلەرنى بىز ئېنىق كۆرەلمەيمىز، پەقەت ئۇ ھەركەت ئارقىلىقلا نامايەن بولىدۇ، ئالقان يۇمۇلغان چاغدا بىز ئالقاندىكى نەرسىلەرنى كۆرەلمەيمىز، ئالقان ئېچىلغاندىلا ئۇنى كۆرۈشكە مۇمكىن بولىدۇ، كومپيۇتېرنىڭ يۇمتاللىرىمۇ يۇمۇلغان ئالقاندىكى نەرسىدەك بىۋاستە كۆرۈنىدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ كومپۇتېرغا قاچىلانغاندىلا ئۇنىڭ «خىزمىتى» ئارقىلىق كۆرەلەيمىز. مانا بۇ ئوخشاشلىق «يۇمتال»نىڭ ئەقىلغا ئۇيغۇنلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
[quote]بىز ئانا تىلىمىزنى سۆيگەچكە مۇشۇنداق قىسقارتىلما سۆزلەرنى ياساشتىكى بىنورمال ھادىسلىرگە قارشى چىقىمىز.[/quote]
ئانا تىلنى سۆيۈش ئۈچۈن ئانا تىلنىڭ ساغلاملىقى، يۈسۈپ، ناۋايى بوۋىلىرىمىز دەۋرى ۋە بۈگۈنكىدەك ئەبجەشلىشىپ كەتمەسلىكى، ئۇنىڭ سۆز بايلىقلىرىنىڭ ساغلام كۆپۈيىشى، ئېشىشى، گرامماتىكىلىق قايىدىلىرىنىڭ ھازىرقىدەك قالايمىقان بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىزدەنسەك، كۈندىن – كۈنگە خەۋپ ئىچىدە قىلىۋاتقان رەقەم ناملىرىمىزنى قەدىرلەشكە كۈچىسەك ئاقىلانىلىق بولارمىكىن؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2007-6-18 17:49 [/i]]

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » دۈيشەنبە ئىيۇن 18, 2007 5:53 am

مەنمۇ شۇ پىكىردە ، بىدار ئەپەندىنىڭ ياسىغان ئېلخەت دىگەن سۆزى ھەممەيلەننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشتى ، بىراق بۇ يۇمتال دىگەن گەپنى مەنمۇ قۇبۇل قىلالمايمەن ، ھەم قۇلۇقۇمغا بەكمۇ يۇچۇن ئاڭلىنىدۇ .. مەنچە سۆز ياسىغاندا ئالدىنقى بۇغۇملىرىنى ئۇزۇپلا ئۇلاپ قۇيۇشنى ئۆلچەم قىلىش ئوبدان ئىش ئەمەس ، چوقۇم سۆز ياساش قائىدىسىگە دىققەت قىلىش كىرەك ، بۇ سۆزنى ياقتۇرمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بىدار ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ ، مىللەتنى سۆيۈش سۆيمەسلىككە تاقاپ قويماسىلىقنى ئۈمىد قىلىمەن ...

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » چارشەنبە ئىيۇن 20, 2007 7:53 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Pinhan[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-18 11:53
بىدار ئەپەندىنىڭ ياسىغان ئېلخەت دىگەن سۆزى ھەممەيلەننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئىرىشتى[/quote]
بۇ سۆزنىڭ ئىجاتكارى مەن ئەمەس، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندى، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ قايسى بىر يىلىدىكى 6. سانىدىكى ماقالىسدا ئۇچرۇتۇپ، تۇنجى قېتىم تور يۈزىدە تەشۋىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن، كۆپ كىشىلەر مېنى ياسىدى دەپ قارايدىكەن.
[quote] بىراق بۇ يۇمتال دىگەن گەپنى مەنمۇ قۇبۇل قىلالمايمەن ، ھەم قۇلۇقۇمغا بەكمۇ يۇچۇن ئاڭلىنىدۇ .. [/quote]
بۇ پەقەت كۆنۈش، ۋاقىت مەسىلىسى، ئېلخەتنى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان ۋاقتىمدىمۇ قارشى تۇرىدىغان نۇرغۇن كېشىلەر بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر كۆنەلمىگەن، «يۇمتال»مۇ ھەم شۇنداق بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتكەندىن كىيىن «غەلىتە» بىلىنمەيدىغان بولىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەر ئاللا قاچان كۆنۈپ، يۇمتاللىرىدا، تور بەتلىرىدە قوللىنىۋاتىدۇ، بۇ سۆزنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمغا رەھمەت ئەيتىپ نۇرغۇن ئۇچۇر يوللىغانلار، بىلىۋال قاتارلىق تور بەتلىرىدە ياخشى ئىنكاسلارنى يازغانلار بولدى.
[quote]مەنچە سۆز ياسىغاندا ئالدىنقى بۇغۇملىرىنى ئۇزۇپلا ئۇلاپ قۇيۇشنى ئۆلچەم قىلىش ئوبدان ئىش ئەمەس ، چوقۇم سۆز ياساش قائىدىسىگە دىققەت قىلىش كىرەك[/quote]
بۇ ھەقتە مەن يەنە كونا ئىنكاسلىرىمنى تەكرارلايدىغان بولدۇم:
[quote]5. قەۋەتتىن پارچە:
1) ئۇيغۇر تىلىدا قاچاندىن بېرى «قوزا»، «ئاژۇن»، «تادۇ»، «بىلىگ»كە ئوخشاش تۈپ سۆز ياساش توختىغان؟ تۈپ سۆز ياساشنى توختۇتۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە بىرەر پەرمان جاكارلانغانمۇ؟ ھازىر بىزدە بۇرۇنقىدەك تۈپ سۆز ياساش قابىلىيىتى يوقمۇ؟
2) ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا يېڭى سۆزلەر پەقەت بۇرۇنقى ياكى تىلەمچىلىك قىلىپ تاپقان ھازىرقى بىرقانچە سۆزلەرنى بېرىكتۈرۈش ياكى سۆزلەرگە قوشۇمچە ئۇلاش ئارقىلىقلا ياسىلامدۇ؟ بۇنداق سۆز ياساش ھازىرقى كۈنلەردە بىزدىكى بىردىن – بىر سۆز ياساش قايىدىسى بولۇپ قالغانمىدۇ؟ چەت تىللاردىن تۈركۈملەپ سۆز قوبۇل قىلىش ئەبزەلرەكمۇ ياكى سۆز ياساش ئۇسۇلى، سۆز ياساش قوشۇمچىسى(پارسلاردىكى «بى[مەسىلەن: بىئەجەل، بىئەدەپ]»، «فۇن[مەسىلەن: يانفۇن]»غا ئوخشاش)نى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەبزەلرەكمىدۇ؟

7. قەۋەت 2. نەقىلدىن پارچە:
مەن بۇ يەردىكى «يۇمتال» دېگەن سۆزنى ياساشتا، «يۇمشاق دېتال» دەپ ئۈگەنگەن ئادىتىمىزگە يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىدىدە «يۇمشاق دېتال» دېگەن سۆزدىن ۋاستىلىق پايدىلانغان بولساممۇ، ئۇنى بىر تۈپ سۆز دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ، شۇنداق بولغاندا «ئىدىيە، ۋىژدان، ئەقىل، ...» دېگەنلەرنى «يۇمتال» دەپ ئالسىڭىز كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا بولمايدۇ، بەلكى ھىچقانداق چۈشەنچە بولمىغان، گاڭگىراش ھالەت ساقلىنىپ، يېڭى بىر ئۇقۇمنى بىلىش يولىغا باشلاپ ماڭىدۇ. ....... [/quote]
[quote]بۇ سۆزنى ياقتۇرمىغانلىقىمىز سەۋەبىدىن بىدار ئەپەندىنىڭ بۇ ئىشنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈپ ، مىللەتنى سۆيۈش سۆيمەسلىككە تاقاپ قويماسىلىقنى ئۈمىد قىلىمەن ...[/quote]
مەن شۇ قەدەر مۇتەئەسسىپمۇ؟:$
مەن بىر ئاددىي شەخس، مېنىڭ سۆزۈمنىڭ قوبۇل كۆرۈلمەسلىكى، مېنىڭ سۆزۈمنىڭ بەلكىم توغرا بولمىغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن، ياكى كىشىلەرنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدىن بولىشى مۇمكىن. بۇنى قانداقمۇ چوڭ پىرنسىپلارغا سالغىلى بولسۇن؟

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2007-6-20 17:22 [/i]]

Pinhan
يازمىلار: 42
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 5:44 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Pinhan » پەيشەنبە ئىيۇن 21, 2007 4:38 am

مۇنداق گەپ قاراڭ بىدار ئەپەندى ، بىز تەرەپلەردە تال دىگەن سۆزنى ئۈزۈم دىگەن مەنىدە ئىشلىتىمىز . يۇم دىگەننىڭ باشقا مەنىسى بارلىقىنى تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ، ھازىر ھەر قايسى تور تورلاردا سۆز قىسقارتىش ئەۋج ئېلىپ كەتتى ، سىزدەك ئويلاپ ئۇزۇن سۆزنى قىسقارتىپ قولايلىق قىلايلى دىگەن مەقسەتتە قىلغۇچىلارمۇ بار لىكىن بەزىلىرى تالاش - تارتىش قوزغاش مەقسىتىدە ، ۋە ياكى ئىچى پۇشۇپ قېلىپ بىزنى گەپ سېلىش ئۈچۈن چىقىرۋاتقانلىرىمۇ بار ، مەنسلەن مەن ئىنتىل تورىدا بىر گەپنى كۆرۈپ قالدىم ، <<ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دىتال >> دىگەن گەپنى قىسقارتىپ <<ئۇيتال >> دەرمىش ... ئويلاپ بېقىڭ .... بىزدە ئۇي دىگەن گەپنىڭ مەنىسى كالا دىگەن گەپ بولىدۇ ، بۇ قانداقمۇ سۆز ياساش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولسۇن ، تال دىگەن دىتال دىگەن گەپنىڭ ئاخىرقى بۇغۇمى دەپ ئېيتقاندىمۇ ، بۇ تال دىگەن دىگەن بۇغۇم بايتال دىگەن سۆزنىڭمۇ ئاخىرقى بۇغۇمى تۇرسا ....

ئاخىرسى بار ھە ... ئىش چىقتى ما يەردە

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 4 ۋە 0 مېھمانلار