[ئىلتىماس]«ئىشەنچىلىك»بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىمەن

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
Aelsoft
يازمىلار: 19
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 7:26 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Aelsoft » جۈمە ئاۋغۇست 03, 2007 6:09 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2007-8-3 19:46 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=558&ptid=108][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مۇشۇ دىتالدا كۆرگىلى بۇلىدىغان قىلىش جەھەتتە مۇھەممەد ئەپەندىم بىر نەرسە دەپ باققان بولسا ياخشى بۇلاتتى. [/quote]
بۇ جەھەتتە مەنمۇ ئىزدىنىۋاتىمەن، نەزەرىيە بىلىملىرى تولۇق بولغان بىلەن، ئەمەلىي پروگرامما قسىمى ئازراق قول تۇتىۋاتىدۇ. چۈنكى ھەر قانداق بىر ئېلخەت بىرلا ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بارلىق قوشۇمچە ھۆججەت، ئېلخەت مەزمۇنى، ئېلخەت بېشى(يوللىغۇچى، تاپشۇرىۋالغۇچى، ۋاقتى، تېمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنىڭ ھەمممىسى ئېلخەت بېشىدا ساقلىنىدۇ) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھۆججەتكە ساقلىنىدۇ. بۇ خۇددى بىرەر تور بەتنى ساقلاشتا، IE نىڭ «ھۆججەت» تىزىملىكىدىن «ساقلاش» تۈرىنى تاللاپ، ھۆججەت تىپىنى «بىرلا ھۆججەت mht.*» قىلىپ ساقلاپ قويسىڭىز بارلىق مەزمۇنلارنى (تور بەتتىكى سۈرەت، js,vbs كودلىرىنى) بىرلا ھۆججەتكە ساقلاپ قويغاندەك بىر ئىش (سىز مۇشۇ mht.* ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنى eml.* غا ئۆزگەرتىپ، قوش چەكسىڭىز، بۇ ھۆججەتنى Outlook تا نورمال كۆرەلەيسىز). شۇڭا ئەگەر ئېلخەتتىكى قوشۇمچە ھۆججەتلەر كۆپ ياكى چوڭ بولۇپ كەتسە (ئادەتتە مەن لازىملىق دېتاللىرىنى 7.5MB دىن قىلىپ پارچىلاپ پرېسلاپ، ئېلخەت ساندۇقۇمدا ساقلايمەن، بۇ خۇددى تور بەتتە ھۆججەت ساقلىغاندەك بىر ئىش)، چۈشۈرۈش سۈرئىتى ۋە ئېلخەتتىن قوشۇمچە ھۆججەتنى ئايرىش سۈرئىتى تەسىرگە ئۇچراۋاتىدۇ. مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىۋالساملا، بۇ دېتالدا ئېلخەت كۆرۈش ئىقتىدارىمۇ ئاز كۈندە ئەمەلگە ئاشقۇسى. شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ دېتالغا بولغان پىكىر - تەكلىپلىرىنى مۇشۇ تېمىغا يېزىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ دائىمىي ئەزالار پىكىرىڭلارنى ۋاقتىدا بېرىپ ئىلتىماسىمنىڭ غېزىنى غاز، ئۆردىكىنى ئۆردەك قىلىۋەتكەن بولساڭلار. 11 كۈندىن بۇيان كۈندە بۇ تېمىنى ئارىلاپ، ئۈمىدسىزلىنىپ قايتىۋاتىمەن.



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » شەنبە ئاۋغۇست 04, 2007 4:26 pm

ئەسسالامۇ ئەليكۈم،
مىنىڭچەبۇ يۇمشاق دىتالنىڭ كۈرنىشىنى بىر ئاز قاملاشتۇرىلى.
مەسىلەن، كۈرنىشىنى ھازىرقى مودا بۇلىۋاتقان شەكىلدە يەنى يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ ۋە باشقا يۇمشاق دىتاللارنىڭ كۈرنىشىدەك شەكىلدە بولسا ياخشى بۇلارمىكىن دەيمەن. ئاندىن، شۈنلىيگە ئوخشاش ئىلان بىرىدىغان قىلساقمۇ ياكى ئىكانسىز قىلساق قانداق بۇلار؟

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » پەيشەنبە ئاۋغۇست 09, 2007 2:39 am

ياخشى يۈزلىنىش بوپتۇ.

ئۇيغۇرچە ئىلخەت يوللاش ئىقتىدارى بولىدىكەن، ھەم ئىلخەت يوللاش كۆرۈنمە يۈزىمۇ ياخشى چىقىپتۇ.
لىكىن، دەسلەپ قوزغاتقاندىكى باش ئومومىي پروگرامما بەكلا ئارتۇقچە بولغاندەك قىلىدۇ، ئىلانلار ھەددىدىن زىيادە بەك كۆپ.
ھازىرقى تور دەۋرىدىمۇ مۇشۇ ئىلاندىن جاق تويۇپ تۇرغان كىشىگە، بۇنداق يۇمشاق دىتاللاردىكى كىچىككىدە قاملاشمىغان (بۇ يەردىكى قاملاشمىغان سۆزى - ئىلان بەك كۆپ، ئىلانلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تۇراقسىز، چىچىلاڭغۇ، لايھىلىنىشى سەت، بەتكە ماسلاشمىغان ... قاتارلىق ئامىللارنى كۆرسىتىدۇ.)
شۇڭا تەكلىۋىم: پەقەت ئىلخەت يوللاش قىسمىنىلا قالدۇرۇپ قالغان باش پروگراممىسىنى چىقىرۋىتىش، ئىلخەت پروگراممىسىنى بولسا يىشىل دىتاللاشتۇرۇش، كونۇپكىلارنى گۈزەللەشتۈرۈش، پروگرامما رامكىسىغا لايىق ماسلاشتۇرۇش، ئىلانلارنى تولۇق چىقىرۋىتىش، پەقەت بىرەر قۇر خەت ئىلانى قىستۇرسىلا كۇپايە.
ئۇيغۇرچە ئىلخەت يوللىغاندىن كىيىن، تاپشۇرۇپ ئىلىپ قارىسام، خەتلەر نورمال چىقتى، لىكىن ئاستى تەرەپتە چوڭ بىر پارچە رەسىم ئىلانى ۋە چوڭ بىر جۈملە خەت ئىلانى بار قوشۇلۇپ قاپتۇ.
ئىلان دىگەننى كىچىك قىلىپ، ماسلاشتۇرۇپ بىر جۈملە قىلىپلا قويسا بولدى. ئۇنىڭدىن ئارتۇقى ....:L :time:

تىرىشچانلىقىڭىزغا، نىشانىڭىزغا بارىكاللا! :handshake

1.1 نەشىرىنى قاچىلىغاندىن كىيىن. ئىلخەت كونۇپكا قىسمىنى باسقاندا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋىلىپ، پروگرامما چىكىنىپ كەتتى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار