تەرجىمە ۋە ئاتالغۇلار سەھىپىسىدە نېمىلەرنى قىلالايسىز؟

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Tilchin
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 3:46 pm
ئالاقىلىشىش:

تەرجىمە ۋە ئاتالغۇلار سەھىپىسىدە نېمىلەرنى قىلالاي

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Tilchin » دۈيشەنبە ئىيۇن 18, 2007 11:15 am

سىز ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ساھەسىدە بىرەر ئىشنى قىلىشنى كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ يۈرۋاتامسىز؟ ھەمكارلاشقۇچى، مەسلىھەتچى ئىزدەۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەرجىمە ۋە ئاتالغۇلار سەھىپىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ-دە، ئويلىغىنىڭىزنى، قىلماقچى بولغانلىرىڭىزنى، سوئاللىرىڭىزنى ۋە ياكى تەكىلىپ-پىكىرلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ. ئىشىنىمىزكى، سىز بۇ يەردە ئەڭ ياخشى ياردەمچى، مەسلىھەتچى تاپالايسىز، قىيىنچىلىقلىرىڭىزنى ھەل قىلالايسىز ياكى باشقىلارغا ياردەم قىلالايسىز.
تەرجىمە ۋە ئاتالغۇ گۇرۇپپىسى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى توپلاش، تەرجىمە قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تۈرلۈك يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغان، ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىدىغان سورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىن كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشنى، پىكىر قىلىشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئۇنداقتا سىز بۇ يەردە نېمىلەرنى قىلالايسىز:
1. كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى ھەققىدە پىكىر قاتناشتۇرالايسىز.
كومپيۇتېرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۈندە دېگۈدەك يېڭى ئاتالغۇلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، ئەگەر بىرەر يېڭى ئاتالغۇغا يولۇقسىڭىز، دەرھال بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇڭ، كۆپچىلىك ئورتاق مەسلىھەتلەشسۇن.
بىرەر ئاتالغۇغا باشقىچە پىكرىڭىز بولسا، دەرھال ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بەلكىم سىزنىڭ لايىھىڭىز ئەڭ ياخشىسى بولۇشى مۇمكىن.
سىزدە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ مىقداردىكى قوش ياكى كۆپ تىلدىكى سۆز-ئاتالغۇلار ئامبىرى بارمۇ؟ ئۇنداقتا ئۇلارنى بۇ يەرگە قالدۇرۇڭ، باشقىلار بۇنىڭدىن پايدىلانسۇن.
.....
2. يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشالايسىز.
سىز بىرەر يۇمشاق دېتال (ئۇ ھەر قانچە كىچىك بولسىمۇ مەيلى) نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ ھەسسىسىنى قوشماقچىمۇ؟ ئۇنداقتا دەرھال لايىھىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ، ئەتراپىڭىزغا يېڭىنى تۈرۈپ تەييار بولغان قوشۇن ئۇيۇشىدۇ.
سىز يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى داۋامىدا بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىدىڭىزمۇ ياكى بىرەر ياخشى تەجرىبە ھاسىل قىلدىڭىزمۇ؟ بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇڭ، باشقىلار بىلمىگىنىڭىزنى دەپ بەرسۇن، بىلگىنىڭىزنى بىلىۋالسۇن.
سىز بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىڭىزمۇ؟ ئۇنداقتا سىزنى تەبرىكلەيمىز، ئۇنى باشقىلارغا بىلدۈرمەكچى، پىكرىنى ئالماقچى ياكى تارقاتماقچى بولسىڭىز بۇ يەردە مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز.

ئۇندىن سىرت، باشقىلار ئويلىمىغان نى-نى ئىشلارنى قىلالايسىز؛ ھېچبولمىغاندا، يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالايسىز.

ئەمىسە، بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي تىزدىن ھەرىكەتلىنىڭ!!!!



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئىيۇن 24, 2007 5:40 pm

بۇ ئوبدان گەپ بوپتۇ، لېكىن بىلىم مۇنبەرلىرىگە يوللىسىڭىز ئۈنىمى ئوبدان بولاتتى.

Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » دۈيشەنبە ئىيۇن 25, 2007 10:05 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2007-6-24 23:40 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=503&ptid=91][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بۇ ئوبدان گەپ بوپتۇ، لېكىن بىلىم مۇنبەرلىرىگە يوللىسىڭىز ئۈنىمى ئوبدان بولاتتى. [/quote]
ئەجەبا ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتى مۇنبىرى بىلىم مۇنبىرى ئەمەسما:o :o :o

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئىيۇن 25, 2007 4:58 pm

بۇ ئۇنداق مەنا بەرمەيدۇ. بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى بۇ يەرگە كىرمەيدىغاندەك تۇرۇدۇ، شۇڭا نىشاننى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ قارىتىش كېرەك.

kadirdin
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 4:52 pm
ئالاقىلىشىش:

مىنىڭ مۇنداق بىر تەكلىپىم بار:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kadirdin » شەنبە ئاۋغۇست 11, 2007 5:17 am

مەزكۇر سەھىپىدىكىلەر خەنزۇچە(يېزىقچە) يېڭى تېخنىكىلىق ياكى باشقا خارەكتىردىكى كەسىپى ماقالىلەرنى تەمنىلەپ،تېمىسىنى چىقىرىپ قويسا، قۇربى يىتىدىغانلار ئۆزى تاللارپ ، تەرجىمە قىلسا ھەمدە مۇنبەردە ئېلان قىلسا. ئەگەر نەشىرياتتىكىلەرگە يارىسا «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» قاتارلىق كەسپى ژورناللارغا ئەۋەتسىمۇ بولىدۇ، دەپ ئويلاۋاتىمەن.

Erdewil
يازمىلار: 27
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئۆكتەبىر 06, 2007 2:58 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Erdewil » پەيشەنبە دېكابىر 11, 2008 2:33 am

ئاتالغۇلارنى ئۆزۋاقتىدا قىلىپلاشتۇرۇش ئىنتايىم مۇھىم خىزمەت، مېنىڭ بىلمەكچى بولغۇنىم باشقا ئاتالغۇلارنىمۇ يوللاشقا بولامدۇ ؟ مەسىلەن: تېببىي ئاتالغۇلار....:loveliness:

deyar
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە يانۋار 31, 2009 12:00 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان deyar » شەنبە ئاپرىل 09, 2011 8:37 am

مەندە vba مۇناسىۋەلىك بولغان ئىنگىلىزچە- خەنززۇچە سىلىشتۇرما 733سۆزلۈك لۇغىتى بار ئىدى قەيەرگە يوللاشنى بىلەلمىدىم ، ئەگەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشنى خالايدىغان دوستلار بولسا يوللاپ بىرىمەن ، ھەممىىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقارساق
QQ:951080023

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار