دائىمىي ئەزالار ئۆزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار

بۇ سەھىپە مەخسۇس دائىمىي ئەزالار ئۈچۈنلا قۇرۇلدى،
Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » دۈيشەنبە سېنتەبىر 03, 2007 5:51 am

شۇنداق، يىقىندىن بىرى ھەقىقەتەن مۇنبەردە سۇسلاش ھالىتى شەكىللەندى، "باشچى"لىرىمىز ئۇخلاپ قالدى، ئەلۋەتتە ئۇلارمۇ ئالدىراشتۇر، لىكىن بىز ئالدىراش بولىشىمىز ناتايىن، جۈملىدىن ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، بىز بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن يىغىلدۇق، ئەجىبا بىزنى يىتەكلەش زۆرۈرمۇ، ئەلۋەتتە زۆرۈر، لىكىن ئۇلارمۇ ئادەم بەزىدە ئىشى چىقىپ قىلىشى مۇمكىن، شۇنداق كىرەلمەسلىكى مۇمكىن، ھەممەيلەن بۇ يەرگە بىر نىيەتتە يىغىلغان ئىكەنمىز، ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنى قوزغايلى، "مەن"مۇ قاراپ ئولتۇرسام بولمايدۇ، دىگەن قاراشنى ئويلىشىمىز كىرەك.

بۇ ھەقتە ھەممەيلەن ئورتاقلاشساق، ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق، بىلىشىمىز كىرەككى ئارىمىزدا ياخشى پىكىرلەر ھامان چىقىدۇ، ياخشى پىلانلارنى ئورتاق ھاسىل قىلالايمىز.

[color=Indigo]پىنھان يازمىىسى:
1.مۇنبەر قۇرۇلمىسىكىدىكى ئۆزگىرىش ، UKIJ نىڭ قەدىمىنى ئاسلىتىتىپ قويدى ، 2.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ قېتىملىق دائىمىي ئەزالار ئارىسىدا ، دائىمىي ئەزالقىنى ئۆزىگە ئابروي دەپ بىلىپ ئەزا بولغانلارمۇ يوق ئەمەس (بۇنى چوقۇم ئىتراپ قىلىش كىرەك ) 3.بىزنى باشلاپ ماڭىدىغان بىرەر باش يوق ، بەلكىم ئويغان ئەپەندىلەر ئۇيغۇر خەقنى باشلاپ مېڭىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن ، 4 . ئېنىق پىلان يوق ۋەزىپە تەقسىماتىمۇ مۈجىمەل ، 5. ئەزالار ئاكتىپ ئەمەس ، ۋە ياكى UKIJ خارەكتىرىنى تولۇق چۈشەنمەيدۇ ، ئالدىنقى قېتىم دائىمي ئەزالار ئارخىپىنى ئىشلەش ئىشى ماڭا تاپشۇرۇلغاندا ، بىرەر كىشىمۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ئارخىپىنى ئەۋەتىپ بەرگىنى يوق .[/color]
1) مۇنبەر قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىش ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسەتكەن بولىشى مۇمكىن، لىكن بۇ مىنىڭچە ھامان بولىدىغان بىر ئۆزگىرىش، بۇ بىزنىڭ كۆنىشىمىزگە باغلىق، بىلىككە كۆنگەندەك شۇنداق كۆنۈپ كىتىمىز، ھازىرقى مۇشۇ مۇنبەرنىڭ رەڭ تۈسلىرىمۇ شۇنداق كۆركەم ياخشى چىقىپتۇ، مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى ھەممەيلەن بىلگىنىمىزدەك مۇنبەرنى ئاۋات قىلغۇچىلاردا خالاس.
2) بۇ قىتىمقى دائىمىي ئەزالارنىڭ ئىشى ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان بولىشى مۇمكىن، لىكىن بىلىشىمىز كىرەككى ئەمەلىيەت ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم، يەنە بىلىشىمىز كىرەككى ھىساۋى يوق، سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان ھىچقانداق ئىش يوق، مەيلى ئۇ ياخشى ئىش بولسۇن ۋە ياكى يامان ئىش بولسۇن ھەممىسىنىڭ نەتىجىسى چىقىدۇ، ھامان خۇلاسە قىلىنىدۇ. شۇڭا ھەممەيلەن (جۈملىدىن UKIJ)ئۆزىمىزدىن باشلاپ، بۇرۇنقى ئۆتمۈش نەتىجىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ، ھازىرغا كەلگۈسىگە قارىشىمىز بەكمۇ زۆرۈر، ئۆتمۈش = تارىخ دىمەكتۇر.
3) پىنھان ئوتتۇرغا قويغان "باش" مەسىلىسى، ئالدىنقى قىتىملىق "باش"لىرىمىزنى ئويلىغاندا ۋە كونا مۇنبەردىكى تالاشمىلار، خىلى ئىشەنگەن نوپوزلۇق ئەزالارنىڭ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان قىلمىشلىرى، يەنە بەزىلەرنىڭ سۇس ھالەتلىرى ھازىرقىدەك نەتىجىگە سەۋەب بولدى.
مەن بۇ جەھەتتە ۋارس ئەپەندىنى تىلغا ئالغىنىم يوق، ۋارىس ئەپەندى بىزنى مۇشۇنداق سورۇنغا باشلىغانلىقىغا بىز كۆپ تەشەككۈر، ۋارىس ئەپەندىنى بۇ جەھەتتە سەلبىي تەرەپتىن ئويلاشقا بىز خىجىل بولساق بولىدۇ، UKIJھەممەيلەننىڭ، بۇنىڭغا بىرەر شەخىسنىڭ توختاپ قىلىشى بىلەن بىز توختاپ قىلىشىمىز كىرەكمۇ؟ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىمىز؟ نېمە ۋەجىدىن مۇشۇ يەرگە يىغىلدۇق؟
4) ئىنىق پىلاننىڭ يوقلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، ئەمدى بىز بۇ يەردە نىمىنى تالىشىۋاتىمىز؟ دەل مۇشۇ پىلان، ۋەزىپە ئىشلىرىنى. بىلىشىمىز كىرەككى مانا بىز دائىمىي ئەزالار = باش!
ئەليار ئەپەندى بىر قىسىم ۋەزىپە تەقسىماتلارنى ئاللا بۇرۇن ئوتتۇرغا قويدى:
[url=http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=22&extra=page%3D1]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=22&extra=page%3D1[/url]
5) ئەزالارنىڭ ئاكتىپ ئەمەسلىكى يۇقاردىكى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىلىپ چىقتى.
(پىنھان ئاچچىقلانماڭ، دائىمي ئەزلار ئارخىۋىنى تولۇقلاش ئىشىنى مىنىڭچە ۋاقتىنچە توختتىپ قويساقمىكىن، چۈنكى بىز دائىمىي ئەزالار يىڭىياچى، دەل ئەليار ئەپەندى ئىيتقاندەك "مەن UKIJئۈچۈن مۇنداق، مۇنداق ئىشلارنى قىلىپ بىرەلىدىم" ياكى بولمىسا مۇشۇ سورۇندا ئۆز رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدىم، ئۇخلاپ ياتمىدىم، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ساھەسىگە ھەقىقەتەن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىمنى ئاددىي ئىشلاردا بولسىمۇ ئۇخلاپ ياتماي، كوللىكتىپ ھەمكارلىققا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئەمىلىي تىرىشچانلىق كۆرسەتتىم. دىگەن ھالىتىمىز شەكىللەنگەندە ئاندىن دائىمىي ئەزالار ئارخىۋىنى ئىشلەپ "باڭ" قىلىپ (ھازىرقىدەك) چىقارساق بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇ ۋەجىدىن مەن ۋە كۆپچىلىك سىزگە ئاكتىپلىق بىلەن ئۇچۇر ئەۋەتەلمىگەن گەپ.:handshake
بىلىشىمىز كىرەككى ئەمىلىيەتتە ھەممەيلەننىڭ نىشانى بىر، شۇنداق بولغان ئىكەن نىمىشقا بىرلىككە كىلەلمىگىدەكمىز.


نەۋرۇز ئەپەندى ئىيتقاندەك كونا رەئىسنىڭ ئۆتكەن يىللىق خىزمىتىدىن خۇلاسە بىرىشىنى تەلەپ قىلىشىمىز بەرھەق.
بىز يەنە قانچىلىك ساقلايمىزكىن؟
دائىمىي ئەزالار دەپ بىزنى سايلاپ قويغان [size=4]ئەسلى مۇدىرىيەتتىكىلەر سىلەر نىمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر؟ سىلەرگە ئۈمد بىلەن قاراۋاتىمىز، بىز سىلەرنى چاقىرۋاتىمىز.[/size]

نەۋرۇز ئەپەندى سىزنىڭ كونا مۇنبەردە يازغان شىئىرلىرىنىڭ بەزىدە يادىمغا يىتىپ قالىدۇ، قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە كىمە ھەيدىشىمىزنى بەكمۇ ئۈمد قىلىمىز. ( ... ...)

ئەلۋەتتە توختاپ قىلىش دىگەندەك گەپ سۆزلەرنى ئىيتمايلى، ئەلتەكىن ئەپەندى ئىيتقاندەك [color=Navy]غەيرەت ئەپەندىمنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى سەۋەبىدىن ئشىلارغا باشچىلىق قىلالمىدى. ئۇلار پىنھان ئېيىتقاندەك ئۇيغۇرغا باشچىلىق قىلىشنى راۋا كۆرمىگەنلىكتىن ئەمەس بەلكى ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تور بىكەتكە كىرىشكە ئاكتىپ رۇھى ھالەتتە مۇئامىلە قىلالمىغانلىقىدىن بۇلىشى مۈمكىن. ئۇلارنىمۇ توغرا چۈشۈنۈش كىرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تەنقىتلەشمۇ كىرەك.[/color]
بىلىشىمىز كىرەككى، بۇ يەرگە يىغىلغانلار داۋاملىق تىرىشىمىز، ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ، سىزنىڭ شىئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ، كىمە ھەيدەشكە تەرەددۇت قىلغانمىز. كونا مۇنبەردىكى بىر قىسىم باشچىلىرىمىزغا ئوخشاش تاشلاپ چىقىپ كەتمەيمىز.
بۇ يەرنى تاشلىغانلىق ئۆزىمىزنى تاشلىغانلىق، ئۆزىمىزدىن ۋاز كەچكەنلىك.



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە سېنتەبىر 03, 2007 3:23 pm

Perhat_k تور مەكتۈپ يوللاپ يىغمىسا بۇنچىلىك يىغىلمايتتۇققۇ دەيمەن؟ شۇڭا Newruz نىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق، ئەلبەتتە ھەمىمىز بۇ يەرنىڭ توختاپ قېلىشىنى خالىمايمىز ئەمما تۈرۈكرەك باش بولمىسا ئامال يوقتە؟
مەن ۋە باشقىلارنىڭ يۇقارقى ئىنكاسلىرىدىكى دېيىلگەن ئەھۋالنىڭ ھېچقايسىسى يالغان ئەمەسقۇ دەيمەن؟ ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق-مۇنداق سەۋەپ باھانە كۆرسەتمەي پىكىردە بىرلىككە كېلىپ ۋاقىتلىق بولسىمۇ بىرەر باش نى سايلاپ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرغان تۈزۈك.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » سەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2007 2:50 am

ئالدىڭلاردا تۇلىمۇ خىجىلمەن...
[url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=22&extra=page%3D1[/url] دا تەشۋىقات خىزمىتىگە پىقىرمۇ (ياسىن_ئۇيغۇر) تىزىقلىق ئىدى. ئەپسۇس كومپىيۇتىرنى سېتىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن تورغا كۆپ كىرىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. ( پەرزىمچە ئەليار ئەپەندىممۇ مەندەك كومپىيۇتىرىنى سېتىۋىتىپ تەس كۈنگە قېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن... :lol ) ئەسلىدە تەشۋىقات ئىشلىرىنى كۈچەيىتسەك ياخشى بۇلار ئىدى...
مەن كومپىيۇتىرلىق بولغاندا (پات يېقىندا) تەشۋىقات ئىشلىرىنى قايتىدىن باشلاي دەيمەن... باشقا ئەزالارنىڭمۇ ھەمدەم بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

ئىنتىلجان، پىكىردە بىرلىككە كىلەلەيمىز. ئەمما بۇ يەرگە سۆز قۇشۇۋاتقان نۆۋەتتىكى دائىمىي ئەزالار پەقەت بىرنەچچە ئىكەنمىز.... باشقىلار جىمىپ كەتتى... بۇ...بۇ... تەشۋىقات بۈلۈمۈنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمۇ مۇ قانداق؟ ;P :L :$
مىنىڭچە

Sherari
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 27, 2007 6:40 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sherari » سەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2007 2:58 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەممە ئىشتا ئورتا ھال يول تۇتۇش ئەۋزەل. بەك ئەپۇچان بولۇش باشقا بالا ئېلىپ كەلسە، بەك رەھىمسىز بولۇشمۇ ئوخشاشلا پۇشايمانغا باشلايدۇ.
ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ، دەپتىكەن. بىزمۇ ئۆزىمىزنى سوراپ ئىشىمىزنى قىلىپ ماڭايلى. ھەممىمىز ئەقىل ئىگىلىرى بولغان ئىكەنمىز، داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ يۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. UKIJ نىڭ بىكىتىنى تاقايمەن دېگەن گەپنى ئېغىزىمىزغا ئالمايراق تۇرايلى!
باشقىلاردىن ئاغرىنىۋەرمەي، مانى قىل دېمىگىچە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى تېپىپ قىلالمامدۇق زادى؟! ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تۇرمۇشىمىز، جاھاندارچىلىقىمىز بارغۇ...
بىزمۇ بۇندىن كېيىن ئۆزىمىزنى سوراپراق يۈرەيلى، UKIJ نى توردا بولسىمۇ تاشلاپ قويماي يوقلىشىپ تۇرايلى، «ئاتامان»لىرىمىزمۇ يۈتۈپ كەتمەيرەك يۈرەيلى، شۇندىلا بىكەتنى تاقايمىز... UKIJغا نېمە بولدى دېگەندەك سۆزلەرگە ئورۇن قالمايدۇ.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2007 8:35 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2007-9-4 08:50 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=603&ptid=119][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئىنتىلجان، ... بۇ...بۇ... تەشۋىقات بۈلۈمۈنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىمۇ مۇ قانداق؟
مىنىڭچە ... [/quote]
مەن ukijنىڭ كونا مۇنبىرىدىمۇ ، يېڭى مۇنبەر يېڭى قۇرۇلغاندىمۇ ukij ئۈچۈن بەرگەن تەكلىپ-پىكرىمنى قايتا تەكرارلىمايمەن. بەرھەقكى تەشۋىقاتنى لاياقەتسىز دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر ukij ھازىرقى ( بۇ يىلقى ) پىلانىغا قوشۇپ مەن دېگەندەك قىلمىسا ukij نىڭ ئىجتىمائىي كۈچى ، تەسىرىنى زورايتىش تەس بولىدۇ. يەنى « چوڭ سۈپەت » تۇرۇپ « مېنى ئۆزەڭ تونۇۋال(تېپىۋال) » دەپ ئولتۇرۇش بىر ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا ياراشمايدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2007-9-5 02:36 [/i]]

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » چارشەنبە سېنتەبىر 05, 2007 3:41 am

مېنىڭچە ئىنتىلنىڭ ئېيقىنى ئورۇنلۇق ، تەشۋىقان ئىشلىرى ئاجىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . تەشۋىقان بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ، ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى چوڭايتىشى كېرەك ئىدى . مەن يەنىلا بىرەر باش سايلاشنى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش قاتارىغا قويۇشنى ئۈمىد قىلىمەن ، ھەمدە مۇدىرىيەتتىكىلەرنىڭ تېزدىن كۆپچىلىكنى يېغىپ جەمىيەتنى يېڭى بىر قىياپەتكە ئېلىپ كىرىشىگە تىلەكتاشىمەن . ..

Yawuz
يازمىلار: 38
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 10, 2007 6:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Yawuz » چارشەنبە سېنتەبىر 05, 2007 6:36 am

مېنىڭچىمۇ بېكەتنى تاقىۋېتىش چارىسى تازا ياخشى ئەمەس، ئەلۋەتتە UKIJ خىزمەتلىرىنىڭ ھازىرقىدەك تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشتا ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى بار؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭدا يۇقۇرىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئېيتقاندەك ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تۇرمۇشىمىز ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى سەۋەپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن رەئىس ئەزالارنىڭ باشلامچىلىقى ۋە يېتەكچىلىكىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن بولدى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. گەرچە ھەممىمىز ئۆزىمىزنى توختاتقان ھەم UKIJ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن خالاپ كىرگەن بولساقمۇ، لېكىن ماڭا ئوخشاش بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى يوق ئەزالار UKIJ دا نىمىلەرنى قىلىش قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالغان بولۇشىمۇ مۈمكىن. (ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام مەن راستىنلا نىمىلەرنى قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلەلمەي قالدىم)
مېنىڭچە بولغاندا UKIJ نىڭ رەئىس سايلاش تۈزۈمىنى چوقۇم ساقلاپ قېلىشىمىز، كونا رەئىسلەر ۋەزىپىسىدىن خۇلاسە بېرىشى ۋە يېڭى رەئىسنى تېز ئارىدا سايلاپ چىقىپ، 2007- 2008- يىللىق پىلاننى تۈزۈپ، بارلىق دائىمى ئەزالار شۇ پىلان بويىچە ئىش قىلىشنى قولغا كەلتۈرشىمىز كېرەك.

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە سېنتەبىر 05, 2007 7:17 am

[quote] تەشۋىقان ئىشلىرى ئاجىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . تەشۋىقان بۆلۈمى مەسئۇل بولۇپ ، ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى چوڭايتىشى كېرەك ئىدى .[/quote]

مىنىڭچە ئالغا ئەپەندىم، ئالدىنقى قېتىملاردا UKIJ نى قانۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا گەپ بۇلۇنغاندا نۇرغۇن ئىقتساد كىتىدىغانلىقى ھەمد ە بەزى بىر قۇبۇل قىلىش تەس بولغان تەلەپلەرنىڭ بارلىقى دائىمىي ئەزالارنىڭ بىر قىسمىغا مەلۇم. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا ھەرخىل ئىجتىمايى پائالىيەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈ ن جەمىيەت قانۇنلۇق بولغان بۇلۇش كىرەكقۇ دەيمەن.
مىنىڭچەبۇنداق پائالىيەت ئۆتكۈزىمىز دەيدىكەنمىز تەسىر دائىرسىنى بەكمۇ چوڭ قىلىۋەتمەستىن مۇۋاپىق دەرىجىدە پائالىيەت ئېلىپ بارساق دەيمەن...
مەسىلەن، ھازىر بەزى كومپىيۇتىر شىركەتلىرى پات پات مەسھۇلات كۆرگەزمىسى ئېچىۋاتىدۇ، ئانچە مۇنچە ئاممىۋىي پائالىيەتلەر بۇلىۋاتىدۇ...مۇشۇنداق ۋاقىتتا تەسىرىنى چوڭ دەرىجىدە قىلمىساقمۇ مۇۋاپىق دەرىجىدە تەشۋىقات سۈرەتلىرى ياكى نەتجىللىرىنى باستۇرۇپ تارقاتساق بۇلىدۇ...
UKIJ نىڭ تەسىرىنى چۇڭايتىش ئۈچۈن تەشۋىقات بۆلىمى ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. بۇنىسى راس. شۇڭا، ئەگەر مۇدىرىيەتتىكى مۇھىم ئەزالارمۇۋاپىق دەرىجىدىكى تەشۋىقات پىروگىراممىسى ( لاھىيە) تەكلىپىنى بەرسە ، مەلۇم بىرەر مۇدىرىيەت ئەزاسى يىتەكچىلىك قىلسا ئۈرۈمچىدىكى تەشىۋىقات بۆلىمىدىكى يولداشلار ھەمكارلىشىپ تەشۋىقات قىلىپ كۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باقساق بۇلىدۇ.
...
يولداشلار جىمىپ كەتمىسە بۇلاتتى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eltekin ، ۋاقتى: 2007-9-5 13:30 [/i]]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Eltekin ، ۋاقتى: 2007-9-7 12:46 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » چارشەنبە سېنتەبىر 05, 2007 11:30 am

[color=Red][size=4]تېمغا مۇناسىبەتسىز بولسىمۇ بىر گەپنى تەۋسىيە قىلاي؛
مۇشۇ « ۋەتەندىكى » دېگەن گەپنى ئىشلەتمەيلى. ھەرقايسىمىز ئۆز جايىمىزدىكى ياكى يۇرتىمىزدىكى دەپ ئاللىلى مۇشۇ گەپنى. [/size][/color]

Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » چارشەنبە سېنتەبىر 05, 2007 11:53 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Sherari[/i] ، ۋاقتى: 2007-9-4 08:58 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=604&ptid=119][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھەممە ئىشتا ئورتا ھال يول تۇتۇش ئەۋزەل. بەك ئەپۇچان بولۇش باشقا بالا ئېلىپ كەلسە، بەك رەھىمسىز بولۇشمۇ ئوخشاشلا پۇشايمانغا باشلايدۇ.
ئۆزىنى سورىغان شەھەر سوراپتۇ، دەپتىكەن. بىزمۇ ئۆزىمىزنى سوراپ ئىشىمىزنى قىلىپ ماڭايلى. ھەممىمىز ئەقىل ئىگىلىرى بولغان ئىكەنمىز، داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ يۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. UKIJ نىڭ بىكىتىنى تاقايمەن دېگەن گەپنى ئېغىزىمىزغا ئالمايراق تۇرايلى!
باشقىلاردىن ئاغرىنىۋەرمەي، مانى قىل دېمىگىچە ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى تېپىپ قىلالمامدۇق زادى؟! ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا تۇرمۇشىمىز، جاھاندارچىلىقىمىز بارغۇ...
بىزمۇ بۇندىن كېيىن ئۆزىمىزنى سوراپراق يۈرەيلى، UKIJ نى توردا بولسىمۇ تاشلاپ قويماي يوقلىشىپ تۇرايلى، «ئاتامان»لىرىمىزمۇ يۈتۈپ كەتمەيرەك يۈرەيلى، شۇندىلا بىكەتنى تاقايمىز... UKIJغا نېمە بولدى دېگەندەك سۆزلەرگە ئورۇن قالمايدۇ.[/quote]

كۆپچىلىك ھەممىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇرمۇش، خىزمەت، ئوقۇش قاتارلىق جاھاندارچىلىقىمىز بار، شۇڭا بىر بىرىمىزنى ئەيىپلىمەي، ھېچ بولمىغاندا ئايدا بىرەر ياخشى تېما ياكى بىرەر ياخشى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۆز ئارا خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرايلى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار