Google شىركىتى تۆنۈگۈن ئۆزىنىڭ خەنزۇچە ئۇلىنىش بېتى ۋە خەنزۇچە كىرگۈزگۈچىنى پۈتتۈردى
خەنزۇچە ئۇلىنىش بېتى ئادرېسى : [url]http://daohang.google.cn[/url]
خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ ئادرېسى : [url]http://tools.google.com/pinyin/[/url]
-------------
مەن گۇگۇل خەنزۇچە كىرگۈزگۈچنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم ۋە تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەرنى بايقىدىم
بىر قېتىمدىلا توغرا يېزىش نىسبىتى ئادەتتىكى ھەرقانداق خەنزۇچە كىرگۈزگۈچتىن يۇقىرى ئىكەن
مەسلەن :
بىز < ئۇيغۇرنىڭ نورۇز بايرىمى > پىنيىنى < weiwuer de nuorouzi jie > دىگەن خەتنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقايلى !
1. بۇ مىكروسوفت كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزگىنى
维吾尔德诺肉孜节
2.بۇ ABC كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزگىنى
为无而的挪肉字接
3.بۇ پىنيىن كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزگىنى
维吾尔的挪肉字接
4.بۇ Google كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزگىنى
维吾尔的诺肉孜节
يۇقارقى نەتىجە ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان خەتلەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ بېقىپ توغىرلىق نىسبىتىنىڭ ھەرقانداق كىرگۈزگۈچتىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم !
باشقا ئالاھىدىلىكلىرى :
ئېنگلىزچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن ، ئېنگلىزچگە تەڭشەپ خەت يازغاندا خەتنىڭ بېشىنى يېزىپ بولغۇچە ئاخرىنى چىقىرىپ بېرىدىكەن !
روسچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىكەن
كومپيوتېرغا ئايرىم روسچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاش ھاجەتسىز بولۇپ ، گۇگۇل كىرگۈزگۈچدىن 选择键盘 دىگەن تۈر ئاستىدىن روسچە كىرگۈزگۈچ دىگەننى تاللاپ قويساقلا ،كونۇپكا تاختىسىدىكى كونۇپكىلارنى باسساق روسچە ھەرىپلەر كىرىدىكەن
ياپونچە كىرگۈزگۈچ باركەن ، ياپونچە كىرگۈزگۈچنى ئايرىم قاچىلمايلا گۇگۇل كىرگۈزگۈچى ئارقىلىق تاللاپ كىرگۈزگۈلى بولىدىكەن ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىسپانچە !
[url=http://bilig.blogspot.com.nyud.net:8090/]تەكلىماكان بلوگ دىن ئېلىندى [/url]
Google نىڭ يېڭى مەھسۇلاتى
-
- يازمىلار: 8
- تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئۆكتەبىر 26, 2007 4:40 am
- ئالاقىلىشىش:
توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار