UKIJ دائىمىي ئەزاسى پەرھات ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۇيغۇرلارغا تونۇتۇش ھەققىدىكى ھەر خىل ژانېردىكى ئەسەرلەر ۋە ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىگە ئەزا شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرى ۋە تور بەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات خىزمىتىگە دائىر يوللانمىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Admin
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

UKIJ دائىمىي ئەزاسى پەرھات ئەپەندىم بىلەن سۆھبەت

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Admin » يەكشەنبە نويابىر 11, 2007 11:13 am

[img]http://www.ukij.org/eza/perhat_k/Perhat_k01.png[/img]

[color=Blue]1- سوئال: ئۆزىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟[/color]

مەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قاغىلىق ناھىيىسىدە ئوقۇپ تاماملاپ، 1997-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە شىنجاڭ سودا مەكتىپى (ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ يېنىدىكى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستوتى شۆبە مەكتىپى) نىڭ كومپيۇتېرلاشقان بوغالتىرلىق كەسپىدە ئوقۇدۇم، 2000-يىل يىل بېشىدىن 2001-يىلى يىل ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى 21-ئەسىر كومپيۇتېر تەربىيىلەش مەركىزىدە(2002-يىل يىل بېشىدا كومپيۇتېر مەكتىپى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى) ئۆگىنىش ۋە يېرىم يىللىق ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندىم. مىنىڭ ئاساسلىق ھەرتەرەپتىن بىلىم ئىگىلەش باسقۇچۇم دەل مۇشۇ يىللار بولدى دەپ قارايمەن، مەكتەپ شارائىتىدا مەلۇم بىر كەسىپنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، باشقا ھەرتەرەپلىمە كىتابلارنى كۆرۈپ ئۆگىنىش، ئۇنىۋېرسال بىلىم ئىگىلەش باسقۇچى بولغان بولسا، كېيىنكى ئۆگىنىش، ئوقۇتۇش تۇرمۇشۇم ۋە قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ئىش پائالىيەتلىرىم مىنىڭ كومپيۇتېر ساھەسىگە (بۇ سۆزنى بۇنداق ئاتاش دەرىجىسىدە بولمىسىمۇ، لېكىن شۇ يولغا كىرگەنلىكىم ئۈچۈن "ساھە" ئاتالغۇسىنى ئاتىماي بولمىدى) كىرىشىمگە سەۋەبچى بولغان بولسا كېرەك.
مەن ئۆزۈم مەرىپەتچى ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە، مەكتەپ ئائىلە قورۇسىدا تۇغۇلۇپ، شۇ يەردە ئويناپ چوڭ بولدۇم، دادام تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، رەسىم سىزىشقا، رويال چېلىشقا ئۇستا، ياغاچچىلىق ھۈنىرىنىمۇ خىلى پۇختا بىلىدۇ. كىچىكىمدە دادامغا ياردەملىشىپ رەندىلىمەكچى بولغان ياغاچنى چىڭ تۇتۇپ مۈكچىيىپ ئولتۇراتتىم. ئۆيدىكىلەر مەندىن چوڭ بولغاندىن نېمە بولىسەن؟ دەپ سورىسا ماڭقامنى ئېيتىپ تۇرۇپ، ياغاچچى بولىمەن! دەيتتىم. ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمگە كەلگەندىن باشلاپ، دادام ماڭا رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىشنى باشلىدى، ھەم خىلى- خىلى رەسىملەرنى سىزالايدىغان بولدۇم، بۇ مىنىڭ كۆز قاراش، خاراكتېرىمنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم بىر باسقۇچلۇق رول ئويناپتىكەن. پۈتۈن ئوقۇش ھاياتىمدا رەسىم سىزىش مىنىڭ ھەۋىسىم ۋە ئىقتىدارىم بولۇپ كەلدى. 2000-يىللار ئۆپچۆرىسىدە سىزغان رەسىم ۋە ھۆسىنخەتلىرىمدىن بىر نەچچىنى تاللاپ "شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلى"تەھرىراتىغا ئاپاردىم، مۇناسىۋەتلىك تەھرىر بىر قۇرۇپ كۆرۈپ، "لايىھىلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن باسما تەلىپىگە راۋۇرۇس چۈشمەيدىكەن، مانا قاراڭ، ماۋۇ يان تەرەپلەردىكى سىزىقچىلارغا ئادەتتە مەخسۇس قەلەمچە، مەخسۇس ئۇچ بىلەن سىزىمىز، ھازىر بۇنى باسمىغا چوڭايتساق ماۋۇ يان تەرەپلەردىكى سىزىقچىلارنىڭ گىرۋىكىدىكى ھەرە چىشسىمان قەلەم ئۇچلىرى، رەڭ گىرۋەكلىرى بىلىنىپ قالىدۇ" دەپ، قايتا تۈزىتىپ كېلىشنى بۇيرۇدى. مەن قايتىپ كېلىپ، تاشلاپ قويدۇم، ئادەتتە ئۇنى باسمىغا بېرىش ئويۇم يوق ئىدى، ئۇنى مەن پەقەت رەسىمگە ۋە مەلۇم بىر لايىھىگە ئىلھامىم تۇتقاندا شۇنداق زوق بىلەن، شۇنداق بىر خىل راھەتلىك خىيالى تۇيغۇ بىلەن سىزىپ قويىمەن خالاس، ئۇ بىر نەچچىسىنى شۇ ۋاقىتتا ياتاقداشلىرىم، ساۋاقداشلىرىم باسمىغا ئاپىرىپ باق، دېگەن تەكلىپى بىلەن ئاپارغان ئىدىم، ئۇنى قايتا قىلىمەن دېسەم يەنە شۇ ۋاقىتتىكى زوق ئىشتىياقىم بىلەن قىلالمايتتىم، ماڭا كېرىكى شۇ خىل رەسىم سىزغاندىكى ھالەت، روھى تۇيغۇم، تەپەككۇرۇم ئىدى. ھازىرمۇ سىزغان ۋە ئىشلىگەن رەسىملىرىم ياتاق ئۆيۈمدە جاھازلارغا ئىلىنغان ھالدا تۇرۇپتۇ.
[img]http://www.ukij.org/eza/perhat_k/Perhat_k02.png[/img]

ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا بىز ھەرتەرەپتىن پراكتىكا قىلغىلى ۋە ئۆزىمىزنى چېنىقتۇرغىلى ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە چېپىشقا باشلىدۇق، ئۈرۈمچىدە 2001-يىلى 10-ئايغىچە يېرىم يىل كومپيۇتېر (تەكشىلىكتە لايىھىلەش) ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللاندىم. بۇ جەرياندا خىلى تەجرىبە ساۋاقلارغا، بەزى بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. كۈندۈزلىرى ئىشلەپ، كەچلىكى ئۆگىنىش خىيالىم بار ئىدى، لېكىن كەچلىك كۇرسلارمۇ بولغاچقا ئارامچىلىق بولمىدى، تاپقان پۇل ياتاق ۋە تاماق بىلەن تۈگەيتتى. مۇشۇنداق يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى، مەن ئەتىگەنلىكى يېرىم سائەت بۇرۇن كېلىپ، كومپيۇتېرنى ئىچىپ قويۇپ، ئەڭ يېڭى نەشردىكى يۇمشاق دېتالنىڭ كۆزنەك، تىزىملىكلەردە ئۇچرايدىغان ئىنگلىزچە سۆزلەرنى بىرمۇ بىر خاتىرىلەپ، ئۇنى كەچتە (كەچلىك كۇرس 9:00دا ئاخىرلىشاتتى، بىز ھە قايتىڭلار دەپ كۇرسانتلارنى قايتۇرۇپ، قايتىش تەييارلىقى قىلىپ بولغۇچە 9:30بولاتتى، ئاندىن مېڭىپ ياتاققا بېرىپ، تاماق يەپ بولغۇچە 10:00دىن ئاشاتتى) ياتاققا قايتقاندىن كىيىن، شۇ كۈنى ئەتىگەندە خاتىرىلىۋالغان ئىنگلىزچە سۆزلەرنى بىرمۇ بىر لۇغەت ئاختۇرۇپ تەرجىمىسىنى تېپىپ ئايرىم خاتىرىگە شۇ ئۆز بۇيرۇق تىزىملىكى بويىچە رەتلىك ھالدا ئىنگلىزچە خەنزۇچە سېلىشتۇرما لايىھىسىنى ئايرىم خاتىرىگە يازاتتىم. ئۇ خاتىرىلىرىم ھازىرمۇ كىتاب ئىشكاپىمدا تۇرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ سائەت 11:00دىن ئاشقاندا ئاندىن ئۇخلايتتىم. مۇشۇنداق ئىشلەپ يۈرۈپ يېرىم يىل ئۆتتى، لېكىن مىنىڭ كەچلىكى مەخسۇس ئىنگلىزچە ئۆگىنىش پىلانىم ئەمەلگە ئاشمىدى. مەن ئۇنداق كېتىۋەرسەم بولمايتتى، ھەرقانداق كىشى چوقۇم ئۆزى قىلىۋاتقان كەسپىدە داۋاملىق ئۆگىنىپ تۇرۇشى، ئۆز كەسپى ساھەسىدىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇشى بەكمۇ زۆرۈر، ئۇنداق بولمىغاندا مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندە بىلمەسلەر قاتارىغا تىزىلىپ قىلىشى مۇقەررەر. مەندەك كومپيۇتېر ساھەسىدىكىلەر تېخىمۇ شۇنداق. شۇنداق بولغاچقا مەن يەنە بۇنداق كېتىۋەرسەم بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، بۇ يەردىن ۋاز كەچتىم، يەنە باشقا بىر قىسىم كىچىك ئامىللار سەۋەبىدىن ناھىيىگە قايتىپ، ئۆزۈم ئايرىم ئىش قىلىش پىلانىغا كەلدىم.
ناھىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، بىرەر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، مەلۇم مەكتەپ مۇدىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، مەكتەپ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، قىشلىق تەتىللىك كومپيۇتېر كۇرسى تەشكىللىدىم، لېكىن ناھىيە بولغاچقا شەھەرلەردىكىدەك قايناقلىق يوق ئىدى. 2002-يىلى 1-ئايدا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان ئىلىش كۇرسىدا كومپيۇتېر قوللىنىش دەرسلىكىنى بەردىم. 2002-يىلى ئەتىيازدىن 2003-يىلىنىڭ ئوتتۇرىغىچە ئۈرۈمچى مەلۇم كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ ناھىيىمىزدىكى كومپيۇتېر سېتىش ۋاكالەتچىلىكىنى قىلدىم. 2003-يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ، قاغىلىق ناھىيىلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىدا كومپيۇتېر سىستېما باشقۇرغۇچىلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ كېلىۋاتىمەن.

[color=Blue]2- سوئال: ھازىرقى خىزمەت ۋە ئالاقىدار باشقا ئىشلىرىڭىزدا كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئىش پائالىيەتلىرىڭىز، ئۆگىنىش كۆز قاراشلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.[/color]

مەن قاغىلىققا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، ئالدىنقى مەزمۇندا تىلغا ئىلىپ ئۆتكەندەك يەنە داۋاملىق تۈردە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدىم. يېڭى قايتىپ كەلگەن ۋاقىتلىرىمدا (2001-يىل ئاخىرىدا) ھەپتىدە بىر تورخانىغا باراتتىم، ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئېلخەت ئالاقىسى قىلىشاتتۇق، ھازىرقىدەك ئۇيغۇرچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرى كۆپ ۋاقىتلار ئەمەس ئىدى، پەقەت بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر بار ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ شۇ بەتلەرنى ئارىلاپ يۈرەتتىم، ئۇچۇرلارنى كۆرەتتىم. بىزدە ئۇيغۇرچە مۇنبەر بىلىشىمچە ئىزدىنىش مۇنبىرى ئارقىلىق ئارىمىزغا چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن ۋە ئومۇملاشقان بولسا كېرەك، ئىزدىنىش مۇنبىرى 2003-يىلى قۇرۇلدى، ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ راسا گۈللەنگەن دەۋرى 2004- ۋە 2005-يىل 2يىلدا رەسمىي گۈللەنگەن دەۋرى بولدى دېيىشكە بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئاشىقلىرى ئارىسىدا مۇنبەر قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، شۇ يىللاردا مەنمۇ كۆكۈيۈن نامى بىلەن تور بەتلەردە ئارىلاپ يۈردۈم، ئەدەبىي ئەسەرلەردىن ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن ئىدى، بەزى كۆز قاراشلارنى ئورتاقلىشاتتۇق، ژۇرناللاردىكى ماقالىلەردىن تەھلىل قىلىشاتتۇق، مەن شۇ جەرياندا ئەدەبىي جەھەتتىكى سېغىنىشلىرىمنى ئىزدىنىشتىن تاپاتتىم، كومپيۇتېرغا ئائىت بەزى تېخنىكىلاردا ئورتاقلىشاتتۇق. ئاندىن خەنزۇچە مۇنبەرلەردىن كومپيۇتېرغا ئائىت بىلىملەرنى كۆرەتتىم، شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ مەندىمۇ تور بەت قۇرۇش ئىستىكى قوزغىلىپ قالدى، ئۆگەنگەنلىرىمنى ئىشلىتىپ يۈرۈپ، ئۆزۈم ماتېرىيال توپلاپ، ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ تور بېتىنى ئۇيغۇر تېببىي تورى نامىدا ([url]http://www.uyghurtibbi.com[/url]) ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئاساسەن كەچلىكى لايىھىلەپ پۈتتۈردۈم. 2005-يىلى 5-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلدىم.
مەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىدا مەخسۇس دوختۇرخانا ئۇچۇر باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بار بولۇپ، بۇنى يولغا قويغان ۋاقىتتا (2003-يىل يازدا)، دوختۇرخانىدىكى %99كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقى ۋە %80كىشىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى سەۋەبىدىن دېتالغا باھا ھەق ئىلىش تۈر ناملىرىنى، دورا ناملىرىنى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بىز قانداق كىرگۈزۈش توغرىسىدا باش قاتۇردۇق، كونا يېزىقنى سىستېمىدا، جۈملىدىن ساندان مەشغۇلاتىدا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، مەن كومپيۇتېر كىتابلىرىمدىكى ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقى دەپ قەدەمدە بىر ئۆزگىرىپ تۇرغان لايىھىلەرنى كۆرۈپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا جەزىملەشكەن ھازىر بىز تور بەتلەردە ئىشلىتىۋاتقان ULY لايىھىسىنى تاللىدىم، سىستېمىغا بارلىق ھەق ئىلىش، داۋالاش تۈرلىرى نامى، دورا ناملىرىنى شۇ بويىچە كىرگۈزدۈم، ئىشلەتكۈچى مەشغۇلاتچىلارغا شۇ بويىچە ئۆگەتتىم، داۋالاش تۈرى، دورا نامىنىڭ تولۇق نامىنى بىر كىرگۈزۈپ، قىسقارتىلما ھەرپىنى بىر كىرگۈزەتتىم، (مەسىلەن: رېنتېگىندە كۆكرەكنى رەسىمگە ئىلىش ھەققى دەپ كىرگۈزمەكچى بولساق، ئۇنىڭ قىسقارتىلما ھەرپى RKRIH دەپ كىرگۈزسەك، Rintiginde Resimge Ilishi Heqqi دەپ چىقاتتى، خەنزۇچە بىلمەيدىغان نۇرغۇن خىزمەتچىلەرگە مەشغۇلات ھەقىقەتەن ئاسانلاشقان ئىدى. ھازىرمۇ شۇ ULY بويىچە دورا ناملىرىنى بىر تەرەپ قىلىمىز، ناھىيىلىك سۇغۇرتا باشقۇرۇش ئىدارىسى، سەھىيە ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دورا تىزىملىكلىرىنى سورىغاندا سىستېما ساندانىدىن چىققان ئۇچۇرلارنى شۇ بويىچە چىقىرىپ، ئاندىن ھەممىنى كۆچۈرۈپ ئىلىپ يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ULYدىن چاپلاش دېگەن بۇيرۇقىنى بەرسەك كونا يېزىق ئايلاندۇرۇپ بېرەتتى، 300خىلدىن ئارتۇق دورا ناملىرىنى شۇنداق بىر تەرەپ قىلساق تىزلا تەييار بولاتتى. (يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ئاپتورى مۇھەممەت ئابدۇللا ئەپەندىگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.)
[img]http://www.ukij.org/eza/perhat_k/Perhat_k04.png[/img]

VBپروگراممىسى تۈزۈشتىن ئانچە مۇنچە خەۋىرىم بار ئىدى، دوختۇرخانا مەخسۇس سىستېمىسى يولغا قويۇشنىڭ ئالدىدا ھىساۋاتچىلارغا دورا باھاسىنى ھېسابلىغۇچ دەپ بىر كىچىك ئەقلىي ھېسابلىغۇچنى ياساپ بەردىم، ئۇنى 1-2ئاي ئىشلەتتۇق. دورا قىسقارتىلما نامى ياكى رەت نومۇرىنى كىرگۈزسە، شۇ دورىنىڭ تولۇق ئىسمى، ئۆلچىمى، بىرلىكى، باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلار چىقاتتى، سانىنى كىرگۈزۈپ، بىر نەچچە قۇر دورىنى شۇنداق قىلىپ، باھاسى ئاپتوماتىك چىقاتتى، ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ ئاسانلا ھېسابلاپ بېرەتتى.
ئۆگىنىش مەسىلىسىگە كەلسەك، خۇددى ھەممىمىز بىلگەندەك ۋە كىتابلاردا دىيىلىۋاتقاندەك بۈگۈنكى دەۋردىكى ئارقىدا قالىدىغان ئادەملەر دەل ئۆزى ئۆگىنىشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.
بىلىم ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، سىز مەلۇم دەۋردە بىلىم ئىگىسى بولغان بولسىڭىز، يەنە مەلۇم ۋاقىتقا كەلگەندە بىلمەسلەر قاتارىغا تىزىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن، ھازىرقى دەۋردە ھەرقانداق كەسپىي بىلىم ئىگىسى داۋاملىق تۈردە ئۆز كەسپىدە ئۆگىنىپ تۇرۇشى، يىڭى بىلىملەرنى، خەۋەرلەرنى كۆرۈشى، ئۆزىگە نىشان تۇرغۇزۇشى بەكمۇ زۆرۈر. نىشانى بولمىغان، پىلانى، غايىسى بولمىغان ئادەم باشسىز ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى، قايسى توپتا، قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ئادەم قانداق ئۆگىنىشنىمۇ بىلمەيدۇ، ھەم ئالغا باسالمايدۇ، ئۇنداق ئادەم ھەم ئىشەنچ بىلەنمۇ قەدەم تاشلىيالمايدۇ.
بىر نەچچەيلەن مۇنداق دەيدۇ: "ھەي، مۇشۇ بالام تولۇق ئوتتۇرىدا پەقەت ئوقۇمايمەن دەپ تۇرۇۋالدى، كومپيۇتېر ئۆگىنىمەن دەيدۇ، ئۈرۈمچىدىكى كومپيۇتېر تەربىيىلەش مەكتەپلىرىگە 1-2يىللىق ئاپىرىپ بېرەيمىكىن دەيمەن، يا ئىنگىلىزتىلى ئۆگىنىپ كېلەر". بۇ خىل قاراش مۇنداق قارىسا ھازىرقى دەۋردىكى ئىگەللىمىسە بولمايدىغان مۇھىم تۈر بولغاچقا مۇشۇنى مەخسۇس ئۆگىنىپ كەلسە خىزمەت ساماندەك تۇرىدىغاندەك. مېنىڭچە بۇ خىل قاراش ئەمەلىيەتتە خاتا تاللاش ھېسابلىنىدۇ. بىر ئادەمنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئەمەلىيەتتە ئۆز كەسپى بىلىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇنىۋېرسال ساپا تۈرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ جەمئىيەت كۆز قارىشى، ئۆز مىللىي كۆز قارىشى، خەلقچىللىق كۆز قارىشى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار ئۇنىڭدا يىتىلىشى شەرت، بۇ بىزدە قانداق يوسۇندا يېتىلىدۇ؟ بۇ دەل بىزدە مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ شارائىتىدا ئوقۇش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. بۇ باسقۇچتا بىز كۆپچىلىكىمىز "ۋاي قويە، ئالىي مەكتەپ دېگەن نەدە تايىنى يوق، كەسپى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بىر نەرسىلەرنى ئۆتۈپ، ھە بولدى، دەپ دىپلومنى تۇتقۇزۇپ قويىدىكەن" دەيدۇ، ئالىي مەكتەپ دېگەن ئادەمنى مەلۇم بىر كەسىپ بويىچە چوڭ جەھەتتىن يېتەكلەيدۇ، باشلايدۇ، قالغان يولنى ئۆزىڭىز ماڭىسىز دېگەن گەپ، دەرستىن سىرتىقى ۋاقىتلاردا ئۇنىۋېرسال كىتابلارنى كۆرىسىز، ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇيسىز، ئەدەبىي كىتابلارنى ئوقۇش ئارقىلىق ئانا تىلغا بولغان تونۇشىڭىز، ئۇچرىشىش سالمىقىڭىز كۆپىيىدۇ، ئۆز ئانا تىلىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، قەدىرلىمەيدىغان، تېگىدىن چۈشىنىپ سۆيمەيدىغان كىشى ئىككىنچى بىر تىلنىمۇ راۋۇرۇس ئۆگىنەلمەيدۇ، ئۇنداق قىلالمىسا شۇ مىللەتكە سىڭىپ كەتسە باشقا گەپ ئەلۋەتتە. مەن بۇ يىل 7-ئايدا تولۇق كۇرس بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولغان ئىلمىي ماقالە يېزىش، ئوقۇش ئىشىدا ئانا تىل قوللىنىشنىڭ مۇھىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالە يازغان ئىدىم، ئىلىي ماقالە ئوقۇش سورۇنىدا مەندىن ئەڭ كۆپ سوئال سورالدى (4-5چە سوئال)، تاش راخمان مۇزات، مۇھەببەت قاسىم قاتارلىق ئۇستازلار سورىغان سوئاللارغىمۇ قىزغىن جاۋاب بەردىم، سىنىپتىكى ئاڭلىغۇچىلارمۇ قىزغىن كەيپىياتتا بولدى، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم مۇھەببەت قاسىم مۇئەللىمنىڭ چىرايىدىن بىر خىل مەمنۇنلۇقنى سەزدىم. ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىپ يازغان ماقالەمنى ئۆزۈم رازى بولغان ھالدا ئوقۇپ چۈشكەن ئىدىم. (شۇ مەيداندا ئوقۇغان ئىلمىي ماقالەم ئاساسىي مەزمۇنىنى [url]http://www.uighurtibbi.com/other/im.htm[/url] مەنزىلىدىن كۆرۈش مۇمكىن.) ئالىي مەكتەپ شارائىتىدا يەنە ھەرخىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ۋە بوش ۋاقىتلىرىڭىز ئارقىلىق جەمئىيەتنى ھەر قايسى تەرەپلەردىن سىز بىلىپ بىلمەي پىشىپ يېتىلىسىز، ئۇمۇ بىر خىل بىلىم. ئەگەر سىز بۇ باسقۇچلاردىن ئۆتمەي، 1-2يىل مەخسۇس ئوقۇغان بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن قانداق ئەڭ ياخشى ھالدا رولىڭىزنى جارى قىلدۇرالايسىز؟ ھەرقانداق خىزمەت شۇ ئەتراپىدىكى بىر قانچە تۈرلەر بىلەن چېتىشلىق بولىدۇ، شۇ چەت نەرسىلەرنىمۇ چۈشەنگەن ئادەم، ئاندىن ئۆز كەسپىدىن قېتىرقىنىپ بىر نەرسە ئۆگىنەلەيدۇ ۋە چوڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلالايدۇ. شۇ مۇنتىزىم مەكتەپتە ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن باشقا كۇرس ۋە مەخسۇس كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگەنگەندە ئاندىن مۇنتىزىم، ھەر تەرەپلىمە ھالدا ئۆگىنىپ، مەخسۇس ساھە بويىچە ئەتراپىڭىزدىكىلەر قول قويىدىغان ھالدا يېتىشىپ چىققىلى بولىدۇ.
باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا سىنىپنىڭ ئارقا تىمىنىڭ ئۈستىگە لىق كەلگۈدەك چوڭ قىلىپ لېنىننىڭ "ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش" دېگەن سۆزى يېزىقلىق ئىدى، ئۇ چاغدا چوڭقۇر چۈشەنمەپتىكەنمەن. ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ سۆز نۇرغۇن- نۇرغۇن مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقلىيە سۆز ئىكەن، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر پارچە رەسىم سىزىپ، ئۇنىڭغا لېنىننىڭ شۇ سۆزىنى يېزىپ ياتاق ئۆيۈمنىڭ تىمىغا چاپلاپ قويدۇم.
بىز مۇشۇ "ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىش" دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە قاچانمۇ يىتەرمىز-ھە؟
[img]http://www.ukij.org/eza/perhat_k/Perhat_k03.png[/img]

[color=Blue]3- سوئال: ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق؟ سىزنىڭچە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ مېڭىشى كېرەك؟ [/color]

بۇ نۇقتىدىن سۆز ئېچىشقا گەرچە سالاھىيىتىم توشمىسىمۇ بىر ئۆگەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز كۆر قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قوياي، شۇ مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنىڭ بىرەرىگە يېقىن كەپ قالسام ئەجەب ئەمەس.
ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق؟ بۇ سوئالىدىن بۇرۇن، ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب تاپساق ئاندىن بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلىشىمىز مۇمكىن، بىز قايسى دېتاللارنى ئىشلىتىۋاتىمىز؟ ئۆز ئانا تىل خاسلىقىمىزغا ئىگە يۇمشاق دېتاللىرىمىز بارمۇ؟ بار، بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا، خوش، ئەمدى ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، شۇ ئانا تىلىمىزدىكى ياكى ئانا تىلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك دېتاللاردىن ئىشلىتىۋاتىمەنمۇ- يوق؟ قانچىلىك كۆڭۈل بۆلۈپتىمەن؟ بۇ يەردىكى كۆڭۈل بۆلۈش مەسىلىسى دەل سىزنىڭ شۇ دېتاللارنى ئۆز ئىچىڭىزدىن رازى بولۇپ، سۆيۈنۈپ تۇرۇپ، ئۆز ئانا تىلىڭىزدىكى دېتاللارنى ئىشلىتىشىڭىزدە ئىپادىلىنىدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ۋە بۈگۈنكى ۋاقىتلاردا كەلگەندە ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللىرىمىز بۇرۇنقى قىسمەن بىرلا دائىرىلىك (ۋاشاڭ بوپكەتكەن كىرگۈزگۈچلەر) تىن ھالقىپ ھەرخىل ساھەلەرگە يۈرۈش قىلدى. شۇنداقلا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، ئۇيغۇر سوفت لۇغەت دېتاللىرى، بىلقۇت خەزىنىسىدەك لۇغەت بىرلەشتۈرۈلگەن چوڭ ھەجىملىك بىلىم كانلىرى، كەڭرى مەھسۇلاتلاشقان ئىرپان لۇغەتلىرى، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بانكا سىستېمىلىرى، 10-ئايدا بازارغا سېلىنغان ئۇيغۇرچە يېزىق تونۇش پروگراممىسى (OCR)، ... قاتارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى.
ئۇيغۇرلار قانداق يۇمشاق دېتاللارغا ئېھتىياجلىق مەسىلىسى، ئاۋۋال ئېھتىياجنىڭ بولىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئېھتىياج نەدىن كېلىدۇ؟ ئېھتىياج بولغان نەرسىنى بىز دېمىسەك، تەلەپ قىلمىساق، ئەقەللىي قولىمىزدا بار ھوقۇقنى، پۇرسەتنى ئىشلەتمىسەك، تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇرچە پروگراممېرلار بىكار قالىدۇ. مەسىلەن ئېيتايلۇق، بانكىنى تىلغا ئىلىپ ئېيتساق، بەزى رايونلاردا ئاللابۇرۇنلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئاپتوماتىك پۇل ئىلىش بانكا سىستېمىسى ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ (مەسىلەن پىچان ناھىيىسىدە)، ساۋاتى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىلا بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ. كۆپلىگەن رايونلاردا ئۇنداق ئەمەس، لېكىن كۆپ سانلىق ئىشلەتكۈچى ئۇيغۇرلار، شۇنداق بولغان ئىكەن سىز، بىز ئۆز "قىيىنچىلىق"ىمىزنى ئېيتساق ئاندىن بۇنى باشقىلار ئويلىشىدۇ؛ ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى بانكا رەسمىيەتلىرىنى ئۆز يېزىقىمىزدا يازساق، بۇنى ئوقۇيالمىغانلار، بۇنى ئوقۇيالايدىغان ئۇيغۇر خىزمەتچىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ياكى ئۇيغۇر خىزمەتچى شۇ جايدا تېخىمۇ ياخشى، ئۆزى بىلمىگەن ھالدا كۆپ تەرەپلىمە ئېھتىياجنى قاندۇرغان بولىدۇ. لېكىن بۇنى قانچىلىكىمىز ئويلاپ ئولتۇردۇق؟ يادىمىزدا بولسۇنكى مۇشۇ كىچىك ئىشلار جۇغلاشقاندا، چوڭ ئىشلارنىڭ سەۋەبكارى بوپ قالىدۇ.
بىز شۇنداق قىلالىساق، ئاندىن ئېھتىياج تەبىئىي ھالدا شەكىللىنىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقى يۇمشاق دېتاللىرىمىزنىڭ چۈشەندۈرۈش ئېلانى بەكمۇ كەمچىل، ئەتراپىمىزدا تەشۋىقات بەك ئاز، بۇنداق بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە بىزدە يۇمشاق دېتال بازىرى كاسات تۇرىدۇ. مەلۇم دېتالنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلىنمەيدىكەن بەزىدە ئادەمدە شۇنداق نەرسىگە ئېھتىياجلىقىدىن ئىبارەت ھالەت شەكىللەنمەي قالىدۇ، بۇنداق بولغاندا مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئېھتىياجنى پەيدا قىلغىلىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى نىشانىنى نەق جەمئىيەتكە قارىتىشى، نەق ھازىرقى جەمئىيەت ئەھۋالىنى كۆزىتىشى بەكمۇ مۇھىم، شۇنداق بولغاندا ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى سىزىۋالالايدۇ.
ھازىرقى قىسمەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولىشىچە: ئۇيغۇرلار ئۆز خىزمەت مۇھىتىدىكى مەخسۇس ساھە دېتاللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن شۇنى زادى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، خالاس. ئەگەر شۇنداق قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلسە ئەلۋەتتە جىم تۇرمايدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە بىزدىكى تېخنىكىنىڭ تۆۋەنلىك مەسىلىسى، ۋەياكى تېخنىكا تەشۋىقاتىنىڭ يوق بولۇشى مەسىلىسى، خالاس؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېلېكترونلۇق يان قوراللىرىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دېتاللار ئېھتىياجى. بۇ خىل ساھەنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئىستىقبالى بەكمۇ پارلاق، بۇ ساھەدە يېقىندا پەقەت بىرەيلەن ئۇيغۇرچە يانفون بازارغا سالدى لېكىن كۆلىمى قانداق بولدى، بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، مۇشۇ ساھەدە خەنزۇلارنىڭ ياسىغان كىچىككىنە دېتاللىرى خۇددى ھازىرقى بىزنىڭ يۇمشاق دېتاللىرىمىزدەكلا ياخشى كىرىم مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ھازىر مودا بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان يانفون (ئەسلى ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھەرخىل تىلدىكى يانفون) لارغا ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئىنگلىزچە 3خىل يۆنىلىشلىك لۇغەت پروگراممىسى، ئۇيغۇرچە كىتابچىلار پروگراممىلىرىنى ئىشلەش تامامەن مۇمكىن، مۇشۇ خىل يۆنىلىشتە مەخسۇسلاشقان كەسىپ بىلەن شۇغۇللانساق بولىدۇ، ۋەھاكازالار.
يەنە ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، تەتقىقاتىنى بازارلاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىشى، ياكى تەكلىپ ئىلىشى بەكمۇ مۇھىم.
[color=Blue]
4. ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ئىشلىتىلىش ئەھۋالى توغرىلىق پىكرىڭىز قانداق؟ قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنى ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ؟[/color]

ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىن ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچلەر كەڭ ئومۇملاشقان بولسىمۇ، لېكىن كود نۇسخىسىنىڭ ھەرخىللىقى مانا يېقىنقى مەزگىللەردە ئاندىن بىرلىككە كېلىشكە باشلىدى، لېكىن يەنە بىر قىسىم كەڭ ساھەلەردە، مەسىلەن قىسمەن ناھىيىلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدە، يەنىلا كونا كود ئۆلچىمىدىكى دېتاللارنى ئىشلىتىپ، كود ئۆلچىمىنىڭ بىرلىكلىك ھالىتىنى ھاسىل قىلىشتا يەنىلا قىيىنچىلىقلار مەۋجۇد، بۇنىڭغا قارىتا ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق كومىتېتى ياخشى تەدبىر قوللىنىپ، مۇشۇ ئۆلچەملىك كودتىكى خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ھەرقايسى يىغىنلاردا ھەر جايلاردىن كەلگەنلەرگە ھەقسىز يۇمشاق دېتال دىسكىسى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئامال چارىلەرنى قوللانغان بولسىمۇ لېكىن، تەشۋىقات ۋاسىتىسى يەنىلا ئاجىز، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قاتارلىق ھەرتەرەپلىمە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، مەمۇرىي بىسىم (بۇيرۇق) ئىشلىتىلمەسلىكى سەۋەبىدىن قىسمەن ھالدا كود بىرلىكلىككە كېلىپ بولالماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.
ئۇندىن باشقا قىسمەن ئىدارە ئورگانلاردىكى %95ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر بولىشى تەبىئىي ئەھۋال بولسىمۇ، مەخسۇسلاشقان، ساھەلەشكەن دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنىڭ خەنزۇچە بولىشى، ئۇلارنىڭ شۇنداق قىينىلىپ كېتىشى، تىل ئۆگىنىشى تەبىئىي ئەھۋال بوپ قىلىنىۋاتىدۇ، (ئەلۋەتتە خەنزۇچە ئۆگىنىش مۇھىم، لېكىن بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلمايمىز، دەپ كەلسەك گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ)، ئەگەر شۇ ساھە يۇمشاق دېتاللىرىنى مەخسۇس ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش شىركەتلىرى بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا ئىشلىرىمىز نۇرغۇن ئاسانلاشقان بولاتتى. (ئەگەر شۇنداق قىلالايدىغانلار بولسا مەن ئۇلارنى سودا پۇرسىتى ۋە بازار بىلەن تەمىنلەيمەن.)
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەھۋالىغا كەلسەك، بۇنىڭدا:
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ تەشۋىقاتى زور دەرىجىدە كەمچىل، ھەرخىل ئالاقە، تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىشى كەمچىل. بۇ خىل سەۋەب كەمچىل بولغان ئىكەن ئەلۋەتتە ئېھتىياجمۇ شەكىللەنمەيدۇ ۋە بازارمۇ شەكىللىنەلمەيدۇ، بۇ ئاساس.
بۇنىڭدا ئىرپان شىركىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەشۋىقات ئۇسۇلى، يەنى: ھەرقايسى ناھىيىلەرگىچە يول يوللاردىكى تەشۋىقات رەسىملىرى؛ كىتاب ژۇرناللار ئارقا بېتىدىكى كىچىككىنە قىلىپ ئىرپان دەپ نامى بېسىلغان ئاماللارمۇ كارخانا ئوبرازنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنىڭدا قارا قويۇق ئىشلەتمەستىن رەڭ، ماركا تىپىنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بەكمۇ مۇھىم، مۇنداق قارىسا بۇ ئاددىي ئىشتەك قىلغان بىلەن، شۇنداق كىچىك ئىشلارمۇ كارخانا ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەرقايسى تور بەتلەردە چۈشەندۈرۈش ئېلانلىرى بولىشى قاتارلىق نۇرغۇن چارە ئاماللارنى ئىشلىتىشى ياخشى ئۈنۈم قازاندى، دەپ قارايمەن. ئىرپان لۇغەتلىرى گەرچە بىر ئاز قىممەت بولسىمۇ (ئەڭ يېڭى چىققىنى 498يۈەن) شۇنداق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش چارىلىرى، تارماق سېتىش نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىپ، مەھسۇلات سېتىش مەنبەسىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن سېتىش ئۈنۈمى ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىدىنمۇ ماختىغۇدەك دېتاللىرىمىز چىقىۋاتىدۇ(بۇ يەردە ھەقلىق دېتاللار ئۈستىدە توختالساق)، ئۇيغۇر سوفت لۇغەتلىرىنىڭ يېڭى نەشرلىرى چىقىپ ئادەمنى خۇشاللاندۇرىدۇ، ھەم تەشۋىقات بېتىنى يامان ئەمەس قىلىۋاتىدۇ، لېكىن ئومۇمىي نۇقتىدىن قارىغاندا تەشۋىقات، تونۇشتۇرۇش، مۇلازىمەت يەنىلا كۆپ يىتەرسىز. سېتىش ۋاستىلىرىغا بولغان ئىزدىنىش، ئامال چارىلەر يىتەرسىز.
بەزى ئورۇنلار بازارغا سالغان دېتاللارنىڭ چۈشەندۈرۈش تەشۋىقاتى مېغىزلىق ئەمەس، بۇ دېتالنىڭ زادى قانداق قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقى يېزىلماستىن، شان-شەرىپى داغدۇغىلىق ھالدا كۆپ تىلغا ئىلىنغان، مەسىلەن ئېيتساق، بىلقۇت خەزىنىسى دېتالى دەل شۇنداق. مەن باشتا بۇ دېتالغا ئانچە ئېرەن قىلماپتىكەنمەن. قارىسام كىتاب ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىلىرىغىمۇ داغدۇغىلىق رەسىملەر چىقىپ كېتىپتۇ. توردىن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن ئۇقۇشۇپ كۆرسەم، ئەسلى بۇ شۇنداق ماختىغۇچىلىقى بار ياخشى دېتالكەن، بۇ بىر نۇرغۇن بىلىم كانىكەن. بۇ بىر لۇغەتكەن، شۇ بىلىم كانىدىن، جۈملىلەردىن سۆز تۇتۇپ تەرجىمە قىلالايدىكەن، ئىچىگە ھەر تەرەپلىمە چۈشەندۈرۈش خاراكتېرلىك كىتابچىلار مۇجەسسەملەنگەن ھەقىقىي بىلىم بۇلىقى ئىكەن. لېكىن، دېتالنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى مېغىزلىق قىلىپ تىلغا ئىلىنماپتۇ.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسىنى لايىقلاشتۇرۇش زۆرۈر، مەسىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا مەخسۇس نۇسخىسى، ئائىلە شەخسلەرگە ئائىلە نۇسخىسى دېگەندەك ھەرخىل باھا ۋاسىتىسىنى جانلىق قوللانغان ياخشى. شەخسلەر نەشرىنىڭ باھاسىنى بەك ئۆرە قىلىۋەتمەستىن، سېتىش سانىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق پايدىنى كۆپەيتىش، ھەمكارلىشىپ سېتىش، ۋاكالىتەن سېتىش قاتارلىق ئاماللارنى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئويلاشقان ياخشى. ئۇندىن باشقا سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتمۇ يۇمشاق دېتالنىڭ مۇھىم بىر سەل قاراشقا بولمايدىغان سېتىلىش ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.
ئۈچىنچىدىن، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار تەرجىمىچىلىكىنى زورايتىش كېرەك. مانا ھازىرلەتتىن يۇمشاق دېتال تەرجىمانلىرىمىز پارتىزانلارچە تەرجىمىچاقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇ ياخشى ھالەت، بۇنى يەنە كېڭەيتىپ، تەرجىمە دېتاللارنى رەتلەش لازىم، مۇنداق مۇنداق تەرجىمە دېتاللىرىمىز بارلىقىنى باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگە بىلدۈرۈشىمىز لازىم، ئاندىن بۇ خىل تەرجىمىچىلىكنى چوڭ دېتاللارغا كېڭەيتىپ، مەخسۇسلاشقان تەرجىمە دېتال ئىشلەش نۇقتىلىرى قۇرۇلسا، مەخسۇسلاشقان ساھەلەردە ئىشلىتىلىدىغان ساندان ئىشلىتىدىغان كەسپى دېتاللارنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىش ۋە ئۆزىمىزنىڭ شۇ خىل تېخنىكىمىزنى بازارلاشتۇرۇشنى ئويلاشساق بولىدۇ.

[color=Blue]5. UKIJ نىڭ قۇرۇلغىنىغا تۆت يىل بولاي دېدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىغا بولغان تەسىرى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسىدە داۋاملىق مەۋجۇد بولۇپ تۇرالىشى ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەر توغرىسىدا پىكىر بەرسىڭىز؟ (ئارتۇقچىلىق، يېتەرسىزلىك ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرى)[/color]

UKIJ 2004-يىلدىن باشلاپ رەسمىي ھالدا يۇنىكودنى ئومۇملاشتۇرۇشنى باش نىشان قىلىپ تەشۋىقاتىنى باشلىدى، مەنمۇ شۇ يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ شۇ ئۆلچەملىك يۇنىكودلۇق كىرگۈزگۈچ ۋە UKIJ ھەقسىز تارقاتقان خەت نۇسخىلىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. ۋە شۇ بويىچە دائىرەمدە كېڭەيتتىم، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا شۇنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىپ چۈشەندۈردۈم، قاچىلاپ تەڭشەپ بەردىم. ئۇلارمۇ پات-پات تېلېفون قىلىپ بەزىدە يىڭى قاچىلىغانلىرىدا سوراپ تۇرىدۇ. UKIJ مەقسىتى دەل ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بارلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كومپيۇتېرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى كېڭەيتىش"نى نىشان قىلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۆلچەملىك يۇنىكودنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ئەڭ دەسلەپكى ئاساسلىق ئورۇن بولۇپ، ئۆلچەملىك يۇنىكودنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ياخشى ھالەت بارلىققا كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ كەڭ مەلۇم بىر شەخسنىڭ تىرىشىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدىغان ۋە چىققان نەتىجە بولماستىن بەلكى، كەڭ ئامما ئۆزى مۇشۇ ھالەتنى چۈشەنگەنلىكى ۋە تەقەززا بولۇۋاتقان بىر پەيت بولغانلىقى ئۈچۈن UKIJرولى مۇھىم بىر باشلامچىلىق رولنى ئوينىدى. بۇنىڭغا كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى قول قويىدۇ ۋە شۇنداق بىر جەمئىيىتىمىزنىڭ بولۇپ باشلامچىلىق بىلەن ئۆلچەملىك يۇنىكودنى ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ۋە ئۇيغۇر ئېدىت، يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇر ئېدىت ... قاتارلىق ھەقسىز دېتاللار؛ تور بەت يۈزىدىكى بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش تېخنىكىسى قاتارلىق خالىس تېخنىكا ۋە تەرجىمە دېتاللار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىدە كۆڭلىدە رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايدۇ. UKIJ نىڭ يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق خەلق ئۈچۈن كۈچ قوشۇشى ئەلۋەتتە خەلققە پايدىلىق ۋە ئامما بۇنىڭغا ھەقىقەتەن موھتاج، UKIJنىڭ داۋاملىق تۈردە يېڭى تېخنىكىلارنى سۇنۇشىغا، ھەۋەسكارلارغا ياردەمدە بولىشىغا، ھەمكارلىققا ئاساسىدا ئۆز ئارا توقۇنۇشمايدىغان ھالەتنى ساقلىشىغا داۋاملىق موھتاج.
مەن نۇرغۇنلىغان ھەۋەسكارلارغا ئوخشاش شۇنداق قارىغانلىقىم ئۈچۈن، UKIJ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردۈم، ئۆتكەن يىلى ئەزالار ئوتتۇرىسىدا بەزى پىكىرلەر بولغاندا ئۆز ئارا ئېلخەت ئەۋەتىپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ بەزى ئالاقە خىزمەتلەرنى ئىشلىدىم. مىنىڭ ئۇ يەردىكى ھەممەيلەن بىلەن تونۇشلۇقۇم يوق، ئۇچرىشىپ باقمىغان ھەم بۇرۇن ئالاقە قىلىپ باقمىغان. پەقەت شۇ يەردىكىلەرگە ئوخشاش بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن كەلگەن خالاس. UKIJ ھەممىمىز بىلگەندەك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلەپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن، بۇ يىل جىمجىت ئۆتكەن بىر باسقۇچ بولۇپ قالدى، بۇرۇنقى رەئىسلەرمۇ جىمجىتلا يوقاپ كەتتى، خۇددى ۋەزىپىسى تۈگىگەندەك. ئىچكى قىسىمدا ھەرقايسى بۆلۈملەر قۇرۇلدى، دېمەك، ۋەزىپە تەقسىم بولدى دېگەن گەپ، يەنە قاراپ ئولتۇرۇشنىڭ نېمە ھاجىتى بىرسى نىشان كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەكمۇ؟ مېنىڭچە بۇ يەرگە قوشۇلغان ئىكەنمىز ھەممەيلەن ئازراقلا ئويلانساق قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن چىقىدۇ. مەسىلەن، تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى يىڭى تۈرلەرنى ئويلىنىش، ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۆز بۆلۈم ئەزالىرى ئىچىدە پىكىرلىشىش، ئاندىن دائىمىي ئەزالارغا بۆلۈم پىلانىنى، ئويلىغانلىرىنى خۇلاسىلەپ ئوتتۇرىغا قويۇش؛ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمىمۇ ئۆز بۆلۈمىدىكى ئەزالىرى بىلەن پىكىرلەشسە، ئۇلارنى يىغسا، ئۆز خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزى تاپسا بولىدۇ؛ تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ تەشۋىقاتقىلا تايىنىپ قالماي (ئەمەلىيەتتە ھەممىمىز بىلگەندەك نەتىجە بولسا ئاندىن تەشۋىقات بولىدۇ، ئەزالار بۇنداق پاسسىپ تۇرۇۋالسا تەشۋىقاتتىن سۆز ئىچىش مۇمكىنمۇ؟)، تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ۋە يېتىلىۋاتقان ياشلارنى تونۇشتۇرۇپ زىيارەت خاتىرىسى يېزىش، UKIJ ئەتراپىغا تەتقىقاتچىلارنى توپلاش ... قاتارلىق ئىشلارنى قىلسا بولىدۇ؛ خەۋەر ئاخباراتچىلىرىمىزمۇ، تەرجىمانلىرىمىزمۇ توختاپ قالماي بۇرۇنقىدەكلا يېڭى پەن تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، مۇنبەرنى ئاۋاتلاشتۇرۇپ تۇرسا بولىدۇ. (بۇ ئىشلار مۇنداق قارىغاندا شۇ بۆلۈملەرنىڭ ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسىدەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇ يەردە بۇ بۆلۈم ئۇ بۆلۈم دەپ يۈرمەي، ياخشى ئۇسۇل چارە بولسا تارتىپ قىلساق بولىدۇ، ئوتتۇرىغا قويساق، بىرلىشىپ قىلساق، ياردەم سوراپ چاقىرىپ بىرلىكتە بۆلۈشۈۋېلىپ قىلىشساق بولىدۇ.) لېكىن، ئەپسۇس، بۇنى قىلمىدۇق.
ئەمدى بۇنداق كېتىۋەرسەك بولمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن پىكىرلەشكەن ئىدۇق. ھەممەيلەننىڭ ئويى بىر يەردىن چىقتى، ئۇنداق بولغان ئىكەنمىز نېمىشقا ئىش باشلاپ كەتمەيمىز؟
UKIJنىڭ نۆۋەتتىكى قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىنى مەن تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويىمەن:

1. UKIJ يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى تۈرى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك.
بۇنى بارلىق دائىمىي ئەزالار ئويلىشىپ، ئاساسلىق مەسئۇلىيەتچى تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى ھېسابلىنىدۇ.
تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى ئۆز ئەزالىرى ئىچىدە پىكىرلىشىپ (ياخشى پىكىر بولسا باشقىلارمۇ پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ ئەلۋەتتە)، بىر قانچە يېڭى تۈر لايىھىسىنى مۇزاكىرلىشپ ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

2. UKIJئۈچۈن ئىقتىساد توپلاش.
ئىقتىساد بولسا ئاندىن باشقا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ، ئىقتىساد ھەممە نەرسىنىڭ جىنى.
UKIJ ئۈچۈنمۇ ئىقتىساد بولسا ئاندىن يۈكسىلەلەيدۇ، باشقا تۈرلەرنى يولغا قويالايدۇ، ھەرخىل مۇكاپاتلاش ئۆتكۈزۈش... قاتارلىق ئامال چارىلەرنى قوللىنىپ ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقىدىكى نادىرلارنى مۇكاپاتلاش، مۇكاپاتلاش ئۇسۇلىنى بېكىتىش قاتارلىق ئاماللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، تەتقىقاتچىلارغا ئىلھام بېرىش، ھەرتەرەپلىمە ھالدا ئاكتىپلىقىنى قوزغاش لازىم. (ئىقتىساد بولسا، تەتقىقاتچىلارنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم بولسا، خىزمىتى جايىدا بولسا ئاندىن UKIJغا كېلەلەيدۇ، UKIJنىڭ جىم بولۇپ قىلىشىنىڭ بىر سەۋەبىمۇ مېنىڭچە دەل تۇرمۇش بېسىمىنىڭ ئارتىپ كېتىشى).
ئىقتىساد توپلاشنىڭ ئاماللىرىنى يولغا قويۇشتا، ئېلان قويۇش، مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ھەمكارلىشىپ سېتىش قاتارلىق ئامىللارنى يولغا قويۇش لازىم.

3. ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى بارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان دېتاللار كاتالوگى ئىشلەش. ( بۇ خىزمەت ئىلىپ بېرىلىۋاتىدۇ).
كاتالوگدا يۇمشاق دېتال ئۇچۇرلىرىدىن باشقا چۈشەندۈرۈش قىسمىنى ياخشى ئىشلەش، ھەقسىز دېتاللارنىڭ بىر نۇسخىسىنى بىۋاسىتە UKIJبېتىدىن چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلىپ، ئۇيغۇرچە دېتاللار قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

4. ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتكە ئاساسەن، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەرجىمە دېتاللارنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ بېرىشىغا دىققەت قىلىش، تىلشۇناسلىق بۆلۈمى بىر قىسىم زۆرۈر بولغان سۆزلەرنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش. بۇنىڭدا، ئۇستازلاردىن مەسلىھەت ئىلىش، ئانا تىل تور بېكىتى بىلەن پىكىرلىشىش، تىل يېزىق كومىتېتىدىن مەسلىھەت ئىلىش قاتارلىق ئاماللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

5. كاتالوگ خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە دېتاللار توپلانما دىسكىسىنى ئىشلەپ پۈتكۈزۈپ، ئۇيغۇرچە دېتاللار ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش.

6. ھەر يىللىق خىزمەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، يىل ئاخىرىدا، خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەپ، يېڭى دېتال قۇرۇلمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلار، لايىھىلىگەنلەر؛ باشقا خىزمەت تۈرلىرىدە ئاكتىپ بولغان ۋە ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلار تاللاپ مۇكاپاتلاش ئىلىپ بېرىلىسا. پائالىيەتلەر ھەققىدە پىكىر ئىلىنسا، ئۇيۇشتۇرۇلسا بولىدۇ.

ئاخىردا UKIJ ئەزالار ئاتالغۇسى ھەققىدە ئازراق ئېنىقلىما بېرىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، UKIJ سىرتتىن قاراشقا مۇنچە دائىمىي ئەزادىن تەركىپ تاپقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە UKIJ ھەممەيلەنگە ئورتاق، سىز مۇنبەرگە تىزىملاپ كىرگەن ئىكەنسىز، تىيما ئىنكاسلارغا يازما يازغان ئىكەنسىز UKIJنىڭ ئەزاسى ھېسابلىنىسىز، بۇ UKIJنىزامنامىسىدىمۇ ئېنىق قىلىپ تىلغان ئىلىنغان UKIJنىزامنامىسىنىڭ 2-بۆلۈمى 1-تارمىقىدىكى ئەزالار ئاتالغۇسىغا قاراپ باقايلى: ئەزالار— UKIJ نىزامنامىسى ۋە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەزالىققا جەمئىيەت نىزامنامىسىنى تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇپ چىقىپ، نىزامنامە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان ھەر قانداق شەخس ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ كىرسە ياكى خالىغان ۋاقىتتا چېكىنىپ ئەزالىقتىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. تور بېكەتكە تىزىملىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئالاھىدە تەستىقلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەزالىق مەزگىلىدە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن UKIJ غا ھەسسە قوشۇپ كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەزالار دادىللىق بىلەن دائىمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دەپ ئېنىقلىما بېرىلگەن. دېمەك، UKIJ سىزنىڭ، مىنىڭ، ئۇنىڭ، ھەممىمىزنىڭ.

يادىمىزدا بولسۇنكى، UKIJ ھەممەيلەننىڭ، بۇ بىرلىك ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ، بىرلىك ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدۇ، يەنە شۇ بىرلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
بەزىدە تالىشىپ كېتىدىكەنمىز، خوش، بىز زادى نېمىنى تالىشىمىز؟ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟
بۇنىڭ جاۋابى "شەخسىيەت" بولىشى مۇمكىن.

ھەممەيلەنگە مەلۇم، UKIJ شەخسىيەتسىز، ئۈن-تىنسىز ھالدا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، ھەم شۇنداقلا شۇنداق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان (بۇ ئاساس). بۇ يەردە بىر بىرىمىزدىن ئاغرىنمايلى، تالاشمايلى، قېيداشمايلى، ئەگەر شۇنداق ئىشلار چېكىگە يەتسە، نېمە بولىدۇ؟ جاۋابى "چېچىلىش" بولىشى مۇمكىن. دېمەك، بۇ ئاقىۋەتتە "بەزىلەر" مۇرادىغا يېتىشى مۇمكىن. ئارىمىزدا تالاشقۇدەك ھېچ ئىش يوق، بار دېيىلسە، ئۇ مۇۋاپىق ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنى تاپالمىغانلىق بولىدۇ، خالاس. يادىمىزدا بولسۇنكى مۇۋاپىق ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
بىلىشىمىز كېرەككى، توغرا يولدىن ئازراق قىيىپ كەتكەنلەر، ياكى مەلۇم ئاچچىقتىن كىيىن چىقىرىلغان يەكۈنلەرنى ئاقىلانە يەنە بىر قېتىملىق تەپەككۇر ئارقىلىق، ئاخىرىدا بىز "ئادەم"لەر، بۇرۇنقى ھالىتىمىزدىن تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزنى كېچىكىپ بىلىمىز، ياكى بىلمەي ئۆتۈپ كىتىمىز.
UKIJ نىڭ ئىشىكى بىرلىك ئۈچۈن سوققان يۈرەكلەرگە ھەر ۋاقىت ئوچۇق!

بەزى قاراشلىرىم چولتا، خاتا كەتكەن جايلار بولىشى، بەزى تورداشلار بىلەن ئوبدان پىكىر ئالماشتۇرالمىغان بولىشىم مۇمكىن، تورداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرى بولسا سەمىمىي قوبۇل قىلىمەن. ئېلخەت ئادرېسىم: [email]Perhat786@gmail.com[/email] (ياكى ehospital@163. com)



Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » دۈيشەنبە نويابىر 12, 2007 11:53 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
شۇنداق، ئادەملەر ئەسلىدىنلا ئىقتىدار جەھەتتە ئوخشاش تۇغۇلىدىكەن. ئەمما كىيىنلىك ياشاش جەريانىدا ئۆزلىكىدىن تىرىشىش ئارقىلىق قابىلىيەت يىتىشتۈرىدىكەن.
پەرھات ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقلىرىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىنىڭ سالامەت بۇلىشىنى تىلەيمەن.
UKIJ نامىدىن مۇشۇنداق سۆھبەتلەرنى دائىم ئۆتكۈزۈپ تۇرساق تۇلىمۇ ئىسىل بۇلاتتى.

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » دۈيشەنبە نويابىر 12, 2007 3:55 pm

سالامەت بۇلۇڭ پەرھات ئەپەندىم ، سىز بىلەن پاراڭلاشقاندەك بولدۇم ، ھەم شۇنداق خۇرسەن بولدۇم ، ھارمىغايسىز .:handshake

monuil-1
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە نويابىر 13, 2007 5:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان monuil-1 » سەيشەنبە نويابىر 13, 2007 6:08 am

مەن پەرھات ئەپەندىم بىلەن بىر قانچە قىتىم ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقى،ھازىرقى ئىلىم پەن.ئۈزلۈكسىز ئۈگۈنۈش ۋە تەرەققىيات توغۇرلۇق ھەمسۆھبەتتە بولغان ئىدىم.....!
پەرھات ئەپەندىمنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر قەيسەرلىكنى،بىلىمگە نىسپەتەن ،ئۈزلۈكسىز ئۈگۈنۈشكە نىسپەتەن بىر خىل كۈچلۈك ئىنتىلىشنى كۆرگىلى بولىدىكەن.....!مىنىڭچە پەرھات ئەپەندىمدىكى بۇ خىل روھ ھازىرقى ۋاختىنى كۈنسىرى بىكار ئۆتكۈزىۋاتقان ياشلارغا نىسپەتەن روشەن سىلىشتۇرما بولالايدۇ...!
بۇ تېمىنى ئوقۇغاندىن كىيىن دىلىم تېخىمۇ يورىدى....!
بولسا بۇ خىل سۆھبەتلەر داۋاملىق ئۇيۇشتۇرلۇپ تۇرسا!
ئاخىرىدا پەرھات ئەپەندىمنىڭ ۋە ئائىلىسىدىكەرنىڭ تىنىگە چەكسىز بەخىت ۋە سالامەتلىك تىلەيمەن

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە نويابىر 14, 2007 12:40 pm

پەرھات ئەپەندىنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ سىرداشقاندەك بولدۇم. داۋاملىق تىرىشىڭ!!! قىلغان ئىشلىرىڭىزغا بارىكاللا!

ئۇيغۇر تىل يېزىقىمىزنى بىرلىككە كەلتۇرۇش شۇئارىنى 2003 - يىلدىن باشلاپ توۋلاپ ھېرىپ قېلىۋاتىمىز... چايخانىلارغا كىرسىڭىز (ئەلۋەتتە مېنىڭ ئۇنداق خۇمارىم يوق، خېرىدارلىرىمنىڭ شۇنداق خۇمارى بولسا چايخانىلارنى تېپىپ بېرىمەن.) يەنىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە يېزىۋاتقان. يۇنىكودېمۇ تور بەتلىرى ۋە نەشىريات ۋە يۇمشاق دېتاللاردا ئومۇملاشمىدى تېخنىكىسىمۇ پىشىپ يېتىلمىدى....32 ھەرىپنىمۇ بۇنچە ئۇزۇن تەشۋىق قىلغان بارمۇ؟ «پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ»، «گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن» دىگەندەك چچ دىمۇ تېخى بىرلىكلىك يوق. ئاقىۋەت، كۆپلەپ يۇمشاق دېتاللارنى مەيدانغا كەلتۇرەلىسەك ئومۇملىشىشىدىن ئۇمۇت كۇتكىلى بولاتتى. مىللەت ئۇچۇن تاغنى يوتكەپ بەرمىسەكمۇ مىللىي خاسلىقىمىزچۈن تىل، مەدەنىيەت، يېزىق بىرلىكلىكىنى ساقلاپ بەرسەكمۇ ئاجايىپ توھپە سانىلاتتى!!!
مەن ئىشىنىمەنكى ماڭغىنىمىز ئىلمىي يول، توغرا يول! گەپ ۋاقت كۆپرەك كېتىدىغان ئوخشايدۇ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2007-11-14 18:42 [/i]]


ئالدىنقى قېتىم كۆتۈرۈلگەن ۋاقتى Admin - ئاينىڭ ۈنى.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار