ئويۇنلارنى تەرجىمە قىلىش تۇغرسىدا

UKIJ غا قارىتا پىكىر تەكلىپلىرىڭىزنى يازسىڭىز بولىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
emran
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2008 4:11 am
ئالاقىلىشىش:

ئويۇنلارنى تەرجىمە قىلىش تۇغرسىدا

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان emran » دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2008 4:59 am

ياخشىمۇسىلەر..
ئۇيغۇر كومپيۇتىر ساھەسىدە ئۆزلىكسىز تۆھپە قۇشۇپ كىلۋاتقان پىشقەدەملىرىمىزگە ئاپىرىن،بۇ ھەرگىزمۇ مۇبالىغە ئەمەس، ئۇيغۇر تور بەتچىلىكدە UKIJ نى قۇللىنىپ نۇرغۇن تور بەتلەر كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال تور زىيارەت قىلىشغا دونيانى چۈشىنىشگە ئاسانچىلىق يارتىپ بەردى.بىز بۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.[مەن باشقا funt نى ئانچە چۈشەنمەيمەن،ھازىرغىچە UKIJ نى ئىشلىتىپ كىلۋاتىمەن،شۇڭا ئالاھىدە ئىيتىپ ئۆتتۈم]
مەن باشقا سەھپىگە تىما يازماقچى ئىدىم، قارسام ھۇقۇقۇم يۇقكەن ،ئنكاس يىزىش ھۇقۇقۇممۇ يۇقكەن شۇڭا بۇ يازغىلى بۇلدىغان مۇنازىرگە يازدىم.
ئۆز گىپىمگە كەلسەم ،تور بىكىتىمىز ئويۇن تۇغرسدا قۇرۇلغان بىكەت،بىزنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىمىز ئۇيغۇر تورداشلارنى ئىشەنچلىك ئويۇن چۈشۈرۈش ئاددىرسى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئويۇن جەھەتتە قىينالغان مەسىللەرنى بىرلىكتە ھەل قىلىش قۇشۇمچە قىلىپئويۇن ياماقلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئىدى،بۇنى قۇشۇمچە قىلىشتىكى سەۋەپ ھازىرچە بۇ جەھەتتە ئىقتىدار كەمچىل،شۇڭا ئىقتىدارلىق ياشلارنى سەپەرۋەر قىلۋاتىمىز،cs1.5 نىڭ يامىقىنى تەرجىمە قىلغان توردىشمىزمۇ بىزنىڭ ئويۇن مۇنبىردە .
ئىقتىدارلىق تورداشلار بىر قىسىم مۇناسۋەتلىك ماتىرياللارنى توپلاپ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنۋاتىمىز، بۇ تورداشلارنىڭ نەزىردە بىر ئەخماقلىقتۇ ياكى بۇنداق قىلشنىڭ زۇرۇريتى يۇقتۇ بەلكىم،سىلەر ئويۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشغا قانداق قارايسىلەر بۇنى بىلمىدىم،مەن ئۇيلايمەن،ئويۇن ئويناش كۆڭۈل ئىچىشنىڭ بىر تۈرى،ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۇيغۇر قىرنداشلارغا نىپەتەن بەلگىلىك پايدىسى بۇلىدۇ دىگەن تەقدىردىمۇ،تۈرۈتكىلىك رول ئويناپ كىتەلمەيدىغان،مۇشۇنداق تار دائىرلىك كەڭ مەزمۇنلۇق تىمىنى تۇتۋالغىنىمىز ،بىزنى بىر قەدەر گاڭگىرتىپ قۇيدى،ئۇيلىغىمىز تورداشلارغا ئاز بولسىمۇ تىل جەھەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىدۇق.
ئەمدىكى تەكلىپىمىز تورداشلار بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ،بۇنداق قىلشنىڭ زۆرۆريتى بارمۇ يۇق؟
ئەگەر قۇلشىڭلارغا ئىرشەلىسەك ياردەمڭلارنى ئايمىسلىقڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.بىز بۇ جەھەتتە يىڭى ئىزدەنگۈچى شۇڭا پىشقەدەم ئۇستازلىرىمىزدىن كۆپلەپ ئۆگۈنۈشكە توغرا كىلىدۇ،ئۇستازلارنىڭكومپيۇتىر ھۆججەتلەرنى تەرجىمە قىلشقا قۇلايلىق،دىتاللار بولسا تەۋىسيە قىلىپ قۇيشنى ياكى تەمىنلەپ بىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەكىلىپ بەرگۈچى:ئىمىران ئويۇن توردىن.
[url=http://emran.com.cn]http://emran.com.cn[/url]



Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە فېۋرال 05, 2008 2:42 am

دىتال (ئويۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ـــ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتاللار تەتقىقاتىنىڭ بىر تۈرى.
سىلەرنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىڭلار قوللاشقا تىگىشلىك ئىش.
ئەسلى CSنىڭ ئۇيغۇرچە يامىقىنى سىلەر تەييارلاپتىكەنسىلەر-دە؟ بىلىك مۇنبىرىدە alp ئىسملىكمۇ ياكى Alpanwarئىسىملىكمۇ بىر تورداش يوللىغاندەك قىلدىمۇ-ئەيتاۋۇر، مەن شۇ چاغدا چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان يامىقىنى ياماپ، كۆرۈپ باققان ئىدىم. بىلىك مۇنبىرى تارقاتقان ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان XPدا ياخشى ئىشلىگەن. (Vistaدا يامىسام بولمىدى، تونىغىلى بولمايدىغان خەنزۇچە مۇرەككەپ خەتلەر چىقىۋالغان.)

UKIJ ئىلىپ بىرىۋاتقان كاتالوگ بىتىدىمۇ "ئويۇنلار" دەپ بىر تۈر بار. (ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئويۇنلارنىڭ ئۇيغۇچە يامىقى، ئۇيغۇرچە تۈزۈلگەن ئويۇنلار مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ.)
مەن شەخسەن قارشى ئالىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن.:handshake

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » سەيشەنبە فېۋرال 05, 2008 2:49 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]emran[/i] ، ۋاقتى: 2008-2-4 10:59 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1248&ptid=268][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن باشقا سەھپىگە تىما يازماقچى ئىدىم، قارسام ھۇقۇقۇم يۇقكەن ،ئنكاس يىزىش ھۇقۇقۇممۇ يۇقكەن شۇڭا بۇ يازغىلى بۇلدىغان مۇنازىرگە يازدىم.[/quote]

سىز بۇ مۇنبەرگە تىزىملاتقاندا توشقۇزغان ئىلخەت ئادرىسىڭىزنى ئاچسىڭىز، UKIJ مۇنبىرىمىز ئەۋەتكەن بىر دەلىلەش ئۇلانما ئادرىسى بار، شۇ ئۇلانمىنى بىر چىكىپ ھىساۋاتىڭىزنى ئاكتىپلاشتۇرغاندىن كىيىن، باشقا سەھىپىلەرگە ۋە باشقا تىيمىلارغا ئىنكاس يازالايسىز.

ئەگەر كەلگەن دەلىلەش ئىلخىتىنى ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز، مۇنبەرگە شۇ نامىڭىزدا كىرگەندىن كىيىن، كونترول تاختىسى دىگەن ئۇلانمىنى چەكسىڭىز، ئارخىپىڭىز بىتىنىڭ سول تەرەپتىكى رەسىمىڭىز ئاستىدا [color=Navy]E-mail دەلىللەش كودىنى قايتا ئەۋەتىش[/color] دەپ بىر بۇيرۇق بار، شۇنى بىر باسسىڭىز دەلىللەش كودى قايتا ئەۋەتىلىدۇ.
سىناپ بىقىڭ.

emran
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2008 4:11 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان emran » سەيشەنبە فېۋرال 05, 2008 3:12 am

رەخمەت سىزگە،،
مەن ئىنكاس يازالماي تۇرغان ئىدىم،بولمىسا بىلمەيدىكەنمەن.
alp ئەپەندى ياسىغان CS نىڭ يامىقى ھىچقانداق تور بەتكە ۋەكللىك قىلمايدىكەن،ئۇنۇ بىزنىڭ مۇنبرگە كىلىشتىن بۇرۇن ياسىغان،ھازىر بىز مۇشۇنداق كومپيۇتىر جەھەتتە ئىقتىدارلىق ئويۇنلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئىزدىنىشنى ئويلايدىغان تورداشلارنى چاقرىق قىلۋاتىمىز....
بىز بولوپمۇ غۇللۇق بىكەتلەرنىڭ قۇللىشغا ئىنتايىن مۇھتاج،شۇڭا تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش جەھەتتىكى تەرجربىلەرنى بىرلىكتە يەكۈنلىسەك دىگەن ئۈمىدتە...
يەنە بىكىتىڭلارنى ھەمكارلاشقۇچى بىكەت قاتارىدا ئۇلىنىش قىلىپ قۇياي،سىلەرمۇ بىزنىڭ بىكەت ئۇلىنىشمىزنى ئۇلىنىش قىلىپ قۇيساڭلار..
[url]http://emran.com.cn/[/url]

تۇغىمىز: [img]http://emran.com.cn/logo.gif[/img]

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە فېۋرال 07, 2008 5:23 pm

مەن قوللايمەن. تور بىكىتىڭىزلارنى بىر ئاز رەتلىسىڭىزلار.

emran
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە فېۋرال 04, 2008 4:11 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان emran » پەيشەنبە فېۋرال 07, 2008 5:33 pm

ھازىر بىكىتىمىزدە ئادەم كەمچىل ،شۇڭا بىر ئاز قالايمىقاچلىق بار پات ئارىدا بىكەتنى قىلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە ئىسلاھات ئىلىپ بارىمىز،تەكىلىپ بەرگىنىڭىزگە رەخمەت.

kulke0997
يازمىلار: 111
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 29, 2007 10:40 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان kulke0997 » پەيشەنبە فېۋرال 21, 2008 11:33 am

مەنمۇ قوللايمەن تېخىمۇ ياخشى ئويۇنلار تەرجىمە قىلىپ چىقشىڭلارغا تىلەكداشمەن .

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار