ukij مۇنبىرى نەشىرىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى

مۇنبەرنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرى مۇزاكىرە قىلنىدۇ
oghuz
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 05, 2007 7:31 am
ئالاقىلىشىش:

ukij مۇنبىرى نەشىرىنى كۆتۈرۈش تەكلىپى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuz » چارشەنبە ماي 07, 2008 7:37 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!
ھازىر ukij مۇنبىرى ئىشلىتىۋاتقان مۇنبەر سېستىمىسى Discuz 5.5 نەشىرى ، ھەممىمىزگە مەلۇم ھازىر Discuz ئەڭ يېڭى نەشىرى 6.1 ، ئۇيغۇر توربەتلىرى كۆپىنچىسى ئىشلىتىۋاتقىنى 6.0 نەشىرى بولىۋاتىدۇ ، ئۇيغۇر كومپىيوتىر تېخنىكىسى تورى (UyghurWeb) بولسا Discuz نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتقان ئاساسلىق توربەت ، ئۇلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان مۇنبەر سېستىمىسى بىرقەدەر ئۆلچەملىك ، Discuz ئەسلى ئىقتىدارلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يەنە بەزى يېڭىلىقلار قوشۇلغان ، مەن شەخىس نامىدا UyghurWeb باشقۇرغۇچىلىرى بىلەن Ukij مۇنبىرىنى يۇقرى نەشىرگە كۆتۈرۈش توغرىسىدا سۆزلەشتىم ، باشقۇرغۇچىلار ئۇيغۇر كومپىيوتىر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتىر ساھەسىدىكى مۇھىم ئورنىنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرقى مۇنبەر سېستىمىسىنى Discuz 6.0 نەشىرىگە ھەقسىز كۆتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە كېيىنكى 6.1 نەشىرى سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىمۇ كۆتۈرۈپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سۆيىنىپ كەتتى(ئەسلى بۇ سېستىما ھەقلىق تارقىتىلغان) ، بۇ ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ Ukij نى ھەقىقى قوللىغانلىقى ئەمەسمۇ!
سېستىما نەشىرىنى يۇقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇلازىمىتىر تەپسىلىي ئۇچۇرىنى بىلىش كېرەك ، شۇڭا بۇ تېمىنى يوللاپ مۇنبەر ئەھلىنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقساق ، ئاندىن Uyghurweb باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرەيلەن ۋە Ukij مۇلازىمىتىر باشقۇرغۇچىسى بىرلىكتە مۇنبەر نەشىرىنى كۆتۈرۈش ئىشىنى باشلىۋەتسەك!
مۇنبەر ئەھلىنىڭ بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشۇشىنى سورايمەن!

كامالى ئېھتىرام بىلەن ئوغۇز



Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » چارشەنبە ماي 07, 2008 8:17 am

بۇ ناھايتى ياخشى بوپتۇ .
مەن ئالدىنقى قېتىم ياسىن ئۇيغۇر ئەپەندىم بىلەن مۇشۇ ئىش ھەققىدە پاراڭلاشقان ، يېقىنقى ukij تورىنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ كىتىش سەۋەبلىك يەنە بىرسى نۆۋەتتىكى مۇنبەر سېستىمىسىنىڭ ستاتىستىكا قىسمىدىكى ئازراق تۇراقسىزلىق تۈپەيلى بىزمۇ ماس ھالدا discuz6.0 گە ئالماشتۇرماقچى بولغان . ئارقىدىنلا يەنە discuz6.1 ئېلان قىلىنغاچقا بىراقلا ئالماشتۇرىمىزمۇ ياكى دەپ تۇرۇپ قالدۇق .
نەۋرۇز ئەپەندىملەر بىلەن سۆزلىشىپ باقايلى ، نەشىرىنى كۆتىرەش توغرا كەلسە ئامال بار تېزرەك يېڭىلىۋىتەيلى .

Uyul
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 02, 2008 4:17 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyul » چارشەنبە ماي 07, 2008 1:34 pm

مەنمۇ قوللايمەن:handshake
بولسا بۇ خىزمەتكە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىشنى خالايمەن،ئىلگىرىDiscuz 6.0.0 نەشىرىنى تەرجىمە قىلغانتىم، ئازراق بولسىمۇ ياردىمىم تىگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە ماي 07, 2008 5:38 pm

نەشىرىنى كۆتىرىشكە تامامەن قوشۇلىمەن. مەندە پارول يوق. ئىلگىركىسىنىڭ بار ئىدى. ئويغان ئەپەندى بىلەن ئالاقىلىشىپ باقايلى. بېكەت باشقۇرغۇچىسىغا تەكلىپ قىلىپ پارول بىلەن تەمەنلىسەكمۇ بولىدۇ. ئويغان بۇ يازمىنى كۆرسە جاۋاب قايتۇرار. بولمىسا بىر سالامخەت يوللارمىز.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » پەيشەنبە ماي 08, 2008 8:47 am

ئوغۇز ئەپەندىمنىڭ گەپلىرىغۇ ناھايىتى يوللۇق بوپتۇ . ئەمما مۇشۇنداق تېمىلارنى يوللىغاندا گەپ سۆزگە دىققەت قىلسىڭىز ئىنتايىن توغرا بولاتتى . .. . .

سىزنىڭ <ئۇيغۇر كومپىيوتىر تېخنىكىسى تورى (UyghurWeb) بولسا Discuz نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتقان ئاساسلىق توربەت ، ئۇلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان مۇنبەر سېستىمىسى بىرقەدەر ئۆلچەملىك > دىيىشىڭىزگە نىمە سەۋەبچى بولدىكىن ؟ ئاساسلىق ۋە ئۆلچەملىك دىگەن گەپلەرنى نىمىگە سېلىشتۇرۇپ ئېيتتىڭىزكىن ؟ . . ..

نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىنىلا ياخشى دەپ تۇرىۋالىمىز قېرىنداشلار ؟ ئۆزىڭىزنىڭكىنى ماختىسىڭىزغۇ مەيلى ، نىمىشقا باشقىلارنىڭكىنى سۆكىدىغان گەپ . مۇشۇنداق يامان خاراكتىرلىك ئۆسمىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلغىنىمىز ياخشى . . ..

Discuz سىستېمىسىنى ئېچىۋاتقۇچىلار توپىنىڭ كۆپ بولىشى ، ئىختىساسلىق ياشلارنىڭ قوللىشى ئۇنى ناھايىتى تىز تەرققىي قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان . مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنىڭ ئارىسىدا بىلىك كۇلۇبى تۇنجى بولۇپ Discuz نى ئىشلەتكەن ، شۇنداقلا تارقاتقان . ھازىرغىچە ھەم ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ . Discuz نىڭ ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىگە سىڭىپ كىرىشىنى ھەرگىزمۇ بىلىك كۇلۇبىنىڭ Discuz نى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ .

بۆگۈنگە كەلگەندە Discuz ئىشلىتىۋاتقانلار كۆپەيدى . قىزىققۇچىلارمۇ كۆپەيدى . شۇ قاتاردا پۇرسەتپەرەسلەرمۇ ، باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغانلارمۇ كۆپەيدى . ھەتتا تەپتارتماستىن باشقىلارنى سۆكىدىغانلارمۇ كۆپەيدى . خاتالاشمىسام باشقىلار يوق يەردە ئۇنىڭ يامان ەىپىنى قىلىش غەيۋەتكە كىرىدىغۇ دەيمەن. . .

شۇڭا مۇشۇ توربىكەت قۇرۇۋاتقان ۋە قۇرماقچى بۇلىۋاتقان يولباشچىلار مۇشۇ ھەقتە دىققەت قىلسا ، ئۆزىڭىزدە بار نەرسىلەرنى ماختىغاندا ، پەقەت ماختاشنى ئاساس قىلسىڭىز ، باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرۇپ ، باشقىلارنىڭكىنى چۈشۈرۈپ ، ئۆزىڭىزنىڭكىنى ئاسمانغا كۆتۈرمىسىڭىز دەپ ئويلايمەن .

ناۋادا گەپلىرىم ئارتۇق كەتكەن بولسا كەچۈرگەيسىلەر .

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » پەيشەنبە ماي 08, 2008 12:48 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرايلى.
باللار 6.1 نۇسقىسىنى تەييارلاپ بۇلۇپتىكەن. UKIJ غا ھەقسىز بىر نۇسقا تەقدىم قىلماقچى ئىكەن. 10-چىسلا تارقاتماقچى ئىكەن. ئاۋال شۇلار تارقاتسۇن، ئاندىن تۇتۇش قىلايلى.
ئۇلار تارقاتقاندىن كىيىن سىستىمىنى ئىشەنچىلىك بىر نەچچەيلەن كومپىيۇتىرىمىزدا UKIJ ئۈچۈن مۇۋاپىق تەھرىرلەپ ۋە گۈزەللەشتۈرۈپ ، ئەڭ مۇھىمى كومپىيۇتىرمىزدا نەشىرىنى يۇقىرى كۈتۈپ سىناپ بېقىپ ئاندىن رەسمىي ئۆزگەرتمىسەك بولماس.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » پەيشەنبە ماي 08, 2008 5:49 pm

يېڭى نەشرىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەققىدىمۇ ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ قويۇڭلار.
يەنە بىرگەپ؛ UyghurWeb تورى UKIJ غا ئەزامۇ يوق؟ UyghurWeb كۆڭۈل سوۋغىسىنى UKIJ نىڭ كونا ئەزالىرىدىن بىرسىگە بەرسە كونا ئەزالاردىن بۇنى بىلىدىغانلار سىناق قىلىپ تەڭشىسە دەيمەن.

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە ماي 08, 2008 8:30 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئوغۇز ئەپەندىنىڭ UKIJ گە ئەزا بولغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن ھەمدە UyghurWeb دىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن پىكىرلىشىپ مۇنبەرنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئىزدەنگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

UKIJ تور بېكىتى يېڭى مۇلازىمىتېرغا كۆچۈپ تامامەن مۇقىملاشتى. ئەگەر كۆپچىلىك 6.1 نۇسخىسىنىڭ ئارتۇقچىلىق بار دەپ قارىسا ھەم سىناقتىن ئۆتكەن بولسا مەن يېڭىلاشقا قوشۇلىمەن.

ئوغۇز ئەپەندى، يېڭى نۇسخىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە تېخنىكىلىق تەپسىلاتلارنى مۇھەممەد ئەپەندى ([email]muhammad@yulghun.com[/email]) ۋە مېنىڭ ئادرېسىم ([email]Oyghan@gmail.com[/email]) غا تەڭ يوللاپ بېرىڭ، رەھمەت.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » جۈمە ماي 09, 2008 12:37 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eltekin[/i] ، ۋاقتى: 2008-5-8 06:48 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1506&ptid=323][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،
بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرايلى.
باللار 6.1 نۇسقىسىنى تەييارلاپ بۇلۇپتىكەن. UKIJ غا ھەقسىز بىر ن ... [/quote]

ئالدى بىلەن oghuz رەھمەت !\

مەنمۇ Eltekin نىڭ بۇ پىكىرىنى قوللايمەن ! 6.1 چىققاندا ھەممەيلەن ئاكتىپ كۈچ چىقىرىپ ئىچكى قىسىمدا سىنايلى ! تولۇق سىناپ بولغاندىن كىيىن
ئالماشتۇرايلى . ئىمكان بار باشقا توربىكەتلەربىلەن سىلىشتۇرغاندا ئازراق بولسىمۇ پەرىق ھاسىل قىلايلى ! سىناش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىمەن !

oghuz
يازمىلار: 7
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 05, 2007 7:31 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان oghuz » پەيشەنبە ماي 15, 2008 10:10 am

سىناق ئادرىسى : [url]http://www.uyphp.com/dz61[/url]
باشقۇرغۇچى:
پارولى :

ئەسلى كۇدى ئويغان ئەپەندى قالدۇرغان ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاندى!
مۇنبەر ئەھلى سىناپ كۆرۈپ باققان بولسا!
تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغان ياسىن ئۇيغۇر ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈر!


[color=DarkOrange]سىناش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىشلەتكۈچى نامى ۋە پاروللار، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا ئۇچۇر شەكلىدە ئىۋەتىلدى.[/color]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Perhat_k ، ۋاقتى: 2008-5-15 18:04 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار