ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تۇنجى ASP.NET مۇنبەر سىستېمىسى

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Akil
يازمىلار: 3
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ماي 22, 2007 4:54 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تۇنجى ASP.NET مۇنبەر سىستېمىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Akil » سەيشەنبە ماي 22, 2007 5:08 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى كۆپەيگەنسىرى مۇنبەر سىستېمىسى ئىشلىتىش ئومۇملاشتى. بولۇپمۇ بىلگە ئەپەندىم BBSXP نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندىن كېيىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر BBSXP نىڭ ھەر خىل نەشىرلىرىنى ئىشلەتتى. BBSXP مۇنبەر سىستېمىسى ASP دا تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەپچىل، قۇلايلىق. بىراق BBSXP نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك Access ساندان ئىشلەتكەن بولغاچقا، ساندان ئاسان چوڭلاپ كېتىش، مۇلازىمىتىرغا بولغان بېسىم ئېغىرلاپ، سۈرئەت ئاستىلاپ كېتىش، بۇنىڭ بىلەن «يېڭى مۇنبەر»، «كونا مۇنبەر» دەپ ئايرىش كېلىپ چىقتى. چوڭراق مۇنبەرلەر ھەتتا بىر نەچچە مۇنبەرلەرگە بۆلۈندى. بىلىك كۇلۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى PHP دا تۈزۈلگەن Discuz, PHPWIND قاتارلىق مۇنبەر سىستېمىسىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا يەنىلا ASP ئىشلىتىش بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولغاچقا، PHP دا تۈزۈلگەن مۇنبەر سىستېمىلىرىنى ئىشلەتكەن بېكەتلەر يەنىلا ئاز بولدى.
يوقۇرىقى مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، يېقىندا مەن ASP.NET2.0 تېخنىكىسى بىلەن ياسالغان، MSSQL ساندان ئىشلەتكەن مۇنبەرنى ئۇيغۇرچلاشتۇرۇپ چىقتىم. مۇنبەر يۇنىكود ئۆلچىمى بويىچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان بولۇپ، UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلدى. ئەزالارنىڭ باش شەكلىگە ئۇيغۇرچە كارتۇن باش شەكىللىرى ئىشلىتىلدى. بۇ مۇنبەرنىڭ ئالاھىدىلىكى: سىغىمى كىچىك، سۈرئىتى تېز، بىخەتەرلىكى ياخشى، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر بىر ئەزانىڭ ھوقۇق چېكىنى ئايرىم بەلگىلىگىلى، ھەر بىر سەھىپە ۋە تېمىنى كۆرەلەيدىغانلارنىڭ دەرىجىسىنى بېكىتكىلى بولىدۇ. ئارقا سۇپا باشقۇرۇش ئىقتىدارى نىسبەتەن مۇكەممەل بولۇپ، بۇ مۇنبەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان تۇنجى ASP.NET مۇنبىرى بولۇپ قالغۇسى. دوستلارنىڭ كۆرۈپ سىناپ بېقىشىنى، پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.
كۆرۈش ئادىرىسى: [url]http://www.akillar.com/bbs/Index.aspx[/url]

ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئاقىللار تورى



qeshqer
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 27, 2007 4:25 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان qeshqer » دۈيشەنبە ماي 28, 2007 7:51 pm

مىنىڭ بىر دوستۇم خېلى بۇرۇنلا DXBBS بىلەن ھەپىلشىپ، ACCESSلىك نەشىرى ھەم SQLلىك نەشىرلىرنى تەرجىمە قىلىپ بولغان .......:) :) :) :) :) :) :)

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار