UKIJ قانۇنسىزمۇ؟

بۇ سەھىپىگە ھەرقايسى تور بەتلەرگە يوللانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تەرققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇندىكى ھەر خىل مۇھاكىمە تېمىلىرى قويۇلىدۇ ۋە مۇنازىرە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

UKIJ قانۇنسىزمۇ؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » پەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2008 8:08 pm

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك،

مەزكۇر تېما بىلىكتىكى
[url]http://www.bilik.cn/bbs/viewthread.php?tid=19373[/url]
نى ئوقۇغاندىن كېيىن يېزىلدى. تۆۋەندە 8-قەۋەتتىكى ئىنكاستىن ئېلىنغان بىر بۆلەك.

[quote][4] بىزدە بۇرۇن قۇرۇلغان UKIJ نى ياكى جانلاندۇرساق (جانلاندۇرايلى دېسەك، نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز «ئۇ قانۇنلۇق تىزىملىتىلمىسا ئۇنىڭغا ئەزا بولالمايمىز» دەيدىغان پىكىرنى قىلدى)، ياكى شۇنىڭدەك تەشكىللىنىپ، شۇنداق تەشكىلى ئاساستا ئاندىن توردىكى كومپيۇتېر گېزىت-ژۇرنىلىنى چىقارساق ياخشى بولاتتى. بولمىسا ھازىرقىدەكلا باشلاپ كەتسەك، بۇ ئىشمۇ يەنە 4 كۈندە سۇغا چىلىشىشى مۇمكىن.

بۇ ئۇيۇشما ئەسلىدە ئۇيغۇرلار تور ساھەسىدە بىرقەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئۇيۇشما ئىدى، ئەمما بىرنەچچە يىل ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى داڭلىق ئەربابلار قاتناشقان بىرنەچچە قېتىملىق يىغىن ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرىدە، بۇ ئۇيۇشمىنىڭ قانۇنىي كۈچى يوق ئىكەنلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ھەرگىزمۇ يالغۇز بىر مىللەتنىڭ ئىشلىرىنى ئاساس قىلغان «ئىلمىي جەمئىيەت» نى قانۇنلۇق تەستىقلىمايدىغانلىقى، ئەڭ ياخشىسى تورداشلارنىڭ بۇ خىل «قانۇنسىز تەشكىلات» تىن يىراق تۇرۇش كېرەكلىكى قەيت قىلىنغان (كىملەرنىڭ شۇنداق دېگىنى ياكى قاچان، قايسى ۋاقىتتا شۇنداق دېگەنلىكى توغرىسىدا كۆپ توختالمايلى)، گەرچە بۇ ئىش ئۇنچە ئەنسىرەپ كەتكۈدەك ئىشلار بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ گەپ-سۆزلەرنىڭ تەسىرى خېلىلا چوڭ بولدى، ھەر ھالدا تورداشلار بۇ «جەمئىيەت»نىڭ قانۇنلۇق بولالمايدىغانلىقى توغرىسىدا كۆڭلىدە سان توختاتتى، يەنە نۇرغۇن تورداشلار بۇ «جەمئىيەت» كە ئەزا بولۇشتىن ئېھتىيات قىلدى، راستىنى دېسەم شەخسەن مەنمۇ شۇندىن بېرى UKIJ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىپ باقمىدىم.[/quote]

مەن بۇنداق بولار دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، بىر كىشى قانۇنسىز دەپلا قويسا باشقىلارنىڭ يېقىن كەلمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئويلىماپتىمەن. ئەجەبا كىشىلەر ئۆزلىرى مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالماس بولۇپ كەتتىمۇ؟ توۋا.....


غەيرەت كەنجى

Oyghan
يازمىلار: 139
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 02, 2007 6:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Oyghan » پەيشەنبە سېنتەبىر 04, 2008 10:09 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

يۇقىرىدىكى يازمىدا «كىملەرنىڭ شۇنداق دېگىنى ياكى قاچان، قايسى ۋاقىتتا شۇنداق دېگەنلىكى توغرىسىدا كۆپ توختالمايلى» دەپ يېزىلىپتۇ. مېنىڭچە بۇ ئۇلارنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. شەخسەن مېنىڭ ئەشۇ داڭلىق ئەربابلارنىڭ كىملىكىنى بەكمۇ بىلگۈم، ئۇلار بىلەن UKIJ نىڭ قانۇنسىز ياكى قانۇنلۇق ئىكەنلىكى، ئۇلار قىلىۋاتقان ۋە قىلغان ئىشلىرىنىڭ قانۇنسىز ياكى قانۇنلۇق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاشكارە سۆھبەتلەشكۈم بار. ئەگەر بىلىشكە ئىمكان بولمىسا ياكى ئۇلار سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلسا يۇقىرىكى گەپلەرنى «مىش-مىش گەپ» دەپ چۈشىنىمەن. UKIJ نىڭ قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىزلىقى توغرىلىق بۇرۇن كۆپ توختالغان، قايتا تەكرارلىمايمەن.

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 2:26 am

[size=4]شۇنداق، ئۆزىمىز مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇقمۇ؟
ئۆزىنى تاشلىۋەتكەننى باشقىلارمۇ تاشلىۋىتىدۇ.
ئۆزىدىن گۇمانلانغاننى باشقىلارمۇ گۇمانلىنىدۇ.

«ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۈركىگەن ئادەم، باشقىلارنىڭ سايىسىدا جان بىرىدۇ!»
(شىنجاڭ مەدەنىيتى، [size=1]2008-يىللىق1-؟ 2-؟ 3-سان؟،[/size] 47-بەت ئەڭ ئاستى.)[/size]

[size=3]لىكىن بىر نوقتا ئايدىڭكى، ئەگەر UKIJ گە ھەرقايسىمىز مۇشۇنداقلا قاراپ تۇرساق، مۇشۇنداق يەكلەپ، ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىز خۇدۇكسىرەپ تۇرساق، ئۇنى چۈشۈرسەك، ئىتتىپاقلاشمىساق، بىر نەچچە ئادەمنىڭ كۈچىگىنى [size=6]بىكار[/size]، تاقىساق تاقارمىز، شۇنىڭدا باشمۇ ئارام تىپىپ قالار [/size][size=1]؟[/size]

.mehman
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە فېۋرال 14, 2008 6:01 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان .mehman » جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 3:54 pm

تېمىغا مۇناسۋەتسىز بۇلسىمۇ بۇ تېما ئارىسدا ئىنكاس يېزىپ قۇيسام ،بۇ مۇنبرگە مەن بىلىكە ئەزا بۇلماستىلا ،ئەزالىقا تىزىملىتىپ كىرىپ بۇلغان لىكىن ھەر قېتىم كىرگىنىمدە خەتىلىرى چاپاق چىقىۋالدۇ ھازېرمۇ شۇنداق ،باشقىلارنىكىدە نۇرمالمىكىن بىلمىدىم ،شۇڭا ھازىرغىچە بۇ مۇنبەرگە كىرەىنىم بىلەن تۈزۈكىرەك ئىنكاسمۇ يېزىپ باقىمىدىم ،ھەر قېتىم كىرسەم قايىتا ئىنتىل سەيناشىغا كىرىپ فۇنىتى قاچىلمىسام خەتلەرنى نۇرمال كۈرەلمەي قالمەن ،شۇڭلاشقىمۇ بىلمىدىم ،مۇنبەرمىزگە تىزىملاتىقانلار بىلىك ئىنتىلغا قارغاندا نەچچە ھەسە ئاز ،بۇ كىچىكىنە مەسلە بۇلسىمۇ ماڭا ئۇخشاش نۇرغۇن مۇنبەر ئىشتىراكچىلىرمىز ماڭا ئۇخشاش ،كىرىپلا چىقىپ كەتسۇن ياكى ھەرۋاقىتى زىيارەت قىلىپ تۇرسۇن ،مۇنبەرنىڭ خەت شەكىلىنى بىلىك ،ئىنتىلنىڭكىدەك كىرسىلا نۇرمال كۈرۈندىغان قىلىپ تۈزەتسەڭلار ؟!

bahtinur
يازمىلار: 11
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە سېنتەبىر 05, 2008 7:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان bahtinur » شەنبە سېنتەبىر 06, 2008 5:39 pm

مەيۇسلەنمەڭلار قېرىنداشلار ...
ئۇنداق تۇزىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاقىدىغان ، ھاجەتخانىغا ئەمەس يولغا سىيىدىغان بىرەر ئىككى پىس-پاس ماڭقىنىڭ سۆزىگە بۇنچە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيلى .......
ئۈمىد سىزلىك شەيناننىڭ ئىشى .....
ukij بولسا سىياسىي تەشكىلات ياكى پارتىيە ئەمەس ! جەمىئيەت دىگەننىڭ ئۆزى بىركىم بىر يەردىن تەستىق سېلىپ بىرىدىغان نەرسە ئەمەس. راس گەپنى قىلغاندا قانۇنسىز دىگەن ئادەم جوڭگۇ قانۇنىدىن ياق چوڭ كەتتى ،ئوقۇغۇچىلار قائىدىسىدىنمۇ خەۋېرى يوق ئادەم ئىكەن ....
قانۇنسىز دىگۈچى ئەڭ ئاۋۋال جەمىئيەتنىڭ نىمە ئىكەلىكنى ئۆگۈنىپ كەلسۇن .....

Computer
يازمىلار: 88
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاۋغۇست 31, 2007 3:53 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Computer » يەكشەنبە سېنتەبىر 07, 2008 4:42 am

ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلىك مۇنبىرى نورامال ئىچىلغانلا بولسا، بۇ مۇنبەرمۇ نورمال ئىچىلىدۇ.
ئۈچىلا مۇنبەرنىڭ ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى ئوخشاش.

سىز خەت نۇسخا قاچىلانغان مۇندەرىجىڭىزگە قاراپ بىقىڭ UKIJ Tuz Tom ناملىق خەت نۇسخىسى بارمۇ-يوق.

يوق بولسا، [url]http://www.ukij.org/fonts/fonts/UKIJTuT.ttf[/url] بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈپ، خەت نۇسخا مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرگەندىن كېيىن تور زىيارەت قىلغۇچىڭىزنى قايتا قوزغىتىڭ.

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە سېنتەبىر 07, 2008 11:19 am

بوۋىلىرىمىز مۇنداق دەپتىكەن: «قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورۇقما !»، «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك - پوك.»
مېنىڭچە سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ساغلام سانىغان، قانۇنغا خىلاپ ھەركەت قىلىش ئىديىسىدىن يىراق ئادەم بۇ ئىلمىي ئۇيۇشمىغا خاتىرجەم قاتناشسا بولىدۇ. ھازىرقى دەۋرىمىز مەدەنىيەت ئىنقىلابىدەك ئىنسانىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئورا كولايدىغان، ئىچى تار، مۇدھىش دەۋىرلەردىن ئەمەس.


ئويغان ئەپەندىمنى «كۆرمىگىلى» بەكلا ئۇزۇن بولۇپتىكەن، بۈگۈن كۆرۈپتىمەن، خۇدايىمغا شۈكرە.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2008-9-7 17:23 [/i]]

.mehman
يازمىلار: 5
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە فېۋرال 14, 2008 6:01 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان .mehman » دۈيشەنبە سېنتەبىر 08, 2008 7:00 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Computer[/i] ، ۋاقتى: 2008-9-7 10:42 [url=http://ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=1878&ptid=411][img]http://ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
ئەگەر كومپىيۇتېرىڭىزدا ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلىك مۇنبىرى نورامال ئىچىلغانلا بولسا، بۇ مۇنبەرمۇ نورمال ئىچىلى ... [/quote]
شۇنداق چۈشۈرەندىن كېيىن ئاندىن نۇرمالاشتى ،لىكىن ئىنتىل سايناسىغا بىلىك كۇلۇبىغا قاچانلا ، قانداقلا يەردىن تۇرغا چىقىسام ھېچقانداق فۇنىت چۈشۈرمىسەمۇ نۇرمال كۈرەلەيمەن كىرىپلا ،لىكىن ukij دا ئۇنداق ئەمەس ،بۇلسا مۇشۇنىمۇ نۇرمالاشتۇرساڭلا ،ىۇنىت چۈشۈرمەيلا نۇرمال كۈرەلەيدىغان قىلىپ ،تىلغا ئالغان .ئىككى مۇنبىرمىدەك

tayir
يازمىلار: 28
تىزىملانغان ۋاقتى: شەنبە ئىيۇن 02, 2007 4:05 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tayir » سەيشەنبە سېنتەبىر 09, 2008 11:10 am

مىنىڭ قانۇنلۇقمۇ ياكى قانۇنسىزمۇ بۇنىڭ بىلەن كارىم يوق ! قانۇنسىز بولسا قانۇن ئورۇنلىرى قانۇن بۇيچە بىرتەرپ قىلسۇن !
بىز يەنى كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى بۇ جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتراپ قىلساق ئۇ چۇقۇم بىركۈنى جەمئىيەت ۋە قانۇن ئورۇنلىرىمۇ ئىتراپ قىلىندۇ . دۆلەتنىڭ قانۇننىغا زىت بولمىسىلا بۇ بەرىبىر قانۇنلۇق بولىدۇ . پەقەت قانۇنلۇق تىزىملىتىش رەسمىيىتى بېجىرمىگەنلىكى ئۈچۈنلا قانۇنسىز دەپ قارىلامدا ؟
بۇ جەمئىيەت تاقالدى دىگەن ئوقتۇرۇشنى كۆرمىسەم مەن يەنىلا مەۋجۇت دەپ قارايمەن ۋە كومپيۇتېر ئىلمى جەمئيەتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىگە ماسلىشىمەن ۋە قوللايمەن .
مەۋجۈت ئەمەس نەرسىنى ھېچكىم ئىتراپ قىلمايدۇ . قانۇننىمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەملەر تۈزۈپ چىققان ، دۆلەت ۋە ئاۋامنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغاچقىلا دۆلەت ۋە ئاۋامنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن .

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە سېنتەبىر 10, 2008 7:15 am

قانۇنىي رەسمىيەت ئۆتىمىگەن، بەزىلەر (ئۇنۋان، تەتقىقات، ئىلمىي ماقالا، شىركىتىنىڭ مەخسۇلاتىنى سېتىپ چىقىرىش،تۈر يوللاپ مەبلەغ ھەل قىلىش...) ھەرخىل سەۋەپتىن قىزغىن قوللىيالمىدى. بۇنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. بىزمۇ ۋەتەندە تىزىملىتىمىز دىسەك ئەلۋەتتە بىرى كۆپ مىللەت مەنپەتىنى، جەمئىيەت قۇرۇش شەرتلىرىنى ھازىرلىشىمىز، شۇنداقلا ئىسمىنى كىچىكلىتىپ ئۇ ك ئى مۇنبىرى دەپ قۇرساق بولاتتى. ياكى ھازىرقىدەك خەلقئارا ب د ت نىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن قىلىپ مەۋھۇم دۇنيادا شەخسي نامىمىزدا تىزىملىنىپ ئەزا بولۇپ پايدا مەنپەئەتتىن خالس تۆھپە قوشساقلا كۇپايە. ۋەتىنىمىز جوڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتيالستتىك دۆۋلەت، دېمۇكىرات ئەللەرگە ئوخشاش تەلەپ قويىۋالساق بولمايدۇ. سىياسىي چەك-چېگىرىدىن ھالقىپ كومپىيۇتېر ئىشلىرىمىزنى تەرەقىي قىلدۇرساقلا بولدى. سىياسىيغا ۋە ئىقتىساتقا ئارلاشمىغاندىكىن، بىراۋنىڭمۇ چىشىغا تەگمەيمىز. مۇشۇنداق ب د ت دا بەلگۈلەنگەن ئىنسان ھەقلىرى خەلقئارالق ئۆلچەمدە كېتىۋەرسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار