ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » جۈمە ماي 25, 2007 1:40 pm

مەزكۇر يۇمتال «سەركە ئىملا تۈزەتكۈچ» نامىدا يېڭىلىنىپ، قايتا تارقىتىلماقچى. شۇڭا ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش توختىتىلدى.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: udmish ، ۋاقتى: 2007-6-5 22:29 [/i]]



udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » جۈمە ماي 25, 2007 3:44 pm

مەن تور بەتلەرنى googlePages قا يولىغان ئىدىم. چاتاق يېرى ئۇنىڭ زىيارەت قېتىمىغا چەك بار ئىكەن. مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئامالىنى قىلىمەن.

pinhan405
يازمىلار: 1
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 6:24 pm
ئالاقىلىشىش:

ئۇدمىش ئۇيغۇرچە كوررېكتور تارقىتىلدى(ھەقسىز)

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان pinhan405 » جۈمە ماي 25, 2007 4:06 pm

بولمىسا مەن بوشلۇق بىلەن تەمىنلەي.... توربىتىم تېخى يېڭى بولغاچقا ئانچە كۆپ ماتىرىيال يوق. خالىسڭىز ئالاقىلىشايلى. [url]www.maral.cn[/url]

heqteyur
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 3:24 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان heqteyur » جۈمە ماي 25, 2007 4:14 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]pinhan405[/i] ، ۋاقتى: 2007-5-25 22:06 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=281&ptid=42][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
بولمىسا مەن بوشلۇق بىلەن تەمىنلەي.... توربىتىم تېخى يېڭى بولغاچقا ئانچە كۆپ ماتىرىيال يوق. خالىسڭىز ئالاقىلىش ... [/quote]

بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ ، بۇنىڭ سۆز ئامبىرى يەنە بىر يەرلەردىن تەكلىپ قىلىنغان ئەمەستۇ ھە (ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك StarDict ۋەقەسى چىقمىسۇن دەيمىنا :$ )


pinhan405
----------------------------
تور دۇنياسىدا «ساختا» پىنھاندىن يەنە بىرسى پەيدا بولۇپتۇ دە ، ھە ھە ھە !!!:lol (چاقچاق) بولسا مۇشۇ تور دۇنياسىدا بىر قەدەر ئومۇملىشىپ قالغان تورناملىرىنى باشقىلار ئىشلەتمىسە ، پىنھان دېسە ئادەمنىڭ ئىسىگە دەرھال بىزنىڭ «ئۇرۇشقاق» پىنھانجان ئىسىگە كېلىدىكەن ئەمەسمۇ ، بۇ بىر تەكلىپلا خالاس !!!

Obraz
يازمىلار: 64
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 1:00 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Obraz » جۈمە ماي 25, 2007 5:08 pm

بۇنىڭ ھەقسىز تارقىتىلىشى ئۇيغۇر سوفىت كوررېكتورىغا نىسبەتەن تەسىرى تازا ياخشى بولماسمىكىن :(

udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » شەنبە ماي 26, 2007 2:32 am

بۇ يۇمشاق دېتال مەيلى سۆز ئامبېرى جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن ئۇيغۇر سوفت كوررېكتور بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ. بۇنى ئەسلى مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقە (ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالەمگىمۇ بۇنىڭدىن مىسال ئالماقچى)گە تەييارلىغان. كۆپچىلىكنىڭ تورلارغا تېما يازغاندا پايدىلىنىشى ئۈچۈن سۇندۇم.

udmish
يازمىلار: 10
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ماي 25, 2007 1:39 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان udmish » شەنبە ماي 26, 2007 4:43 am

[color=Silver]ئەڭ ئاۋال ۋاقتىنچە بوشلۇق بىلەن تەمىنلىگەن Omar14 كە كۆپ تەشەككۇر .
ئۆزۈم "ئۇدمىش سوفت" باش بېتىگە مۇقىم بوشلۇق ئالغىچە، تور بەت ۋە يۇمشاق دېتاللار Omar14 ئەپەندىنىڭ تور پونكىتىغا تارماق بەت قىلىپ يوللاپ قويدۇم . [/color]
Omar14 غا رەھمەت...
«ئۇدمىش سوفت» ئۈچۈن تور بوشلۇقى ئېلىندى. ئادرېسى:
[url]http://udmishsoft.xj1.sartugh.cn/[/url]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: udmish ، ۋاقتى: 2007-5-26 16:08 [/i]]

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » شەنبە ماي 26, 2007 7:29 am

ئېلانىغا قارىسام خېلى بولىدىغاندەك، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقاي جۇما . 2.75 مىگا ئىكەن ، چوڭمۇ ئەمەس.

Saqal
يازمىلار: 23
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 11:24 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Saqal » شەنبە ماي 26, 2007 8:37 am

بەك ياخشى دېتالكەن، يېڭىلىق كۆپ، دەسلەپكى باھالاش نەتىجەمنى يوللاپ قوياي.

ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچىنى ئالماشتۇرۇش كونۇپكىسى تەمىنلىنىپتۇ. مۇناسىپ كونۇپكىنى باسساق شۇ خىلدىكى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى قوزغىلىدىكەن. ئۆزى ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىمەپتۇ.

خەتنى كىرگۈزگەندىلا توغرىسىنى تەۋسىيە قىلىپ چىقىرىپ بېرىدىكەن. Wordتا ئېنگىلىزچە يازغاندىكى توغرىلاشقا ئوخشاپ كېتىدىكەن،يەنى كىرگۈزگەن چاغدىلا توغرا-خاتالىغىنى بىلىپ بولغىلى بولىدىكەن(ئەلۋەتتە ئامباردا بار سۆزلەرنىڭ).

Wordقا يوللاش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشىكەن، يەنى يېزىپ بولغان نەرسىنى ئاپتوماتىك Wordقا يوللاپ بېرىدىكەن، يازماقچى بولغان نەرسىنى مۇشۇنىڭدا يېزىپ، توغرىلاپ، Word تا تەھرىرلىسەك ناھايىتى قولايكەن.

تىزىملىك پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە، يېڭى تېخنىكىنىڭ ئەۋزەللىكى.


پىكىر-تەكلىپلەر:

<يۇقۇرى> دېگەن سۆزنى كىرگۈزۈپ ئارقىدىن بوشلۇق كونۇپكىسىنى باسسام ئۇنىماي قويدى، باشقا بەزى سۆزلەرمۇ ئاشۇنداق، ئەمما <يۇقۇرى> دېگەن سۆز باشتىن-ئاخىرى بەك جاھىل، باشقا سۆزلەر بىلەن چاپلىشىپ تۇرىمەن دەپ تۇرىۋالدى :lol ، يېزىپ سىناپ باقامسىز ؟ كىرگۈزگۈچنىڭ مەسىلىسىمىكىن دېسەم Word تا ئۇنداق ئەمەس.

كۆچۈرمەكچى بولغان سۆزنى تاللاپ ،تارتىپ ئېلىپ ماڭسا ماڭمايدىكەن، ئۇنداق ئىقتىدار قېتىلماپتۇ، rtf تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىشىمۇ ؟

ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە،ئېنگىلىزچە كىرگۈزگۈچلەرنى مەلۇم كونۇپكا ئارقىلىق ئالماشتۇرغىلى بولامدۇ ؟ مەسىلەن Ctrl+k دېگەندەك. شۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتۇق. چاشقاننى ئىشلىتىش ئاۋارچىلىقكەن.

tooltip نىڭ تېكىستىنى ئۇيغۇرچە چىقارغىلى بولىشى مۈمكىن.

<ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش > ۋە < ئۆزى تەكشۈرۈش> نىڭ نىمە پەرقى بار چۈشەنمىدىم. ئىقتىدارى ئوخشىمىغان تەقدىردىمۇ، يۇقارقى ئىككى سۆزنى پەرىقلەندۈرۈپ ئالساق قانداق بولا ؟

قوشۇمچە ئىقتىدارلار قېتىلماپتۇ، مەسىلەن <سۆز سۈزگۈچ> <تەكرارلىقنى يوقاتقۇچ> قاتارلىقلار. ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئىشلىمىدى.

تىزىملىك ئىستونىغا چاشقاننى ئاپارغاندىن كىيىنلا تىزىملىك ئېچىلسا، بىرنى چېكىش ھاجەت بولمىسا.


ياسىنجان (ئەفراسىياپ) نىڭ ياسىغان <پالۋان پۈتۈك> نامىدىكى ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچىسىدىكدەك ئىقتىدار قېتىلغان بولسا،يەنى ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى تۇتۇپ باقمىغانلارمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلىسە، نىمە دېگەن ئېسىل ئىشلار بولاتتى.


UKIJ نىڭ يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچ، ئۇيغۇر ئېدىت، پالۋان پۈتۈك ۋە مۇنۇ ئۇدمىش كوررىكتور دېتالىدەك دېتاللارنىڭ ئىقتىدارىنى مۇجەسسەملىگەن بىر تەھرىرلىگۈچ ياساپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى ئويلۇشۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇرۇن بىر ياكى ئىككىلا ئادەم قىلىۋاتقان بولسا، ھازىر بەزى ئىقتىدارلىرىنى بۆلۈپ بەرسەك قىلالىغۇدەك بالىلار باركەن، بۇ ھەم يېتەكلەش، ئۆگۈتۈش-ئۆگۈنۈش بولۇپ قالغۇدەك.

Alpha
يازمىلار: 56
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 5:42 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpha » شەنبە ماي 26, 2007 9:08 am

ياخشى دېتال ئىكەن . ئۇيغۇر سوفىتنىڭ ئەل كوررىكتورى ، غەيرەت توختى كەنجى ئەپەندىنىڭ كوررىكتورى ئەمدى بۇ ئۇدمىش كوررىكتورى ... رىقابەت قانچە كۈچەيسە ، كۆپچىلىك شۇنچە ياخشى مۇلازىمەت ھەم دېتاللاردىن بەھرىمان بولالايدۇ ...

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار