FireFox ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە پىكىر بېرىڭ

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى، يۇمشاق دېتال ۋە قاتتىق دېتال ھەققىدىكى ھەر خىل تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

FireFox ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە پىكىر بېرىڭ

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 8:41 am

[align=center]FireFox ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنىڭ تەرجىمىسىگە پىكىر بېرىڭ[/align]
تورداشلارنىڭ كۈچ چىقىرىپ ياردەملىشىشى بىلەن موزىللا شىركىتىنىڭ تور كۆرگۈسى Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى پۈتتى. بۇ تەرجىمە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى [url]https://l10n.mozilla.org/narro/narro_project_list.php?l=ug[/url] تور بېتىدىن كۆرەلەيسىز.
ئىلگىرى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈلگەن يۇمشاق دېتاللاردىكى پېئىللار يەنى كومپيۇتېردىكى بۇيرۇقلار ئىسىمداشقا ئۆزگەرتىلىپ تەرجىمە قىلىنغان، مەسىلەن: copy كۆچۈرۈش، cut كېسىش، paste چاپلاش دېگەندەك، يېقىندا باشقا تىلدىكى تىل ھۆججەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئارقىلىق بۇ خىل تەرجىمىنى بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىپ مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ چىقتىم.
يەنى copy كۆچۈر، cut كەس، paste چاپلا دېگەندىن بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىپ تىل ھۆججىتىنى پۈتتۈردۈم، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر بىر تىزىملىك ۋە كۆزنەكلەردىكى تەڭشەكلەرگە تېز كۇنۇپكا ئەسلىدە ئىنگلىزچە كۇنۇپكىلاردا تىرناق ئىچىدە ئەسكەرتىلىپ ئېلىنغان ئىدى، ھازىر تېز كۇنۇپكىلارمۇ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى، تېز كۇنۇپكىنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشتا مۇنداق پرىنسىپقا ئەمەل قىلىندى:
1- ئۇيغۇرچە تەرجىمە تېكستىدە ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە تېز كۇنۇپكىغا ماس ئۇيغۇرچە ھەرپ بولسا شۇ پېتى ئېلىندى.
2- باشقا تېز كۇنۇپكىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمىغان ئەھۋالدا سۆزنىڭ بىرىنچى ھەرپى ئېلىندى )ئا ئە ئو دېگەندەك ھەمزىلىك ھەرپلەرنىڭ ھەمزىنىڭ ئارقىسىدىكى ھەرپ ئېلىندى(.
يۇقىرىقى تەرجىمە ۋە تېز كۇنۇپكىدا ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى ئىشلىتىش تېخى تۇنجى قېتىملىق سىناق بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئېلىپبەلىك يېزىق ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۆز يېزىقىدىكى ھەرپلەرگە تېز كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرغان شۇنداق بولغاچقا Firefox يۇمشاق دېتالىنىڭ تىل ھۆججىتىدە تېز كۇنۇپكىنى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشىنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپ پۈتتۈردۈم، تەپسىلىي كۆزەتسەڭلار يەنە بەزى كۇنۇپكىلارنىڭ تېخىچە تىرناق ئىچىدە ئىنگلىزچە ھەرپلەر بىلەن تېز كۇنۇپكا ئىپادىلەنگەنلىكىنى بايقايسىلەر.

تۆۋەندىكىسى Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش سۈرەتلىرى

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox01.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox02.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox03.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox04.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox05.jpg[/IMG]

[IMG]http://i709.photobucket.com/albums/ww98/SahranPhoto/Firefox3/firefox06.jpg[/IMG]



Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 8:49 am

Firefox توركۆرگۈگە ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھۆججىتىنى قاچىلاش ئۇسۇلىنى [url]http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=394[/url] تېمىدىن كۆرۈڭ: تۆۋەندىكىسى ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى ۋە كۆرۈنۈش ئالماشتۇرۇش دېتالى

[url=http://web.bilik.cn//sahran/soft/Firefox%203-ug.zip]Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتى[/url]

[url=http://releases.mozilla.org/pub/mozilla.org/addons/1333/quick_locale_switcher-1.6.7.1-fx+mz+tb+sb+sm.xpi]Firefox نىڭ يېزىق كۆرۈنۈشىنى ئالماشتۇرۇش دېتالى[/url]

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » پەيشەنبە دېكابىر 04, 2008 1:26 pm

مۇبارەك بولسۇن، بۇ قېتىم خېلى كۆپ خاتالىقلار تۈزىتىلگەندەك قىلىدۇ. ئالدىنقى قېتىم بىر قىسىم Menu لارنى چەكسەم خاتالىق چىقىۋالغان ئىدى، بۇ قېتىم تېخى بايقىمىدىم.
داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
غەيرەت كەنجى

Perhat_k
يازمىلار: 180
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە ئاپرىل 06, 2007 4:46 am
ئالاقىلىشىش:

كۆپ رەھمەت

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Perhat_k » جۈمە دېكابىر 05, 2008 6:07 am

مەنمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، لىكن تاللاش تۈرلىرى دىئالوگ رامكىلىرىدىكى خەتلەرنىڭ خەت نۇسخىسىنى UKIJ Tuz Tomغا توغىرلايدىغان جاينى تاپالدىم. نەدىن توغىرلايدىغاندۇ؟

Awral
يازمىلار: 34
تىزىملانغان ۋاقتى: جۈمە فېۋرال 01, 2008 7:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Awral » جۈمە دېكابىر 05, 2008 10:23 am

مەنمۇ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم، لىكىن Firefox نىڭ ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈش ھالىتى سىز رەسىمدە كۆرسەتكەندەك ئوڭدىن سولغا بولماي ، سولدىن ئوڭغا بولۇپ قالدى، ھەمدە ئۇيغۇر تور بىكەتلەرنى ئاچقاندا بەت سىيرىلما كالتىكى ئاپتوماتىك سولغا توغۇرلانماي يەنىلا ئوڭ تەرەپتە تۇرىدۇ. بۇنى قانداق ئوڭشايدۇ ؟ تەڭشەيدىغان يىرىنى تاپالمىدىمغۇ ؟

Apple
يازمىلار: 37
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ماي 05, 2008 11:02 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Apple » شەنبە ئاپرىل 25, 2009 10:27 am

نېمىشقا ھازىرغىچە firefox نىڭ باش بېتىدىن بىۋاستە ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بار firefox نى چۈشۈرگىلى بولمايدۇ؟

Eltekin
يازمىلار: 193
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاپرىل 22, 2007 5:28 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eltekin » چارشەنبە ئىيۇل 28, 2010 2:36 pm

ھازىر ئوتتۈلكىنىڭ 3.6 نەشىرى چىقتى. ئۇيغۇرچە تىل بولاقچىسى قانداق بولدىكىن؟ قانداق ئۇچۇرلار بار؟ ساھران ئەپەندىمنى ساقلاۋاتىمىز. :)

باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » پەيشەنبە ئىيۇل 29, 2010 12:36 pm

[url]https://launchpad.net/~ubuntu-l10n-ug[/url] دىن خېلى جىق سىستېمىلارنىڭ تەرجىمە رايونىغا كىرەلەيسىز.
غەيرەت كەنجى

adil
يازمىلار: 4
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە سېنتەبىر 17, 2007 3:07 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان adil » چارشەنبە سېنتەبىر 22, 2010 5:36 pm

مەن Ubuntu Linux تا Firefox 3.6 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۇشۇرگەنتىم لىكىن ئۇنى يەشكەندىن كىيىن چىققان ھۆججەتلەرنى نەگە كۆچۈرۈشنى بىلەلمدىم. مۇشۇنىڭغا بىر يول كۆرسەتسەڭلار! 3.5 نىڭ xpi ھۆججىتىنى 3.6 دە قوللىمايدىكەن. 3.6 نىڭ xpi ھۆججىتى ھەم يوقكەن. بولسا شۇ xpi ھۆججىتىلا قوشۇپ قويۇلسا بەك ياخشى بولاتتىكەن. ھىلىمۇ تەڭ تەرجىمە قىلىپ كىلىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ ناھايىتى خوش بولدۇم. رەھمەت! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىغاي!

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار