[تەۋسىيە] بىرقانچە ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچىسى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇن 27, 2010 1:47 pm

[font=UKIJ Esliye][size=4] يۇقۇرىدا سىز ئوتتۇرىغا قويغانلارنى تۈرۈكچە سېستىمىلاردا مەنمۇ كۆرگەن، بەزىلىرىنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى چۈشەنمىدىم، بەزىلىرىنى ئانچە توغرا تاپمىغان ئىدىم، تۆۋەندىكىلەرنى ئانچە چۈشەنمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئىزاھات بېرىشىڭىزنى كۈتۈپ پىكىر قىلمىدىم، ئانچە توغرا تاپمىغانلىرىمغا كۆز قارىشىمنى ئەستايىدىل ئوتتۇرىغا قويدۇم.
[quote]
[color=Red]مەن نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئېلىنغانلىقىنى ئانچە چۈشۈنۈپ كەتمىگەن سۆزلەر:[/color]
内存ئەسلەك
缓存غەملەك
书签خەتكۈچ
选项卡بەتكۈچ
自定义ئىختىيارىچە
Internet تۇتاش تور
控制面板 تىزگىن تاختا
[/quote]
مەن مۇۋاپىق بولمىغان دەپ قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويغان سۆزلەرگە قارىتا ئىزاھات بېرىپسىز، ئەمما مەن يەنىلا قايىل بولالمىدىم:
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-27 00:20
快捷方式 نى « قىسقا يول» دېيىشنى قوللايمەن. چۈنكى بۇ يەردە « نېمىنىڭ قىسقا يولى » دەپ سورالسا جاۋابى ئاشۇ « 快捷方式 قىسقا يول» نىڭ سىنبەلگىسىدە بار.
打开方式 ئاچقۇز . بۇنىڭدا بىز سىز ئىيتقاندەك بۇيرۇقنى كومپيۇتېرغا سوقۇمىز ئۇ بۇيرۇقىمىز بويىچە نېمىدە ئېچىش ئۈستىدە ئويلىنىپ بىر قاتار تىزىملىكنى چىقىرىپ بىزدىن جاۋاپ كۈتىدۇ.
粘贴 نى « چاپلا » دېمەي « چاپلات » دېسەك كومپيۇتېرغا مۈجىمەللا بىر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز چاپلايدىغان ئورۇننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ئاندىن بۇيرۇقنى چۈشۈرىمىز. شۇڭا چاپلا دېيىش توغرا.
[/quote]
快捷方式 نى قىسقا يول دەپ ئالغاندا جاۋابى ئۇنىڭ سىنبەلگىسىدىن كۆرىنسە، چاپسان يول ياكى چەپەر يول دەپ ئالغاندا جاۋابىي بىۋاستە ئۆزىدىن كۆرىنىدۇ ئەمەسمۇ؟
打开方式 نى ئاچقۇز دەپ ئېلىشنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايمەن، قىلغۇز، ئەتكۈز دېگەندەك سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمە؟ بۇ سۆزدىكى بۇيرۇقنى _ ئېيتقۇچى ئىجرا قىلامدۇ؟ ئاڭلىغۇچىمۇ ياكى ئۈچۈنجى بىر شەخسمۇ؟ كومپيۇتېرغا ئاچقۇز دېسىڭىز كومپيۇتېر ئۆزى ئاچامدۇ، سىزنى ئاچتۇرامدۇ(سىز ئۆزىڭىز ئاچامسىز؟) ياكى كومپيۇتېر ئاچتۇرىدىغان ئۈچۈنجى بىرسى بارمۇ؟ ئاچئاچال(Ach`achal) دېسىڭىز كومپيۇتېر بىر ھۆججەتنى ئېچىشنىڭ بىرقانچە خىل شەكلى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەنى سىزنى بىر ئاچالغا باشلاپ بارىدۇ، سىز شۇ ئاچالدا تۇرۇپ قايسى يولغا مېڭىشنى كومپيۇتېر ئەمەس ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. شۇڭا 打开方式نىڭ رولى سىزنى بىر ئاچالغا باشلاپ بېرىپ، بۇ ئاچالدىن قاياققا مېڭىشنى ئۆزىڭىزگە قويۇپ بېرىش بولغىنى ئۈچۈن، ئاچقۇز دېگەندىن، ئاچئاچال(Ach`achal) دېسەك تېخىمۇ جايىغا چۈشەرمىكىن؟
粘贴 نى مەنمۇ يىللاردىن بىرى چاپلاش دەپ ئاتاپ كەلگەن، بىراق بىرقىسما تۇيۇلاتتى، ئۇنى يالغۇز كۆچۈرۈلىدىغان ھۆججەتتىلا ئەمەس، ھەتتا تېكىست تەھرىرلەيدىغان ھۆججەتلەردىمۇ تېكىستلەرنى بىرتەرەپ قىلىشتا قوللىنىمىز، جايلات(Jaylat) دېگىنىمىز ھەرگىزمۇ جايتاپ(Jay`tap) دېگەنلىكىمىز ئەمەس، پەقەت بىز كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا تېكىست بولسا تېكىستنى، ھۆججەت بولسا ھۆججەتنى جايلاشتۇر دېگەنلىكىمىز، چاپلا دېسەك، ھۆججەت تۆپىگە ھۆججەتنى، تېكىست تۆپىگە تېكىستنى چاپلاپ قويسىمۇ خاتالىق بولمايدۇ، چۈنكى بىز ھۆججەت ياكى تېكىست بار يەرگە چاپلا دەپ بۇيرۇق بەردۇق ئەمەسمۇ؟ ئەپسۇس 粘贴دە ئۇنداق چاپلايدىغان كارامەت يوق، پەقەت بىز كۆرسىتىپ بەرگەن ئورۇنغا جايلاشتۇرىدىغانلا كارامەت بار.

[quote]
注册نى خەتلىتىش.
登记نى تىزىملىتىش
بۇ ئىككىسىنى ئويلىشىپ باقساق بولغۇدەك.
注册名نى مەن « نامى» دەپ ئېلىشنى ئويلاۋاتقىلى خېلى بولدى. سەۋەپ بۇنىڭدىكى ئىسىم يەنى ھەقىقىي ئىسىم ئەمەس شۇڭا نام دېيىش مۇۋاپىق.
[/quote]
注册نى خەتلىتىش دەپ ئېلىشنى بىلىكتە تەشەببۇس قىلغىنىمغىمۇ بىرقانچە يىللار بولۇپ قالدى، شۇنداق ئېلىۋاتقانلارمۇ بار، كىچىك چاغلىرىمىزدا چوڭلار «پۇستانىمنىڭ بالىسىنى مەكتەپكە خەتلىۋاپتۇ، پوكونىم بالىسىنى مەكتەپكە خەتلىتىپ كەپتۇ، پۇستانىخان بالىسىنى ھەربىيلىككە خەتلىتىپ قويۇپتۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلايتۇق، ئويلاپ باقسام، 注册مۇ بىرەر نەرسىگە تۇنجى قېتىم تىزىملىتىلغاندا قوللۇنىدىغان سۆز ئىكەن، شۇڭا بۇنى خەتلىتىش، خەتلەك دەپ ئالساق جايىغا چۈشۈدىكەن. 登记 بولسا 注册 قىلىپ (خەتلىتىپ) بولغاندىن كېيىن ئاشۇ 注册دا قوللانغان نام پىچىرلارنى قەتئىي خاتاسىز ئەينەن قوللۇنۇپ كىرىدىغان بوسۇغائىكەن، بەزى مۇھىم ئورۇنلارغا كۈنىگە نەچچە قېتىم كىرگەندىمۇ ھەرقېتىم كىرىشتىن بۇرۇن كىملىكىمىزنى تەكرار كۆرسىتىپ، تەكرار جەدۋەل تولدۇرۇپ، تىزىملاپ كىرگىنىمىزگە ئوخشاش ئىش بولغىنى ئۈچۈن 登记نى تىزىملاش دېسە جايىغا چۈشىدۇ.
نام، ئىسىملەرنىڭ ھەممىسى ئەرەپچىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆز، بۇ ئىككىسىنىڭ قايسىسى ئېغىزغا يېقىشلىق، سۆزلەرگە بىرىكتۈرۈشكە ئەپلىك، مەناسى دەل بولسا شۇنى ئىشلەتسەك بولىۋىرىدۇ، مەن بۇ ئىككىسىنىڭ قايسى بىرىنى ئىشلىتىشكە ناقايىل ئەمەس، ئەمما «غۇچى، قۇچى» قوشۇمچىلىرى نام ئۈچۈنمۇ، ئىسىم ئۈچۈنمۇ پەرقسىز قوللۇنىلىدىغانلىقى ئۈچۈن خەتلەش نامىي، تىزىملاش نامىي دەپ ئالغاندىن كۆرە خەتلەتكۈچى، تىزىملاتقۇچى دەپ ئالساق تېخىمۇ مۇۋاپىق بولماسمۇ؟
[quote]
توردا قوللىنىۋاتقان يەنە بىر گەپ 昵称 بار. بۇنى مەن يازمىلىرىمدا «ئاتالما» دەپ ئېلىۋاتىمەن.
[/quote]
كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم مەنمۇ ئەرەپچە ئىسمىي، نامى دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن كۆرە ئۇيغۇر تىلىدىكى ئات سۆزىنى ئىشلىتىشنى ئەڭ تەشەببۇس قىلىمەن،
ئۆتكۈر پىكىرلىك بىر بۇرادەر «control panel 控制面板 تىزگىن تاختا»نى چۇلۋۇر، 开始نى بوسوغا دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ماڭا شۇنداق ياققان ئىدى،

[color=Blue]كومپيۇتىرىمدىكى بۇ مۇنبەرنىڭ خېتىنىڭ كىچىك چىقىپ قىلىشى ۋە ئېنگىلىز يېزىقىغا ئالماشتۇرىدىغان كونتىرۇل«ك»نى ئىشلىتەلمەسلىكىمگە داۋا يوقمۇ ئۇستازلار؟[/color][/size]
[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]nurqut[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-27 19:02 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2647&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن يەنىلا ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىش تەرەپدارى. ئىسىمداش شەكلىدە مەيلى ئىسىم ياكى پىئىل ئورنىدا قوللىن ... [/quote]
شۇنچە كۆپلىرىنى تومتاقلا مۇۋاپىق ئەمەس دەپسىز، مۇۋاپىق ئەمەسلىرىنىڭ سەۋەبىي نېمىكىن؟[/font]

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Bidar-Qutlan ، ۋاقتى: 2010-6-29 17:30 [/i]]



Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئىيۇن 27, 2010 3:29 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Bidar-Qutlan[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-27 19:47 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2648&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەن مۇنازىرىنى خۇمارنى چىقىرىش ئۈچۈن قىلمايمەن،:lol شۇنداقلا بىراۋلارنى يېڭىۋىلىش مەقسىدىدىمۇ قىلمايمەن،;P ... [/quote]
سىز ئاشۇنداق چۈشەنگەن بولسىڭىز بۇ گېپىمىىڭ ئىزاھاتى نىسىي قالدى

گەپنىڭ قىسقىسى: ukij مۇنبىرىگە تەشەككۈر!

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-6-27 21:39 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئىيۇن 27, 2010 3:38 pm

مېنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە قىزىشىمدىكى سەۋەپ: مۇشۇ ئاتالغۇلار ھەققىدە دوستلار پىكىرلەشكەندە نەق مەيداندا بار ھەم مېنى دوستلار قايىل قىلغان.

nurqut قا تەشەككۈر ! ھەرىكەتتە بەرىكەت، ئىلمىي مۇنازىرەنىڭ ئەھمىيىتى زور
ئاتالغۇلارنى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئىشلىتىشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە يۇقۇرىدا دېگەنتىم قايتا دېمەي.
پۈتۈك، جىلىت - ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ.
بەتكۈچ- خەتكۈچنى چۈشەنگەن بولسىڭىز بۇنىمۇ چۈشىنەلەيسىز.
جەزملە توغرا ،جەزىملەش خاتا ( ئىملا لۇغىتىگە قاراڭ) ئەپسۇس ، بۇنى مەنمۇ كۆپىنچە جەزىملەش دەپ خاتا يازىمەن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-6-27 21:55 [/i]]

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » يەكشەنبە ئىيۇن 27, 2010 3:53 pm

چەينەكنىڭ ئەسلى مەنىسى چاينەك مۇ قانداق؟

بىز ئامال بار قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى تىل ئادىمىزغا ماسكىلىدىغان سۆز ياسىشىمىز لازىم. ئىلگىرى بىز بەزى سۆزنى ئىخچاملاشنى تەشەببۇس قىلدۇق ۋە بەزىلىرىمىز قوللانغانمۇ بولدۇق ئەمما نۇرغۇن ئادەمگە بۇ سۆزلەر ياقمىدى ياكى كۆنەلمىدى. شۇڭا سۆز ياساشتا ئەتراپلىق ئىزدىنىپ مەيلى قوللىنىش ۋە مەيلى تەرجىمىدە قولايلىق بولىدىغان، ئاڭلىغان كىشى چۈشىنەلەيدىغان ياكى مەقسەتنى ھېس قىلالايدىغان بولىشى كېرەك دەپ قارايمەن.
ئەلبەتتە يۇقارقى سۆزلەر مۇقىملاشقان سۆز ئەمەس مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ قارىىشنى قويۇپ ئۆتتۈم.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Intil ، ۋاقتى: 2010-6-27 21:54 [/i]]

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » يەكشەنبە ئىيۇن 27, 2010 5:25 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Intil[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-27 21:29 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2650&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

سىز ئاشۇنداق چۈشەنگەن بولسىڭىز بۇ گېپىمىىڭ ئىزاھاتى نىسىي قالدى

گەپنىڭ قىسقىسى: ukij مۇنبىرىگە تەشەككۈر!

[ ب ... [/quote]
بۇرۇقتۇملۇقنى يوقۇتاي دەپ ، ئاشۇرۇپراق چاقچاق بىلەن باشلىسام رەنجىپ قالدىڭىزمۇ بۇرادەر؟

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » دۈيشەنبە ئىيۇن 28, 2010 3:23 pm

مىنىڭ زادى كاللامدىن ئۆتمىدى بۇ بۇيرۇق پىېئل شەكلىدە قوللىنىش،
كۆپ بوپ كەتسە شۇ بىرەر ئىككى ھەرىپ ئۇزراپ كىتىدىكەن بولمىسا ، مەنچە ئەسلىدىكىدەك قوللىنىۋەرسەك چىكىنىش،جەزىملەش دىگەندەك.....
memory 内存ئەسلەك دەپ ئىلش قانداق بولغىنى بۇ ساقلىغۇچ دەپ چىرايلىقلا مەنىسى بارتىغۇ؟

بەتكۈچ، تورۋاز دىگەن تەرجىمىلەر ناھايىتى ئىسىل چىققان تەرجىمىلەربۇ ....ئاجايىپ توغرا كەلگەن :handshake قەتئىي ماشتا قوللىنىمىز....:victory:

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە ئىيۇن 28, 2010 5:08 pm

memory 内存 بۇ ۋاقىتلىق ساقلايدۇ يەنى ئەسلەيدىغان نەرسە .
缓存 بۇ ئىجرا بولىۋاتقان نەرسىنى جۇغلايدۇ يەنى غەملەيدۇ.

tarim222
يازمىلار: 8
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 20, 2010 10:07 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان tarim222 » سەيشەنبە ئىيۇن 29, 2010 2:40 am

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-6-28 21:23 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=2655&ptid=553][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مىنىڭ زادى كاللامدىن ئۆتمىدى بۇ بۇيرۇق پىېئل شەكلىدە قوللىنىش،
كۆپ بوپ كەتسە شۇ بىرەر ئىككى ھەرىپ ئۇزراپ كى ... [/quote]
كاللىڭىزدىن ئۆتمەسلىكى كۆنۈپ قالغاننىڭ مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن .

Bidar-Qutlan
يازمىلار: 163
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئاپرىل 03, 2007 4:54 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Bidar-Qutlan » سەيشەنبە ئىيۇن 29, 2010 7:44 am

بىزدە كۆنۈپ قالغان نەرسىدىن ۋاز كىچىش تەس ئوخشايدۇ. نۇرغۇن نەرسىلەر خاتا بولسىمۇ كۆنۈپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ۋاز كەچمەيدىكەنمىز، نۇرغۇن نەرسىلەر توغرا بولسىمۇ قوبۇل قىلىشقا قارشى تىرىدىكەنمىز.

nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » سەيشەنبە ئىيۇن 29, 2010 8:31 am

ئىنكاسىمدا كۆرسىتىلگەن نوقتىلارغا چۈشەنچە بەرمەپسىز. مەن يەنىلا قارىشىمنى ساقلاپ قالىمەن. بۇيرۇق پېئىل ئىشلىتىشنى قوللىمايمەن. خاتالاشمىسام بىزدە بۇيرۇق پىئىل ئىشلىتىش ئانچە قارشى ئېلىنمايدۇ، چۈنكى بىزنىڭ پىسخكىمىزدا بۇيرۇقنى ئېغىر ئالىدىغان خاھىش بار. كۆپ ھاللاردا بىز ئىشلەتكەن پىئىللار بۇيرۇق شەكلىدە ئىشلىتىلمەيدۇ.(بۇ گەپلىرىمنىڭ ئىسپاتى يوق، شەخسىي ھىسيات.)

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، مەن ئۈستىدە دېگەندەك كومپيۇتېردا بۇيرۇق پېئىل ئىشلىتىش مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى: بىز مەلۇم كۇنۇپكا، تاللاش تۈرى ياكى باشقا بۇيرۇق تىزىملىكلىرىنى چىكىشىمىزدىن قەتئىينەزەر بۇ يەردە كومپيۇتېر ئۆزى بىۋاستە بۇ ئىشنى قىلمايدۇ. بەلكى مەلۇم پروگرامما ئىجرا بولۇپ بىز قىلماقچى بولغان ئىشنى تاماملايدۇ. بۇ نۇقۇل ھالدىكى بىر ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى بىر جەريان. يەنە كىلىپ ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ مەقسىتىمىز، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز. مەسىلەن: جەزىملەش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا قانداق ئەھۋال يۈز بىرىدۇ؟ ناۋادا مۇشۇ جەزىملەشنى جەزىملە دەپ ئالساق بۇ يەردە قانداق مەنە چىقىدۇ؟ نۆۋەتتىكى ئۇچۇرنى سىز جەزىملەمسىز ياكى كومپيۇتېر جەزىملەمدۇ؟ ئىنىقكى بىز جەزىملەيمىز، كومپيۇتېرغا ئۆزىمىزنىڭ جەزىملىگەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كىيىن، ئۇ ماس مەشغۇلاتنى تاماملايدۇ.... بۇنىڭغا مىساللار بەك جىق ئۇچرايدۇ، تەرجىمە دېگەن مۇھىتقا قاراپ بولىدۇ، ئايرىم ئېلىۋاپلا ئۇدۇل تەرجىمە قىلىش ئەڭ ئەخمەقلىق، ئۇنىڭ ئالدى-كەينى ياكى كەلگەن مۇھىتىغا قاراپ تۇرۇپ ئاندىن ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش كېرەك. شۇڭا مەن يەنىلا ئىسىمداش (ھەرىكەتنام) شەكلىدە ئېلىش تەرەپدارى.

بۇ قانداقتۇر كۈنۈپ قېلىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ يەردە مەقسەت ئىپادىلەندىمۇ يوق؟ چۈشىنىشلىك بولدىمۇ يوق دېگەننى ئويلىشايلى.

ئىنكاس يوللاش

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار