مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) نى چۈشىنەمسىز؟

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش خارەكتېرىنى ئالغان ماقالىلار قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Ertash
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئاۋغۇست 01, 2010 1:38 pm
ئالاقىلىشىش:

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ(cpu) نى چۈشىنەمسىز؟

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Ertash » يەكشەنبە ئاۋغۇست 15, 2010 5:16 pm

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى چۈشىنەمسىز؟

[u]ئاساسىي ئوقۇم [/u]
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ cpuدەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، كومپيۇتېردىكى ئەڭ يادرولۇق زاپچاس بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كومپيۇتېر ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ناچار بولۇشى،cpuنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك،شۇنداقلا ئاساسىي تاختا ۋە ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ماسلىشىش بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ .
1.1 ئالدىنقى باش لېنيە
ئالدىنقى باش لېنيە ئېنگىلىزچىدە front side bus دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە قىسقارتىلىپ FSBدەپ ئاتىلىدۇ. ئالدىنقى باش لېنيە (前端总线)cpu نىڭ سىرتقى بۆلەكلەر بىلەن ئۇچۇر باغلايدىغان بىردىنبىر ئېغىزى بولۇپ، بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇشۇ ئېغىز ئارقىلىق سىرتتىن سانلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە مۇشۇ ئېغىز ئارقىلىق ھېساپلاش نەتىنجىسىنى مۇناسىپ ئۈسكۈنە زاپچاسلارغا يوللاپ بېرەلەيدۇ . ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچى سۈرئىتى قانچە تېز بولسا ،cpuنىڭ ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ .
ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ سۈرئىتى ئاساسلىقى ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ چاستوتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ ئىككى خىل ئوقۇمى بار بولۇپ:بىرى باش لېنيەنىڭ فىزىكىلىق خىزمەت چاستوتىسى (يەنى سىرتقى چاستوتىسى)؛ ئىككىنچىسى ئۈنۈملۈك خىزمەت چاستوتىسى (fsbچاستوتىسى)، بۇلار ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ سانلىق ئۇچۇر يوللاش سۈرئىتىنى بىۋاستە بەلگىلەپ بېرىدىغان ئامىللاردۇر .
Intelۋە amdشىركىتى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلىش ئۆزەكلىرىگە ئوخشاش بولمىغان تېخنىكا قوللانغان بولغاچقا، بۇلارنىڭ FSBچاستوتىسى ۋە سىرتقى چاستوتىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت .
INTELبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى چاستوتا مۇناسىۋىتى: FSBچاستوتا =سىرتقى چاستوتا×4
AMDبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى ۋە سىرتقى چاستوتا مۇناسىۋىتى : FSBچاستوتا =سىرتقى چاستوتا×2
مەسىلەن : P42.8Cنىڭ چاستوتىسى 800MHZ،فورمۇلا ئارقىلىق بۇ تىپلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سىرتقى چاستوتىسىنىڭ 200MHZ ئىكەنلىگىنى بىلىشكە بولىدۇ. BARTONيادرو قىلىنغان ATHLAN XP2500+نىڭ سىرتقى چاستوتىسى 166MHZ، فورمۇلا ئارقىلىق بىز مەزكۇر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ FSBچاستوتىسى 333 ئىكەنلىگىنى بىلەلەيمىز . نۆۋەتتە PENTIUM4مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئالدىنقى باش لېنيە ئۇچىنىڭ چاستوتىسى800MHZ، AMDبىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئەڭ يۇقىرى FSBچاستوتىسى 400MHZ، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى INTEL بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارى يەنىلا يۇقىرى.
1.2 ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش (二级缓存)
ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش L2CACHEدىگىنىمىز شۇ بولۇپ ،ئادەتتە قىسقارتىلىپL2دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى ئارقا سەپ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ۋە بۇيرۇق كوماندىلارنى ساقلاشتىن ئىبارەت .L2 سىغىم مىقدارىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.L2 توپلانما بۆلەكنىڭ كىرىستال لامپا سانىغا بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، CPUتوپلانما بۆلىكىنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدىغان ئورۇندۇر. شۇڭلاشقا يۇقىرى سىغىمدىكى L2نىڭ ياسىلىش تەننەرقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ . مۇشۇنداق بولغاچقاINTEL ۋە AMDشىركەتلىرى L2سىغىمىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ . نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان CPUلارنىڭ L2سىغىمى تۆۋەن بولغاندا 64K ، يۇقىرى بولغاندا 2048 دىن ئېشىپ كېتىدۇ .ئەلۋەتتە باھا پەرقىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى بولىدۇ . ئەگەر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ L2سىغىمىنى كۆرۈش توغرا كەلسە CPU Zيۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىلسا بولىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ سىغىمى كىچىك بولۇپ، ھەقسىز توردىن تېپىشمۇ ئاسان .
1.3 ياساش تېخنىكىسى (制造工艺)
ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان 0.18مىكرومېتىر، 0.13مىكرومېتىرلىق ياساش جەريانى دەل ياسىلىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ . ياساش تېخنىكىسى cpuنىڭ ئېلىكتىرلىك خۇسۇسىيىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ ، 0.18مىكرومېتىر ، 0.13 مىكرومېتىرلىق ئۆلچەم cpuنىڭ يادرولۇق مەركىزىي سىم يولىنىڭ كەڭلىكىنى كۆرسىتىدۇ .سىم يولى قانچە تار بولسا cpuنىڭ سەرپىياتى ۋە قىزىش نىسبىتى شۇنچە تۆۋەن خىزمەت چاستوتىسىمۇ مۇناسىپ يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭلاشقا 0.18مىكرومېترىلىق cpu يەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى چاستوتا 0.13 مىكرومېتىرلىق cpuيەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى خىزمەت چاستوتىسىدىن تۆۋەن ، قىزىشىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . ھازىر ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ھەممىسىگە ئاساسەن 0.13 مىكرومېتىرلىق ياساش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بەزى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ 0.09 مىكرومېتىرغا يەتتى .تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزۇنغا قالماي 0.09 مىكرومېترىلىق ياساش تېخنىكىسى ئاساسىي ئېقىمغا ئايلىنىشى مۇقەرەر .
1.4 ئېقىم (流水线)
ئېقىم ئوقۇمىمۇ بىر مۇھىم ئوقۇم بولۇپ، cpu ئېقىمى دېگىنىمىز – مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ يادرولۇقىدىكى ھېسابلىغۇچنىڭ لايىھەسىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خۇددى بىز زاۋۇتلاردا كۆرگەن ئېقىم سىزىقىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، مۇرەككەپ بولغان ھېساپلاشلارنى نۇرغۇن ئاددىي بولغان ئاساسىي ھېساپلاشلارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا مەخسۇس لايىھەلەنگەن تارماققا يوللاپ ھېساپلاش مەشغۇلاتىنى تاماملايدۇ. CPUئېقىم سىزىقى قانچىكى ئۇزۇن بولسا، ھېساپلاش نىسبەتەن شۇنچە قولاي بولىدۇ. بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت چاستۇتىسىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە CPU نىڭ ئۈنۈمدارلىقىمۇ شۇنچە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئېقىم سىزىقى قانچىكى ئۇزۇن بولسا شۇنچە ياخشى دىيىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس.
CPUنىڭ ئېقىم سىزىق ئۇزۇنلىقى cpuيەتمەكچى بولغان ئەڭ يۇقىرى خىزمەت چاستوتىسىنى بەلگىلەيدىغان بولغاچقا، intelشىركىتى cpuنىڭ چاستوتىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزۇن ئېقىم لېنيەسى لايىھەلەپ چىقتى.willametteۋە northwood يادرولىقىدىقى ئېقىم سىزىقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 20 پروجېكت بولۇپ نۆۋەتتە بۇ مىقدار يەنە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە .

1.5 ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى(超线程技术)
ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكىسى ئېنگىلىزچىدا قىسقارتىلىپ HTدەپ ئاتىلدىغان بولۇپ، ئېنتىل شىركىتى ئېقىم سىزىقىنىڭ ئۇزۇن بولۇپ كىتىش سەۋەبلىك مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنڭ تۆۋەنلەپ كىتىش مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لاھىيلەپ چىققان.ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى بىر خىل ماسلاشما كۆپ لېنيىلىك ئىجرا قىلدۇرۇش تېخنىكسى بولۇپ، بۇ خىلدىكى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئىككى دانە لوگىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش بۆلىكى توپلاشتۇرۇلغان. دېمەك ،بۇ قوش بىر تەرەپ قىلىش گەۋدىسىگە تەڭ بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا مۇستەقىل ماسلاشما ھالەتتە ھېسابلاش ئېلىپ بارالايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا بىر مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مەۋھۇم ھالەتتە ئىككىگە پارچىلىنىپ ،ئىككى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بىرلا ۋاقىتتا خىزمەت قىلغانغا باراۋەر .بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھېسابلاش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ .
2. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى
ئۆزەكلەرنىڭ ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ تېزلىشىشىغا ھەمدە قوللىنىش جەريانىدىكى ئىقتىدارى تەلىپىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىنى چۈشىنىۋېلىشمۇ مۇھىم بولۇپ قالدى. cpuنىڭ سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغۇچقا يېزىش قاتارلىق ئۈچ خىل ئىقتىدارى بار .
2.1 فىزىكىلىق تۈزۈلىشى
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مىليونلىغان پەقەت مىكروسكوپ ئاستىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان كىرىستال لامپىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، خېمىيىلىك ۋە فوتو تاختاي باسمىسى ئارقىلىق بىر پارچە قوناق دانچىسى چوڭلىقىدىكى كېرمنىي ياپراقچىسى ئۈستىگە توپلاشتۇرىۋېتىلگەن . بۇ مىكرو كىرىستال لامپىلار 0ۋە1ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان زەرەتلەرنى ساقلايدىغان بولۇپ، بۇلار دەل كومپيۇتېردا ئېيتىلىۋاتقان ئىككىلىك كومپيۇتېر تىلىدىن ئىبارەت. گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن كىرىستال لامپىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا لوگىكىلىق ۋە ماتېماتىكىلىق ھېساپلاش ئېلىپ بارىدۇ . ھەمدە بىر دانە كۇۋارتىس تەۋرەنگۈچنىڭ ياردىمى بىلەن، ماسلاشما ھالەتتە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئۇلار سانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ .

2.2 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ تۈزۈلىشى
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى ساقلىغۇچتا ساقلانغان ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلالايدۇ. بۇ ئۇچۇرلار سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بۇيرۇق كوماندا بولىشى مۈمكىن . سانلىق مەلۇماتلار ئىككىلىك ئىپادە ھالىتىدە بولۇپ بۇلار : ھەرپ-بەلگە، رەقەم ۋە رەڭ قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. بۇيرۇق كوماندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا نۆۋەتتە قايسى خىل سانلىق ئۇچۇرنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىگىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. مەسىلەن ئۇلارغا قارىتا قوشۇش، ئېلىش ۋە ياكى يۆتكەش مەشغۇلاتى قاتارلىقلار .
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئاساسلىقى سانلىق ئۇچۇرلارنى ئوقۇش، سانلىق ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلىغۇچقا يېشىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان. تۈزۈلۈش پىرىنسىپىدىن ئېيتقاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ تۆت بۆلەك بويىچە سانلارنىڭ 8 لىك ئۇچۇرلارغا قارىتا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ . يەنى بۇيرۇق، بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى، بەزى يۈكلىمە ساقلىغۇچ ۋە لوگىكىلىق ھېساپلاش بۆلىكى.
بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئېھيىتاجلىق بولغان بۇيرۇقنى ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ قايسى ئورنىغا قويۇشنى ئېيتىپ بېرىدۇ.
يۈكلىمە ساقلىغۇچ بولسا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ۋاقىتلىق ساقلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ، ھېساپلاشقا ئېھتىياجلىق بولغان سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغان سانلىق ئۇچۇرلارنى ساقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە . (مەسىلەن ئىككى ساننىڭ ئۆزئار قوشۇلغاندىن كېيىنكى نەتىنجىسى )
لوگىكىلىق ھېساپلاش بۆلىكى قىسقارتىلىپ alu دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش قۇرۇلمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇ بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى ئىزاھلاپ بەرگەن سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا ماتېماتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېساپلاش ئېلىپ بارىدۇ .
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى قىسمىدا يەنە بەزى ياردەمچى ئاساسىي بۆلەكلەر بار بولۇپ، مۇناسىپ قوشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان .
كوماندا يوللىغۇچ : ramۋە ياكى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ساقلاش رايونىدىكى بۇيرۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ .
كۇدلىغۇچ : كوماندا يوللىغۇچىدىن ئېلىنغان بۇيرۇق كوماندىلارنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ چۈشىنەلەيدىغان تىلغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ قايسى باسقۇچلار ئارقىلىق تاماملىنىدىغانلىقى بەلگىلىنىدۇ.
كونتىروللىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بارلىق مەشغۇلاتلىرىنى باشقۇرۇپ كونترۇل قىلىدىغان بولۇپ، aluنىڭ قايسى ۋاقىتتا ھېساپلاشنى باشلىسا بولىدىغانلىقىنى، كوماندا يوللىغۇچنىڭ قايسى ۋاقىتتا 0 نى ۋە ياكى 1 نى ئالسا بولىدىغانلىقنى بەلگىلەپ بېرىدۇ . ھەمدە قانداق ۋاقىتتا كۇدلىغۇچنىڭ مەزكۇر قىممەتنى ماشىنا تىلىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىش كېرەكلىگىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ .

2.3 ئەگەشمە بۇيرۇقلارنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانى
بۇيرۇق كۆرسەتكۈچى ئىچكى ساقلىغۇچتىكى بۇيرۇقلارنى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ ، كۆرسىتىپ بېرىلگەن قىممەتنى بۇيرۇق يوللىغۇچ ئارقىلىق كۇدلىغۇچقا يوللاپ بىرىدۇ. كۇدلىغۇچ بۇيرۇقنى ئىزاھلاپ مەزكۇر بۇيرۇقنىڭ قايسى جەريانلار ئارقىلىق ئىجرا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. نەتىجىدەalu مەزكۇر مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىش بۇيرىقى چىقىرىدۇ ھەمدە سانلىق ئۇچۇرلارغا قارىتا ئېلىش قوشۇش ۋە ياكى باشقا بىر تەرەپ قىلىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدۇ . مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر تال بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، كونتروللىغۇچ كوماندا يوللىغۇچقا ئىچكى ساقلىغۇچتىن يەنە بىر بۇيرۇق يوللاشنى ئەسكەرتىدۇ، بۇ جەريان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ. بۇ جەريان ئىنتايىن تېز بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىز ئېكراندا كۆرىۋاتقان نەتىجە ھاسىل بولىدۇ.
بارلىق بۇيرۇق ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىشى ئۈچۈن ، ھەر قايسى بۆلەك گۇرۇپپىلار يەنە بىر ۋاقىت ھاسىللىغۇچقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ . ۋاقىت ھاسسىلىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان بولۇپ، تەكرار ھالەتتە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئەت ئىمپولىسىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. بۇ ئىمپولۇس سېكونتىغا مىليونلىغان قېتىم يەنىmhzئارقىلىق ھېساپلىنىدىغان بولۇپ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي چاستوتىسىنى بەلگىلەپ بېرىدىغان بىرلىك بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ۋاقىت ھاسسىللىغۇچ سېكونتىغا چىقارغان ئىمپولۇس قانچىكى يۇقىرى بولسا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ. ئوخشاش ئەھۋال ئاستىدا 700mhzلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارى 800mhzلىق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارىدىن تۆۋەن بولىدۇ . ئەمما بىر نەچچە مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ يانداشما ھالەتتە ۋە ياكى باشقا خىل ئۇسۇلدا خىزمەت قىلغاندا بۇ ساننىڭ ئەھمىيىتى ئانچە چوڭ ئەمەس.

2.4 مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۈچەيتىلگەن ئىقتىدارى
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بىر نەچچە ئاساسىي قىسىملىرى ئارقىلىقلا ئۆزىگە تەئەللۇق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ . ئەمما ئۇنىڭ ئومومىي ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەش شىركەتلىرى، ئىزچىل ئۇنىڭ ئاساسىي لايىھەلىنىشىگە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارماقتا. ئەڭ ئاخىرقى نىشان ئوخشاش بولۇپ ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشتىن ئىبارەت .
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تەتقىقاتى جەريانىدا، ئۆزەك شىركەتلىرى مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ram دىن سانلىق ئۇچۇر ۋە ياكى بۇيرۇق تاپشۇرىۋېلىش جەريانىدا، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىچكى قىسمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى بايقىدى. مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ بىكار ۋاقتىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، ئۇلار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى قىسمىغا يەنە بىر cacheەپ ئاتىلىدىغان ساقلاش رايونى قوشتى. بۇ ساقلىغۇچقا سانلىق ئۇچۇر ۋە بۇيرۇقلارنى ساقلاشقا بولىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ramنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى ئازايتىلدى .
Cacheكېڭەيتىش ئىدىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە سېستىما ئىشلەش شىركەتلىرى يۇقىرى سۈرئەتتىكى ramنى ئىككىنچى دەرىجىلىك cache ۋە ياكى L2 CACHEدەپ ئاتىدى . ھەمدە بۇنى CPUۋە ئىچكى ساقلىغۇچ ئارلىقىدىكى ئۆتۈشمىگە ئورۇنلاشتۇردى. مەزكۇر ساقلىغۇچ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچقا قانچە يېقىن بولغانسېرىRAMنى زىيارەت قىلىش قېتىم سانى شۇنچە ئازىيىدۇ .
ئىككىنچى دەرىجىلىك CACHEنىڭ CPUئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىشتىكى رولى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئادەتتە CPUنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ .

Cpuتاللىغاندا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

amd بىر تەرەپ قىلغۇچنى تاللاش كېرەكمۇ ياكى intel بىر تەرەپ قىلغۇچىنى تاللاش كېرەكمۇ؟
لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتىدارىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ پەقەت ئىككى لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاشنى ئىجرا قىلىش بۆلىكى بار . amd مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئادەتتە ئۈچ دانە يانداشما لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاشنى ئىجرا قىلىش بۆلىكى بار . شۇڭلاشقا ئوخشاش دەرىجدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچلار ئىچىدە amd بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتدارى ئىنتىل بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ياخشىراق . لەيلىمە چىكىتلىك ھېسابلاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئويۇن پروگراممىسى ۋە ئۈچ ئۆلچەم پروگراممىسى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى مۇناسىپ كۈچلۈك بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا كۆپ ۋاستە جەھەتلەردە، intelشىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىغا sseبۇيرۇق توپلانمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ sse3كە قەدەم قويدى. Amdشىركىتىمۇ ئارقىدا قېلىشنى خالىماي SSEگە ماسلىشالايدىغان 3DNOW! بۇيرۇق توپلانمىسى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى . ئىككى شىركەتنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلىرىنى سېلىشتۇرغاندا intel مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۆپ ۋاستە بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىدىن بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، كۆپلىگەن يۇمشاق دېتاللارSSE ئىقتىدارىغا قارىتا ئەلالاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. شۇڭلاشقا كۆپ ۋاستە يۇمشاق دېتاللىرى ۋە تەكشىلىكتە رەسىم بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتاللىرى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئاساس قىلغان كومپيۇتېرلاردا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىشى مۈمكىن.
قانداق مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى تاللاش مەسىلىسىدە،باھا ئامىلى سېتىۋالغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئىقتىدار ۋە دەرىجە جەھەتلەردىن ئوخشاش بولغان Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئومومىي جەھەتتىكى ئىقتىدارى AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچتىن ياخشى بولىدۇ. ئەمما باھا جەھەتلەردە AMD مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇتلەق ئۈستۈنلىككە ئىگە. ئەڭ ئاخىرقى تاللاش AMD بولىشى كېرەكمۇ ۋە ياكى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولىشى كېرەكمۇ ؟ يۇقىرىدا دەپ ئۆتكۈنىمىزدەك AMDمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك لاھىيە، ۋە ئويۇن بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكى ئوخشاش دەرىجىدىكى Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن يۇقىرى.Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلار سودا، كۆپ ۋاستە، تەكشىلىك لايىھەسى،سىن بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. ئىشلىتىلىشى جەھەتلەردىن باشقا يەنە باھا ۋە ئىقتىدارىنى ئويلىشىشمۇ ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . شۇڭلاشقا سېتىۋالغۇچى تەرەپ يۇقارقى كۆرسەتمىلەرگە ئاساسەن ئۆزىگە ئېھتاياجلىق بولغان مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنى تاللاپ سېتىۋالسا بولىدۇ .

مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا ، ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولامدۇ ؟

نۇرغۇن ئىستىمالچىلار مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ چاستوتىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ بىر تەرەپلىمە قاراش بولۇپ، بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم ئۇنىڭ ھېساپلاش ئىقتىدارىدا، مەسىلەن بىر سېكونت ئىچىدە قانچىلىك بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىش، قانچە قېتىم لەيلىمە ھېساپلاش ئېلىپ بېرىش دېگەندەك. بۇ كۆرسەتكۈچلەر بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىچكى لايىھەلىنىشى ۋە چاستوتىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھەممىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئەمەلىي ئىشلىتىش جەريانىدا چاستوتىسى تۆۋەن بولغان بەزى AthlonXPبىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ يۇقىرى چاستوتىلىق Pentium4مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلاردىن ياخشى ئىكەنلىگىنى بايقاشقا بولىدۇ .

AMDمەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچتىن Intelمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ مۇقىم بولامدۇ ؟

بۇ نۆۋەتتە ئىستىمالچىلار بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، CPUغا نىسبەتەن ئېيتقاندا مەيلى Intel مەركىزي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن ۋە ياكى AMDمەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسۇن،پەقەت ھەقىقىي مەھسۇلات بولسىلا، كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدىكى چاستوتا ئاستىدا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ . كومپيۇتېرنىڭ مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى ئاساسەن ھەر قايسى قاتتىق دېتال قىسىملىرىنىڭ ماسلاشماسلىقىدىنن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن سوۋۇتقۇچ، توك مەنبە ئىچكى ساقلىغۇچ، ئاساسىي تاختا دېگەندەكلەر. ئەمما مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچلارنىڭ ئۆزلىگىدىن مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلىشى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .

(ئىزاھات:مەزكۇر ماقالىنى يېزىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك خاتالىقلاردىن ساقلىنىش بىر قەدەر قىيىن. كۆپچىلىك تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم، خاتالىقلار بولسا سەمىمىي تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئايىمىغايىسىزلەر.Ertash)



باش سۈرەت
gheyret
يازمىلار: 125
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ئاپرىل 04, 2007 12:34 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان gheyret » دۈيشەنبە ئاۋغۇست 16, 2010 8:11 pm

Ertash ئەپەندى،
سىزگە كۆپ تەشەككۈر.
مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق يازمىلارنى داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز. بولۇپمۇ دەسلەپكى ساۋاتلار ھەققىدە جىق يازغايسىز.
غەيرەت كەنجى

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 3:25 am

ياخشى ماقالىكەن.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Ertash[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-15 23:16 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3560&ptid=794][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

1.5 ئۇلتىرا سىزىق مۇساپە تېخنىكسى(超线程技术)[/quote]

بۇ تەرجىمىگە باشقا گەپ تاپمىساق بولماپتۇ.

بۇ گەپنىڭ ئەسلى مەنبەسى Hyper-Threading بولۇپ، ئاخىرى Thread 进程 دىگەن يەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇنى ئۇيغۇرچە «جەريان» دەپلا ئالغاندەك قىلغان.

شۇڭا Hyper-Threading Technology 超线程技术 نى «ئۇلتىرا جەريان تېخنىكىسى»، «كۆپ جەريان تېخنىكىسى» دىگەندەك سەل چۈشىنىشلىك، مۇۋاپىقراق نامدا ئالايلىمىكىن؟

Thread 进程 بولسا، مەشغۇلات سىستېمىسى نەزىرىيىسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئۇقۇم، ۋە Java پروگرامما تىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم، ئايرىلماس بىر قىسمى. غەيرەت ئەپەندىم، (سىزنى Java دا بەك پىششىق دەپ ئاڭلىدۇق) يۇقۇرقى ئاتالغۇ ھەققىدە ئۆز پىكرىڭىزنى بېرىپ باقسىڭىز.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 12:52 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Ertash[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-15 11:16 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3560&ptid=794][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچنى چۈشىنەمسىز؟

1.2 ئىككىنچى دەرىجىلىك بوففېرلاش (二级缓存) ... [/quote]

بۇنداق ئىلىشمۇ مۇۋاپپىق بولمامدۇ قانداق....بۇنى ئەسلىدە ئىككىنچى دەرىجىلىك باففىرلىغۇچى رايۇن (ياكى ئىككىنچى دەرىجىلىك باففىرلىغۇچى رىگىستىر) دەپ ئالامىز.....باففىرلاش دىسەك بۇ خۇددى
گوگۇللاش دىگەندەك پېئىل بوپ قالمامدۇ، بۇيەردىكى باففىرلىغۇچ دىگەن ئىسىم مەنىسىدە بولىشى كىرەك...
بۇركۇتنىڭ يادىدا بولسا كىرەك.. ئىلگىرى بىلىكتە مۇشۇ توغۇرلۇق ئوبرازلىق(ئەڭ ئوبرازلىقى سۇمۇنارى) مەسىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈلۈپ شۇ ۋاقىتتىلا بۇنى(باففىر سۆزىنى) غەملەك دىگەن سۆزدە توختاتقاندەك يادىمدا ..شۇڭا بۇنى
ئىككىنچى دەرىجىلىك غەملەك (ئەسلەك) دەپ تەھرىرلىۋىتىشكە بولامۇ؟

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 1:38 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Omar14[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-17 18:52 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3590&ptid=794][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۇركۇتنىڭ يادىدا بولسا كىرەك.. ئىلگىرى بىلىكتە مۇشۇ توغۇرلۇق ئوبرازلىق(ئەڭ ئوبرازلىقى سۇمۇنارى) مەسىللەر بىلەن چۈشەندۈرۈلۈپ[/quote]

ئۆزەم ئوتتۇرىغا قويغان ئوبرازلىق مىسال تۇرسا، قانداقمۇ يادىمدىن چىقىپ كەتسۇن؟

Abdurehim قېرىندىشىمىز تېخى يېقىندىلا بۇنى باففېر دەپ ئالايلى دەپ تەۋسىيە قىلىپتۇ.

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Abdurehim[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-17 17:37 [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3589&ptid=560][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]

بۈركۈت ئاكا، قارىسام يۇقارقى بىر قانچە ئىنكاسىڭىزدا Buffer غا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بېرىشنى تەشەببۇس قىپسىز، بۇ ئاتالغۇ 90-يىللادا نەشىردىن چىققان كومپيۇتېر كىتابلىرىنىڭ بەزىلىرىدە (غەيرەت ئاكىمىزنىڭ تۈزگەن كىتابى، كومپيۇتېر تېخنىكىسى، كومپيۇتېر ئېنگىلىز تىلى، Basic تىلى..) ئېنگىلىزچە ئوقۇلىشى بىلەن باففېر دەپ ئېلىنغاندەك ئېسىمدە (بۇنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ سىز مەندىن ئېنىقراق بىلىسىز)،ئەينى يىللاردا ئىشلىتىلگەن توپ بىر تەرەپ قىلىش بۇيرۇقلىرىدا ھەم شۇ پېتى Buffer دەپ قوللانغان، شۇ چاغلاردا بىز باففېرنىڭ ئۇيغۇرچە نىمە مەنىسى بارلىقىنى بىلمىسەكمۇ، ئۇنىڭ كومپيۇتېردىكى رولىغا قاراپ مەنىسىنى تەخمىنىي چۈشەنگەن ھەم شۇ پېتى باففېر دەپ ئاتاپ كېتىۋەرگەن ئىدۇق. Buffer نىڭ تىلىمىزغا كىرىش تارىخى كۆك چىش، USB، بارماق دېسكا... دېگەنلەردىن خېلىلا ئۇزۇن، مېنىڭچە يەنىلا شۇ كونىنى (باففېر) ساقلاپ قالساق قانداق بولار .[/quote]

قايسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بار، شۇنى ئالايلى.

«كومپيۇتېر» دەپ قوبۇل قىلىپمۇ، بىر يېرىمىز كام بولۇپ قالمىدى، مېنىڭچە بولسا، يەنىلا «باففېر» دەپ ئالغۇم بار.

Omar14
يازمىلار: 150
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ئىيۇن 03, 2007 12:48 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Omar14 » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 1:57 pm

[quote]ئەسلى يوللىغۇچى: [i]Eagle[/i] ، ۋاقتى: 2010-8-17 07:38 PM [url=http://www.ukij.org/munber/redirect.php?goto=findpost&pid=3595&ptid=794][img]http://www.ukij.org/munber/images/common/back.gif[/img][/url]


مېنىڭچە بولسا، يەنىلا «باففېر» دەپ ئالغۇم بار. [/quote]

ئــــــــــــــــــــــۇف ئەجەپ قىززىق گەپ قىلىدىكەنسىلە باللا ...........
ئەينى ۋاقىتتا سىز ئاشۇ غەملەك دىگەنگە قوشۇلمىغاندەك قىلمىغانتىڭىز...بۇ نىمە گەپ ئەمدى

Eagle
يازمىلار: 141
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە دېكابىر 01, 2008 9:13 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Eagle » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 2:38 pm

مەن ئۇ ۋاقىتتا ياخشىراق بىرەر ئۇيغۇرچە سۆز چىقىپ قالامدىكىن دەپ ساقلاپ ئولتۇرغان.

غەملەككە قارشىمۇ تۇرمىغان، قوللاپمۇ كەتمىگەن. بۇنداق ئاتالغۇلار بىزنىڭ ئېغىزىمىزدىلا ئىشلىتىلمەي، يەنە قەغەز، مەتبۇئات يۈزىدىمۇ ئىشلىتىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ كومپيۇتېر كەسپىنىڭ بالىلىرى ئالى مەكتەپ دەرسخانىلىرىدا، كەسپىي دەرسلىرىدە بىمالال ئىشلىتەلىشى كېرەك. سىز مەكتەپتىكى بالىلاردىن، ئوقۇتقۇچىلاردىن پىكىر ئېلىپ بېقىڭ بۇھەقتە.

غەملەكتىن پەقەت بىر يەرگە توپلاپ بېرىدۇ دىگەنلا مەنىسى چىقامدىكىن؟ ئەسلى سۆز ھەم پېئىلمۇ بولالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنى «غەملە، غەملەش، غەملەكلەش ... » دەمدۇق؟ چوڭ نۇقسانمىغۇ يوق، لېكىن قازناق، غەملەك دەپ بەك كونا ئىسىملارنى بۇنداق يېڭى شەيئىلەرگە ئىشلىتىش تازا ماس كەلمەيدىكەن. بۇ تۈگىسە تېخى Cache بار. ئۇنى نىمە دەيمىز؟ شۇڭا بۇلارنى باففېر، كەش دەپلا قۇتۇلساق بولامدىكىن، خۇددى «كومپيۇتېر» دەپ قۇتۇلغاندەك؟

ئۇنداق دىسەك بولمايدۇ دىسەڭلار، كومپيۇتېر دىسەك بولىدىكەن، باففېر، كەش دىسەك نىمىشقا بولمايدىكەن دىگەن سۇئالغىمۇ ئويلىنىپ بېقىڭلار.

خەنزۇلارنىڭ كېچە-كۈندۈز تولۇق كۈن ئىشلەيدىغان، مىڭلارچە تىل-يېزىق ئاتالغۇ ئۈچۈن ئىشلەيدىغان ئادەملىرى بار، دۆلەتلىك تىلكومدا. بىز بۇ ئاتالغۇلارغا يېتىشىپ بولالماي...

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » سەيشەنبە ئاۋغۇست 17, 2010 4:48 pm

تولىمۇ ياخشى ماقالە بوپتۇ.:victory:
.....................

进程 نى جەريان دەپ ئاتاپتىمىز بۇنى مۇساپىلەر دىسەك ئۇزۇراپ كەتكۇدەك. بولسا، سەھنە دەپ ئىشلەتسەك قانداق بولار. قايسى پىراگەىراممىنى قوزغاتساق شۇ پىروگىرامما شۇ سەھنىگە چىقىپ تۇرىدىغاندىكىن.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: Newruz ، ۋاقتى: 2010-8-17 22:49 [/i]]

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار