ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئىخچاملانغان نۇسخىسى

بۇ سەھىپىگە كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتال قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا يولۇققان ۋە ھېس قىلغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزە، مۇھاكىمە خارەكتېرلىك ئەسەرلەر قويۇلىدۇ.
afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئىخچاملانغان نۇسخىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » يەكشەنبە نويابىر 14, 2010 7:53 am

ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئىخچاملانغان نۇسخىسى
ئۇيغۇر تىلىدا 32 تاۋۇش بولسىمۇ ،لېكىن بۇنى يېزىقتا ئىپادىلىگەندە 100نەچچە تال ھەرپ (يەنى باش،ئوتتۇرا،ئاياق،يالغۇز شەكىللىرىنى كۆزدە تۇتقاندا)بىلەن ئىپادىلىمەكتىمىز.
يېزىق بولسا تىلنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە بولۇپ ،مېنىڭچە قانچە ئاددىي بولسا ئۆگۈنۈش ۋە ئىشلىتىشكە قولاي بولۇدۇ.شۇڭا كونا يېزىقنى ئاددىيلاشتۇرغىلى بولامدۇ دىگەن مەقسەتتە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،ناۋادا باش شەكلىنىلا ئالساق ،بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ ماس كېلىدىكەن،بۇنىڭ بىلەن كۆپ ئاددىيلىشىدىكەن.شۇ مەقسەتتە بۇ لاھىيىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقتىم.بولامدۇ،بولمامدۇ تورداشلار بىرنىمە دەپ باقسا دىگەن ئۈمۈتىمەن .
[size=5] ۇﻳﻏﯗر ﻛﻭﻧا ﻳﯦزﯨﻗﯨﻧﯨﯕ ﯨﺧﭼاﻣ ﺷەﻛﻟﯨ

ا ە ﺑ ﭘ ﺗ ﺟ ﭼ ﺧ د ر ز ژ ﺳ ﺷ ﻏ ﻓ
ﻗ ﻛ ﮔ ﯕ ﻟ ﻣ ﻧ ھ و ۇ ۆ ۈ ﯞ ﯦ ﯨ ﻳ[/size]
بۇنىڭدا ھەمزە دىگەنلەرنى ئىشلەتمەيمىز.شۇنىڭدا بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ ماس كېلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ،ھەم كۆپ ئاددىيلىشىدۇ.
بۇنىڭغا يەنە بىر قوشۇمچە : ھەرپلەر ئۇلىنىپ كەلمەيدۇ. دانە دانە يېزىلىدۇ،بۇ ھەرگىز ھەرپلەر ئارىسىغا بوشلۇق قويۇمىز دىگەنلىك ئەمەس. چۈنكى ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىمىزدا ھەرپلەرنىڭ ئۇلىنىپ يېزىلىشىنى ئويلىشىپ ،ھەرپلەرنى باش،ئوتتۇرا،ئاياق،يالغۇز دەپ ئايرىغان.

[img]http://www.bilik.biz/bbs/attachments/forumid_17/20101113_c29d1dc9e69078583552JmpTPYpGEtRW.jpg[/img]
بۇ تېما دەسلەپتە بىلىك كولۇبىغا يوللانغان.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: afrasiyab ، ۋاقتى: 2010-11-14 13:57 [/i]]



nurqut
يازمىلار: 60
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە ماي 04, 2008 2:03 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان nurqut » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 12:53 am

بۇنداق قىلىشتىكى ئىھتىياج نېمە؟ زۈرۈرىيەت نېمە؟ مەقسەت نېمە؟ ...
سىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ ئىش ئارتۇقچە ھەم قالايمىقانچىلىققا يول ئېچىپ بىرىدىغاندەك ھېس قىلدىم.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە نويابىر 15, 2010 3:57 pm

مېنىڭمۇ كاللامدىن ئۆتمەۋاتىدۇ. ئەمما مەقسىتىڭىزنى تېخىمۇ چۈشىنىشكە تىرىشىمەن.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە نويابىر 16, 2010 2:52 pm

مېنىڭ باشقا مەقسىتىم يوق.
پەقەتلا بۇ خىل بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ ماس كېلىش نى ئىپادىلەش مۈمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىزدىنىپ بېقىش ئويۇملا بار.
قارىسام بۇ خىل مۈمكىنچىلىك بولۇدىغاندەك قىلىدۇ.
شۇڭا بۇ يەردە بىلىملىك كىشىلەر يىغىلغان دىگەن قاراشتا،بۇ خىل ئويۇمنىڭ مۈمكىنچىلىكى توغۇرلۇق مەسلىھەت ئاڭلاپ بېقىش ئويۇدا يوللىغان.
بۇ ھەرگىز مۇشۇ خىل قوللىنايلى دىگەن تەشۋىقات ئەمەس. پەقەتلا بىر ئىمكانىيەتكە بولغان ئىزدىنىش.
توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
بۇنىڭ زۆرۈريىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىدىم.ھەم ئويلانغۇممۇ يوق.
ناۋادا مەقسىتىڭ نىمە دەپ قايتا سورىسىڭىز پەقەتلا بېرەلەيدىغان جاۋابىم:بۇنى پەقەتلا يېزىقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغاندا بۇ خىل ئىپادىلەش توغرىمۇ خاتامۇ؟ دىگەندىنلا ئىبارەتتۇر.
مۈمكىن بولسا بۇنىڭغا يېزىقشۇناسلىق نۇقتىسىدىن قاراپ ،تەھلىل قىلىپ،مەسلىھەت بەرسىكەن دىگەن ئۈمۈتتەمەن.
توغرا چۈشەنگەيسىلەر.

afrasiyab
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە ئىيۇن 19, 2007 10:18 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان afrasiyab » سەيشەنبە نويابىر 16, 2010 2:55 pm

ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىگە مۇيۇبارەك بولسۇن.:handshake :handshake :handshake :handshake :handshake :handshake :handshake :handshake :handshake

yolwas
يازمىلار: 2
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 31, 2007 10:13 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان yolwas » چارشەنبە نويابىر 17, 2010 3:00 pm

بىرگە بولسۇن! ئالىدى بىلەن سىزنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىمىز ئۈستىدە ئىزدەنگىنىڭىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن، گەرچە ھازىر ۋە يېقىن كەلگۈسىدە يېزىقىمىزغا نىسبەتەن چوڭ ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش مۇمكىن بولمىسىمۇ لېكىن سىزنىڭ بۇ خىل لايىھىڭىز ھەر ھالدا يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا ئىگە ئىكەن، بەلىكم بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىنتايىن ئەخمىقانىلىق ھېسابلىنىشى مۇمكىن ئەمما نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەر، تەرەققىياتلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزگىچە ھەر خىل ئوخشىمىغان قاراشلار، زىددىيەتلەر بىلەن بارلىققا كېلىدۇ.

majeed
يازمىلار: 67
تىزىملانغان ۋاقتى: چارشەنبە ماي 23, 2007 5:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان majeed » سەيشەنبە نويابىر 23, 2010 2:53 am

ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەرەپچە يېزىقىغا « بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ» ئىشلىتىش مۈمكىن بولسا، بۇمۇ بىر يېڭىلىق ۋە قىياس دەپ قارىساق بولىدۇ .
بىراق يەنىلا ئەرەپ يېزىقىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ، ئۇلىنىپ يېزىش ۋە باش ،ئوتتۇرا يالغۇز ھەرپلىرىنىڭ ئوخشىمىغان ھەرپلەردە ئىپادىلىنىشىگە ئەمەل قىلغان ئەۋزەل .
يېزىق پەقەت بىر قۇرال، شۇڭا لاتىنچە ياكى ئورخۇنچە يېزىقنى ئىشلەتسە سىزنىڭ دىگىنىڭىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » سەيشەنبە نويابىر 23, 2010 4:02 pm

بىر ۋاقىتتا تور ئارىلاۋېتىپ مەملىكىتىمىزنىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە ياشاپ تۇرغۇچى سالار مىللىتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئورقۇن يېزىقىنىڭ ھەرپلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ يېزىق ئېلىپبەسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە ۋە ماقالىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم، بۇ لايىھە ھەم ئاددىي ئىخچام بوپتىكەن. ئەمما، كۆپ كىشىلەرگە ئورقۇن يېزىقىدىكى كونا ھەرپلەر ناتونۇش ھەم بۇ ھەرپلەرنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئايرىم ئىشلەشكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ لايىھەمۇ بېسىلىپ قاپتىكەن. كېيىن، ئۇلار لاتىنچە ھەرپلەردىن پايدىلىنىپ 2008- يىلى ئۆزىنىڭ يېڭى ئېلىپبەسىنى ئېلان قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش بۇ تېمىدا دېيىلگەن قىياس ۋە تەكلىپتە خاتالىق يوق، بۇمۇ بىر خىل ئىزدىنىش، مەنمۇ ئامال بولسا ھازىرقى كونا يېزىقىمىزنى ئىخچاملاش تەرەپدارى، مەسىلەن قىرغىزلارنىڭ ھازىرقى ئەرەبچە ئېلىپبە ئاساسىدىكى يېزىقى بەك ئىخچام لايىھەلەنگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرچە، قازاقچە ئېلىپبەلەر بىر ئاز مۇرەككەپ، بەزى ئەسلىدىنلا ئەرەبچىدە بولمىغان ھەرپلەر ئىجاد قىلىنغاچقا، كېيىنكى ۋاقىتلاردا يېزىقىمىزنى خەلقئارا يۇنىكودقا كىرگۈزۈش ۋە كومپيۇتېرغا تونۇتۇش داۋامىدا خېلى ئاۋارىچىلىقلارنى تارتتۇق. گەرچە، ھازىر خېلى كۆپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەتكەن بولساقمۇ، %100 بولدى دەپ ھېچكىم دېيەلمەيدۇ. يەنىلا مەسىلىلەر مەۋجۇد. شۇڭا، بەزىدە يېزىقنىڭ ئىخچام بولۇشىمۇ تەرەققىياتقا پايدىلىق ئىكەن. ئەگەر ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقىمىز ئەرەب يېزىقىنىڭ ئەسلىدىن بار بولغان ھەرپلىرىدىنلا پايدىلىنىپ تۇرۇپ ھازىرقى تىلىمىزنى ئىپادىلىگەن بولسا، مەسىلەن تۈركىي تىللار دىۋانى، قۇتاتقۇ بىلىكلەردە ئىشلىتىلگەن كونا ئۇيغۇر يېزىقى (ئاتالمىش چاغاتاي يېزىقى) نى ئازراق ئىخچاملاپ، بۇنىڭغا ئوشۇق ھەپلەرنى قوشماي لايىھە تۈزۈلگەن بولسىمۇ، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەمما، شۇ ۋاقىتلاردا بۇ ئىشلارنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئالىملار ھازىرقى تەرەققىياتلارنى كۆرۈپ يېتەلمىگەن بولۇشى، ھەم شۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك ئەھۋاللار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى شارائىتقا ئاساسەن ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىقى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر بىز مۇشۇ لايىھەنى ئىشلىتىۋاتقىمىزغا ئاز-كەن 40 يىلدەك بولۇپ قالدى. دېمەك، بىر ئەۋلاد كىشىلەر بۇ يېزىققا ئۈگىنىپ كەتتۇق. ئەمدى ئۆزگەرتىش ياكى ئىخچاملاش ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش. ئەمىلىيەتتە، بۇ لايىھەنى ئوبدانراق تەتقىق قىلساق، ئەرەب يېزىق سىسىتېمىسى ئىچىدىكى بىزدەك تۈركىي تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولغان بىر مىللەت ئۈچۈن تولىمۇ ياخشى لايىھەلەنگەنلىكى ھېس قىلىمىز، بۇ يېزىقتىكى بىر ئالاھىدىلىك شۇكى سوزۇق تاۋۇشنىڭ سوزنىڭ بېشىدا كەلگىنىدە ھەمزە بىلەن يېزىلىشى، سۆز ئارىسىدا بولسا ئىككى سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئارىسىغىمۇ ھەمزە قوشۇپ قويۇش، ھەم سۆز ئىچىدە سوزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان سوزۇق تاۋۇشلارغىمۇ ھەمزە قوشۇپ يېزىش دېگەندەكلەردە بۇ ھەمزە، ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىكى ئايرىش بەلگىسى (ئاپاستروف) نىڭ رولىنى ئۆتىگەن. مەسىلەن: تەبىئەت tebi'et، ئائىلە a'ile دېگەندەك.

Newruz
يازمىلار: 113
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ماي 24, 2007 12:05 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Newruz » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 3:46 pm

ئىجاتچان پىكىرىڭىزنى قۇۋەتلەتلەيمەن. بۇ مەسىلىنى كېڭەيتىپ تەتقىقات قىلىشقا ئەرزىيدۇ. تەتقىقات نەتىجىسى چىققاندا ئاندىن ئاقىللاردىن مەسلىھەت ئېلىنسا بولىدۇ. پايدا زىياننى سان سېفىرلىق قايىل قىلىش كۈچى بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. توت بەش ئادەمنىڭ يېزىقنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدىغان دەۋرى كەتتى. ئەمدى كىشىلەر ئىلمىي ئۇسۇللار بىلەن قايىل قىلىنىشى كېرەك. ئىلگىرى ئىشلەتكەن خالىغان يېزىق كېيىنكى تالاشمىلارغا ئاساس بولىشى مۇمكىن.

Alpsoft
يازمىلار: 101
تىزىملانغان ۋاقتى: سەيشەنبە دېكابىر 18, 2007 3:27 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Alpsoft » چارشەنبە نويابىر 24, 2010 5:18 pm

ھازىرقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەمچىلىكىدىن ئارتۇقچىلىقى كۆپ، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزە بىلەن ئېلىنىشى، ئۇزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىسىز ئېلىنىشى، بۇ تىلىمىزدىكى قانۇنىيەتكە تولىمۇ ئۇيغۇنلاشقان، ھەم سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئۇزۇك تاۋۇشنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرگەن. خەتنىڭ يېزىقتىكى كۆرۈنۈشى ھەم ئوقۇش، يېزىشتىكى كۆركەملىكىمۇ، ھەر قانداق بىر ئەرەب يېزىقى سىستېمىسىدىكى يېزىقلاردىن كۆركەم دەپ قارايمەن. بىز ئەرەب يېزىقلىرى سىستېمىسىدىكى ھەر خىل يېزىقلار ئارىسىدىن، سوزۇق تاۋۇشلىرىمىزنىڭ ھەمزە بىلەن يېزىلىشىدىنلا بىز بۇ يېزىقنىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالىمىز، بۇ يېزىقىمىزنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. ھەر قانداق بىر يېزىقنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار. 2005- يىلى مۇقۇملاشقان ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى لايىھەسىدىمۇ بىز دەسلەپ e نىڭ ئە دەپ ئوقۇلۇشىنى ئىتىراپ قىلغۇمىز كەلمىگەن ھەم كۈنەلمىگەن ئىدۇق. ئەمما، ھازىر ئويلاپ كۆرسەك بۇ ناھايىتى توغرا ئىكەن. ھەممىنى ۋاقىت ئىسپاتلىغىنىدەك، شۇ ۋاقىتلاردا كۈنەلمىگەن ئىدۇق، ئەمدى كۈنۈپ قالدۇق. بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرنى قۇۋۋەتلەشكە بولىدۇ، ئەمما بۇ پىكىرنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلىنىشى تەس. بۇنىڭ ئۈچۈن، قايىل قىلارلىق پاكىت بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، تېما ئاپتورى بەزى ئوي پىكىرلىرىنى ياخشى بايان قىلىپتۇ، ئەمما بۇنىڭ يەنە بىر قانچە ھالقىلىق مەسىلىلىرىگە ئېنىقلىما كەمچىل. مەسىلەن، ئەرەب يېزىقىدەك ئۇلىنىپ يېزىلىدىغان يېزىق ئۈچۈن، بىر تاۋۇشقا بىر ھەرپ بەلگىلەش مۇمكىنمۇ، ئەگەر شۇنداق قىلىشقا بولىدۇ دېيىلگەندىمۇ، ھەرپلەرنىڭ تۆت خىل يېزىلىشىدىن قايسىسى بولىدۇ-ياكى بولمايدۇ دېگەن بىر ئۈلۈك يولغا سۆرەپ كىرىدۇ، بەزىلەر بېشىدىن باشلىنىدىغان شەكلى دېسە، بەزىلەر ئوتتۇرىدىن باشلىنىدىغان شەكلى، يەنە بەزىلەر يالغۇز شەكلى دېگەندەك، مېنىڭچە بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، ئەمما بۇ تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى بىر قىياس، شۇڭا بۇنى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈشكە بولمايدۇ، پەقەت مۇھاكىمە قىلىپ بېقىۋاتىمىز خالاس، كۆپچىلىك توغرا چۈشىنەر. مېنىڭچە ھازىرقى مۇشۇ ئانا يېزىقىمىز بىلەن لاتىن ھەرپلىرى ئاساسىدىكى قوشۇمچە يېزىقىمىزنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ خېلى كۆپ ھاجەتلىرىمىزدىن تولۇق چىقىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يېزىق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويلانماي، مۇمكىن بولسا قەدىمكى ئورقۇن-يېنىسەي يېزىقىمىز، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ئوقۇلىشى، يېزىلىشى، ھەمدە كومپيۇتېردا قانداق بىرتەرەپ قىلىش دېگەندەك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقساق، چۈنكى بۇ ئىككى يېزىقىمىز ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىمىز بىلەن كۆپ جەھەتتىن ئوخشاشلىققا ئىگە. مەسىلەن، قەدىمكى ئورقۇن-يېنىسەي ېيېزىقى ئوڭدىن-سولغا يېزىلاتتى. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىمىز ئۈستىدىن ئاستىغا يېزىلغان بىلەن، يەنىلا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىققا كىرەتتى، يەنە كېلىپ بۇ يېزىقىمىزمۇ باش، ئوتتۇرا، ئاخىر، يالغۇز دەپ ئايرىلاتتى. بۇ ئىككى يېزىقنى ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا قوللىنىپتىكەن، ھازىرقى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىنىڭ تارىخىمۇ 1000 يىلچە بار، ئارىلىقتا بىر قانچە قېتىم ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن ئىشلىتىلگەن يېزىقلارنىڭ بىرى، بۇ يېزىقنى قەدىمكى ئورقۇن ئۇيغۇر يېزىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار