2007- يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگودىكى نوپۇسى 9،413،796 بولۇپ، 10 مىليونغا يېتىشكە ئازلا قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، 4 يىل جەريانىدا توردىن ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئائىت بىرەر ياخشىراق سان- سىغىر تاپالماي يۈرەتتىم.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا تور ئارىلاۋېتىپ، ب د ت نىڭ 2010-يىللىق نوپۇس سىتاتىستىكىسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ جۇڭگو تەۋەسىدىكى نوپۇسى 11 مىليونغا ئازلا قالغانلىقى قەيت قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم.
مەنبە: [url]http://www.joshuaproject.net/countries.php?rog3=CH[/url] \
جۇڭگودىكى ئاساسلىق ئۇيغۇر توپى 10 مىليون 833 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى 65 مىڭ، خوتەن قارىقاش ئۇيغۇرلىرى 41 مىڭ، تەكلىماكان ئۇيغۇرلىرى 300 ، جەمئىي 10 مىليون 939 مىڭ 300 بولۇپ، 11 مىليونغا 60 مىڭ نوپۇس كەملىك قىلىدىكەن.
شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇرلار جۇڭگودىكى نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ 4-سى بولۇپ قاپتۇ. ئالدىنقىلىرى جۇاڭزۇ، مانجۇ ۋە تۇڭگانلار بولۇپ، ئۇيغۇردىن كېيىن يەنە مىياۋزۇلار بار.
گەرچە بۇ 2010-يىللىق مەلۇمات دىگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەلۇماتلار بولۇپ، ھازىر 2011-يىلى يانىۋار، ئارىلىقتا بىر يىل ئۆتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ يىللىق كۆپىيىش نىسبىتى كەم دىگەندىمۇ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر 2010- يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى مەلۇماتنى ئاساس قىلدىغان بولسا، جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كەم دىگەندىمۇ 11 مىليون 100 مىڭدىن ئاشىپ قالاتتى.
مەنبە: [url]http://bbs.12tagh.com/[/url]
جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشتى!!!!
شۇنداق،
ئۇيغۇرلارنى بۇنداق ئايرىش تازا توغرا ئەمەس، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ!
تېخىمۇ قىزىق يېرى، مىللەتلەر توپى (people cluster) دىگەن يېرىدە، ئۇيغۇر مىللەت توپىغا يەنە ئافغانىستاندىكى ھازارا مىللىتىنىمۇ قوشۇپ قويۇپتۇ.
لېكىن بۇمىللەت پارس تىللىق (دارى تىلى) ئىشلىتىدىغان. تىلىغا ئەرەبچە، تۈركچە سۆزلۈكلەرمۇ كىرىپ قالغان مىللەت بولۇپ، بۇ مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىنى موڭغۇللار بىلەن باغلاش مۇمكىن ئىكەن، چىرايىمۇ سەل مۇڭغۇللارغا، شۇنداقلا قومۇل- تۇرپان ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن.
بۇ خاتالىقلارنى مەلۇم قىلىپ، يەھياتۈرى تورىغا خەت يازسام، ئىنكاس كەلمىدى .........:L

توردىكى ئەزالار
مۇنبەردىكى ئەزالار: 1 ۋە 0 مېھمانلار