ئارايۈز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

بۇ سەھىپىدە ئاساسلىقى قوللىنىشچان كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، كومپىيۇتېر ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇچۇر تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىلىرى قويۇلىدۇ.
ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Sahran
يازمىلار: 40
تىزىملانغان ۋاقتى: دۈيشەنبە ئاپرىل 09, 2007 8:08 am
ئالاقىلىشىش:

ئارايۈز ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Sahran » دۈيشەنبە فېۋرال 27, 2012 3:18 am

ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى ئارايۈز ئۇچۇرلىرىنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە

ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كومپيۇتېر ئائىلىلەرگىچە ناھايىتى تېز ئومۇملاشتى، كومپيۇتېرلارغا ئورنىتىلغان مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارغىچە ھەممىسى دېگۈدەك ئىنگلىزچە، خەنزۇچە قاتارلىق تىللاردا بولۇپ، كومپيۇتېر ئۆگىنىش ئارزۇسى بار ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان كىشىلەرگە كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە تىل توسالغۇچى سەۋەبىدىن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. تىل قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر مودا بولۇۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى يەرلىكلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئارايۈز بىلەن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ تىل بىلمەسلىك تۈپەيلىدىن كومپيۇتېر ئىشلىتەلمەسلىك تارىخىغا خاتىمە بەردى. ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولغان يۇمشاق دېتاللار ئىشلەتكۈچىلەرگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
ھازىرغا كەلگۈچە مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ WindowsXP مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئارايۈزى بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە ساۋادى بار ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېر ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. بۇ سىستېما تەرجىمە قىلىنىپ، يېزىق ۋە ئارايۈز كۆرۈنۈشى ئوڭدىن سولغا توغرىلىنىپ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە لايىقلاشتۇرۇلدى.
يەنە بىر مەشغۇلات سىستېمىسى Linux، ئۇ ئۆزى ھەقسىز ، ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى خالىغانچە كومپيۇتېرىغا ئورنىتىپ ئىشلىتەلەيدىغان سىستېما بولۇپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا ھەرخىل ئارايۈز كۆرۈنۈشىدە كەڭ تارقالغان سىستېمىلارنىڭ بىرى. كۆپلىگەن Linux مەشغۇلات سىستېمىلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىرىدىن بىرى ئۇبۇنتۇ (Ubuntu) بولۇپ، ئۇنىڭ Gnome ئاساسىدىكى ئارايۈزى 94% تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئەڭ مودا مەشغۇلات سىستېمىلىرىنى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە لايىقلاشتۇرۇلغان. بۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئىنتېرنېتقا باغلانغان ھەر قانداق ئىشلەتكۈچى ئىگە تەرەپ تورىدىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرىغا ئورنىتىپ ياكى نۇر دىسكىغا ئويۇپلا كومپيۇتېرغا ئورناتماي تۇرۇپمۇ بىمالال ئىشلىتەلەيدۇ.
ھازىر مودا بولۇۋاتقان گۇگىل (Google) شىركىتى ئېلان قىلغان يانفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئاندىرويىد (Android) مۇ ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىجادىيەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنىپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىنى قوللاشقا ئېرىشتى. ھەمدە دەسلەپكى قەدەمدا مەھسۇلاتلىشىپ ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ۋە پەد ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.
ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدىن ئوچۇق كودلۇق، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللاردا ئاشكارە تارقىتىلىدىغان OpenOffice نىڭ 3.X نەشرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى تولۇق قوللاشقا ئېرىشتى ھەمدە ئارايۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇرچە ھەقسىز ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنىڭ يوق بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى. ئۇيغۇر ئىشلەتكۈچىلەر ئۆز ئانا تىلىدىكى ئارايۈزدە ئۆزىنىڭ ئىشخانا ئىشلىرىنى كومپيۇتېردا بىمالال بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولدى.
OpenOffice بىلەن مەنبەداش بولغان يەنە بىر ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى LibreOffice نىڭ 3.3 نەشرىنىڭ ئارايۈزىمۇ تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىدىن يەنە بىر تاللىشىمىز كۆپەيدى.
يۇقىرىقى ئىككى خىل ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى ھازىر دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن Windows، Linux، MacOS مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ 32 خانىلىق ۋە 64 خانىلىق نەشرىلىرىدە بىمالال ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرگە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالىنى ئۆز تىل-يېزىقىدا تاللاپ ئىشلىتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.
يۇقىرىقى سىستېما ۋە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىدىن باشقا ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللاردىن نۇرغۇنلىرى ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىجادكارلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ دېتاللارنىڭ ئىگە تەرەپ قوللاشقا ئېرىشىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىرىمۇ خېلى كۆپ. مەسىلەن، توركۆرگۈلەردىن Firefox، Google Chrome، ھەقسىز لۇغەت دېتالى Lingoes، يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش دېتالى BitComet، Emule، ئارخىپ دېتالى 7zip، تەرجىمە ياردەمچىسى Poedit قاتارلىقلار بار، يەنە نۇرغۇن دېتاللارنىڭ ئىسمى ئاتالمىدى.
تەرجىمە قىلىنغان ئۇيغۇرچە بېكەت سىستېمىلىرىدىن گۇگىل ئىزدەش بېتى ([url]http://www.google.com/webhp?hl=ug[/url])، Discuz، BBSXP، PHPWind، Wikipedia، Wordpress قاتارلىقلار بار، بۇلاردىن ئىگە تەرەپ قوللاشقا ئېرىشكەنلىرىدىن گۇگۇل ئىزدىگۈچ، Wordpress ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئوچۇق قامۇس Wikipedia لار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئارايۈزلۈك تور بېكەتلىرى تەمىنلەنگەن.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان، تىلغا ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىنغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى، قوللىنىشچان دېتاللار، بېكەت سىستېمىلىرىدا ئارايۈز تەرجىمىسى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم بولمىغانلىقتىن تەرجىمە ھەر خىل ئېلىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندە دۇنيادىكى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان مەشغۇلات سىستېمىلىرى ۋە ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرىنى سېلىشتۇرۇپ ۋە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. ئاساسلىقى يۇمشاق دېتال ئارايۈزىدىكى ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىشتا، پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەقەززاسى بايان قىلىنىدۇ.

1- مەشغۇلات سىستېمىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدى بىلەن ئىنگلىز تىلى ياكى تىل تەۋەلىكى بولمىغان نىترال تىلدا ئىجاد قىلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن دۇنيادىكى باشقا تىللارغا ئارايۈز ئۇچۇرلىرى تەرجىمە قىلىنىپ، ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنۇلىدۇ.
ئارايۈزدىكى تىزىملىك ئۇچۇرلار دۇنيادىكى ئاساسلىق تىللاردىن ئىنگلىز، فىرانسۇز، ئىسپان، خەنزۇ، ئەرەب، تۈرك تىللىرىدا پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىنغان. مىسال ئۈچۈن ئىنگلىزچە، خەنزۇچە، تۈركچە، ئۇيغۇرچە ئۈلگىلەر بېرىلدى. مەسىلەن:


[img]http://bbs.bilik.co/attachments/forumid_17/1202270840ff99cae650802583.png[/img]


تىزىملىكتىكى ئۇچۇرلارنى پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بىلەن ئالغاندا سۆز ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇپ. ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ. ئۇندىن باشقا كومپيۇتېر كۆرۈنۈشلىرىدە كۆرۈنىدىغان تاللانغان ۋە چېكىلگەن ھامان مەلۇم مەشغۇلاتنى بىجىرىدىغان ئېلېمېنتلاردىن توپچا، تاق تاللاش رامكىسى، كۆپ تاللاش رامكىسىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسىدە ئېلىنسا مۇۋاپىق بولىدۇ.
تۇرمۇشىمىزدىن ئاددىي مىسال ئالساق، كۆپچىلىك ھەممىمىز تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىپ، ئالدى بىلەن مېڭىش تۇرۇشنى ئۆگەنگەن، شۇ چاغدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بىزگە بۇيرۇق بەرگەندە تۆۋەندىكىدەك بۇيرۇق بېرەتتى:
ئوڭغا بۇرۇل، سولغا بۇرۇل، ئارقىغا بۇرۇل، ئورۇندا تۇر، ئوڭغا قاراپ توغرىلان، سولغا قاراپ توغرىلان، قوللار ئاچ، قوللار تاشلا… قاتارلىق
ھەرگىزمۇ ئوڭغا بۇرۇلۇش، سولغا بۇرۇلۇش، ئارقىغا بۇرۇلۇش، ئورۇندا تۇرۇش، ئوڭغا قاراپ توغرىلىنىش، سولغا قاراپ توغرىلىنىش، قوللار ئېچىش، قوللار تاشلاش دەپ بۇيرۇق بەرمەيتتى. ھەم بۇنداق بۇيرۇق بېرىلسە ئېنىقلا بۇيرۇق ئاڭلىغۇچى يا دۈشمەن، يا ھاقارەتلەنگۈچى بولىدۇ، بۇنداق بۇيرۇقمۇ بېرىلمەيدۇ، بېرىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ناۋادا مۇشۇنداق بۇيرۇق بېرىلگەن تەقدىردىمۇ ھاقارەت تۈسى چىقىپ تۇرىدۇ.
ئەگەر پېئىلنى زورمۇ-زور پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى ياكى ئىسىمداش دېسەك، تىزىملىكتىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدىغان نىشان يوچۇن بولۇپ قالىدۇ، بۇ بۇيرۇقنى كومپيۇتېر ئىجرا قىلامدۇ ياكى ئادەم ئىجرا قىلامدۇ بىلگىلى بولمايدۇ. پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالغاندا خۇددى ئادەم كومپيۇتېر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندەك، ئادەم كومپيۇتېرغا بۇيرۇق بېرىۋاتقاندەك ھالەت شەكىللىنىدۇ، ئىشلەتكۈچى كومپيۇتېرغا نېمىنى بۇيرىسا، كومپيۇتېر شۇنى ئىجرا قىلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە كومپيۇتېرنى ئاۋاز بىلەن تىزگىنلەشكە يول ئېچىلىدۇ.

2- كومپيۇتېرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ئىنسانلار كومپيۇتېرنى خۇددى ئىككى كىشى سۆزلىشىۋاتقاندەك ھالەتتە باشقۇرۇپ، ئىش تاپشۇرۇش يېقىن كەلگۈسىدە رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.
ئالما شىركىتىنىڭ siri تېخنىكىسى، مىكروسوفت شىركىتىنىڭ Tellme تېخنىكىسى، IBM شىركىتىنىڭ via voice تېخنىكىسى، گۇگىل شىركىتىنىڭ ئاۋازلىق ئىزدەش تېخنىكىسى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. IBM شىركىتىنىڭ via voice تېخنىكىسى ۋە مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ئاۋازلىق كىرگۈزۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇچۇر كىرگۈزۈش ئاللىبۇرۇن مەھسۇلاتلىشىپ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، مىكروسوفت Office2003 تە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ۋە بۇيرۇق بېرىش ئەمەلگە ئاشتى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى، كومپيۇتېرنى ئاۋازلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى كەلگۈسىدە بارلىققا كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. دۇنيادىكى ئىزدەش موتورى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان گۇگىل شىركىتىنىڭ يېڭى مۇلازىمەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئاۋاز بىلەن ئىزدەش مۇلازىمىتىنى تەمىنلىدى. سىز Google Chrome توركۆرگۈدە [url]http://www.google.com/[/url] ئادرېسنى كىرگۈزۈپ، ئىنگلىزچە ئىزدەش بېتىدە دۇنيادىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللاردا ئاۋازلىق ئىزدىيەلەيسىز.

[img]http://bbs.bilik.co/attachments/forumid_17/1202270843f7382b8b8237e024.png[/img]

ئەگەر پېئىللارنى ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالساق كەلگۈسىدە ئۇيغۇر تىلىدا ئىزدەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىسبەتەن قولايلىشىدۇ. پېئىلنى ئىسىمداش ياكى ئۆملۈك دەرىجىگە ئۆزگەرتكەندە باش بوغۇمدىكى ئا ۋە ئە سوزۇق تاۋۇش ھازىرقى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئې ۋە ئى غا نۆۋەتلەشتۈرۈلىدۇ، ئۇيغۇرلار نۆۋەتلەشتۈرۈلگەن بۇ ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئې ۋە ئى نى ئوخشاش تىل ئورنىدا تەلەپپۇز قىلمايدۇ، بۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدىكى كومپيۇتېرنى ئاۋاز بىلەن تىزگىنلەشنىڭ ئىمكانىيىتى تېخىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئەگەر پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالساق زور كۆپچىلىك كىشىلەر ئا ۋە ئە نى ئاساسەن ئوخشاش تەلەپپۇز قىلغاچقا بۇنى كومپيۇتېرغا تونۇتۇش ۋە كېيىنكى ئاۋاز بىلەن تىزگىنلەش نىسبەتەن ئوڭايلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە پېئىل ش، ـىش، ـۇش، ـۈش قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ تۈرلەنسە، تۈرلەنگەن سۆز شۇ پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجە، سەتلىمە ئۆملۈك دەرىجە، ئىسىمداش بولۇپ ياسىلىدۇ، تىزىملىكتە ئىشلەتكەنلىكىمىز ئۈچۈن بىر مەشغۇلاتنى كۆپچىلىك بىرلىكتە ئىجرا قىلمايمىز بەلكى كومپيۇتېر بىز ئۈچۈن شۇ تىزىملىك ماس كەلگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىدۇ، شۇڭا تەرجىمىدە پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسىنى ئېلىش ھەممىدىن ئەۋزەل. تىزىملىكتە ئۆملۈك دەرىجىدىكى پېئىللارنى ئىشلەتسەك سەتلىمە دەرىجىسىگە ئۆزگىرىپ كېتىپ، ھاقارەت تۈسىنى ئېلىپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ چاغدا تېخىمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.

3- ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت لۇغەتلەردە مەيلى باشقا تىللاردىن ئۇيغۇرچىغا ياكى ئۇيغۇرچىدىن باشقا تىلغا قارىتا تۈزۈلگەن لۇغەتلەردە بولسۇن پېئىللار زورمۇ-زور پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى (ش، ـىش، ـۇش، ـۈش ۋە ماق، مەك قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ بېرىلگەن) گە تۈرلەپ، خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى يوقتەك، ھەممەيلەن دېيىشىۋالغاندەكلا ئوخشاش ئۇسۇلدا لۇغەتكە ئېلىنغان. شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا پېئىلنى ئۆملۈك دەرىجە ياكى ئىسىمداش شەكلىدە ئېلىش كېرەك دەيدىغان ئۇقۇم بىلىپ بىلمەي سىڭىپ كەتكەن.

4- ئەگەر بۇندىن كېيىن تەرجىمە قىلغان يۇمشاق دېتاللاردا پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئالماي، پېئىلنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى بويىچە ئالساق كەلگۈسىدە بۇنداق ئېلىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكى ئىسپاتلانسا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتىدىن تۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇنداق تىكىپ-سۆكۈشكە بىز كۆنۈك بولغىنىمىز بىلەن، شۇ مەشغۇلات سىستېمىسىنى تۈزگەنلەر ھەرگىز ماقۇل بولمايدۇ، چۈنكى ئىشنى بىر قەدەمدىن بىر قەدەمدىن تاماملايدىغان گەپ، ئىلگىرىكىلەر باشلىغان ئىشنى كېيىنكىلەر داۋاملاشتۇرىشى كېرەك. ھەمىشە مۇشۇنداق ئىشنى نۆلدىن باشلاۋەرسەك بىز مەڭگۈ بىر ئىزىمىزدا قېلىۋېرىمىز، باشقىلار بىزدىن ئۇزاپ كېتىۋېرىدۇ. شۇنداق بولغان ئىكەن تەرجىمىنىڭ بېشىدىلا ئىشنى ئالدىنراق، يىراقنى مۆلچەرلەپ ئويلىساق، يۇمشاق دېتال ئارايۈز تەرجىمىسىدە پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق.
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى ۋە قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنغان ۋە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارغا قىزىقىدىغانلار، مۇناسىپ ئىزدىگۈچلەردىن يۇمشاق دېتال ئاتلىرىنى كىرگۈزۈپلا ئىگە تەرەپ تور بېكەتلىرىدىن ناھايىتى ئاسانلا ئىزدەپ تاپالايدۇ.
بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسلىرى:
Google ئۇيغۇرچە ئىزدەش بېتى
[url]http://www.google.com/webhp?hl=ug[/url]

ئۇبۇنتۇ مەشغۇلات سىستېمىسى:
[url]http://www.ubuntu.com/[/url]

OpenOffice ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى
[url]http://www.openoffice.org/[/url]

LibreOffice ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتالى
[url]https://www.documentfoundation.org/[/url]

يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش دېتالى
Bitcomet
[url]http://www.bitcomet.com/[/url]

ھەقسىز لۇغەت دېتالى Lingoes
[url]http://www.lingoes.net/[/url]

يۇقىرىقى مەشغۇلات سىستېمىلىرى، ئىشخانا يۈرۈشلۈك دېتاللىرى، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار ئاللىبۇرۇن پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە ئېلىنىپ تەرجىمە قىلىندى، ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. يۇقىرىقى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئارايۈزى تەرجىمىسىدە بۇندىن كېيىنمۇ پېئىلنىڭ ئەسلى دەرىجىسى بويىچە تەرجىمە قىلىنىدۇ، ھەم تەرجىمە قىلىنغۇسى.



m.erdem
يازمىلار: 17
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 30, 2007 3:55 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان m.erdem » دۈيشەنبە فېۋرال 27, 2012 1:37 pm

ئوخشاش قارىشتا ئىكەنمىز، مەنمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلەيمەن.

Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » دۈيشەنبە فېۋرال 27, 2012 3:47 pm

ساھران ئەپەندىمگە تەشەككۈر!
ئەينى چاغدا windowsXP نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتۇرغان ۋاقتتا ukij دىكى تورداشلار سىستېمىدىكى ئاتالغۇلارنى بۇيرۇق شەكلىدە ئېلىشنى تەۋسىيە قىلغان بولۇپ بۇيرۇق شەكلىدە ئالغاندا كەلگۈسىدىكى كىچىك تىپتىكى ئالاقە ئۈسكۈنەلىرى ، بۇيرۇق بىلەن ئىجرا بولى قاتتىق- يۇمشاق دىتاللارغا ماس كېلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى.
شۇ چاغدا بۇ تەكلىپكە قارىتا : ھەممەيلەن كۆنگەن بويىچە ئالمىساق قانداق بولىدۇ ؟ دېيىشىپ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان ئىدۇق. كېيىن ۋاقتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشۇ تەكلىپنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتۇق ، بىلىك- ئىنتىل گۇرۇپىسىدىكىدىكىلەر ھەمسۆھبەتتە بولغاندىمۇ بىردەك شۇ پىكىرگە كەلدۇق. يۇقۇرىدا ئېيتىلغاندەك ubuntu ۋە openoffice لارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتىمۇ شۇنداق قىلىش داۋاملاشتى.
ئەمدى ئۇيان- بۇياندىن ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئۆتكەنكى ئىشلارغا نەزەر سالساقمۇ بىردەملىك بىپەرۋالىق، ئىش قوشۇلۇشنى ئېغىر ئېلىش، كارىمىز بولماسلىق ( ئۆزىمىزگە ئىش تاپماسلىق)، باھانە ئىزدەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش قاتارلىق سەۋەنلىكلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىكىلەر ۋە بىزنىڭ قىلىپ قويغان (كەلتۈرۈپ چىقارغان) ئىشلىرىمىزنىڭ دەردىنى ھازىر تارتىۋاتىمىز. پۇشايمان قىلساقمۇ ئورنىغا كەلمەۋاتىدۇ.
ئۇچۇر- تېخنىكا، يۇمشاق دىتالچىلىق، تىل- يېزىق ساھەسىدىكى بىرلىك بولماسلىق ئىشلىرى كۆرىنەرلىك ئازايغان ۋە كۆپچىلىكنىڭ تونۇشى ئۆسكەن بولسىمۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس.
مۇشۇ تېما مۇناسىۋىتى بىلەن يۇمشاق دىتال شىركەتلىرى، پروگراممىرلار، يۇمشاق دىتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋاتقان قېرىەنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ئىشقا ئەستايىدىل مۇئامىلىدە بولۇشىنى، كۆز- قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرىكى ئەمگەكلىرىنى قايتا قولىغا ئېلىپ بىرلىككە كەلگەن بويىچە قايتا ئىشلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەجبۇرىتىمىز- مەسئۇلىيىتىمىز يادىمىزدىن چىقمىسۇن. كېيىنكىلەر ئالدىدا يۈزىمىزنىڭ يورۇق بولۇشى، يەرگە قاراپ قالماسلىق ئۈچۈن نەچچە تامچە تەرنى ئارتۇق تۆكسەك ئەرزىيدۇ.

eltikin123
يازمىلار: 30
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە نويابىر 25, 2010 5:36 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان eltikin123 » پەيشەنبە مارت 01, 2012 6:54 am

ھەممە سېستىمىلاردا بىرلىككە كەلسە بەك ياخشى بۇلاتتى لىكىن بەزىلەر بۇنىڭغا تازا قۇشۇلۇپ كەتمەيدىغان چىراي لىكىن شۇنداق بولسىمۇ 50-60 يىللىق پىلاننى بىر تۈزۈپ يىراقىنى ئويلاپ ئىش قىلغانغا يەتمەيدۇ:lol :lol شۇڭا ھەممە تەرەپتىن ئەتراپلىق ئويلەپ ئىش قىلغان ھەممىدىن ئەۋزەل...................

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 3 ۋە 0 مېھمانلار