ۋىندوۋستىن ياردەم سورايمەن

ئىنكاس يوللاش [phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

ۋىندوۋستىن ياردەم سورايمەن

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » چارشەنبە ئاۋغۇست 29, 2012 12:09 am

نۇرغۇن تور بەتلەرگە ئىلتىماس قىلدىم، ئاخىرىدا كومپيۇتېرنىڭ ئۇستىلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارغا نېمە گەپ دەپ ئويلاپ، دەردىمنى بۇ يەردە ئۇستىلارغا ئېيتىپ باقاي دېدىم:
ۋىندوۋس XPدىن بۇيان ئىزاھات سىزىقىنى ئوڭغا تاياندۇرالماي ئاۋارىمەن. ۋودرتا يازغان تېكسىتلەردىكى بەت ئاستى ئىزاھاتلىرىنىڭ سىزىقىنى دېمەكچىمەن. ئاساسىي تېكىست بىلەن ئىزاھات تېكسىتىنى ئايرىپ تۇرۇدۇغان سىزىق. تېكست ئوڭ تەرەپتە، سىزىق سول تەرەپتە بولسا بەكلا سەت تۇرۇدۇكەن، بۇ ھالدا كىتاب بېتى ھازىرلاشتا ھەقىقەتەنمۇ چوڭ مەسىلە بولدى بۇ. بۇنى بىلىدىغانلار كومپيۇتېر ئىلمىي جەمىيىتىدىغۇ باردۇ؟ مۇشۇنىڭغا بىر جاۋاپ ئالالىسام رەھمەتلىرىم چەكسىز. ئېنگىلىزچە ۋىندوۋسقا كۆرە جاۋاپ بەرسەڭلار، يولداشلارنىڭ يېزىقىنى بەك بىلىپ كەتمەيمەن.
رەھمەت.



cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » جۈمە ئاۋغۇست 31, 2012 3:32 pm

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز بۇ مەسىلىنى ۋورد نىڭ تىزىس (大纲视图)ھالىتىدە تۇرۇپ تەھرىرلىسىڭىز ھەل قىلالايسىز. قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكىدەك:
1. نورمالنى بەت كۆرۈش ھالىتىدە ئىزاھات كېلىدىغان بىرخەتنى يازىسىز. مەسىلەن: سىناق
2.بەت كۆرۈش ھالىتىنى تىزىس (大纲视图)ھالىتىگە يۆتكەپ، سىناق دىگەن خەتنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەكەلسىڭىز مائۇس ھالىتى ئۆزگىرىدۇ. شۇۋاقىتتا مائۇسنى قوش چەكسىڭىز، ئاستى تەرەپتە ئىزاھات سىزىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەڭشەكلىرى چىقىدۇ. سىز شۇ يەردىن ئوڭغا تەڭشىۋالسىڭىز بولىدۇ.
قېنى سىناپ بېقىڭ.

[[i] بۇ يازمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى: cukkunt ، ۋاقتى: 2012-9-1 07:46 [/i]]

Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » شەنبە سېنتەبىر 01, 2012 12:39 am

ئالدى بىلەن جاۋاپ يازغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
ئاڭلاپ باقمىغانلا گەپلەركەن يا. تىزىس ھالىتى (ئاۋۇ ھېلىقى تىرناق ئىچىدىكىدىن قورقۇپلا كەتتىم، يازالمىدىم، كەچۈرۈڭ) ئۇنى ئېنگىلىزچە نېمە دەيدىغاندۇ؟ بۇ ئىككى خىل بەك كۆرۈش ھالىتىنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم. ئىزاھات بېرىلگەن سۆزنىڭ ئۈستىگە چاشقان كەلسە بىر قۇتا ئېچىلىپ، بېرىلگەن بەت ئاستى ئىزاھات كۆرۈنۈدۇغۇ؟ شۇنىسى ئۆزگەرگەن ھالىتىمۇ؟
سىز بۇنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن ۋىندوۋس ۋىستا ۋە ۋىندوۋس 7 ئىشلىتىمەن، ئوففىس 2007 ئىشلىتىۋاتىمەن. بۇلارنى پايدىلىنىش ماترىيالى سۈپىتىدە دېگەن يەلىرىم.
ئېنگىلىزچىگە تەڭشىۋالغىنىم ئۈچۈن ھەممە نەرسە ئېنگىلىزچە كۆرۈنۈدۇ، چۈنكى مەن يولداشلارنىڭ ئىلغار خېتىنى پەقەت بىلەلمىگەچ.

cukkunt
يازمىلار: 29
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاۋغۇست 28, 2008 10:21 am
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان cukkunt » شەنبە سېنتەبىر 01, 2012 1:53 am

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مەندىكىسى Office2010 ئىدى. ئالدىراشچىلىقتا خەنزۇچە خەتنى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن. رەسىمدىكى ھالىتى دىمەكچى ئىدىم.
[img]http://www.uyghurjava.com/01.gif[/img]

Uyghurmen
يازمىلار: 16
تىزىملانغان ۋاقتى: يەكشەنبە مارت 01, 2009 11:54 pm
ئالاقىلىشىش:

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Uyghurmen » دۈيشەنبە سېنتەبىر 03, 2012 11:50 pm

ھەقىقەتەن ۋاقتىڭىز قىس ئوخشايدۇ. شۇنچىلىك قىسقا يېزىپسىز. ھەممە ئادەمنى ئۆزىڭىزدەك بىلىملىك دەپ ئويلىسىڭىز كېرەك. ئەمما مەن ھىچنېمىنى چۈشەنمىدىم. سىز كۆرسەتكەن يەرنى باستىم، خەت يازىدىغان ئاق يەر يوغۇنىدى. بىر خەت يېزىپ ئىزاھات بەردىم، ھىچنېمە بولمىدى. بەت كۆرۈنۈشىگە قايتتىم چاشقاننىڭ ئۆزگۈرۈشى دېگىنىمدەكلا، كاشكى ئۆزىڭىز سىناپ باققان بولسىڭىزكەن. ئاندىن قىلغانلىرىڭىزنى قەدەممۇ-قەدەم دەپ بەرسىڭىز.

ئىنكاس يوللاش
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable
[phpBB Debug] PHP Warning: in file [ROOT]/vendor/twig/twig/lib/Twig/Extension/Core.php on line 1275: count(): Parameter must be an array or an object that implements Countable

گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار