LibreOffice- تېكىست پۈتۈكتە خەت بىلەن ئاستى سىزىقنىڭ ئارىلىقىنى تەڭشەش

كومپىيۇتېردا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەر خىل ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىش ۋە ئاز ئۇچرايدىغان، كۆپ قوللىنىلمايدىغان دېتاللارنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ھەققىدىكى بىلىملەر قويۇلىدۇ.
Intil
يازمىلار: 485
تىزىملانغان ۋاقتى: پەيشەنبە ئاپرىل 12, 2007 4:50 am
ئالاقىلىشىش:

LibreOffice- تېكىست پۈتۈكتە خەت بىلەن ئاستى سىزىقن

يازما يوللاش تەرىپىدىن يوللانغان Intil » سەيشەنبە فېۋرال 19, 2013 2:09 am

LibreOffice- تېكىست پۈتۈكتە خەت بىلەن ئاستى سىزىقنىڭ ئارىلىقىنى تەڭشەش

1- سىزىق قىلىدىغان خەتنىڭ باش ياكى ئاخىرىغا بىر بوش ئورۇن قوشۇڭ.
2- سىزىق قىلىدىغان خەت ۋە بوش ئورۇننى قوشۇپ تاللاپ ئاستى سىزىقلىق خەت قىلىڭ.
3- «پىچىم» تىزىملىكىدىن « ھەرپ» نى تاللاڭ، چىققان كۆزنەكتىكى «ئورنى » بەتكۈچىگە ئۆتۈپ ، «يۇقۇرى ئىندېكس »نى تاللاپ جەزملەڭ.
4- ئەمدى بوش ئورۇننى تاللاپ يۇقارقى 3- تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىپ «ئورنى » بەتكۈچىدىن « نورمال» نى تاللاپ جەزملەڭ.
[img]http://www.intil.biz/home/data/attachment/forum/201302/18/234547qpxkkh2yw7q07wqh.jpg[/img]

5- مەقسەتكە يەتتۇق. بوش ئورۇننىڭمۇ سىزىقى بار بولغاچقا كۆرۈمسىز ھېس قىلساق بوش ئورۇننى تاللاپ «پىچىم» تىزىملىكىدىن « ھەرپ» نى تاللاپ « خەت نۇسخا ئۈنۈمى» بەتكۈچىدىكى « خەت رەڭگى» نىڭ ئاستىدىن ئاق رەڭنى تاللاپ جەزملىۋەتسەك بولىدۇ.



گە قايتىش

توردىكى ئەزالار

مۇنبەردىكى ئەزالار: 0 ۋە 0 مېھمانلار