كومپيۇتېر ئىشلىتىش جەريانىدا، مەسلىگە يولۇققاندا باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېھتىياج چۈشۈپ قالىدىغان گەپ. بۇنداق ۋاقىتتا كومپيۇتېرنى چۇۋۇپ ئوڭشايدىغان ئىشلا بولمىسا، ئىشەنچلىك بىرەر كومپيۇتېر ئۇستىسىدىن ياردەم سورىسىڭىز، ئۆيىڭىزگە كەلمەي تۇرۇپ، تور ئارقىلىق كومپيۇتېردىن ياكى يانفون ئارقىلىق سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ ياردەم قىلالايدۇ. قېنى ئەمىسە كۆرۈپ باقىلى.
ئىشلىتىپ سىناقتىن ئۆتكەن يۇمتال TEAMVIEWER.


بۇ دېتال ئارقىلىق قارشى تەرەپ كومپيۇتېر ياكى تېلېفون ئارقىلىق كومپيۇتېرىڭىزنى كونترول قىلالايدۇ.
كومپيۇتېر ئۇستىسى تۆۋەنكى ئادرېستىن دېتالنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرغا ئورنىتىش كېرەك.
https://www.teamviewer.com/en/…

سىز ياكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشى يۇقىرقى ئادرېستىن Quick Download نى چۈشۈرۈپ قاچىلاش كېرەك.
ئاندىن سىز دېتالنى قوزغىتىپ، رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ID نومۇرنى كومپيۇتېر ئۇستىسىغا ئېيتىپ بېرىڭ.
بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كومپيۇتېر ئۇستىسى كومپيۇتېرىڭىزغا كىرىپ، بىر تەرەپتىن مەشغۇلات قىلىپ، بىر تەرەپتىن سىن ۋە ئاۋازلىق كۆرۈشۈپ پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.

بۇ دېتال ئارقىلىق، تېلېفون بىلەن تېلېفوننىمۇ ئۇلىغىلى بولىدۇ. لېكىن كومپيۇتېر ئۇستىسى قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونىدا مەشغۇلات قىلالمايدۇ، ئەمما تېلېفون ئىگىسىنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆرەلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: ئايفوندا تېلېفون بىلەن تېلېفوننى ئۇلىغاندا، ID نومۇرنى ئېيتىپ بېرىش بىلەن بىرگە تېلېفونىڭىزدىكى ئېكراننى سىنغا ئېلىش كونۇپكىسىنى بېسىپ قويىشىڭىز كېرەك.  ئېكراننى سىنغا ئېلىش كونۇپكىسى ئايفوننىڭ ios11.0 نەشرىدىن باشلاپ قوللىنىشقا باشلىغان.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ