ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (UKIJ) ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 2004-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان. UKIJ گەرچە مەلۇم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ 2009-يىلدىن بۇيانقى پائالىيىتى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. يېقىندا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە تىل-يېزىقىمىز ئۈچۈن خالىسانە ھەسسە قوشۇشقا بەل باغلىغان 19 تەتقىقاتچى قايتىدىن UKIJ ئەتراپىغا ئۇيۇشتى. دەسلەپكى قەدەمدە مەخسۇس Facebook گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى ۋە UKIJ تور بېكىتى http://www.ukij.org رەتلىنىپ يېڭىلاندى ۋە داۋاملىق يېڭىلانماقتا.

شۇ ۋەجىدىن، بارلىق ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسىغا قىزىقىدىغان ياكى ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ UKIJ تور بېكىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئۇچۇرلار ۋە قوراللاردىن پايدىلىنىشىنى، پىكىر-تەلەپ ياكى ئېھتىياجلىرى بولسا تور بېكىتىمىزگە ياكى Facebook گۇرۇپپىمىزغا يوللىشىنى سورايمىز.

ئەگەر سىز ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىڭىز ۋە بىز بىلەن بىر مەقسەتتە بولسىڭىز 19 كىشىلىك سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقىنى بىللە قوغدايلى ۋە تەرەققىي قىلدۇرايلى!

ھۆرمەت بىلەن،

ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى

توربەت: http://www.ukij.org
تورخەت: contact@ukij.org

2018-يىل 20-يانۋار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ