مىكروسوفت 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق قوللاش مۇلازىمىتىنى (mainstream support) توختىتىدىغانلىقى ئېلان قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ كېڭەيتىلمە قوللاش باسقۇچىغا (extended support) ئۆتىدۇ.

يەنى بۇنىڭدىن كېيىن Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسى قەرەللىك ھالدا يېڭى ئىقتىدار ياكى بىخەتەرلىك يېڭىلاشقا ئېرىشەلمەيدۇ، پەقەتلا مۇھىم ياكى ئېغىر BUG كۆرۈلگەندىلا، ئاندىن مىكروسوفتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، كېڭەيتىلمە قوللاش 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

نۆۋەتتە، مىكروسوفتنىڭ ”ياردەمچى مۇلازىمەت“ ئورگان توربېتىدىن Windows 7 ھەم Windows 8.1 نى يەنىلا ھەقسىز 10 Windows  غا كۆتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ پائالىيەت 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. CPU يوچۇقى ئوڭشالغاندىن كېيىن، Windows 8.1 غا بولغان تەسىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ  10  Windows غا يېڭىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ