ئەقلى تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ، تېلېفون سىغىمى يېتىشمەيدىغان مەسىلە كېلىپ چىقماقتا. مەسىلەن كۆپلەپ رەسىم ۋە سىن تارتىش ياكى باشقا ھۆججەتلەرنى ئېھتىياج ۋەجىدىن تېلېفوندا ئېلىپ يۈرۈش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن تېلېفوننىڭ ئەسلى سېغىمى يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقماقتا. ئەقلى تېلېفونلارنىڭ سىغىمى ۋە ياكى باشقا ئىقتىدارلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن باھادا زور پەرق بولماقتا. مەسىلەن سىز 16 گ لىق تېلېفون سېتىۋالسىڭىز، سېستىما ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن ئىشلىتىشكە بولىدىغان سغىم كۆپ بولسا 10 گ ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەمىلى ئىشلىتىدىغان سىغىم بىر دەمدىلا توشۇپ قالىدۇ. بەزىلەر تېلېفونغا چوڭ سىغىملىق SD كارتا سېتىۋىلىپ، ئېھتىياجىنى قاندۇرىۋاتىدۇ. لېكىن ھەممە تېلېفونلارنىڭSd كارتا سېلىش ئورنى بولىشى ناتايىن. مەسىلەن مونوپۇلچى ئايفوننىڭ ۋە ياكى بەزى تېلېفونلارنىڭ SD كارتا سېلىش ئورنى يوق. بەزىلەر يەنە تور بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ئېھتىياجىدىن چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن Android سېستىمىسىدىكى تېلېفونلاردا Google Drive ياكى Dropbox نىڭ، iPhone دا icloud نىڭ ۋە Windows Phone دا Onedrive نىڭ تور بوشلۇقىدىن پايدىلانساق بولىدۇ.
Dropbox بولسا 2 گ بىكارلىق بوشلۇق بېرىدۇ، 50 گېغىچە كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
Google Drive بولسا 15 گ بىكارلىق بوشلۇق بېرىدۇ.
Onedrive بولسا 15 گ بىكارلىق بوشلۇق بولىدۇ. 30 گېغىچە بىكارلىق ئالغىلى بولىدۇ.
icloud بولسا 5 گ بىكارلىق بوشلۇق بېرىدۇ.
ئەگەر كۆپرەك بوشلۇققا ئېھتىياج چۈشۈپ قالسا، يىللىق ھەق تۆلەپ، يۇقىرى تور بوشلۇقى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تور بوشلۇق ئىشلىتىش ئۈچۈن تېلېفون تورغا ئۇلانغان بولۇشى كېرەك. ئارتۇقچىلىقى توردىن نەرسىلىرىڭىزدىن خالىغان يەردە تۇرۇپ پايدىلىنالايسىز، چۈشۈرىۋالالايسىز ۋە باشقىلارغا تور ئارقىلىق ھەمبەھىر قىلالايسىز، ھەتتا تېلېفون نومۇرلىرىڭىزنى ساقلىۋالسىڭىز، تېلېفون ئالماشتۇرغاندا، نومۇرلارنى بىر-بىرلەپ كىرگۈزۈشتەك ئاۋارەچىلىقتىن قۇتۇلىسىز. تور بوشلۇقىنىڭ كەمچىلىكى بولسا، مەۋھۇم تور دۇنياسىدا رەسىم، سىن ۋە باشقا ھۆججەتلەرنىڭ ھەر ۋاقىت يۈتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار، شۇڭا ھۆججەتلەرنى قەرەللىك ھالدا كومپيۇتېرىڭىزغا ساقلاپ قويۇڭ.

مىسال ئۈچۈن Onedrive دىن بوشلۇق ئېلىش ئۇسۇلى:
https://www.youtube.com/watch?v=RZoYvmI9L9E

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ