1- بۆلۈم

1. جەمئىيەت نامى
ئۇيغۇرچە: ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى (قىسقارتىلمىسى: UKIJ ياكى ئۇ ك ئى ج)
ئىنگلىزچە: Uyghur Computer Science Association (قىسقارتىلمىسى: UCSA)

2. جەمئىيەت مەقسىتى
ئۇيغۇر كومپيۇتېرشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلار ئارىسىدا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، بارلىق ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا ھەسسە قوشۇشنى خالايدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كومپيۇتېر پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كومپيۇتېرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كومپيۇتېر بىلىملىرىنى كېڭەيتىش.

3. جەمئىيەت خاراكتېرى
UKIJ پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمايدىغان كوللىكتىپ ھەمكارلىقىدىكى جەمئىيەت.

4. تور بېكەت ئادرېسى
http://www.ukij.org

5. تور بېكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل ھەم يېزىق
UKIJ تور بېكىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تىل — ئۇيغۇر تىلى؛ ئاساسلىق يېزىق — ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى (UEY). بېكەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئۆلچەم خەلقئارا Unicode ئۆلچىمى ئاساسى رايونى (يەنى 06XX—06FF، http://www.unicode.org/charts/PDF/U0600.pdf گە ياكى http://www.ukij.org/html/images/UyghurUnicode.gif گە قاراڭ). بېكەتتىكى مەزمۇنلار بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى (ULY) دا قوشۇمچە قىلىنسىمۇ بولىدۇ. بېكەتتىكى بارلىق مەزمۇنلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىدۇ. بېكەتنىڭ باشقا تىللاردىكى نۇسخىسى ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ تولۇقلانسا بولىدۇ.

6. تور بېكەت مەزمۇنى
UKIJ نىڭ تور بېكىتىدە كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرلا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ، باشقا مەزمۇندىكى تېمىلار بىردەك قارشى ئېلىنمايدۇ ھەم تور بېكەتتە ئېلان قىلىنمايدۇ.
UKIJ تور بېكىتىدە قانۇنسىز، ئۆلچەمسىز، ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلغان يۇمشاق دېتاللارنى تارقىتىشقا ياكى تەشۋىق قىلىشقا بولمايدۇ. مۇنازىرە ئېلىپ بارغاندا باشقىلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ يازمىلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق چارە كۆرۈلىدۇ.

2- بۆلۈم

1. ئەزالار ۋە دائىمىي ئەزالار
1) ئەزالار: UKIJ نىزامنامىسى ۋە تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەزا بولۇپ كىرگەن كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەزالىققا جەمىئەت نىزامنامىسىنى تولۇق چۈشىنىپ ئوقۇپ چىقىپ، نىزامنامە بەلگىلىملىرىگە ئەمەل قىلىدىغان ھەر قانداق شەخس ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىلتىماس قىلىپ كىرسە ياكى خالىغان ۋاقىتتا چېكىنىپ ئەزالىقتىن ۋاز كەچسە بولىدۇ. تور بېكەتكە تىزىملىتىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى ئەزالىق ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئالاھىدە تەستىقلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەزالىق مەزگىلىدە ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن UKIJ غا ھەسسە قوشۇپ كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئەزالار دادىللىق بىلەن دائىمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
«UKIJ غا ھەسسە قوشۇش» ــــ تېخنىكا، خەۋەر ۋە پايدىلىق ماتېرىياللارنى تەمىنلەش، تۈرلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش، تەشۋىقاتقا ياردەملىشىش … قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

ئەزالار چېكىنىش ئىلتىماسىنى يېزىپ UKIJ دىن ئايرىلسا بولىدۇ، ئەمما ئەزا بولغان مەزگىلدە يازغان يازمىلىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. چېكىنىش ئىلتىماسى يازغانلار، UKIJ نىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئۆز ئىلتىماسىدا چېكىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چېكىنىش ئىلتىماسىنى مۇدىرىيەتنىڭ تەستىقلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ.

2) دائىمىي ئەزالار: ئەزالار ئىچىدىكى تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، UKIJ ئۈچۈن ئاللىبۇرۇن ھەسسە قوشقان، تەشكىللەش، تەشۋىقات، مەسلىھەت بېرىش ياكى تەتقىقات ئىشلىرىدا تەجرىبىگە ئىگە كىشىلەردىن سايلاپ چىقىلىدۇ. دائىمىي ئەزالىققا ئىلتىماس قىلغانلارنى قوبۇل قىلىش ياكى قىلماسلىقنى UKIJ مۇدىرىيىتى بەلگىلەيدۇ. ئىستېپا بېرىشكە توغرا كەلسە مۇدىرىيەتنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا UKIJ مۇدىرىيىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ.
دائىمىي ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى:

– UKIJ تورىغا ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كىرىش ھەم ئايدا بىر يازما يېزىش.
– UKIJ نىڭ تەشۋىقات، تەشكىللەش قاتارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىش.
– ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش.
– يېڭى تەتقىقات تۈرلىرىنى ئېچىش، قاتنىشىش ياكى پىكىر بېرىش.
– UKIJ نىڭ مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش.
– مۇدىرىيەت نامىدىن يېزىلغان يازمىلارغا ياكى خەتلەرگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بېرىش.

ئەسكەرتىش: مۇدىرىيەت نامىدىن يېزىلغان يازمىلارغا ياكى خەتلەرگە 5 قېتىمدىن ئارتۇق جاۋاب بەرمىگەن، ياكى 3 ئايغىچە UKIJ تور بېكىتىدە يازما ئېلان قىلمىغان دائىمىي ئەزالار ئىستېپا بېرىش/چېكىنىش ئىلتىماسى سۇنغانلار دەپ قارىلىدۇ ھەمدە ئىلتىماسى ئاپتوماتىك تەستىقلىنىدۇ.

دائىمىي ئەزالارنىڭ ھوقۇقى:

– UKIJ مۇلازىمېتىرىدىن يەتكۈچە بوشلۇق ئىشلىتىش.
– UKIJ دىن ئىككىنچى دەرىجىلىك بېكەت نامى ئىشلىتىش (يەنى http://www.ukij.org/xxx دېگەندەك).
– دائىمىي ئەزالارغا ھەقسىز تەمىنلىنىدىغان يۇمشاق دېتال ياكى پايدىلىق ماتېرىياللاردىن بەھرىمەن بولۇش.

2. مۇدىرىيەت
UKIJ مۇدىرىيىتى بارلىق دائىمىي ئەزالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (دائىمىي ئەزالار تىزىملىكىنى http://www.ukij.org/eza دىن كۆرۈڭ). دائىمىي ئەزالار مۇھىم دەپ قارىغان چوڭ مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە مۇدىرىيەت ئىچىدە پىكىر ئالسا بولىدۇ. قارار چىقىرىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرگە دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلايدۇ، ئۇلار ھوقۇقتا باراۋەر. قارار چىقىرىش تەلەپ قىلىنغان پىكىرلەرگە 15 كۈن ئىچىدە جاۋاب بەرمىگەن دائىمىي ئەزالار «بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچكەنلەر» دەپ قارىلىدۇ ھەمدە بېلەت تاشلىغانلار ئىچىدىكى %50 تىن يۇقىرى كىشى قوللىغان پىكىر قارار ھېسابلىنىدۇ.
مۇدىرىيەتنىڭ قارارىدىن ئۆتكەن يازمىلارغىلا «ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى» دەپ ئىمزا قويۇلىدۇ. شەخسىي پىكرىنى بايان قىلغان دائىمىي ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي نامى بىلەن ئىمزا قويسا بولىدۇ.

3. بۆلۈملەر
3.1 نازارەت ۋە سىناش بۆلۈمى
پائالىيەت دائىرىسى: UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان، UKIJ نەتىجىسى دەپ قارىلىدىغان، ياكى UKIJ نىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە (ياكى سىناپ بېقىشىغا) سۇنۇلغان ھەرقانداق يۇمشاق دېتالنى ئاشكارا سىناش ھەم تەكشۈرۈپ بېكىتىش، بايقالغان مەسىلىلەر بولسا ئۆزگەرتىش تەكلىپى بېرىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش.

ھوقۇقى: ئەگەر UKIJ ئەزالىرى تەرىپىدىن ياسالغان يۇمشاق دېتاللاردا(ياكى تور بېكەتلىرىدە) بايقالغان مەسىلىلەر تۈزىتىلمەيلا پايدا تېپىش مەقسىتىدە بازارغا سېلىنسا، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن نازارەت بۆلۈمىنىڭ شۇ خىل يۇمشاق دېتالنى (ياكى تور بېكەتنى) ئاشكارا تەنقىد قىلىش ھەم تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بار. بۇ خىل ئەھۋالدا، نازارەت بۆلۈمى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن زىچ ماسلىشىپ ئىش كۆرىدۇ.

نازارەت بۆلۈمى ئاشكارا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق يۇمشاق دېتال ياكى تەتقىقات تۈرىگە پىكىر بېرەلەيدۇ. دىققەت: نازارەت بۆلۈمىگە تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە سۇنۇلغان ھەر قانداق يۇمشاق دېتال مۇشۇ بۆلۈمدىكى بارلىق ئەزالارغا(دائىمىي ئەزالارغا) ھەقسىز بىر نۇسخا تەمىنلىنىشى كېرەك. نازارەت بۆلۈمىدىكىلەر تەكشۈرۈشكە سۇنۇلغان دېتاللارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلايدۇ، ھەرگىز يامان نىيەتتە ئۆز شەخسىيىتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋالمايدۇ. ئەگەر خىلاپلىق قىلغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، خىلاپلىق قىلغۇچىغا چارا كۆرۈلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شۇ كىشى ئۈستىدىن قانۇن ئورۇنلىرىغا ئەرز سۇنسا بولىدۇ.

3.2 تەشۋىقات بۆلۈمى
تەشۋىقات بۆلۈمى ھەرقايسى بۆلۈمنىڭ خىزمىتىگە مەسئۇل بولغانلارغا ۋە دائىمىي ئەزالارغا يېقىندىن ماسلىشىپ UKIJ نىڭ خىزمەتلىرىنى، تەشۋىق قىلىش زۆرۈر بولغان مەزمۇنلارنى UKIJ نىڭ نامىدا ھەرقايسى تور بېكەتلەردە تەشۋىق قىلىدۇ. ھەرقايسى تور بېكەتلەردىكى UKIJ توغرىلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ، UKIJ نىڭ ئىناۋەت ئابرۇيىنى قوغداشقا بىۋاسىتە مەسئۇل بولىدۇ. UKIJغا ئىئانە توپلاش، يۇمشاق دېتاللىرىنى پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلمىغان ئاساستا سېتىش (UKIJ نىڭ خىراجىتىنى قامداش ئۈچۈن)، كۆزگە كۆرۈنگەن پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ۋە يېتىلىۋاتقان ياشلارنى تونۇشتۇرۇپ زىيارەت خاتىرىسى يېزىش، UKIJ ئەتراپىغا تەتقىقات خادىملىرىنى توپلاش … قاتارلىق ئىشلارنى قىلىدۇ.
UKIJ نىڭ تەشۋىقات ئىشلىرىنى قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان، ئىملاسى توغرا، سەنئەت ۋە ئاخباراتچىلىقتا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپىدۇ.

3.3 ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە تىلشۇناسلىق بۆلۈمى
بۇ بۆلۈم پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئىقتىدارى كۈچلۈك ھەر خىل يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىندى. يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈش ۋە تەشكىللەشكە، كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بېكىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، كۆپ خىل تىل بىلىدىغان ۋە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى ھەر قانداق كىشى ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

3.4 تېخنىكا ۋە تەتقىقات بۆلۈمى
ئۇيغۇرچىغا ئائىت يۇمشاق دېتال ئېچىش، فونت ياساش ۋە باشقا كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

3.5 مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمى
UKIJ نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولغان تەكلىپ پىكىر ۋە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ. بۇ بۆلۈمگە، تىلشۇناسلىق، جەمئىيەتشۇناسلىق، مائارىپشۇناسلىق، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەدە كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك پىكىر بېرەلەيدىغان كىشىلەر ئەزا بولۇپ كىرسە بولىدۇ.

3. بۆلۈم

1. UKIJ نىڭ كىرىم مەنبەسى
1.1 ئىئانە توپلاش
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى ھېسابات ئېچىلىدۇ (دائىمىي ئەزالارنىڭ ھېساباتىدىن ئىشلىتىلىدۇ)، تور بېكەتتە ئىئانە توپلاش تەشۋىقاتى بېرىلىدۇ. ئىئانىدىن توپلانغان ھېسابات ئەھۋالىنى دائىمىي ئەزالار ۋە ئىئانە بەرگۈچىلەر توردا ھەر قاچان تەكشۈرەلەيدۇ. ئىئانە قىلغۇچى ئورۇن، شەخسلەرنىڭ نامى (ئەگەر ئاشكارىلاشنى خالىسا) ۋە ئىئانە سوممىسى ئېنىق يېزىلىدۇ. ھېسابات تەپسىلاتىنى http://www. ukij. org/2006/i’ane دىن كۆرۈڭ.

1.2 ئېلان بېرىش
ئېلان ئارقىلىق كىرگەن كىرىمنىڭ ھەممىسى (٪100) UKIJ نىڭ ھېسابىغا كىرىدۇ.

1.3 UKIJ تورىدا ۋاكالىتەن سېتىش
UKIJ تور بېكىتىدە ۋاكالىتەن سېتىلغان ھەر قانداق يۇمشاق دېتال ۋە باشقا بۇيۇملار/ماللار، توردىكى باھاسىنىڭ ٪15نى UKIJ گە ئىئانە قىلىشى كېرەك.

1.4 UKIJ ياسىغان يۇمشاق دېتالىنى/مۇلازىمىتىنى سېتىش
UKIJ مەلۇم يۇمشاق دېتالىنى (ياكى مەلۇم مۇلازىمەتنى) UKIJ نامىدىن ساتسا، ساتقان سوممىنىڭ 30 پىرسەنتى UKIJ نىڭ ھېسابىغا كىرىدۇ، 70 پىرسەنتى شۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىگۈچىلەرگە بېرىلىدۇ.

2. UKIJ نىڭ كىرىمىنى ئىشلىتىش
UKIJ نىڭ كىرىمىنى قانداق ئىشلىتىشنى UKIJ نىڭ دائىمىي ئەزالىرى بەلگىلەيدۇ. پىكىر بەرگەن دائىمىي ئەزالارنىڭ ھەممىسى قوشۇلغاندىلا قارار كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
UKIJ نىڭ كىرىمى ئاساسەن UKIJ نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا (مائارىپقا، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش…) ۋە UKIJ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ئىقتىسادنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى UKIJ نىڭ تورىدا ئەڭ مۇھىم ئەزالارغا ئوچۇق ئېچىۋېتىلىدۇ.

4. بۆلۈم

1. UKIJ بەلگىلىمىسى
UKIJ غا ئەزا بولغان ھەر قانداق شەخس تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىشى:

– راستچىل بولۇش، پەن-تېخنىكىغا ھۆرمەت قىلغان بولۇش؛
– ئۆزى ياسىغان يۇمشاق دېتال ئۈچۈن خەلققە ئالدىدا مەسئۇلىيەتچان بولۇش؛
– ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش؛
– بىرلىككە ھۆرمەت قىلىش؛
– باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش؛
– ئۆز ئارا ياردەمدە بولۇش؛

ھەم تۆۋەندىكىدەك ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنىشى ھەم ئۇلارنى نومۇس دەپ بىلىشى لازىم.
– شەخسىي مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىۋالماسلىق؛
– باشقىلارنىڭ تېخنىكىسىنى ئوغرىلاپ ئاپتورنىڭ رۇخسىتىسىز ئاشكارىلىۋېتىش/سېتىش؛
– ئۆلچەمسىز يۇمشاق دېتاللارنى ئۆلچەملىك دەپ سېتىش ياكى تارقىتىش؛
– ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش؛
– باشقىلارنىڭ كىشىلىك شان-شۆھرىتى ھەم ئابرۇيىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزىدىغان سۆزلەرنى قىلىش؛
– دۆلىتىمىز قانۇنىغا خىلاپ مەزمۇنىدىكى ھەر قانداق ماقالىلەرنى ئەۋەتىش؛

2. «ئىشەنچلىك» (UKIJ تەستىقىدىن ئۆتكەن) دېگەن نامنى بېرىش شەرتلىرى
ئىلتىماس قىلغۇچى شەخس ياكى ئورۇن ئىشلىگەن يۇمشاق دېتال ياكى تور بېكەت ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك بولىشى لازىم.

2.1 تور بېكەتلەر ئۈچۈن:
– تور بېكەت مەزمۇننىڭ كونا يېزىق قىسمىنى بىرلىككە كەلگەن (2004-يىل 17-يانۋار) ئۇيغۇرچە Unicode فونتلىرىنى ئىشلىتىپ يېزىشى؛
– تور بېكەت مەزمۇنىنىڭ لاتىن يېزىقى قىسمىنى بىرلىككە كەلگەن UKY جەدۋىلى بويىچە يېزىشى؛
– تور بېكىتى كونا يېزىقنى ئاساسىي قىلغان بولسا، تور بېكىتىنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورنىغا «UKY» دەپ بىر ئۇلىنىش ياساپ ئۇنى ئۇ ك ئى ج دىكى UKY توغرىسىدىكى مەزمۇنغا ئۇلىشى؛
– تور بېكىتى UKY نى ئاساسىي قىلغان بولسا، تور بېكىتىنىڭ بىرىنچى بېتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان ئورنىغا «ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى» (UEY) دەپ بىر ئۇلىنىش ياساپ ئۇنى ئۇ ك ئى ج دىكى كونا يېزىققا ئائىت چۈشەندۈرۈشكە(ياكى Unicode قا ئائىت) ئۇلىشى؛
– ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئەمەل قىلغان بولىشى، ئىملا خاتالىقىنى (كۆپ) سادىر قىلمىغان بولىشى؛
– خەلق مەنپەئەتىگە زىيانلىق، قانۇنسىز مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى؛
– ئۇ ك ئى ج نىڭ نازارەت بۆلۈمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولىشى لازىم (تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن «ئىشەنچلىك» دېگەن تۇغرانى ئىشلەتسە بولىدۇ).

2.2 يۇمشاق دېتاللار ئۈچۈن:
– كونا يېزىق قىسمىنى بىرلىككە كەلگەن (2004-يىل 17-يانۋار) ئۇيغۇرچە Unicode فونتلىرىنى ئىشلىتىپ يېزىشى؛
– لاتىن يېزىقى قىسمىنى بىرلىككە كەلگەن UKY جەدۋىلى بويىچە يېزىشى؛
– خەلق مەنپەئەتىگە زىيانلىق بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى؛
– باھاسى مۇۋاپىق بولۇشى؛
– كېيىنكى نۇسخىلىرىنى ياسىغاندا، كونىسىنىمۇ قوللايدىغان قىلىپ ياساشقا كاپالەتلىك قىلىشى؛
– خېرىدارلىرىنى رازى قىلغان بولۇشى؛
– ئۇ ك ئى ج نىڭ نازارەت بۆلۈمىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇشى؛
– ئۇ ك ئى ج نىڭ «ئىشەنچلىك» دېگەن تۇغراسىنى يۇمشاق دېتالىدا ئىشلىتىشى ھەم ئۇلانما ئۈچۈن ئۇ ك ئى ج كۆرسەتكەن، تەكشۈرۈپ بېقىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۇلانمىنى ئۇلىشى لازىم.

ئەگەر يۇمشاق دېتاللار ياكى تور بېكەتلەر يۇقىرىدىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسا، ئۇ ك ئى ج مەزكۇر يۇمشاق دېتال ياكى تور بېكەتكە بىردىنبىر نومۇر ۋە «ئىشەنچلىك» دېگەن نامنى بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك مەزكۇر تور بېكەت ياكى يۇمشاق دېتالنىڭ ئۇ ك ئى ج نىڭ تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.

3. «ئىشەنچلىك» (UKIJ تەستىقىدىن ئۆتكەن) دېگەن نامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسلىرى

تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە بۇرۇن بېرىلگەن «ئىشەنچلىك» دېگەن نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىم بەلگە ئىلىپ تاشلىنىدۇ:
– «ئىشەنچلىك» دېگەن نامنى ئالغۇچى ئۆزى بۇ نامنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كەچكەن بولسا؛
– «ئىشەنچلىك» دېگەن نامنى ئالغاندىن كىيىن شۇ تور بەت ياكى يۇمشاق دېتالدا باشقىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا داخىل –تەرز قىلىش ئەھۋاللىرى بايقالسا؛
– «ئىشەنچلىك» دېگەن نامنى ئالغاندىن كىيىن شۇ تور بەت ياكى يۇمشاق دېتالدا ئۆزىنىڭ ئەسلى دېگىنىنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرگەن بولسا؛
– «ئىشەنچلىك» دېگەن نامنى بېرىش شەرتلىرىگە ئېغىر خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلگەن بولسا؛
– ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياكى ئاممىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسى ياكى قارشى پىكرى كۆپ بولسا.